مۇسۇلمانلار

توي خاتىرىسىگە رۇخسەتمۇ

سوئال:
توي خاتىرە سۈرىتىگە چۈشۈشكە بولامدۇ؟ چۈشكىلى بولسا چۈشكەن رەسىمنى باشقىلارغا كۆرسىتىشكە بولامدۇ؟
جاۋاب:
بولىدۇ. چۈنكى سىنئالغۇغا ئېلىشتا ۋە فوتۇ ئاپپارات بىلەن رەسىمگە تارتىشتا مەۋجۇت نەرسىنىڭ ئۆز ئەينىسى ئېلىنىدۇ ۋە تارتىلىدۇ. بۇ، خۇددى ئەينەككە ياكى سۇغا قاراشقا ۋە ئەينەكتىكى، سۇدىكى سۈرەتنى قاتۇرۇۋېلىشقا ئوخشايدۇ.
بىر يەردە بولۇپ ئۆتكەن بىر ۋەقەنى تەپسىلىي بىر شەكىلدە ئېسىدە ساقلىۋېلىپ ياكى تەپسىلىي بىر شەكىلدە يېزىۋېلىپ، كېيىنچە ئۇنى ئەسلەش، ئۇ قەغەزنى ئوقۇپ مەزكۇر ۋەقەنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈش ياكى ئۇ ۋەقەدىن خەۋەرسىز قالغانلارنىڭ قۇلىقىغا ئۇ ۋەقەنى تەپسىلىي دەپ بېرىش ۋە قەغەزدىكىنى ئوقۇپ بېرىش توغرا بىر ئىشتۇر.
خۇددى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش، بىر يەردە بولغان بىر ۋەقەنى سىنئالغۇغا ئېلىۋېلىپ ياكى رەسىمگە تارتىۋېلىپ كېيىنچە ئۇنى كۆرۈش ۋە باشقىلارغا كۆرسىتىش توغرا ئىشتۇر. ئۇ ۋەقەنى بۇ ئىككى ئىشنىڭ بىرى قۇلاققا، يەنە بىرى كۆزگە ئېيتىپ بېرىدۇ. نەتىجىدە قارشى تەرەپ ئۇ ۋەقەدىن خەۋەردار بولىدۇ.
كۈنىمىزدە تېلېۋىزورلاردا خەۋەرلەر بېرىلىدۇ. مەسىلەن: پالانى دۆلەتنىڭ رەئىسى پالانى دۆلەتكە باردى دېگەن خەۋەر سۆزلىنىش بىلەن بىللە ئۇ رەئىسنىڭ شۇ دۆلەتتە كامېرغا ئېلىنغان سۈرىتى ۋە ھەرىكەتلىرى تېلېۋىزورنىڭ ئېكرانغا چىقىرىلىدۇ. شۇنىڭدەك پۈتۈن خەۋەرلەر كۆز بىلەن ئېنىق كۆرگىلى بولىدىغان بىر شەكىلدە بېرىلىدۇ. بۇ خەۋەرلەرنى بەرگەنلەر بۇ ئىشلارنى بىز ياراتتۇق دەپ دەۋا قىلمايدۇ، ئەكسىچە بولۇپ ئۆتكەن بىر ۋەقەدىن ئىنسانلارنى خەۋەردار قىلدۇق دەپ چۈشىنىدۇ. كۆرگەنلەرمۇ ئۇنداق بىر تەسەۋۋۇردا بولمايدۇ.
بۇ ئىشتا ھەدىس شەرىپلەردە مەنئى قىلىنغان «ئاللاھ بىلەن يارىتىش مۇسابىقىسىگە كىرگەنلىك» ھېسابلىنىدىغان «سۈرەت ئىجاد قىلىش» مەۋجۇت ئەمەس. بەلكىدە بۇ بار نەرسىنىڭ ئۆز ئەينىسىنى قاتۇرۇۋېلىشتۇر. بىر كىشىنىڭ ئېكراندىكى ياكى رەسىمدىكى سۈرىتىنى كۆرمەسلىك لازىم بولىدىغان ئىش بولسا، ئۇ كىشىنىڭ ئۆزىنىمۇ كۆرۈشكە بولماسلىقى لازىم. يولدا، بازاردا ۋە باشقا سورۇنلاردا ئۆزىنىڭ ئەۋرەت يەرلىرىنى يۆگەيدىغان شەكىلدە كىيىم-كېچەك كىيىپ تۇرۇاۋتقان بىر ئادەمنى كۆرۈش قانداق دۇرۇس بولسا، ئۇنىڭ ئۇنداق كىيىم-كېچەكلەرنى كىيىپ تۇرۇپ ئېلىنغان ياكى تارتىلغان سۈرەتلىرىنى كۆرۈشمۇ شۇنداق دۇرۇس.
تېخىمۇ ئوچۇق ئېيتقاندا بۇ بىر كىشىنىڭ ئەيننەككە ياكى سۈزۈك سۇغا قاراپ ئۆزىنىڭ شۆلىسىنى ئۆزى كۆرىشى بىلەن ياكى باشقا بىر كىشىنىڭ كۆرىشى بىلەن ئوخشاش ئىشتۇر. كۈنىمىزدىكى فوتو ئاپپاراتلاردا، قول تېلېفونلىرىدا تارتىلغان رەسىملەرمۇ شۇنىڭغا ئوخشاشتۇر. يەنى بۇ ماكىنىلاردا رەسىمگە چۈشۈشكە، كېيىن بۇ رەسىملەرنى كۆرۈشكە ۋە باشقىلارغا كۆرسىتىشكە بولىدۇ. بۇنىڭدا ھېچ چەكلىمە يوق.
بۇنىڭغا بەزى ئۆلىمالار قارشى چىقىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەرنى خاتا چۈشىنىۋېلىشىدىن، ھەدىسلەرنى مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر بىلەن بىرلىكتە مۇلاھىزە قىلمىغانلىقىدىن كېلىپ چىققان خاتا ئىجتىھادىدۇر.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر