مۇسۇلمانلار

شېرىك ئەپۇ قىلىنمايدىغان گۇناھتۇر

شېرىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك بەزى ئايەتلەرنىڭ مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى:
«ئى ئىنسانلار! سىلەرنى ۋە سىلەردىن بۇرۇنقىلارنى ياراتقان رەببىڭلارغا ئىبادەت قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئۆزۈڭلارنى ساقلىيالايسىلەر.
ئۇ رەببىڭلار شۇنداق زاتكى، سىلەرگە زېمىننى سېلىنچا، ئاسماننى بىنا قىلىپ بەردى. ئاسماندىن يامغۇر ياغدۇرۇپ، ئۇنىڭ بىلەن سىلەرگە رىزىق سۈپىتىدە مېۋىلەرنى[] چىقىرىپ بەردى. شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەر بىلىپ تۇرۇپ بەزى كىشىلەرنى[] ئاللاھ بىلەن ئوخشاش تۇتماڭلار»- بەقەرە 2/21-22.
«ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا شۇنداق كىشىلەرمۇ باركى، ئۇلار بەزى كىشىلەرنى ئاللاھ بىلەن ئوخشاش تۇتىدۇ، ئۇلارنى ئاللاھنى ياخشى كۆرگەندەك ياخشى كۆرىدۇ. مۇئمىنلار بولسا ئاللاھنى بەك ياخشى كۆرىدۇ. ئۇ زالىملار ئازابنى كۆرىدىغان چاغلىرىدا پۈتۈن كۈچ-قۇۋۋەتنىڭ ئاللاھغا مەنسۇب ئىكەنلىكىنى ۋە ئاللاھنىڭ ئازابىنىڭ قاتتىق ئىكەنلىكنى بىلگەن بولسا كاشكى»- بەقەرە 2/165.
«ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: ‹ئى ئەھلى كىتاب! بىز بىلەن ئاراڭلاردا ئورتاق بولغان سۆزگە كېلىڭلار. ئۇ سۆز ھەر ئىككىمىزنىڭ ئاللاھغىلا ئىبادەت قىلىشىمىز، ئاللاھغا ھېچ نەرسىنى شېرىك قىلماسلىقىمىز ۋە ئاللاھنى قويۇپ بىر-بىرىمىزنى رەب قىلىۋالماسلىقىمىز دۇر›. ئەگەر ئۇلار يۈز ئۆرۈسە، ئۇلارغا: ‹گۇۋاھ بولۇڭلاركى، بىز مۇسۇلمانمىز› دەڭلار»- ئال ئىمران 3/64.
«ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، ئۇنىڭغا ھېچقانداق نەرسىنى شېرىك قىلماڭلار ۋە ئاتا-ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار. ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭلار، يېتىملەر، مىسكىنلەر، يېقىن قوشناڭلار، يىراق قوشناڭلار، يېنىڭلاردىكى ھەمراھىڭلار، يولۇچىلار ۋە قول ئاستىڭلاردىكىلەرگىمۇ ياخشىلىق قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھاكاۋۇرلۇق ۋە مەنمەنچىلىك قىلىدىغانلارنى ھەرگىزمۇ ياخشى كۆرمەيدۇ»- نىسا 4/36.
«ئاللاھ ئۆزىگە شېرىك كەلتۈرۈلۈشنى ھەرگىز مەغپىرەت قىلمايدۇ، بۇنىڭ ئاستىدىكى گۇناھنى خالىغان كىشىگە مەغپىرەت قىلىدۇ»- نىسا 4/48.
«مەريەمنىڭ ئوغلى مەسىھ، پەقەتلا بىر ئەلچىدۇر. ئۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ ئەلچىلەر ئۆتكەن. ئۇنىڭ ئانىسى بولسا ناھايىتى راستچىل ئايال ئىدى. ئۇ ئىككىسى تاماق يەيتتى. ئۇلارغا ئايەتلەرنى قانداق بايان قىلغانلىقىمىزغا قارىغىن، ئاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ھەقتىن قانداق بۇرۇلۇپ كەتكەنلىكىگە قارىغىن.
ئېيتقىنكى: ‹ئاللاھنى قويۇپ، سىلەر ئۈچۈن پايدا-زىيان يەتكۈزۈشكە ئىگە بولالمايدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنامسىلەر؟ ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر›»- مائىدە 5/75-76.
«ئېيتقىنكى: ‹ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى يوقتىن بار قىلغان ئاللاھتىن باشقىسىنى دوست تۇتامدىم؟ ئاللاھ رىزىق بېرىدۇ، رىزىققا موھتاج بولمايدۇ› ئېيتقىنكى: ‹مەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئاۋۋىلى بولۇشقا بۇيرۇلدۇم، ماڭا: ئەسلا مۇشرىكلاردىن بولما، دېيىلدى›»- ئەنئام 6/14.
«ئېيتقىنكى: ‹قايسى نەرسە ئەڭ بۈيۈك شاھىت؟› ئېيتقىنكى: ‹ئاللاھ مېنىڭ ئارامدا ۋە سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا شاھىتتۇر. بۇ قۇرئان ماڭا، بۇ قۇرئان بىلەن سىلەرنى ۋە بۇ قۇرئان يەتكەن كىشىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇشۇم ئۈچۈن ۋەھىي قىلىندى. سىلەر راستىنلا، ئاللاھ بىلەن بىرلىكتە باشقا ئىلاھلار بار دەپ شاھىتلىق قىلامسىلەر؟›. ئېيتقىنكى: ‹مەن شاھىتلىق قىلمايمەن!›. ئېيتقىنكى: ‹ئۇ ھەقىقەتەن بىر ئىلاھتۇر. شۈبھىسىزكى، مەن سىلەر شېرىك قىلغان نەرسىلەردىن ئادا- جۇدامەن›»- ئەنئام 6/19.
«ئېيتقىنكى: ‹ئۆزۈڭلار توغۇلۇق ئويلىنىپ باقتىڭلارمۇ، ئەگەر سىلەرگە ئاللاھنىڭ ئازابى كەلسە ياكى سىلەرگە قىيامەت كەلسە، شۇ چاغدىمۇ ئاللاھتىن غەيرىيگە دۇئا قىلامسىلەر؟ ئەگەر راستچىل بولساڭلار سۆزلەپ بېقىڭلار!
ياق، سىلەر ئۇ چاغدا پەقەت ئاللاھقىلا دۇئا قىلىسىلەر. ئاندىن ئاللاھ خالىسا سىلەر كۆتۈرۈۋېتىشىنى تىلىگەن نەرسىنى كۆتۈرۈۋېتىدۇ. سىلەر ئاللاھقا شېرىك قىلغان مەبۇدلىرىڭلارنى ئۇنتۇيسىلەر»- ئەنئام 6/40-41.
«ئېيتقىنكى: ‹مەن سىلەر ئاللاھنى قويۇپ دۇئا قىلىۋاتقان نەرسىلەرگە ئىبادەت قىلىشدىن ھەقىقەتەن مەنئى قىلىندىم›. ئېيتقىنكى: ‹مەن سىلەرنىڭ خاھىشىڭلارغا ئەگەشمەيمەن. چۈنكى مەن ئۇ تەقدىردە ئېزىپ كەتكەن بولىمەن ۋە ھىدايەت تاپقۇچىلاردىن بولمىغان بولىمەن»- ئەنئام 6/56.
«ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: ‹بىز ئاللاھنى قويۇپ، بىزگە پايدا-زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە دۇئا قىلامدۇق؟ ئاللاھ بىزنى ھىدايەت قىلغاندىن كېيىن ئارقىمىزغا چېكىنەمدۇق؟ دوستلىرى ‹بېرى كەل› دەپ توغرا يولغا چاقىرىۋاتقان تۇرۇپ، شەيتانلار بىر يەردە ئارزۇسىغا ئەگەشتۈرۈپ تېڭىرقىغان ھالەتتە تاشلىۋەتكەن ئادەمدەك بولامدۇق؟› ئېيتقىنكى: ‹توغرا يول ئاللاھنىڭلا يولىدۇر. بىز ئالەملەرنىڭ رەببىگە تەسلىم بولۇشقا بۇيرۇلدۇق›»- ئەنئام6/71.
«ئىمان ئېيتقان ۋە ئىمانىغا شېرىكنى[] ئارىلاشتۇرمىغانلار بارغۇ، خاتىرجەملىك ئەنە شۇلارنىڭ ھەققىدۇر. توغرا يولنى تۇتقانلار ئۇلاردۇر»- ئەنئام 6/82.
«ئەنە شۇ ئاللاھنىڭ ھىدايىتىدۇر. ئاللاھ بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىنى ئۇنىڭ بىلەن توغرا يولغا ئېرىشتۈرىدۇ. ئەگەر ئۇلار شېرىك كەلتۈرسە ئىدى، قىلمىشلىرى ئەلۋەتتە بىكار بولۇپ كېتەتتى»- ئەنئام 6/88.
«ئى مۇھەممەد! رەببىڭدىن ساڭا ۋەھيى قىلىنغان قۇرئانغا ئەگەشكىن. ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ يوقتۇر. مۇشرىكلاردىن يۈز ئۆرۈگىن»- ئەنئام 6/106.
«ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: ‹كېلىڭلار، رەببىڭلار سىلەرگە ھارام قىلغان نەرسىلەرنى ئوقۇپ بېرەي: ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك قىلماڭلار. ئاتا-ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار. نامراتلىقتىن قورقۇپ بالىلىرىڭلارنى ئۆلتۈرمەڭلار، بىز سىلەرگە ۋە ئۇلارغا رىزىق بېرىمىز. قەبىھ ئىشلارنىڭ ئاشكارىسىغىمۇ، يوشۇرۇنىغىمۇ يېقىنلاشماڭلار. ئاللاھ ئۆلتۈرۈشنى ھارام قىلغان جاننى ناھەق ئۆلتۈرمەڭلار. بۇلار ئاللاھ سىلەرگە يۈكلىگەن ۋەزىپىلەردۇر. ئەقلىڭلارنى ئىشلەتكەيسىلەر!»- ئەنئام 6/151.
«ئېيتقىنكى: ‹مېنىڭ نامىزىم، قۇربانلىقىم، ھاياتىم ۋە ماماتىم ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھ ئۈچۈندۇر.
ئاللاھنىڭ ھېچقانداق شېرىكى يوق. مەن بۇنىڭغا بۇيرۇلدۇم. مەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئاۋۋىلىدۇرمەن›.
ئېيتقىنكى: ‹مەن ئاللاھدىن باشقا رەب ئىزدەمتىم؟ ھالبۇكى، ئاللاھ ھەر نەرسىنىڭ رەببىدۇر. ھەركىم ئۆز گۇناھىغا ئۆزى جاۋابكار. بىر گۇناھكار ئادەم باشقا بىر گۇناھكار ئادەمنىڭ گۇناھ يۈكىنى توشۇمايدۇ. ئاندىن سىلەر رەببىڭلارنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر. ئۇ سىلەرگە، سىلەر ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىنىڭ ماھىيىتىنى ئېيتىپ بېرىدۇ»- ئەنئام 6/163-164.
«رەببىڭلاردىن سىلەرگە نازىل قىلىنغان قۇرئانغا ئەگىشىڭلار. ئاللاھ بىلەن ئاراڭلارغا قويغان ئەۋلىيالىرىڭلارغا ئەگەشمەڭلار. بىلگەنلىرىڭلارنى بەكمۇ ئاز ئىشلىتىسىلەر»- ئەئراف 7/3.
«ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ بىر قىسمىنى ھىدايەت قىلدى. ئىنسانلارنىڭ بىر قىسمى ئېزىپ كېتىشكە تېگىشلىك بولدى. چۈنكى بۇلار ئاللاھنى قويۇپ شەيتانلارنى ئەۋلىيالار (دوست ۋە ھامىيلار) قىلىۋالدى، يەنە كېلىپ تېخى ئۆزلىرىنى توغرا يولدا دەپ ھېسابلايدۇ»- ئەئراف 7/30.
«ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: رەببىم، ئاشكارا بولسۇن مەخپىي بولسۇن پۈتكۈل قەبىھ ئىشلارنى، گۇناھلارنى، ناھەق ھەددىدىن ئېشىشنى، ئاللاھ ئۆزىنىڭ شېرىكى ئىكەنلىكى توغرىسىدا ھېچبىر دەلىل چۈشۈرمىگەن نەرسىنى ئاللاھقا شېرىك قىلىشىڭلارنى ۋە ئۆزۈڭلار بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى ئاللاھ نامىدىن سۆزلىشىڭلارنى ھارام قىلدى»- ئەئراف 7/33.
«بىلىڭلاركى، ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا كىم بولسا ھەممىسى ئاللاھنىڭدۇر. ئاللاھدىن باشقىسىغا دۇئا قىلىدىغانلار شېرىكلەرگە ئەگەشمەيدۇ. ئۇلار پەقەت گۇمانغىلا ئەگىشىدۇ. ئۇلار پەقەت تەخمىنگىلا ئاساسلىنىدۇ»- يۇنۇس 10/66.
«ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: ‹ئى ئىنسانلار! ئەگەر مېنىڭ دىنىمدىن گۇمانلىنىدىنغان بولساڭلار بىلىڭلاركى، مەن سىلەر ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلەرگە چوقۇنمايمەن. لېكىن مەن سىلەرنى ۋاپات قىلدۇرىدىغان ئاللاھقا چوقۇنىمەن. مەن مۇئمىنلاردىن بولۇشقا بۇيرۇلدۇم.
ماڭا مۇنداق دېيىلدى: تەۋھىد دىنىغا يۈزلەن، ئەسلا مۇشرىكلاردىن بولما.
ئاللاھنى قويۇپ، ساڭا پايدا- زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە دۇئا قىلما! ئەگەر ئۇنداق قىلساڭ، ئۇ تەقدىردە سەن چوقۇم زالىملاردىن بولۇپ كېتىسەن» يۇنۇس 10/104-106.
«يۇسۇف مۇنداق دېدى: ‹سىلەرگە بېرىلىدىغان تاماق يېنىڭلارغا كېلىشتىن بۇرۇن، مەن چۈشۈڭلارنىڭ تەبىرىنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرىمەن. بۇ رەببىم ماڭا ئۆگەتكەن ئىلىملەردىندۇر. شۈبھىسىزكى، مەن ئاللاھقا ئىشەنمەيدىغان، ئاخىرەتنى ئىنكار قىلىدىغان بىر قەۋمنىڭ دىنىنى تەرك ئېتىپ،
ئاتىلىرىم ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە يەئقۇبنىڭ دىنىغا ئەگەشتىم. ئاللاھقا بىر نەرسە شېرىك قىلىشىمىز بىز ئۈچۈن توغرا بولمايدۇ. بۇ ئېتىقاد ئاللاھنىڭ بىزگە ۋە ئىنسانلارغا قىلغان ئىلتىپاتىدىندۇر. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى شۈكۈر قىلمايدۇ.
ئى مېنىڭ تۈرمىداش ئىككى ئاغىنەم! تارقاق بىر قانچە رەب ياخشىمۇ، ياكى چەكسىز قۇدرەتلىك يالغۇز بىر ئاللاھ ياخشىمۇ؟
سىلەر ئۇنى قويۇپ پەقەت بىر قىسىم ئىسىملارغىلا چوقۇنىۋاتىسىلەر، ئۇ ئىسىملەرنى سىلەر ۋە ئاتا-بوۋاڭلار ئاتىۋالدىڭلار. بولمىسا ئاللاھ ئۇ ئىسىملارغا چوقۇنۇشۇڭلار توغرىسىدا ھېچبىر دەلىل چۈشۈرمىدى. ھۆكۈمنى پەقەتلا ئاللاھ قىلىدۇ. ئۇ سىلەرنى پەقەت ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇدى. مانا بۇ توغرا دىندۇر. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ»- يۇسۇف 12/37-40
«ئىنسانلارنىڭ تولىسى شېرىك كەلتۈرمەستىن ئاللاھقا ئىمان ئېيتمايدۇ»- يۇسۇف 12/106.
«ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: ‹مېنىڭ يولۇم شۇ: مەن ئاللاھقا روشەن دەلىل بىلەن دەۋەت قىلىمەن. ماڭا ئەگەشكەنلەرمۇ شۇنداق قىلىدۇ. ئاللاھنى ھەرقانداق كەمچىلىكىتن پاك دەپ تونۇيمەن، مەن مۇشرىكلاردىن ئەمەسمەن»- يۇسۇف 12/108.
«ئاللاھنىڭ نېمىتىگە شۈكۈر ئېيتىشنىڭ ئورنىغا تۇزكورلۇق قىلغان ۋە قەۋمىنى ھالاكەت يۇرتىغا باشلىغان كىشىلەرنى كۆرمىدىڭمۇ؟
ئۇ ھالاكەت يۇرتى جەھەننەمدۇر. ئۇلار ئۇنىڭ ئىچىگە كىرىپ كۆيىدۇ. ئۇ نېمىدېگەن يامان قارارگاھدۇر!
ئۇلار ئىنسانلارنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرۇش ئۈچۈن بەزى كىشىلەرنى ئاللاھ بىلەن ئوخشاش تۇتتى. ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «دۇنيا مەنپەئەتلىرىدىن قولۇڭلاردىن كېلىشچە بەھرىمەن بولۇۋېلىڭلار، چۈنكى ئاخىرى بېرىپ ئورۇنلىشىدىغان يېرىڭلار دوزاختۇر»- ئىبراھىم 14/28-30.
«ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: ‹ئىككى ئىلاھقا چوقۇنماڭلار، شۈبھىسىزكى، ئىلاھ يالغۇز بىر ئىلاھتۇر، ئۇنداقتا پەقەت مەندىنلا قورقۇڭلار»- نەھل 16/51.
«ئاللاھغا ھېچبىر ئىلاھنى تەڭ قىلما! بولمىسا، ئەيىبلەنگەن ۋە ياردەمسىز قويۇلغان ھالەتتە ئولتۇرۇپ قالىسەن.
رەببىڭ مۇنداق ھۆكۈم قىلدى: ئاللاھدىن غەيرىيگە ئىبادەت قىلماڭلار. ئاتا-ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار. ئەگەر ئاتا-ئاناڭنىڭ بىرى ياكى ئىككىلىسى سېنىڭ يېنىڭدا قېرىپ قالسا، ئۇلارغا: ‹ئۇفف!›[] دېگەن سۆزنىمۇ قىلما. ئۇلارغا ئازار بەرمە، ئۇلارغا چىرايلىق گەپ قىل»- ئىسرا 17/22-23.
«ئاللاھقا ھېچبىر ئىلاھنى تەڭ قىلما! بولمىسا مالامەت قىلىنغان ۋە قوغلانغان ھالدا جەھەننەمگە تاشلىنىسەن»- ئىسرا 17/39.
«قىيامەت كۈنى ئاللاھ مۇشرىكلارغا: ‹سىلەر ماڭا شېرىك ئىكەنلىكىنى ئويلىغان ئويدۇرما ئىلاھلارنى ياردەمگە چاقىرىڭلار، قېنى!› دەيدۇ. ئۇلار چاقىرىدۇ، لېكىن ھېچبىرى جاۋاب بېرەلمەيدۇ. بىز ئۇلارنىڭ ئارىسىغا ھالاكەتلىك بىر ئازگال پەيدا قىلىمىز»- كەھف 18/52.
«ئېيتقىنكى: مەنمۇ سىلەرگە ئوخشاشلا بىر ئىنسانمەن. لېكىن ماڭا، ‹سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار يالغۇز بىر ئىلاھتۇر› دەپ ۋەھىي قىلىنىدۇ. كىم رەببىگە مۇلاقات بولۇشنى ئۈمىد قىلسا، ياخشى ئەمەل قىلسۇن ۋە ئىبادەتتە رەببىگە ھېچكىمنى شېرىك قىلمىسۇن»- كەھف 18/110.
«ئۇلار ئىززەت تاپىمىز، دەپ ئاللاھنى قويۇپ بىر قىسىم ئويدۇرما ئىلاھلارغا چوقۇندى.
ياق، ئىش ئۇلار ئويلىغاندەك بولمايدۇ. ئۇ ئويدۇرما ئىلاھلار، ئۆزلىرىگە ئۇ مۇشرىكلارنىڭ چوقۇنىشىنى ئىنكار قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا دۈشمەن بولىدۇ.
كۆرمىدىڭمۇ؟ بىز كاپىرلارغا شەيتانلارنى ئەۋەتتۇق. شەيتانلار ئۇلارنى قىزىقتۇرىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن سەن ئۇلارنىڭ ھالاك بولۇشىغا ئالدىرىما. بىز ئۇلارنىڭ كۈنلىرىنى ساناۋاتىمىز»- مەريەم 19/81-84.
«توغرا ۋەدىنىڭ ۋاقتى يېقىنلاشقاندا كاپىرلارنىڭ كۆزلىرى بىردىنلا چەكچىيىپ كېتىدۇ. ئۇلار: ‹ۋاي بىزنىڭ ھالىمىزغا! بىز بۇنىڭدىن خەۋەرسىز ئىدۇق. بەلكى بىز زالىم ئىدۇق› دېيىشىدۇ.
ئۇ كۈنى ئۇلارغا: ‹سىلەر ۋە ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان نەرسىلىرىڭلار دوزاخقا يېقىلغۇ بولىسىلەر. دوزاخقا كىرىسىلەر!›، دېيىلىدۇ.
ئۇلار ئەگەر ئىلاھ بولسا ئىدى دوزاخقا كىرمىگەن بولاتتى. ھالبۇكى، ھەممىسى دوزاختا مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر.
ئۇلار دوزاخنىڭ ئىچىدە توختىماي پەرياد چېكىپ تۇرىدۇ ۋە ھېچ نەرسە ئاڭلىمايدۇ»- ئەنبىيا 21/97-100.
«ئاللاھ چەكلىگەن نەرسىلەردىن، بولۇپمۇ نىجىس بۇتلاردىن ۋە يالغان سۆزدىن ساقلىنىڭلار.
ئاللاھقا بىۋاسىتە دۇئا قىلىڭلار، ئۇنىڭغا شېرىك كەلتۈرمەڭلار. كىم ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرسە بىلىپ قويسۇنكى، ئۇ ئاسماندىن چۈشۈپ كېتىپ قۇشلارغا يەم بولغاندەك ياكى بوران ئېلىپ يىراق بىر جايغا تاشلىۋەتكەندەك بولۇپ قالىدۇ. ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش مانا مۇشۇنداقتۇر»- ھەج 22/30-32.
«قۇرئاننى شەيتانلار ئېلىپ چۈشمىدى.
بۇ ئۇلار قىلىدىغان ئىش ئەمەس، ئۇلار بۇنىڭغا قادىرمۇ بولالمايدۇ.
چۈنكى ئۇلار ۋەھىينى تىڭشاشتىن مەنئى قىلىنغان.
ئۇنداقتا ئاللاھقا قوشۇپ باشقا بىر ئىلاھقىمۇ دۇئا قىلما! بولمىسا ئازاب قىلىنغۇچىلاردىن بولىسەن»- شۇئەرا 26/210-213.
«ئى مۇھەممەد! سەن، بۇ كىتابنىڭ ساڭا نازىل قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلمايتتىڭ. بۇ پەقەت رەببىڭنىڭ بىر رەھمىتى. ئۇ ھالدا كاپىرلارغا ياردەمچى بولما،
ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى ساڭا نازىل قىلىنغاندىن كېيىن ئۇلار سېنى ئۇ ئايەتلەردىن توسمىسۇن، رەببىڭگە دەۋەت قىل، مۇشرىكلاردىن بولما،
ئاللاھقا قوشۇپ باشقا بىر ئىلاھقىمۇ دۇئا قىلما. ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇنىڭ زاتىدىن باشقا ھەممە نەرسە يوق بولىدۇ. ھۆكۈمنى پەقەتلا ئۇ قىلىدۇ. سىلەر ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرىلىسىلەر»- قەسەس 28/86-88.
«بىز ئىنسانغا مۇنداق دەپ بۇيرۇق چۈشۈردۇق: ئاتا-ئاناڭغا ياخشىلىق قىل. ئەگەر ئۇلار سېنى، سەن بىلمەيدىغان بىر نەرسىنى ماڭا شېرىك قىلىشقا زورلىسا، ئۇلارغا ئىتائەت قىلما. ھەممىڭلار مېنىڭ دەرگاھىمغا قايتىسىلەر، ئاندىن مەن سىلەرگە قىلمىشىڭلارنى ئېيتىپ بېرىمەن»- ئەنكەبۇت 29/8.
«سەن بۇ توغرا دىنغا (ئاللاھنىڭ فىترىتىگە) يۈزلەنگىن. ئاللاھ ئىنسانلارنى ئۇ فىترەت بويىچە ياراتقان. ئاللاھنىڭ ياراتقىنىدا ھېچ ئۆزگىرىش بولمايدۇ. ئەنە شۇ توغرا دىندۇر. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ.
ئاللاھقا داۋاملىق يۆنىلىڭلار، ئۇنىڭدىن قورقۇڭلار، نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئادا قىلىڭلار، مۇشرىكلاردىن بولماڭلار.
دىنىنى پارچىلاپ، پىرقە-پىرقە بولۇپ كەتكەنلەردىن بولماڭلار. ئۇلاردىن ھەر گۇرۇھ ئۆزىنىڭكى بىلەن خۇشالدۇر.
ئىنسانلارغا بىرەر زىيان يەتسە رەببىگە چىن يۈرەكتىن دۇئا قىلىدۇ. رەببى ئۇلارغا ئۆز تەرىپىدىن بىر رەھمەت تېتىتسا، ئۇلاردىن بىر پىرقە دەرھال رەببىگە شېرىك كەلتۈرىدۇ»- رۇم 30/30-33.
«ئۆز ۋاقتىدا لۇقمان ئوغلىغا نەسىھەت قىلىپ مۇنداق دېگەن ئىدى: ‹ئى ئوغۇلچىقىم! ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمە، چۈنكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش ناھايىتى چوڭ زۇلۇمدۇر›.
بىز ئىنسانغا مۇنداق دەپ بۇيرۇق چۈشۈردۇق (ئانىسى ئۇنى ئۈستى-ئۈستىلەپ ئاجىزلىق بىلەن قورسىقىدا كۆتۈردى. ئۇ ئىككى يىلدا ئەمچەكتىن ئايرىلىدۇ): ‹ماڭا ۋە ئاتا-ئاناڭغا شۈكۈر قىل. ئاخىرى كېلىپ ماڭا ھېساب بېرىسەن.
ئەگەر ئۇلار سېنى سەن بىلمەيدىغان بىر نەرسىنى ماڭا شېرىك قىلىشقا زورلىسا ئۇلارغا ئىتائەت قىلما، لېكىن دۇنيا ئىشلىرىدا ئۇلار بىلەن ياخشى ئۆت. ماڭا داۋاملىق يۆنەلگەن كىشىنىڭ يولىغا ئەگەش. ھەممىڭلار مېنىڭ دەرگاھىمغا قايتىسىلەر، ئاندىن مەن سىلەرگە قىلمىشىڭلارنى ئېيتىپ بېرىمەن›»- لۇقمان 31/13-15.
«بىلگىنكى، خالىس دىن ئاللاھنىڭ دىنىدۇر. ئاللاھدىن غەيرىينى ئۆزلىرىگە ھامىي قىلىۋالغانلار: ‹بىز ئۇلارغا بىزنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرسۇن، دەپ ئىبادەت قىلىمىز› دەيدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا، ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسە ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىدۇ. ئاللاھ يالغانچىنى ۋە تۇزكورنى ھىدايەت قىلمايدۇ»- زۇمەر 39/3.
«ئىنساننىڭ بېشىغا بىر كۈلپەت كەلسە، رەببىگە چىن يۈرەكتىن دۇئا قىلىدۇ. ئاندىن رەببى ئۇنىڭغا ئۆز تەرىپىدىن بىر نېئمەت ئاتا قىلسا، ئىلگىرى ئۇنىڭغا دۇئا قىلغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ ۋە ئىنسانلارنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرۇش ئۈچۈن بەزى كىشىلەرنى ئاللاھ بىلەن ئوخشاش تۇتىدۇ. ئېيتقىنكى: ‹كاپىرلىقىڭ بىلەن ئازغىنا ۋاقىت بەھرىمەن بولۇپ تۇر، شۈبھىسىزكى، سەن دوزاخ ئەھلىدىنسەن›»- زۇمەر 39/8.
«ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: ‹سىلەر مېنى ئاللاھدىن غەيرىيگە ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇمسىلەر؟ ئى جاھىللار!›.
ئى مۇھەممەد! ساڭا ۋە سەندىن ئىلگىرىكىلەرگە: ‹ئەگەر شېرىك كەلتۈرسەڭ، ئەمىلىڭ بىكار بولۇپ كېتىدۇ ۋە زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ كېتىسەن› دەپ ۋەھىي قىلىندى.
شۇڭا ئاللاھقىلا ئىبادەت قىل ۋە شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بول.
ئۇلار ئاللاھنى ئۆز لايىقىدا قەدىرلىمىدى. ھالبۇكى، پۈتۈن زېمىن قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ چاڭگىلىدىدۇر، ئاسمانلار ئۇنىڭ ئوڭ قولىدا تۈرۈلگۈچىدۇر. ئۇ مۇشرىكلار شېرىك قىلغان نەرسىلەردىن پاك ۋە ئۈستۈندۇر»- زۇمەر 39/64-67.
«ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى: ‹سىلەر ئاللاھنى قويۇپ دۇئا قىلىۋاتقان كىشىلىرىڭلار[] توغرۇلۇق ئويلىنىپ باقتىڭلارمۇ؟ ماڭا كۆرستىپ بېقىڭلار قېنى، ئۇلار زېمىندىن نېمە ياراتتى؟ ياكى ئۇلارنىڭ ئاسمانلاردا بىر شېرىكچىلىكى بارمۇ؟ ماڭا بۇنىڭدىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان بىر كىتاب ياكى ئىلگىرىكىلەردىن قالغان بىر ئىلىم كەلتۈرۈڭلار. ئەگەر راستچىل بولساڭلار›.
ئاللاھنى قويۇپ، قىيامەت كۈنىگىچە دۇئاسىنى ئىجابەت قىلالمايدىغان كىشىلەرگە دۇئا قىلىدىغان ئادەمدىنمۇ ئازغۇن ئادەم بارمۇ؟ ھالبۇكى، ئۇ كىشىلەر بۇلارنىڭ دۇئاسىدىن خەۋەرسىزلەردۇر.
ئىنسانلار ھەشىرقىلىنغان چاغدا، ئۇ كىشىلەر بۇلارغا دۈشمەن بولىدۇ ۋە ئۆزلىرىنىڭ بۇلارتەرىپىدىن ئىبادەت قىلىنغانلىقىنى ئىنكار قىلىدۇ»- ئەھقاف 46/4-6.
«ئى مەككە ئاھالىسى! بىز سىلەرنىڭ ئەتراپىڭلاردىكى كەنتلەرنىڭ ئاھالىلىرىنى ھالاك قىلدۇق. ئۇلارنى يامان يولدىن يانسۇن، دەپ ئايەتلەرنى پەرقلىق ئۇسلۇبلاردا بايان قىلدۇق.
ئۇلارنىڭ بىزنى ئاللاھقا يېقىن قىلىدۇ، دەپ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان مەبۇدلىرى نېمىشقا ئۇلارغا ياردەم قىلمىدى؟ بەلكى ئۇ مەبۇدلار ئۇلارنى تاشلىۋەتتى. ئۇ سۆز، ئۇلارنىڭ ئويدۇرمىسى ۋە ئاللاھقا چاپلىغان بوھتانىدۇر»- ئەھقاف 46/27-28.
«ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: ئاللاھ تەرەپكە قېچىڭلار، شۈبھىسىزكى، مەن ئۇنىڭ تەرىپىدىن سىلەرگە ئەۋەتىلگەن ئوچۇق بىر ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن.
ئاللاھقا ھېچبىر ئىلاھنى شېرىك قىلماڭلار. شۈبھىسىزكى، مەن ئۇنىڭ تەرىپىدىن سىلەرگە ئەۋەتىلگەن ئوچۇق بىر ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن»- زارىيات 51/50-51.
«مەسچىتلەر ئاللاھنىڭدۇر. شۇڭا ئاللاھغا قوشۇپ ھېچكىمگە دۇئا قىلماڭلار»- جىن 72/18.


[] – خىلمۇخىل مەھسۇلاتلارنى.

[]بۇ يەردە «كىشىلەر» دەپ تەرجىمە قىلىنغان كەلىمە ئەنداد «أنداد» دۇر. ئەندان نىددنىڭ كۆپلۈكىدۇر. نىدد ئاللاھقا ئوخشاش بەزى ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە دەپ قارالغان ۋە ئاللاھقا قارشى بىر قىسىم ئىشلارنى قىلالايدىغانلىقىغا ئېتىقاد قىلىنغان نەرسىدۇر- (ئىبنى مەنزۇر، لىسانۇل ئەرەب، (ن د د) ماددىسى. دارۇسسەدر، بېيرۇت، 3- توم، 420- بەت).
بۇ ئايەتتىكى «نىد» يۇھىببۇنەھۇم «يُحِبُّونَهُمْ» دىكى ھۇم «هُمْ»ئالمىشىنىڭ دالالەت قىلىشى بىلەن ئۇ «كىشىلەر» نىڭ ئۇلۇغ زاتلىرىنى ئىپادىلەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئايەتتىكى ئەنداد كەلىمىسى «كىشىلەر» دەپ تەرجىمە قىلىندى. ئەنداد دېگەن سۆز قۇرئاندا يەنە مۇنۇ ئايەتلەردە ئۆتىدۇ: بەقەرە 2/165، ئىبراھىم 14/30، سەبەئ 34/33، زۇمەر 39/8، فۇسسىلەت 41/9. بۇ سۆزنىڭ بۇ ئايەتلەردىكى مەنىسى «ئاللاھقا ئوخشاش دەپ ئېتىقاد قىلىنغان كىشىلەر» دۇر.

[]– ئايەتتە شېرىك دەپ تەرجىمە قىلىنغان كەلىمە زۇلۇم «ظلم» دۇر. بۇ ئايەتنىڭ بېشىدىكى ئايەت ۋە لۇقمان سۈرىسىنىڭ 13- ئايىتىدىكى «شېرىك ھەقىقەتەن بۈيۈك بىر زۇلۇمدۇر» دېگەن ئىپادە بۇ مەناغا دالالەت قىلىدۇ.

[④]– ئۇفف دېگەن سۆز زېرىككەنلىكنى ئىپادىلەيدۇ.

[]– بۇ يەردە «كىشىلەر» دەپ تەرجىمە قىلىنغان كەلىمە مۇناسىۋەت ئالماشلىرىدىن بىرى بولغان «ما» بولۇپ، ما ئەرەبچىدە ئەقىللىقلەرنى ئىپادىلەشكىمۇ، ئەقىلسىزلەرنى ئىپادىلەشكىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. لېكىن بۇ ما بۇ ئايەتتە ئۆزىدىن كېيىن كەلگەن خەلەقۇ («خَلَقُوا») ۋە لەھۇم («لَهُمْ») دىكى ئالماشلارنىڭ دالالەت قىلىشى بىلەن ئۆزىنىڭ ئىككى مەنىسىدىن بىرى بولغان ئەقىللىقلەرنىلا ئىپادىلەيدۇ. چۈنكى بۇ ئىككى ئالماش ئەرەبچىدە ئەقىللىقلەرنى ئىپادىلەش ئۈچۈنلا ئىشلىتىلىدۇ، شۇنداقلا بۇ يەردە ئۇ «ما» نىڭ مەنىسىنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا بىز بۇ «ما» نى «نەرسىلەر» دەپ تەرجىمە قىلماستىن «كىشىلەر» دەپ تەرجىمە قىلدۇق.  

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر