مۇسۇلمانلار

نۇرۇز بايرىمى ھەققىدە

نۇرۇز بايرىمى ھەققىدە
بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
مۇقەددىمە
مىللەتنىڭ كىملىكىنى قوغداش مەسىلىسى ھەر مىللەتنىڭ ئالىم ۋە زىيالىيلىرى ھەر دائىم جىددىي باش قاتۇرۇپ كېلىۋاتقان  ئىشلارنىڭ بىرىدۇر. مىللەتنىڭ كىملىكىنى تەشكىل قىلىدىغان ئالاھىدىلىكلەر شۇ مىللەتنىڭ دىنى تەۋەررۈكلىرى، يېمەك-ئىچمەك ۋە كىيىم-كېچەك ئادەتلىرىدىن ئىبارەتتۇر.
بايراملار بولسا بىر مىللەتنى باشقا بىر مىللەتتىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان سىمۋوللارنىڭ ئەڭ بۈيۈكىدۇر. ھەر مىللەتنىڭ بايرىمىنىڭ ئەسلىسىگە بىر قارىغان كىشى ئۇ بايرامنىڭ شۇ مىللەتنىڭ ئېتىقادى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرىدۇ.
بىز مۇناسىۋەتلىك سوئاللارغا جاۋاب ماھىيىتىدە تەييارلىغان بۇ پەتىۋادا ئەسلىدە مەجۇسىيلەرنىڭ (زەردۇشتىيلەرنىڭ) بايرىمى بولغان، ئۇلارغا ئەگىشىپ بەزى مۇسۇلمانلارمۇ ئۆتكۈزۈۋاتقان «نۇرۇز بايرىمى» ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتىمىز.
1- بايراملار دىنى سىمۋۇلدۇر
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«قَالَ عِيسَى ابْنُ مَرْيَمَ اللَّهُمَّ رَبَّنَا أَنْزِلْ عَلَيْنَا مَائِدَةً مِنَ السَّمَاءِ تَكُونُ لَنَا عِيدًا لِأَوَّلِنَا وَآخِرِنَا وَآيَةً مِنْكَ وَارْزُقْنَا وَأَنْتَ خَيْرُ الرَّازِقِينَ. قَالَ اللَّهُ إِنِّي مُنَزِّلُهَا عَلَيْكُمْ فَمَنْ يَكْفُرْ بَعْدُ مِنْكُمْ فَإِنِّي أُعَذِّبُهُ عَذَابًا لَا أُعَذِّبُهُ أَحَدًا مِنَ الْعَالَمِين».
«مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسا: ‹ئى پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھ! بىزگە ئۈستىدە تاماق بار بىر داستىخان چۈشۈرگىن، بىزلەرگە ۋە بىزدىن كېيىنكىلەرگە بايرام ۋە سەندىن بىزگە بىر مۆجىزە بولسۇن. بىزگە رىزىق بەرگىن، سەن رىزىق بەرگۈچىلەرنىڭ ياخشىسىسەن› دېدى.
ئاللاھ : ‹مەن سىلەرگە ئۇنى چوقۇم چۈشۈرىمەن، سىلەردىن كىمكى شۇنىڭدىن كېيىن كاپىر بولسا، ئۇنى شۇنداق بىر ئازاب بىلەن ئازابلايمەنكى، ئەھلى جاھاندىن ھېچ كىشىنى مۇنداق ئازابلىمايمەن› دېدى».
 ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ داستىخاننىڭ چۈشۈشىنى ئۇممىتىگە بايرام قىلىشى بايرامنىڭ مىللەت ئىشى ئەمەس ئۇممەت ئىشى ئىكەنلىكىگە، بايرامنىڭ ئۆرپ-ئادەت بىلەن ئەمەس، ئىمان-ئېتىقاد بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىگە دالالە قىلىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇممىتىنى ئۆز بايراملىرى بىلەن باشقىلاردىن پەرقلىنىپ تۇرۇشقا تەشۋىق قىلغان. باشقا مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ-ئادەت ۋە مەدەنىيەتلىرىدە ئىرىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرغان.
پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئەبۇبەكىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا «ئى ئەبا بەكىر! ھەر قەۋمنىڭ بىر بايرىمى بار. بۇ بىزىڭ بايرىمىمىز»[] دېگەن سۆزىمۇ ئىسلام ئۇممىتىنىڭ بايرىمىنىڭ ئايرىم ئىكەنلىكىگە، ئىسلام ئۇممىتى ئۆز بايرىمى بىلەن باشقا مىللەتلەردىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغانلىقىغا ئوچۇق-ئاشكارا دالالەت قىلىدۇ.
بۇ ھەدىسنىڭ مەزمۇنىنى تۆۋەندىكى ھەدىس تەكىتلەيدۇ:
ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، يەھۇدىيلاردىن بىر كىشى: «ئى مۇئمىنلارنىڭ ئەمىرى! سىلەرنىڭ كىتابىڭلاردا سىلەر ئوقۇيدىغان بىر ئايەت بار. ئەگەر ئۇ ئايەت بىز يەھۇدىيلارغا نازىل بولسا ئىدى، بىز ئۇ كۈننى بايرام قىلىۋالغان بولاتتۇق» دېدى. ئۆمەر: «قايسى ئايەت ئۇ؟» دېدى. يەھۇدىي:
«الْيَوْمَ أَكْمَلْتُ لَكُمْ دِينَكُمْ وَأَتْمَمْتُ عَلَيْكُمْ نِعْمَتِي وَرَضِيتُ لَكُمُ الإِسْلاَمَ دِيناً»
«بۈگۈن سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى پۈتۈن قىلدىم، سىلەرگە نېمىتىمنى تاماملىدىم، ئىسلامنى سىلەرنىڭ دىنىڭلار بولۇشقا تاللىدىم»[] دېگەن ئايەت دېدى.
شۇنىڭ بىلەن ئۆمەر: «بىز ئۇ ئايەت نازىل بولغان كۈننى ۋە جاينى ئوبدان بىلىمىز. ئۇ ئايەت پەيغەمبىرىمىزگە ئەرەپاتتا جۈمە كۈنىدە نازىل بولغان» دېدى[].
دېمەككى، بايرام ھەر مىللەتنىڭ دىنى ئېتىقادى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئۇ يەھۇدىي ئۇ ئايەت نازىل بولغان كۈننىڭ ئۇلۇغلىقىنى بىلگەن بولسىمۇ ئۇ كۈننى بايرام قىلمىدى. ئەگەر ئۇ ئايەت ئۇلارنىڭ ئىچىدىن چىققان بىر پەيغەمبەرگە نازىل بولسا ئىدى، ئۇلار ئۇ كۈننى ھېچ ئىككىلەنمەستىن بايرام قىلىۋالغان بولاتتى. ھەزرىتى ئۆمەرمۇ ئۇ يەھۇدىينى ۋە ئۇنىڭ دىنى قېرىنداشلىرىنى ئۇ كۈننى بايرام قىلىشقا مەجبۇر قىلمىدى. چۈنكى ئۇ ئايەت نازىل بولغان كۈن ئۇلارنىڭ ئەمەس، مۇسۇلمانلارنىڭ بايرىمى ئىدى. ئۇلارنىڭ دىنىدا بولمىغان بىر بايرامنى ئۇلارغا قىلدۇرۇش ئۇلارنى دىنغا زورلاش بولاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلام خەلىپىسى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇلارنىڭ دىنىدا بولمىغان بايرامغا ئۇلارنى زورلىمىغان.
2- ئىسلام دىنىدا قانۇننى ئاللاھ بەلگىلەيدۇ 
بىر ئىشنى يولغا قويۇش (قانۇن بەلگىلەش) ھوقۇقى ئاللاھقىلا ئائىتتۇر. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«شَرَعَ لَكُمْ مِنَ الدِّينِ مَا وَصَّى بِهِ نُوحًا وَالَّذِي أَوْحَيْنَا إِلَيْكَ وَمَا وَصَّيْنَا بِهِ إِبْرَاهِيمَ وَمُوسَى وَعِيسَى أَنْ أَقِيمُوا الدِّينَ وَلَا تَتَفَرَّقُوا فِيهِ كَبُرَ عَلَى الْمُشْرِكِينَ مَا تَدْعُوهُمْ إِلَيْهِ اللَّهُ يَجْتَبِي إِلَيْهِ مَنْ يَشَاءُ وَيَهْدِي إِلَيْهِ مَنْ يُنِيبُ».
«ئاللاھ، ئۆزى نۇھقا بۇيرۇغان نەرسىنى سىلەر ئۈچۈن دىننىڭ قانۇنى قىلدى. ئى مۇھەممەد! بىز ساڭا ۋەھىي قىلغان نەرسىنىمۇ، بىز ئىبراھىمغا، مۇساغا ۋە ئيىساغا بۇيرۇغان نەرسىنىمۇ سىلەر ئۈچۈن دىننىڭ قانۇنى قىلدۇق. ئۇ نەرسە شۇنىڭدىن ئىبارەتتۇر: ‹دىننى توغرا چۈشىنىپ ھۆكۈملىرىنى تولۇق ئىجرا قىلىڭلار، دىندا پىرقىلەرگە بۆلۈنمەڭلار›. ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارغا، سەن ئۇلارنى دەۋەت قىلغان نەرسە ئېغىر كەلدى. ئاللاھ خالىغان كىشىنى ئۇنىڭغا تاللايدۇ، ئۆزىگە ئۈزلۈكسىز يۆنەلگەن كىشىنى ئۇنىڭغا ئېرىشتۈرىدۇ»- شۇرا 42/13.
«أَمْ لَهُمْ شُرَكَاءُ شَرَعُوا لَهُمْ مِنَ الدِّينِ مَا لَمْ يَأْذَنْ بِهِ اللَّهُ وَلَوْلَا كَلِمَةُ الْفَصْلِ لَقُضِيَ بَيْنَهُمْ وَإِنَّ الظَّالِمِينَ لَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ».
«ياكى ئۇلارنىڭ، ئاللاھ رۇخسەت قىلمىغان نەرسىلەرنى ئۇلار ئۈچۈن دىن قىلىپ بېكىتكەن مەبۇدلىرى بارمۇ؟ ئەگەر ئاللاھنىڭ ‹ياخشى-ياماننى ئايرىش قىيامەتتە بولىدۇ›، دېگەن سۆزى بولمىسا ئىدى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەلۋەتتە ھۆكۈم چىقىرىلغان بولاتتى. شۈبھىسزكى، زالىملارغا ئېغىر ئازاب بار»- شۇرا 42/21.
3- مۇسۇلمانلار ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە رازى بولۇشلىرى كېرەك
كۈنىمىزدە بەزى مۇسۇلمانلار ئاللاھ قانۇنلاشتۇرمىغان نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ، مەسىلەن: ئۇلار خرىستىئانلاردىن تۇغۇلغان كۈن بايرىمىنى، مەجۇسىيلەرلەردىن نۇرۇز بايرىمىنى، ياۋرۇپالىقتىن ئاتا-ئانىلار بايرىمى، ئاياللار بايرىمى، ئاشىقلار بايرىمى دېگەندەك بايراملارنى ئۆگىنىپ بۇ بايراملارنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئۇلارغا ئەگىشىۋاتىدۇ.
ئۇلارنىڭ بۇنى تەرك ئېتىشلىرى كېرەك ۋە مۇبارەك دىنىمىز ئىسلام يولغا قويغان روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيتتىن ئىبارەت بايراملىرى بىلەن كۇپايىلىنىشى لازىم. مۇسۇلمانلارنىڭ ئىككى بايرىمى بار. بۇنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك.
ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەدىنىلىكلەرنىڭ جاھىلىيەت دەۋرىدە ئىككى بايرىمى بار ئىدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېلىپ ئۇلارغا مۇنداق دېدى:
 «سىلەرنىڭ ئىككى كۈنۈڭلار بار ئىدى. ئۇ ئىككى كۈندە بايرام قىلاتتىڭلار. ئاللاھ سىلەرگە ئۇ ئىككى كۈننىڭ ئورنىغا ئۇ ئىككى كۈندىن ياخشى بولغان روزا ھېيت كۈنىنى ۋە قۇربان ھېيت كۈنىنى بەردى»[].
بۇ ھەدىسنىڭ مەزمۇنى بويىچە ئېيتقاندا، مۇسۇلمانلارنىڭ يىلدا ئىككى بايرىمى بار: بىرى روزا ھېيت، يەنە بىرى قۇربان ھېيت. ئۇ ئىككى بايرامدىن باشقا بايراملار يەھۇدىيلارنىڭ ياكى خرىستىئانلارنىڭ ۋە ياكى باشقا كاپىرلارنىڭ بايراملىرى بولۇپ، بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن ئۇ بايراملارنى تەبرىكلەش، تەبرىكەيدىغانلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە قېتىلىش ئاللاھ بەلگىلىگەن بايراملارغا قانائەت قىلمىغانلىق بولىدۇ. شۇنىڭدەك، ئۇلارنىڭ دىنى شۇئارلىرىنى ياقتۇرغانلىق، ئۇلارنى بۇ ئىشلاردا قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەنلىك، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئېتىقادىنى توغرا دەپ قارىغانلىق، نەتىجىدە ئاللاھنى غەزەپلەندۈرگەنلىك بولىدۇ.
4- غەيرىي مۇسۇلمانلارغا ئوخشىۋېلىشتىن ساقلىنىش لازىم 
غەيرىي مۇسۇلمانلارغا ئوخشىۋېلىش يەنى ئۇلارنىڭ سىمۋولى ھېسابلىنىدىغان ئىشلارنى قىلىش مەسىلەن: ئىككى ھېيتتىن باشقا بايراملارنى ئۆتكۈزۈش، تۇغۇلغان كۈن ئۆتكۈزۈش، بۈشۈك توي ئۆتۈزۈش، خرىستىئانلارنىڭ راھىب ۋە راھىبەلىرىنىڭ مەخسۇس راھىبلىق كىيىملىرىنى كىيىش، بۇددىستلەرنىڭ دىنى كىيىملىرىنى كىيىش… قاتارلىقلار غەيرىي مۇسۇلمانلارغا ئوخشىۋالغانلىق بولۇپ دىنىمىز بۇنىڭدىن مەنئى قىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسەلام مۇنداق دېگەن:
«كىمكى قانداقلا بىر قەۋمگە (مىللەتكە) ئوخشىۋالىدىكەن، ئۇ شۇ قەۋمنىڭ قاتارىدىن بولۇپ كېتىدۇ»[].
5- غەيرىي مۇسۇلمانلارنىڭ ئارزۇلىرىغا خىلاپلىق قىلىش لازىم
ئاللاھ تەئالا باشقىلارنىڭ ئارزۇلىرىغا ئەگىشىشتىن مەنئى قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
«ثُمَّ جَعَلْنَاكَ عَلَى شَرِيعَةٍ مِنَ الامْرِ فَاتَّبِعْهَا وَلا تَتَّبِعْ أَهْوَاءَ الَّذِينَ لا يَعْلَمُونَ إِنَّهُمْ لَنْ يُغْنُوا عَنْكَ مِنَ اللَّهِ شَيْئًا وَإِنَّ الظَّالِمِينَ بَعْضُهُمْ أَوْلِيَاءُ بَعْضٍ وَاللَّهُ وَلِيُّ الْمُتَّقِينَ»
«ئى مۇھەممەد! ئاندىن بىز سېنى دىن ئىشىدا بىر يول ئۈستىدە قىلدۇق. سەن ئۇ يولغا ئەگەشكىن، بىلمەيدىغانلارنىڭ ئارزۇلىرىغا ئەگشمىگىن.
ئۇلار ئاللاھدىن كېلىدىغان ھېچبىر نەرسىنى سەندىن دەپئى قىلالمايدۇ. زالىملار بىر-بىرلىرىنىڭ دوستلىرىدۇر. ئاللاھ تەقۋادارلارنىڭ دوستىدۇر»- جاسىيە 45/ 18-19.
«وَلَن تَرْضَى عَنكَ الْيَهُودُ وَلاَ النَّصَارَى حَتَّى تَتَّبِعَ مِلَّتَهُمْ قُلْ إِنَّ هُدَى اللّهِ هُوَ الْهُدَى وَلَئِنِ اتَّبَعْتَ أَهْوَاءهُم بَعْدَ الَّذِي جَاءكَ مِنَ الْعِلْمِ مَا لَكَ مِنَ اللّهِ مِن وَلِيٍّ وَلاَ نَصِيرٍ»
«سەن يولىغا ئەگەشمىگىچە يەھۇدىيلارمۇ، ناسارالارمۇ سەندىن رازى بولمايدۇ. ئۇلارغا ئېيتقىنكى: ‹شۈبھىسىزكى، توغرا يول پەقەت ئاللاھنىڭلا يولىدۇر›. ئەگەر سەن ساڭا كەلگەن بۇ ئىلىمدىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئارزۇلىرىغا ئەگىشىدىغان بولساڭ، ساڭا ئاللاھ تەرىپىدىن ھېچقانداق دوست ۋە ھېچقانداق ياردەمچى يوقتۇر»- بەقەرە 2/120.
شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەھۇد، نەسارا ۋە مۇشرىكلارغا خىلاپ ئىش قىلىپ ھەر زامان ئۇلارغا ئوخشاپ قالماسلىققا دىققەت قىلاتتى.
ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام باشقا كۈنلەرگە قارىغاندا شەنبە ۋە يەكشەنبە كۈنلىرى كۆپ روزا تۇتاتتى ۋە: «بۇ ئىككى كۈن مۇشرىكلارنىڭ بايرىمى. مەن ئۇلارغا خىلاپ ئىش قىلىشنى ياخشى كۆرىمەن» دەيتتى[].
ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرىنىڭ بايراملىرىدىن يىراق تۇرۇڭلار» دېگەن[].
خۇلاسە
نورۇز بايرىمى، ئاتا-ئانىلار بايرىمى، ئاياللار بايرىمى… دەك بايراملارنى ئۆتكۈزۈش، ئۆتكۈزگەنلەرگە ئىختىيارىي ھالدا قوشۇلۇش ئىسلام دىنىدە قەتئىي مەنئى قىلىنىدۇ، ھەتتا بۇ بايراملار ئەسناسىدا بايرام كەلدى دەپ خۇشاللىق ھېس قىلىش، باشقا ۋاقىتتا سېتىۋالمايدىغان نەرسىلەرنى سېتىۋېلىپ، بۇ كۈننى كافىرلار ئۇلۇغلىغاندەك ئۇلۇغلاش، باشقا كۈنلەردە قىلىشمايدىغان سوۋغا-سالاملارنى ئۇ كۈندە قىلىشىش غەيرىي مۇسۇلمانلارغا ئوخشىۋالغانلىق، ئۇلارنىڭ ئارزۇلىرىغا ئەگەشكەنلىك، ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە بويسۇنمىغانلىق، پەيغەمبەرنىڭ يولىنى تۇتمىغانلىق بولىدۇ. قىسقىسى ئۆزىنىڭ مۇسۇلمانلىق كىملىكىگە ئۇيغۇن ئىش قىلمىغانلىق بولىدۇ.
مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھدىندۇر.

[]– بۇخارى، مۇسلىم، ئەۇ داۋۇد، تىرمىزى، نەسەئى ۋە ئىبنى ماجەلەر رىۋايەت قىلغان.

[]– مائىدە 5/3.

[]– بۇخارى، مۇسلىم، تىرمىزى ۋە نەسەئى رىۋايەت قىلغان.

[]– بۇ ھەدىس سۈنەنۇننەسەئى، كىتابۇ سالاتىل ئىيدەين، بەيھەقى، ئەسسۈنەنۇلكۇبرا كىتابۇ سالاتىل ئىيدەين دە ئۆتىدۇ.

[]بۇ ھەدىس سۈنەنى ئەبۇداۋۇد ۋە مۇسنەدى ئەھمەددە ئۆتىدۇ.

[]– مۇسنەدى ئەھمەد، 26750- نومۇرلۇق، بەيھەقىي، سۇنەنۇلكۇبرا 2789- نومۇرلۇق ھەدىس.

[]– بەيھەقىي، سۇنەنۇلكۇبرا 18862- نومۇرلۇق ھەدىس.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر