مۇسۇلمانلار

جىن-شەيتانلاردىن ساقلىنىشنىڭ ئاسان يولى

ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم
سوئال:
جىن ۋە شەيتانلارنىڭ يامانلىقىدىن ساقلىنىش ۋە ئۇلارنى ئۆزىمىزدىن يىراقلاشتۇرۇشنىڭ بىر چارىسى بامىدۇ؟ بۇ ھەقتە بىر چۈشەنچە بەرسىڭىز، ئاللاھ رەخمەت قىلسۇن
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
جاۋاب:
قۇرئان كەرىمدىكى ۋە ھەدىس شەرىفلەردىكى مۇناسىۋەتلىك يەرلەرگە قارىغان ۋاقتىمىزدا شەيتانلارنىڭ سۈيقەستلىرىدىن، ئۇلارنىڭ چاپلىشىۋېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ۋە ئۇلارنى يىراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكى يولنى تۇتۇش لازىم:
1- بەش ۋاقىت نامازنى ئۆز جايىدا ئادا قىلىش.
2- ھاراملاردىن يىراق تۇرۇش.
3- ھەر كۈن قۇرئان كەرىمدىن بىر مىقدار ئوقۇش. بولۇپمۇ بەقەرە سۈرىسىنى بىر قېتىم ئوقۇش.
4- كىيىم-كېچەكنىڭ ئىسلامىي ئۆلچەمگە ئۇيغۇن بولۇشىغا ئەھمىيەت بېرىش.
5- ئۆيدە شەرىئەتكە خىلاپ ئىشلارنىڭ بولماسلىقى، مەسىلەن: ئۆيدە ئىت بولماسلىقى، زۆرۈرەتسىز رەسىم ۋە قورچاقلارنىڭ بولماسلىقى، ئۆيدە نامەھرەم بار ۋاقىتلاردا ئاياللارنىڭ ۋە بالاغەتكە يەتكەن قىزلارنىڭ شەرىئەتكە ئۇيغۇن كىيىم كىيىشى بولۇپمۇ يالاڭباشتاق يۈرمەسلىكى.
6- «ئەئۇزۇ بىللاھى مىنەششەيتانىررەجىم»نى كۆپ ئوقۇش
تەرجىمىسى:
«مەن قوغلاندى شەيتاننىڭ يامانلىقىدىن ئاللاھقا سېغىنىمەن».
7- ئايەتەلكۇرسىينى كۆپ ئوقۇش.
8- «لائىلاھە ئىللەللاھۇ ۋەھدەھۇ لا شەرىيكە لەھۇ لەھۇلمۇلكۇ ۋە لەھۇلھەمدۇ ۋە ھۇۋە ئەلا كۇللى شەيئىن قەدىر» نى ئەتىگەندە ۋە ئاخشامدا ئاز دېگەندە يۈز قېتىمدىن ئوقۇش لازىم.
تەرجىمىسى:
«ئاللاھدىن باشقا ھىچ ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھ بىردۇر، ئاللاھنىڭ ھىچ شېرىكى يوقتۇر، ئاللاھ يەككە-يېگانە پادىشاھتۇر، ھەمدۇسانالار ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر»
9- فەلەق، ناس ۋە ئىخلاس سۈرىلىرىنى كۆپ ئوقۇش.
10- ياتىدىغان ئۆيدە يېتىشتىن بۇرۇن بەقەرە سۈرىسىنى بىر قېتىم ئوقۇش. بۇنى ئۈنئالغۇ، يانفون، كومپۇتېر دەك بىر نەرسىدىن ئوقۇتۇشقىمۇ بولىدۇ.
11- خالاغا كىرگەندە «ئاللاھۈممە ئىننى ئەئۇزۇ بىكە مىنەلخۇبسى ۋەلخەبائىس» نى ئوقۇش.
تەرجىمىسى:
«ئى ئاللاھ، مەن پۈتۈن پاسكىنىچىلىقلاردىن ۋە ئەركەك – چىشى جىنلارنىڭ يامانلىقىدىن ساڭا سېغىنىمەن»
بۇنىڭدىن باشقا يەنە «دۇئا قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە خاسىيەتلىك دۇئالار» گە ئوخشاش دۇئا كىتابلىرىنى تېپىپ ئۇ كىتابتىكى دۇئالارنى يادلاپ ھەر بىرىنى ئۆز جايىدا ئوقۇش.
مانا مۇشۇنداق قىلغاندا جىن-شەيتانلارنىڭ يامانلىقىدىن ساقلانغىلى ۋە ئۇلارنى يىراقلاشتۇرغىلى بولىدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر