مۇسۇلمانلار

ۋەسىلە ۋە شېرىك

قۇرئان نۇرىدا
 
ۋەسىلە ۋە شېرىك
 
 
 
 
پروفېسسور، دوكتور ئابدۇلئەزىز بايىندىر
 
 
تەرجىمە قىلغۇچى: نۇر ئەھمەد قۇربان
 
 
ئىستانبۇل 2006
 



تەرجىماندىن
ئىنسانىيەتنى يوقتىن پەيدا قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىككى ئالەملىك ھايات يولىنى توغرا رەۋىشتە كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن قۇرئان كەرىمنى نازىل قىلغان ۋە ئۇ كىتابنى ئەلچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئارقىلىق بىزلەرگىچە يەتكۈزگەن ئۇلۇغ ئاللاھقا چەكسىز ھەمدۇسانا ئېيتىمەن.
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن قېرىندىشىم، ئەڭ دەسلەپكى پەيغەمبەردىن باشلاپ، ئەڭ ئاخىرقى پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغىچە بولغان بارلىق پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق ئاللاھ تەرىپىدىن ئىنسانلارغا يەتكۈزۈلگەن دىنلارنىڭ ئىسىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ «ئىسلام دىنى» دەپ ئاتايمىز.
بىر پەيغەمبەر يەتكۈزگەن دىن ئىنسانلار تەرىپىدىن بۇرمىلانغان ياكى ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئەسلى رەڭگى ئۆزگىرىپ ئىلاھىي دىن بولۇش سۈپىتىدىن ئايرىلىپ قالغاندىن كېيىن ئاللاھ تائالا ئىنسانلارغا ئۆزلىرىنىڭ جىنسىدىن يېڭى پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىپ، ئۇلارنى دىننىڭ ئەسلى ھالىتىنى ئىنسانلارغا قايتىدىن يەتكۈزۈشكە بۇيرۇغان. لېكىن پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاخىرقىسى بولغاچقا، دىننىڭ ئەمىر- پەرمانلىرىنى كېيىنكى ئەۋلاتلارغا يەتكۈزۈش ۋەزىپىسى مۇسۇلمان ئالىملارغا تاپشۇرۇلغان.
ئىنسانلارنىڭ ئاللاھنىڭ بارلىقى ۋە بىر ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى ئىشەنچىسى كامىل. پەقەت بۇلاردىن بەزىلىرى ئۇنى يوشۇرىدۇ، ئۆز نەپسى ئالدىدا يالغان سۆزلەيدۇ. ئەسلىدە ئۇلار ھاياتىنىڭ مەلۇم بىر باسقۇچىدا كائىناتنىڭ ئىچى-سىرتىدىكى مەۋجۇدىيەتنى ياراتقان ۋە ئۇلارنى ئىنتىزاملىق ھالدا باشقۇرۇۋاتقان بىر كۈچنىڭ بارلىقىنى ئاللىبۇرۇن قوبۇل قىلغان. باشقا بىر تۈركۈم كىشىلەر بولسا، بىرلىكى ۋە بارلىقىغا ئىشەنگەن ئاللاھنى ئۆزىنىڭ چەكلىك ئەقلىي كۈچى بىلەن تەسەۋۋۇر قىلىپ، ئۇنىڭغا بولغان يېقىنلىقلىرىنى ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن ئىپادىلەيدۇ. يەنە بەزىلىرى بولسا، ھەر خىل سەۋەبلەرنى ئالغا سۈرۈپ ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلگەن بۇيرۇقلارنى ئۆزىنىڭ ھايات پەلسەپىسىگە بويسۇندۇرۇشقا ئۇرۇنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن دىن ئەسلى ساپلىقى ۋە غايىسىنىڭ سىرتىدا ئومۇملىشىشقا باشلايدۇ.
ئالايلۇق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن 23 يىللىق ھاياتىدا، ھەقىقىي دىنىي چۈشەنچىدىن يىراق ۋە ئىجتىمائىي ئادالەتتىن مەھرۇم بولغان، جاھالەت قاراڭغۇلۇقىدا تېڭىرقاپ يۈرگەن ئىنسانىيەت ئالىمىنى نىجاتلىق نۇرىغا باشلىدى. ئىسلام دىنى قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئەرەپ يېرىم ئارىلىدىن ھالقىپ ئافرىقا، ياۋروپا ۋە ئاسىيادىكى نۇرغۇنلىغان مىللەتلەرنىڭ ئۈمىد يۇلتۇزىغا ئايلاندى. ئەرەب، تۈرك، پارس ۋە باشقا نۇرغۇنلىغان مىللەتلەر ئېرق ۋە رەڭ ئايرىمىسىغا قارىماي ئۆزلىرىگە ئوخشاش بىر ئىنسانغا قۇل بولۇشقا قارشى ئىلاھىي ئادالەت بايرىقى ئاستىدا بىرلەشتى. ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتىكى چىرىكلىكتىن ماددىي ۋە مەنىۋىي مەدەنىيەت بەرپا قىلىشتەك تاكامۇللىشىش پەللىسىگە يۈزلەندى.
ئەپسۇسكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن بەزى مىللەت ۋە قەبىلىلەر ئۆزلىرىنىڭ قەدىمقى ئادەتلىرىنى قايتا تىرىلدۈرۈشكە يۈزلەندى. ئىلگىرىكى مەدەنىيەت قالدۇقلىرىنى ئىسلام ئاساسلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈشكە تىرىشتى. شۇنىڭ بىلەن خالىس ئىسلام ئېتىقادى ئۈستىدە ھەر خىل رەڭدىكى پەردىلەر شەكىللىنىشكە باشلىدى. بۇ ئەھۋال دەۋرىمىزگىچە بولغان 1400 يىلدەك ئۇزۇن بىر زامان مابەينىدە ئېتىقادىي مەسىلىلەردىن ئادەتتىكى مەسىلىلەرگىچە سىڭىپ كىردى. ئەسلى ماھىيىتىگە زىت نۇرغۇنلىغان يېڭى تېمىلار «ئىسلام» سەرلەۋھىسى ئاستىدا خەلقى ئالەمگە «تەقدىم» قىلىندى. بىر تالاي مەسىلىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆگەتكەن قېلىپتىن چىقىپ كەتتى. بۇنىڭغا قارشى چىققان ھەقىقەتپەرۋەر كىشلەر ھەر خىل سۈپەتلەر بىلەن ھاقارەتكە ئۇچرىدى. جامائەتچىلىككە «دىن دۈشمىنى» قىلىپ كۆرسىتىلدى. ئۇلارنىڭ «مەسىلىسىنى بىر تەرەپ» قىلىش ئۈچۈن ھەر خىل رەزىل ۋاستىلەرنى قوللىنىشتىن نومۇس قىلىشمىدى. نەتىجىدە بۇنداق ئەھۋاللار شۇنداق بىر ۋەھىمىلىك دەرىجىگە بېرىپ يەتتىكى، «دىندارلار» نىڭ قارىشىدا ئىجتىمائىي ھاياتتا ئۇچرىغان تۈرلۈك-تۈمەن مەسىلىلەرگە ئاللاھ نېمە دەيدۇ؟ دېگەن سوئالنى سوراشنىڭ ئۆزى جىنايەت ھېسابلىنىدىغان بولۇپ قالدى.
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن، قولىڭىزدىكى بۇ كىتاب «مۇسۇلمان» لارنىڭ قارىشىدا «دىن» دەپ قارىلىپ كەلگەن بەزى ئادەتلەرنىڭ ئىچىدىكى ئېتىقاد بىلەن مۇناسىۋەتلىك بەزى خاتا چۈشەنچىلەرنى تەتقىق قىلىشنى باش تېما قىلىدۇ. بۇ كىتابتا خاتا كۆزقاراشلار تەنقىد قىلىنىدۇ. تەنقىد ئاپتۇرنىڭ شەخسىي كۆزقارىشى ئاساسىدا ئەمەس، قۇرئان كەرىمنىڭ ئايەتلىرىنى مەركەز قىلىپ ئېلىپ بېرىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن پاش قىلىنغان خاتالىقلارنىڭ يازغۇچىنىڭ كىشىلىك كۆزقارىشىدىن كېلىپ چىققان مەسىلە ئەمەس، قۇرئان ئايەتلىرىگە زىت بولغانلىقتىن كېلىپ چىققان خاتالىق ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىش كېرەك. چۈنكى ئېتىقادىمىز خاتا بولۇپ قالسا، قىلغان پۈتۈن ئەمەل-ئىبادەتلىرىمىز بىكار بولۇپ كېتىدىغانلىقى ھەممىمىزگە ئايان.
كىتابتا يېزىقچىلىق ئۇسۇلى جەھەتتە كۆچۈرمە جۈملىلەرنىڭ بەك ئۇزۇن بولۇشىدىن كېلىپ چىققان چېچىلاڭغۇدەك كۆرۈنىدىغان تەرەپلەر بار. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەسەرنى ئوقۇش جەريانىدا باشتىن ئاخىرىغىچە تۈگىتىپ ئوقۇش ياكى ئاز بولغاندا بىر بۆلۈمنى باشتىن ئاخىرىغىچە دىققەت بىلەن ئوقۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. شۇنداق بولغاندا ئەسەرنىڭ مەنە پۈتۈنلۈكىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ. ئەكسىچە بولغاندا بىرقانچە ئابزاسقا بېرىپ قالغان نەقىللەر بىر قاراشتا ئوقۇرمەنلەرگە خاتا تۇيغۇ بېرىپ قويۇشى مۇمكىن.
ئەسەرنىڭ بىرىنچى بۆلۈمىدە ئاساسەن مۇسۇلمانلار چۈشۈپ قېلىش ئېھتىمالى يۇقىرى بولغان تۇزاقلار بايان قىلىنىدۇ. چۈنكى قۇرئان كەرىمدە مۇشرىك دەپ سۈپەتلەنگەن كىشىلەر ئاللاھنى بار دەپ قارايدۇ. لېكىن ئۆزلىرىنىڭ ئاللاھقا بولغان چۈشەنچىسىنىڭ خاتا يولدا ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ ياكى بىلىشنى خالىمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھقا ئىشىنىپ تۇرۇپمۇ مۇسۇلمان ھېساپلانمايدۇ. دەرۋەقە بىر كىشى «مەن ئاللاھقا ئىشىنىمەن. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن مۇسۇلمان» دەپ مەغرۇرلىنىپ كەتمەسلىكى كېرەك. مۇشرىكلار بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئوخشاپ كېتىدىغان ناھايىتى كۆپ تەرەپلىرى بار بولغاچقا ئۆزىمىزگە باھا بەرگەندە داۋاملىق قۇرئان كەرىمنى ئاساسىي ئۆلچەم قىلىپ تۇرۇپ باھا بېرىشكە توغرا كېلىدۇ.
ئىككىنچى بۆلۈمىدە ئىنسانلارنىڭ ئاللاھ بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىشتا ئوتتۇرىدا باشقىلارنى ۋەسىلە قىلىشنىڭ خاتا ئادەت ئىكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ. كىشىلەرنىڭ تەبىئىتىگە سىڭىپ كەتكەن بۇ ئەھۋالنىڭ پەقەت ئۆز ۋاقتىدىكى مەككىلىك مۇشرىكلارغىلا خاس بىر ئادەت بولماستىن، بەلكى باشقا جەمئيەتلەردىمۇ ئومۇملىشىپ قالغان بىر ھالەت ئىكەنلىكى خرىستىئانلار ۋە تاۋىزمچىلار مىسال قىلىنىش ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. گەرچە خرىستىئانلار ئۆزلىرىنىڭ ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنىغا ئەگىشىۋاتقانلىقلىرىنى دەۋا قىلىسىمۇ رېئاللىقنىڭ بۇنىڭ ئەكسىچە ئىكەنلىكى ھەممىمىزگە ئايان. ھەتتا ئۆزلىرىمۇ بۇنى ئېتىراپ قىلىدۇ. ئۇلار ئاللاھنى تونۇش جەھەتتە ئىيسا ئەلەيھىسسالام، مەريەم ئانا ۋە پاپالارنى ئاللاھ بىلەن ئۆزلىرى ئوتتۇرىسىدا ۋەسىلە بولىدۇ، دەپ قاراپ ئېتىقاد جەھەتتىن ھالاكەتلىك يولغا كىرىپ قالغان. ۋەھالەنكى ئۇلارمۇ ئاللاھقا ئىشىنىدۇ. پەقەت ئاللاھ بار دەپ قويۇشلا بىزنىڭ پۈتۈنلەي توغرا يولدا ئىكەنلىكىمىزنى كۆرسەتمەيدۇ. ئۇ ھالدا ئاللاھ بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى خىيالىي تەسسەۋۋۇرغا تايىنىپ ئەمەس، بەلكى مۇقەددەس كىتابىمىز قۇرئانغا ئاساسەن ئورنىتىش كېرەك. خرىستىئانلار قانداق قىلىپ بۇ جەھەتتە ھەقىقەتتىن ئايرىلىپ قالغان بولسا، بىز مۇسۇلمانلار مەسىلىنىڭ شۇ تەرىپىدىن ئىبرەت ئېلىپ توغرا يولدا مۇستەھكەم تۇرۇشىمىز كېرەكلىكى ئالغا سۈرۈلىدۇ.
بۇ بۆلۈمدە مىسال قىلىپ كۆرسىتىلگەن تاۋىزم لاۋزىنىڭ تەلىماتلىرى ئاساسىدا شەكىللەنگەن بىر چۈشەنچە بولۇپ، ئۇ ئۆزىگە خاس ئىلاھىيەت قارىشى، ھېيت-بايراملىرى ۋە ئىبادەت شەكىللىرىگە ئىگە بولۇش سۈپىتى بىلەن دىنلار تارىخى ئىلمىدە جۇڭگولۇقلارنىڭ مىللىي دىنى دەپ تونۇشتۇرۇلىدۇ. بۇ خىل دۇنيا قاراشتىكىلەر «تاۋ» بىلەن «تې» نىڭ ئادەتتىن تاشقىرى ئالاھىدە كۈچ-قۇدرىتى بارلىقىغا ئىشىنىدۇ ۋە ئۇلار بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئۈچۈن بىر ۋەسىلىگە (ۋاسىتىگە) ئېھتىياج بار دەپ قارايدۇ.
ئەسەرنىڭ ئۈچىنچى بۆلۈمىدە بولسا، تۈركىيەدە ئوتتۇرىغا چىقىپ زاماننىڭ ئۆتۈشى بىلەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تېز سۈرئەتتە يېيىلىشقا باشلىغان «نۇرچىلىق» ئېقىمى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلىدۇ. بۇ ئېقىم 1876- يىلى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى بىتلىس ۋىلايىتىنىڭ نۇرسىي يېزىسىدا تۇغۇلغان، 1960- يىلى شانلىئۇرفا ۋىلايىتىدە ۋاپات بولغان، «بەدىئۇززامان» لەقىمى بىلەن تونۇلغان سەئىد ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ ئوخشىمىغان زامانلاردا يازغان ئەسەرلىرى ۋە نۇتۇقلىرىنىڭ توپلىمىنى ئۆزلىرىگە دەستۇر قىلىدۇ. بۇ توپلام جەمئىيەتتە «رىسالەئى نۇر» دېگەن نام بىلەن مەشھۇر. بۇ تەشكىلاتنىڭ قوللىغۇچىلىرى تۈركىيەنى مەركەز قىلغان ھالدا دۇنيانىڭ كۆپلىگەن رايونلىرىدا پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا. قولىڭىزدىكى بۇ ئەسەردە ئۇلارنىڭ ئاساسلىق مەنىۋىي ئوزۇق مەنبەسى بولغان «رىسالەئى نۇر» دىكى ئىسلام دىنىغا ئوچۇقتىن- ئوچۇق زىت دەپ قارالغان بەزى كۆزقاراشلار قۇرئان ئايەتلىرى بىلەن بىرلىكتە ئوقۇرمەنلەرگە تەقدىم قىلىنىدۇ.
بۇ ئەسەرنى يۇقىرىدىكى ئاساسىي گەۋدىنى چۆرىدەپ باشتىن ئاخىرىغىچە تەپسىلىي ئوقۇپ چىقىدىغان بولساق، ئۆز نۆۋىتىدىكى مۇشرىكلار، خرىستىئانلار، تاۋىزمچىلار، تەسەۋۋۇپ-تەرىقەت مەنسۇپلىرى، شۇنداقلا مەلۇم بىر كىشىنىڭ پىكىر ۋە كۆز قاراشلىرى ئاساسىدا شەكىللەنگەن دىنىي تۈسكە ئىگە نۇرچىلىققا ئوخشاش گۇرۇھلارنىڭ ئاللاھ بىلەن بولىدىغان مۇناسىۋەتتە نەقەدەر خاتا چۈشەنچىدە ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكىلى بولىدۇ. شۇنداقلا بۇ قاتلامدىكى بىر-بىرىنى ئېتىراپ قىلمايدىغان كىشىلەرنىڭ ئۆز دىنىي ھاياتلىرىنى بىر-بىرىگە ناھايىتى يېقىن بىر سىزىق ئۈستىدە، ھەتتا ئوخشاش بىر قېلىپ ئىچىدە داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئاللاھ ھەممىمىزنىڭ ئاياغلىرىنى توغرا يولنىڭ ئۈستىدە مۇستەھكەم قىلسۇن.
تىرىشچانلىق بىزدىن، مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھ تەرىپىدىن بولىدۇ.
               نۇر ئەھمەد قۇربان
 2006 – يىلى ئىستانبۇل
 
داۋامى بار…..

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر