مۇسۇلمانلار

چىش سالدۇرۇشقا بولامدۇ؟

ئسسالامۇ ئەلەيكۇم
سوئال:
ئانام 50 ئاشقان ئىدى، 3 تال چىشى چۈشۈپ كېتىپ تۈزۈك تاماقنى چاينىيالمايۋاتىدۇ. ئانام چىش ساغۇزسا بۇلامدۇ؟ ئەگەر بولسا كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئانام تۈگەپ كەتكەندە ساغان چىشنى ئىلىۋېتىپ يەرلىككە قويامدۇ ياكى شۇنداقلا قويۇۋەسەك بۇلامدۇ؟ جاۋاب بەرسىلەر، ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن.
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
جاۋاب:
مەن سىزگە چىش ھەققىدە بېرىلگەن پەتىۋالارنى ئەۋەتىپ بېرەي:
سوئال:
چىش سالدۇرۇشقا بولامدۇ؟
جاۋاب:
ئەگەر چىش سالدۇرۇشقا ئىھتىياجلىق بولسا، ئالتۇن، كۆمۈش ۋە باشقا نەرسىلەردىن ياسالغان چىشلەرنى سالدۇرۇشقا بولىدۇ. لېكىن ساق چىشنى قاپلىتىپ ياكى ساق چىشنى تارتقۇزۇۋېتىپ ئورنىغا چىش سالدۇرۇپ ئىسراپچىلىق قىلىشقا بولمايدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇرنى كېسىلىپ كەتكەن بىر ساھابىغا دەسلىپىدە كۈمۈشتىن بۇرۇن سالدۇرۇشنى، ئۇ كىشى كۈمۈش بۇرۇننىڭ پۇراپ خاپا سالغانلىقىدىن شىكايەت قىلغاندا ئۇنىڭغا  ئالتۇندىن بۇرۇن سالدۇرۇشنى ئەمىر قىلغان. بۇ ھەدىسقا ئاساسەن چىشى چۈشۈپ كەتكەن كىشىلەر كۈمۈشتىن ياكى ئالتۇندىن ۋە ياكى كۈنىمىزدىكى چىشچىلارنىڭ چىشلىرىدىن چىش سالدۇرسا بولىدۇ.- (مۇناسىۋەتلىك ھەدىس، ئەبۇ داۋۇد، خاتەم، ئالتۇن چىش سالدۇرۇش بابى؛ مۇسنەد ئەھمەد، لىباس، ئەرفەجە ئىبنى ئەسئەدنىڭ ھەدىسى؛ تىرمىزى، لىباس، ئالتۇن چىش سالدۇرۇش بابى، دېگەن يەرلەردە زىكىر قىلىنىدۇ).
سوئال:
ئەقىل چىشىنى تارتقۇزۇشقا بولامدۇ؟
جاۋاب:
ئالدى بىلەن چىش تارتقۇزۇش مەسىلىسىنى چۈشىنىۋېلىش لازىم. ئاغرىپ ئارام بەرمەيدىغان ۋە تارتقۇزۇۋەتمىسە ساقايمايدىغانلىقى دوختۇرلار تەرىپىتدىن ئىسپاتلانغان چىشلارنى تارتتۇرۇۋېتىشكە بولىدۇ. چۈنكى بۇ بىر خىل داۋالاشتۇر. چىشلارنى تارتقۇزۇشتا چىشلارنىڭ ئارىسىدا پەرق يوق. لېكىن چىش سالدۇرىمەن دەپ ساق چىشنى تارتقۇزۇۋېتىشقا بولمايدۇ.
سوئال:
ئالتۇندىن چىش سالدۇرغاندىن كېيىن ،چىشى بىلەنلا يەرلىككە قويىۋەتسە، مۈلۈك بىلەن دەپنە قىلغان ھىساپلىنامدۇ؟ بۇ ئىسلامغا خىلاپمۇ؟ بۇنىڭ دەلىلى نېمە؟
جاۋاب:
ئالتۇن چىشى بار بىر كىشى ئۆلۈپ كەتسە، ئۇنىڭ چىشىنى تۆۋەندىكى ئىككى يولنىڭ بىرى بويىچە بىر تەرەپ قىلىش لازىم:
ئەگەر ئۇ چىشنى ئالغان تەقدىردە ئۇ كىشىنىڭ (يەنى ئۆلۈپ كەتكەن كىشىنىڭ) باشقا چىشلىرىغا دەخلى يېتىدىغان ياكى ئاغىز، تىلى، تامغىقى…. دېگەندەك بىرەر يېرى زىدە بولۇپ قالىدىغان ئىش بولسا، ئۇ چىشنى ئالماسلىق كېرەك، يەنى بۇ تەقدىردە مېيىتنى ئالتۇن چىشى بىلەن بىللە دەپنە قىلىش كېرەك. چۈنكى مېيىتقا ئەزىيەت يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ.
 ئەگەر ئۇ چىشنى ئېلىش مېيىتقا ھېچقانداق بىر زىيان-زەخمەت يەتكۈمەيدىغان ئىش بولسا ئۇ چىشنى ئېلىۋېلىش كېرەك. چۈنكى ئۇ چىش ئالتۇن بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى كۆمۈۋېتىش ئىسراپ بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئالتۇن چىش ئۆلۈپ كەتكەن كىشىنىڭ ۋارىسلىرىغا مىراس قالىدىغان نەرسىدۇر، يەنى ۋارىسلارنىڭ ھەققىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ۋارىسلار بۇ ھەققىنى مېيىتقا ئەزىيەت يەتكۈزمىگەن ئاساستا ئېلىۋالسا بولىدۇ. چۈنكى مېيىتقا ئەزىيەت يەتكۈزمەسلىك ۋارىسلارنىڭ ھەققىنىڭ يەرگە كۆمۈلۈپ كەتمەسلىكىدىن مۇھىمدۇر.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر