مۇسۇلمانلار

ھاجىم دېيىش كېرەكمۇ؟

ئسسالامۇ ئەلەيكۇم
سوئال:
ھەرەمگە بېرىپ ھەج قىلىپ كەلگەن كىشىلەرنى ھاجىم دەپ ئاتاش كېرەكمۇ؟ ياكى ئۇنداق ئاتىمىساقمۇ بولامدۇ؟ جاۋاب بەرسىلەر، ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن.
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
جاۋاب:
«ھاجى» دېگەن سۆز ئەسلىدە ئەرەبچە ھاجج «حاج» بولۇپ، مەنىسى :«مەككىگە بېرىپ ھەج ئىبادىتىنى ئادا قىلىپ كەلگەن ئادەم» دېگەن بولىدۇ. ئۇيغۇر مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ھۆرمەت يۈزىسىدىن بەزى سۈپەتلەرنىڭ ھەتتا بەزى ئىسىملەرنىڭ ئاخىرىغا «م» ھەرپى قوشۇلۇپ سۆزلىنىدىغان ئىش بار. مەسىلەن: كىشىلەر ئاتا–ئانىسىنى «ئاتام، ئانام» دەيدۇ. بەزىلەر بالىلىرىنى ئەركىلىتىپ، ئەتىۋارلاپ «مامۇتۇم، ساۋۇتۇم، ئائىشەم، خالىدەم» دەپ ئاتايدۇ.
بۇ «م» ھەرپى ئەسلىدە پارىسچىدىن تىلىمىزغا كىرگەن بولۇپ، مەنىسى «مېنىڭ» دېگەن بولىدۇ. مەسىلەن: «ئاتام» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى بۇ ئاتا مېنىڭ، دېگەن بولىدۇ. ناۋادا بىر كىشى ئاتىسى ئۈچۈن باشقىلارنىڭ ئالدىدا «ئاتا» دېسە، بۇ بىر تەرەپتىن ئۇ كىشىنىڭ بىر ئاتا يوللۇق ئادەمنى دېمەكچىمۇ ياكى ئۆز ئاتىسىنى دېمەكچىمۇ ئېنىق بىلىنمەيدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇ سۆزدىن بىرئاز قوپاللىق پۇرىقى چىقىپ قالىدۇ.
بۇنىڭغا ئوخشاش ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا ھەرەمگە بېرىپ ھەج قىلىپ كەلگەن كىشى «ھاجى» لەر ھۆرمەت يۈزىسىدىن «ھاجىم، ھاجىملار» دېيىلىدۇ. بۇ سۆزنىڭ ئاخىرىغا «م» قوشۇلۇپ «ھاجىم» دېيىلسە ھۆرمەت تېخىمۇ كۈچىيىدۇ.
بۇ ئىشنىڭ شەرئىي ھۆكمىگە كەلسەك، ھاجىلارنىڭ ئىسمىنىڭ ئاخىرىغا بۇ سۈپەتنى قوشۇش شەرت ئەمەس. چۈنكى دىنىمىزدا بۇنداق بىر شەرت بەلگىلەنمىگەن. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «مۇھەممەد ھاجىم» دەپ ئاتالمايدۇ. تۆت خەلىپىنىڭمۇ «ئابا بەكىر ھاجىم، ئۆمەر ھاجىم، ئوسمان ھاجىم، ئەلىي ھاجىم» دەپ ئاتالغىنى يوق.
        لېكىن مەككىگە بېرىپ ھەج ئىبادىتىنى ئادا قىلىپ كەلگەن بىر كىشىنىڭ ئىسمىنىڭ ئاخىرىغا «ھاجىم» دېگەن سۈپەتنى قوشۇپ دېيىش گۇناھمۇ ئەمەس. چۈنكى بۇ توغرىدا بىر چەكلىمە يوق. يۇقىرىدا دېيىلگىنىدەك بۇ ئۇلارغا ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ ھۆرمىتىنى ئىپادىلەيدۇ، خالاس.
شۇنىڭ ئۈچۈن ھەج قىلغۇچىلارنىڭ، ئىسمىنىڭ ئاخىرىغا «ھاجىم» قوشۇلۇپ ئېيتىلىسا كىبىرلىنىپ كەتمەسلىكى، قوشۇلۇپ ئېيتىلمىسا خاپا بولۇپ كەتمەسلىكى لازىم. چۈنكى ھەج ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن قىلىنىدىغان بىر ئىبادەت بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن ئاللاھ رىزاسىدىن باشقا ھېچقانداق نەرسە مەقسەت قىلىنماسلىقى كېرەك. «ھاجىم» دەپ چاقىرىلمىسا خاپا بولۇپ كېتىدىغان ھاجىلار پەقەت «ھاجىم» دېيىلىش ئۈچۈنلا ھەج قىلغان بولىدۇ (نەئۇزۇ بىللاھ).

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر