مۇسۇلمانلار

ئىناۋەت كارتىسى ئىشلىتىش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
سوئال:
1- ھازىر ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشى بىردەك بانكا كارتىسى ئارقىلىق تارقىتىلىدۇ، ئايلىق مائاش تارقىتىلىپ ئېلىنغىچە (3ـ 6ـ 9ـ 12ـ ئايلارنىڭ 21ـ كۈنى بانكىنىڭ ئۆسۈم تارقىتىش مەزگىلى بولۇپ شۇ ئايلارغا توغرا كەلگەندە) ئەمەلىي مائاش سوممىسىغا تەخمىنەن 1ـ 3 يۇەنگىچە قېتىلىپ قالىدىكەن، بۇ جازانە ھېساپلىنامدۇ؟ ئەگەر جازانە ھېسابلانسا بۇ پۇلنى قانداق قىلىش كېرەك؟
2- ھازىر ھەرقايسى بانكىلارنىڭ «ئالتۇن كارتا»، «كۆمۈش كارتا» دېيىلىدىغان مەلۇم دەرىجىدە چېكى بىكتىلگەن (ئىشلىتىش سوممىسى) ئىناۋەت كارتىلىرى بار. بۇ كارتىنىڭ ئالاھىدلىكى نەخ پۇل ئوبوروت قىلىنغاندا مەلۇم نىسبەتتە ئۆسۈم ھىسابلاپ ماڭىدۇ، قايتۇرۇش مۇددىتى ئۆتۈپ كەتسە ئۆسۈمى ھەسسىلىنىدۇ. بۇ جازانە بولامدۇ؟
ئەمما بۇ كارتا ئارقىلىق تاللا بازىرى، كىيىم-كېچەك ماگىزىنى …. قاتارلىق سودا دۇكانلىرىدىن مال سېتۋالغاندا (كارتا سۈركەش ئارقىلىق) 59 كۈن ئىچىدە ئۆسۈم ھېسابلانماي ئەسلىدىكى چىقىم قىلىنغان پۇلنى قايتۇرىمىز. 59 كۈندىن ئېشىپ كەتكەندىن كېيىن ئاندىن ئۆسۈم ھېسابلىنىدۇ بۇنىڭ جازانە شەكىللەندۇردىغان ياكى شەكىللەندۈرمەيدىغانلىقى ھەققىدە قانداق ھۆكۈم بار؟
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
جاۋاب:
سوئالىڭىزغا جازانە ۋە ئۆسۈمنىڭ نېمىلىكى، جازانە ۋە ئۆسۈمنىڭ ھۆكمى، سىزنىڭ سوئالىڭىزدىكى مەسىلىلەرنىڭ جازانە ياكى ئۆسۈم بولۇپ بولمايدىغانلىقى قاتارلىق مۇھىم ئۈچ نۇقتىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ جاۋاب بېرىمەن:
1- جازانە ۋە ئۆسۈم دېگەن نېمە؟
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«وَمَا آتَيْتُم مِّن رِّباً لِّيَرْبُوَ فِي أَمْوَالِ النَّاسِ فَلَا يَرْبُو عِندَ اللَّهِ وَمَا آتَيْتُم مِّن زَكَاةٍ تُرِيدُونَ وَجْهَ اللَّهِ فَأُوْلَئِكَهُمُ الْمُضْعِفُونَ»
«سىلەرنىڭ ئىنسانلارنىڭ ماللىرى ئىچىدە كۆپەيسۇن، دەپ بەرگەن جازانەڭلەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا كۆپەيمەيدۇ. ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ بەرگەن زاكىتىڭلار ئۇنداق ئەمەس. زاكات بەرگەنلەر كۆپەيتكۈچىلەردۇر»- رۇم 30/39.
بۇ ئايەتكە ئاساسەن، ئەسلى مالغا بىر نەرسە قوشۇپ ئېلىش ۋە قوشۇپ بېرىش شەرتى بىلەن مۇئامىلە تۈزۈشۈش ئۆسۈم مۇئامىلىسى قىلغانلىق، بۇ مۇئامىلىدە ئەسلى مالنى كۆپەيتكەن نەرسە (ئەسلى مالغا قوشۇلغان ئارتۇق نەرسە) ئۆسۈم ھېسابلىنىدۇ.
يەنى قەرز بەرگۈچى ئۆسۈم ئېلىش، قەرز ئالغۇچى ئۆسۈم بېرىش شەرتى بىلەن ئىككى تەرەپ قىلىشقان مۇئامىلە جازانە قىلغانلىق (ئۆسۈم مۇئاملىسى قىلغانلىق)، قەرز ئالغۇچى قەرز بەرگۈچىگە تۆلەيدىغان ھەق ئۆسۈم دەپ ئاتىلىدۇ. يەنى ئۆسۈم قەرز مۇئامىلىسىدە بېرىلگەن مىقدارغا قوشۇلغان ئارتۇق نەرسىدۇر.
2- ئۆسۈم مۇئامىلىسى قىلىش، ئۆسۈم ئېلىش ۋە ئۆسۈم بېرىشنىڭ ھۆكمى
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«الَّذِينَ يَأْكُلُونَ الرِّبَا لَا يَقُومُونَ إِلَّا كَمَا يَقُومُ الَّذِي يَتَخَبَّطُهُ الشَّيْطَانُ مِنَ الْمَسِّ ذَلِكَ بِأَنَّهُمْ قَالُوا إِنَّمَا الْبَيْعُ مِثْلُ الرِّبَا وَأَحَلَّ اللَّهُ الْبَيْعَ وَحَرَّمَ الرِّبَا فَمَنْ جَاءَهُ مَوْعِظَةٌ مِنْ رَبِّهِ فَانْتَهَى فَلَهُ مَا سَلَفَ وَأَمْرُهُ إِلَى اللَّهِ وَمَنْ عَادَ فَأُولَئِكَ أَصْحَابُ النَّارِ هُمْ فِيهَا خَالِدُونَ. يَمْحَقُ اللَّهُ الرِّبَا وَيُرْبِي الصَّدَقَاتِ وَاللَّهُ لَا يُحِبُّ كُلَّ كَفَّارٍ أَثِيمٍ. إِنَّ الَّذِينَ آَمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ وَأَقَامُوا الصَّلَاةَ وَآَتَوُا الزَّكَاةَ لَهُمْ أَجْرُهُمْ عِنْدَ رَبِّهِمْ وَلَا خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلَا هُمْ يَحْزَنُونَ. يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُوا اتَّقُوا اللَّهَ وَذَرُوا مَا بَقِيَ مِنَ الرِّبَا إِنْ كُنْتُمْ مُؤْمِنِينَ. فَإِنْ لَمْ تَفْعَلُوا فَأْذَنُوا بِحَرْبٍ مِنَ اللَّهِ وَرَسُولِهِ وَإِنْ تُبْتُمْ فَلَكُمْ رُءُوسُ أَمْوَالِكُمْ لَا تَظْلِمُونَ وَلَا تُظْلَمُونَ. وَإِنْ كَانَ ذُو عُسْرَةٍ فَنَظِرَةٌ إِلَى مَيْسَرَةٍ وَأَنْ تَصَدَّقُوا خَيْرٌ لَكُمْ إِنْ كُنْتُمْ تَعْلَمُونَ. وَاتَّقُوا يَوْمًا تُرْجَعُونَ فِيهِ إِلَى اللَّهِ ثُمَّ تُوَفَّى كُلُّ نَفْسٍ مَا كَسَبَتْ وَهُمْ لَا يُظْلَمُونَ»
«ئۆسۈم يەيدىغانلەر شەيتان چاپلىشىۋالغان ساراڭ ئادەم تۇرغاندەكلا تۇرىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ ‹سودا-سېتىق، خۇددى ئۆسۈم مۇئامىلىسىگە ئوخشاشتۇر› دېگەنلىكى ئۈچۈندۇر. ھالبۇكى، ئاللاھ سودا – سېتىقنى ھالال، ئۆسۈم مۇئامىلىسىنى ھارام قىلغان. كىم رەببىدىن كەلگەن نەسىھەتكە بويسۇنۇپ ئۆسۈمدىن توختىسا، بۇرۇن ئالغىنى ئۆزىنىڭ بولىدۇ. ئۇنىڭ ئىشى ئاللاھقا تاپشۇرۇلىدۇ. ئۆسۈمنى داۋاملاشتۇرغانلار جەھەننەم ئەھلى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە مەڭگۈ قالىدۇ.
ئاللاھ ئۆسۈمنى يوقىتىپ، سەدىقىلەرنى ئۆستۈرىدۇ. ئاللاھ ھېچبىر گۇناھكارنى ۋە ھېچبىر تۇزكورنى ياخشى كۆرمەيدۇ.
ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، نامازنى تولۇق ئوقۇغان ۋە زاكاتنى بەرگەنلەر كەلسەك، ئۇلار رەببىنىڭ يېنىدا چوقۇم مۇكاپاتلىرىنى ئالىدۇ، ئۇلغا ھېچ قورقۇچ يوق ۋە ئۇلار ھەرگىزمۇ غەمكىن بولمايدۇ. ئى مۇئمىنلار! ئاللاھتىن قورقۇڭلار، تېخى قولۇڭلارغا ئۆتمىگەن ئۆسۈمنى ئالماڭلار. ئەگەر مۇئمىن بولساڭلار شۇنداق قىلىڭلار.
ئەگەر ئۇنداق قىلمىساڭلار، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى تەرىپىدىن سىلەرگە ئۇرۇش ئېچىلغانلىقىنى بىلىپ قويۇڭلار. ئەگەر تەۋبە قىلساڭلار ئەسلى ماللىرىڭلار ئۆزۈڭلارنىڭدۇر. زۇلۇممۇ قىلمايسىلەر، زۇلۇمغىمۇ ئۇچرىمايسىلەر.
ئەگەر قەرزدار قىيىنچىلىق ئىچىدە بولسا، ئۇنىڭغا قولى ئۇزارغىچە مۆھلەت بېرىڭلار. ئەگەر بىلسەڭلار، ئېلىشىڭلارنى سەدىقە قىلىۋېتىشىڭلار سىلەر ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشىدۇر.
شۇنداق بىر كۈندىن قورقۇڭلاركى، ئۇ كۈنى سىلەر ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا چىقىرىلىسىلەر. ئاندىن ھەر كىشىگە قىلغان ئەمىلىنىڭ جازاسى ياكى مۇكاپاتى تولۇق بېرىلىدۇ، ھېچكىمگە زۇلۇم قىلىنمايدۇ» – (بەقەرە 2/275- 281)
بۇ ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن، ئۆسۈم مۇئامىلىسى قىلىش، ئۆسۈم ئېلىش ۋە ئۆسۈم بېرىش قەتئىي ھارامدۇر، ھەتتا ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى بىلەن ئۇرۇش قىلغانلىقتۇر
3- سىزنىڭ مەسىلىڭىزنىڭ ھۆكمى
1- سىز مائاشىڭىزنى بانكىدىن ئېلىشىڭىزغا تېگىشلىك بولغان ۋاقىتنىڭ ئىچىدە ئالسىڭىز، ئىش ئورنىڭىز مائاشىڭىزنى بانكىغا ياتقۇزغاندىن تارتىپ سىز ئالغۇچە بولغان ئارلىقتا ئۇنىڭغا ئۆسۈم قوشۇلغان بولسا سىز ئۇ ئۆسۈمدىن جاۋابكار ئەمەس. چۈنكى سىز مائاشىڭىزنىڭ قولىڭىزغا ئۆتۈشىدىن بۇرۇنقى ھالىتىدىن مەسئۇل ئەمەس. لېكىن سىز مائاشىڭىزنى بانكىدىن ئېلىشىڭىزغا تېگىشلىك بولغان ۋاقىتتىن كېچىكتۈرۈپ ئالغان بولسىڭىز ۋە بۇ كېچىكتۈرۈشىڭىز سەۋەبىدىن ئۆسۈم چىققان بولسا، بۇ ئۆسۈمنى چوقۇم ئاجىز-ئۇرۇقلارغا بېرىۋېتىشىڭىز كېرەك. بولمىسا ھارام يېگەن بولىسىز. بىرىنچى ئەھۋالدىمۇ ئۇ 2، 3 كوي ئۆسۈمنى ئاجىز – ئۇرۇقلارغا بېرەۋەتسىڭىز ياخشى بولىدۇ. چۈنكى ئۇمۇ بىر تەرەپتىن قارىسىڭىز شۈبھىلىك نەرسىدەك كۆرۈنىدۇ.
2- قېرىندىشىم! بۇ خىل كارتا پۈتۈن مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدىمۇ بار. ئىسمى «كرەدى كارتىسى» دۇر. بۇ كارتا ھەققىدە ئىسلام ئۆلىمالىرى تەرىپىدىن بېرىلگەن پەتىۋا شۇكى:
پۇلىنى ۋاقتى ئۆتمەستىن تۆلەش، شۇنداقلا جازانىغا كىرىپ قالماسلىق شەرتى بىلەن بۇ كارتا ئارقىلىق سودا مۇئامىلىسى قىلىشقا بولىدۇ. لېكىن بۇ كارتا بىلەن قىلىنغان سودا نېسىي سودا ھېسابلانغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن ئالتۇن، كۈمۈش ۋە باشقا پۈتۈن پۇللاررنى ئېلىپ-سېتىشقا بولمايدۇ. چۈنكى بۇلارنىڭ سودىسىنىڭ نەقمۇنەق بولۇشى شەرتتۇر.
قىسقىسى، بۇ كارتا بىلەن ئالتۇن، كۈمۈش، دوللار، يورو ۋە… دەك پۇل ھېسابلىنىدىغان نەرسىلەردىن باشقا ماللارنى ئېلىپ- سېتىشقا بولىدۇ. لېكىن پۇلىنى شۇ بەلگىلەنگەن (59) كۈندىن ئۆتكۈزۈۋەتمەي تۆلەش شەرت!
3- «بۇ كارتىنىڭ ئالاھىدلىكى نەخ پۇل ئوبوروت قىلىنغاندا مەلۇم نىسبەتتە ئۆسۈم ھىسابلاپ ماڭىدۇ، قايتۇرۇش مۇددىتى ئۆتۈپ كەتسە ئۆسۈمى ھەسسىلىنىدۇ».
سىزنىڭ سوئالىڭىزنىڭ ئىچىدە بۇ ئىپادىمۇ بار. بۇ سۆزنىڭ جاۋابى:
  ئادەتتە بۇنداق كارتىدىن نەخ پۇل ئالغان تەقدىردە بۇ پۇل، ئېلىنغاندىن تارتىپ شۇ كارتىنى بەرگەن بانكا تەرىپىدىن شۇ پۇلنى ئالغۇچىغا بېرىلگەن ئۆسۈملۈك قەرز ھېسابلىنىدۇ. يەنى كارتىنىڭ ئىگىسى قاچان كارتىسىدىن نەخ پۇل ئالسا ئۇنىڭ بۇ پۇلنى ئېلىشى شۇ بانكا بىلەن ئۆسۈملۈك مۇئامىلە قىلىشقانلىقى بولىدۇ. چۈنكى ئۇ كىشى كارتىنى ئالغان چېغىدا بانكىنىڭ مۇناسىۋەتلىك توختامنامىسىگە قول قويىدۇ.
ئەگەر بانكا ئۇ كىشىگە كارتىنى بېرىدىغان چېغىدا نەخ پۇلنىمۇ مال سېتىۋالغاندىكىگە ئوخشاش بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە تۆلىسەڭ سەندىن ئۆسۈم ئېلىنمايدۇ دەپ بەرگەن بولسا، بۇ تەقدىردە كارتىنىڭ ئىگىسى كارتىسىدىن نەخ پۇل ئېلىپ خەجلەپ بۇ پۇلنى بانكىغا ۋاقتىدا تۆلىۋەتسە بۇنىڭ بىر يامان تەرىپى يوق. يەنى بۇ ئىش جازانە ياكى ئۆسۈم بولمايدۇ.
قىسقىسى كرەدى كارتىسى ئارقىلىق ئېلىم-سېتىم قىلغان قەرزىنى ۋاقتىدا تۆلىسە ھارامدىن ساقلىنىپ قالىدۇ. شۇنىڭدەك كرەدى كارتىسى ئارقىلىق بانكىدىن بىر مۇددەتكىچىلىك ئۆسۈمسىز نەخ پۇل ئالغان كىشى قەرزىنى ۋاقتىدا تۆلىسە، بۇمۇ ھارامدىن ساقلىنىپ قالغان بولىدۇ. لېكىن نەخ پۇل ئېلىنغاندىن باشلاپ ئۆسۈملۈك قەرز ھېسابلىنىدىغان ئىش بولسا، بۇ تەقدىردە كرەدى كارتىسىدىن نەخ پۇلغان كىشى شۇ نەخ پۇلنى ئېلىش بىلەن ئۆسۈم مۇئامىلىسى قىلغان بولىدۇ.
4- ئۇ كارتا ئارقىلىق بىر جايدىن بىر جايغا پۇل يۆتكەش، مەسىلەن:
شاڭخەيدىكى بىر كىشىنىڭ كارتىسىغا ئۈرۈمچىدىكى بىر كىشى 100 مىڭ كوي پۇل سېلىپ بەرگەن بولسا، بۇ پۇلنى سالغان بانكا پۇلنى سالغۇچىدىن ياكى پۇلنى تاپشۇرۇپ ئالغۇچىدىن بىر مىقدار پۇل ئالغان بولسا، بۇ پۇل ئۆسۈم ئەمەس، شۇ بانكىنىڭ ھەققىدۇر. چۈنكى ئۆسۈم شەكىللىنىش ئۈچۈن بىر تەرەپنىڭ ئۆسۈملۈك قەرز ئېلىش، يەنە بىر تەرەپنىڭ ئۆسۈملۈك قەرز بېرىش مۇئامىلىسى تۈزۈشۈشى ياكى ئىككى تەرەپنىڭ ئوخشاش جىنسىتىكى يېمەكلىك ماددىلىرىنى پەرقلىق ھالدا ئالماشتۇرۇشى كېرەك. بۇ يەردە ئۇنداق بىر مۇئامىلە يوق. ئەكسىچە رەسمىيەت ھەققى يەنى ئىش ھەققى ئېلىنىدۇ. تېخىمۇ ئوچۇق ئېيتقاندا بانكىدىن ئۆسۈملۈك قەرز ئېلىش ياكى بانكىغا ئۆسۈملۈك قەرز قويۇش باشقا، بانكا خىزمەتلىرىدىن بانكىنىڭ ھەققىنى بېرىپ پايدىلىنىش باشقىدۇر.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر