مۇسۇلمانلار

تەرىقەتچىلىككە نەزەر 15

25- رابىتە
بايىندىر: رابىتە دەپ بىر ئىشىڭلارمۇ بارغۇ دەيمەن؟
ئىشان: شۇنداق، رابىتە بىر مۇرىدنىڭ مۇرشىدى كامىلىنىڭ روھانىيىتى بىلەن بىرلىكتە ئۇنىڭ سۈرىتىنى قەلب كۆزىنىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈپ خىيال قىلىشى ۋە قەلبى بىلەن ئۇنىڭدىن ياردەم تىلىشىدىن ئىبارەتتۇر[1].
بايىندىر: تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىش ئۈچۈن سورىۋاتىمەن، مۇرىد ئىشانىنى ئالىي ماقامدا دەپ قارايدۇ، ئۇنى نۇرغۇن ھوقۇققا ئىگە دەپ ئويلايدۇ، ئۆزىنى بولسا تۆۋەن سەۋىيىدە كۆرىدۇ. ئاندىن ئىشانىنىڭ سىيماسىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن ياردەم تەلەپ قىلىدۇ. بۇنى ئىشانىنىڭ يېنىدا قىلمايدۇ، شۇنداقمۇ؟
ئىشان: شۇنداق. قاراڭ، بۇ ئىشنى بىز ئويدۇرمىدۇق. خالىدى بەغدادىي ھەزرەتلىرى «رىسالەئىي خالىدىييە» ناملىق كىتابىدا مۇنداق دەيدۇ:
رابىتەنىڭ ئەڭ ئۈستۈن دەرىجىسى ئىككى كۆزنىڭ ئارىسىدا بولىدىغان خىيال خەزىنىسى بىلەن مۇرشىدنىڭ روھانىيىتىنىڭ يۈزىگە، ھەتتا ئىككى كۆزىنىڭ ئارىسىغا قاراشتۇر. چۈنكى ئۇ يەر فەيىز مەنبەسىدۇر. ئۇندىن كېيىن مۇرشىدنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى تۆۋەن تۇتۇپ، ئىنتايىن كەمتەرلىك بىلەن يالۋۇرۇش ۋە ئۇنى ئاللاھ بىلەن ئۆزىنىڭ ئارىسىدا ۋاسىتە قىلىش ئۈچۈن مۇرشىدنىڭ روھانىيىتىنىڭ خىيال خەزىنىسىگە كىرىپ، ئۇ يەردىن قەلبىگە ۋە چوڭقۇرلۇقلىرىغا ئاستا – ئاستا چۈشكەنلىكىنى ئويلاپ، ئۆزۈڭنىڭمۇ ئاستا – ئاستا ئۇ يەرگە ئاققانلىقىڭنى ۋە چۈشكەنلىكىڭنى خىيال قىلىپ، ئىشانىڭنى ئۆز نەپسڭدىن كەچكەنگە قەدەر خىيال كۆزۈڭدىن يوق قىلماسلىقتۇر[2].
بايىندىر: ئاللاھ ساقلىسۇن! قېنى ئېيتىپ بېقىڭلار! بۇنى نېمىگە ئاساسلاندۇرىسىلەر؟
ئىشان: بۇنىڭ دەلىلى بار. ئەبۇ بەكىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ تاھارەت قىلىشقا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن خالىي بىر يەر تاپالمىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ئەھۋالنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا شىكايەت قىلدى. پەيغەمبىرىمىز ئۇنىڭغا رۇخسەت بەردى[3].
بايىندىر: يەنى ئەبۇ بەكىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھاجەتخانىدا ئاللاھنىڭ ئەلچىسىنىڭ روھانىيىتى بىلەن بىرلىكتە، ئۇنىڭ سۈرىتىنى قەلب كۆزىنىڭ ئالدىغا كەلتۈرگەن ھالدا خىيال قىلىپ تۇرۇپ، قەلبى بىلەن ئۇنىڭدىن ياردەم تىلىگەنمىدى؟
مۇرىد: ياق، ئۇنداق ئەمەس. يەنى ئەبۇ بەكىر ھاجەتخانىدا تاھارەت قىلىۋېتىپمۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى خىيال قىلاتتى.
بايىندىر: بىر كىشى بىرىنى بەك ياخشى كۆرسە، ئۇنىڭ خىيالى ئۇ كىشىنىڭ كۆز ئالدىدىن كەتمەيدۇ. شائىر سۆيگىنى ئۈچۈن «كۈندۈزى خىيالىمدا، كېچىسى چۈشۈمدە» دەيدۇ. بۇ نورمال ئىش. ھەزرىتى ئەبۇ بەكىر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى بەك ياخشى كۆرگەچكە ھاجەتخانىدىمۇ خىيالىدىن چىقىرالمىغانلىقىنى ئىپادىلىمەكتە. سىز تەرىپلىگەن رابىتە بىلەن بۇنىڭ نېمە مۇناسىۋىتى بار؟
سىز رابىتە ئەسناسىدا ئىشاننىڭ روھانىيىتىنىڭ مۇرىدنىڭ يېنىغا كەلگەنلىكىنى دەۋا قىلىۋاتىسىز. ئىشاننىڭ روھانىيىتى مۇرىدنىڭ يېنىغا نەدىن كېلىدۇ؟
ئىشان: روھانىيەتنىڭ كۆرۈنگەنلىكىنىڭ دەلىلى بار. يۇسۇف سۈرىسىدە مۇنداق دېيىلىدۇ:
{وَلَقَدْ هَمَّتْ بِهِ وَهَمَّ بِهَا لَوْلا أَن رَّأَى بُرْهَانَ رَبِّهِ}
«(يۈسۈف ئەلەيھىسسالام مەقسەتسىز ھالدا قولىدىن كەلمەي) ئۇنىڭغا (زۈلەيخاغا) مايىل بولدى، رەببىنىڭ بۇرھانىنى (دەلىلىنى) كۆرمىسە ئىدى، (ئۇ مەيلى بويىچە ئىش قىلىشى مۇمكىن ئىدى)»- يۇسۇف 12/76.
بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرىدە كۆپىنچە مۇپەسسىرلەر ئاللاھنىڭ دوستلىرىنىڭ تەسەررۇپ ۋە ئىمدادىنى (كۈچىنى ۋە ياردىمىنى) بايان قىلغان. مۇپەسسىرلەردىن كەششاف تەفسىرىنىڭ ئاپتورى ئەللامە زەمەخشەرىي توغرىلىقتىن ئايرىلغان ۋە مۇئتەزىلە مەزھىپىنىڭ[4] چۈشەنچىسى بىلەن سۈپەتلەنگەن تۇرۇقلۇق يەئقۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ روھانىيىتىنىڭ ئەجەپلەنگەنلىكىدىن بارماقلىرىنى چىشلىگەن ھالەتتە يۇسۇف ئەلەيھىسسالامغا كۆرۈنۈپ «ئۇ ئايالدىن نېرى تۇر!» دېگەنلىكىنى بايان قىلغان[5].
بايىندىر: قارىغاندا سىز كەششاف تەفسىرىنى ئوقۇپ باقمىغاندەك قىلىسىز. ئەگەر ئوقۇغان بولسىڭىز بۇنى ئەسلا سۆزلىيەلمەيتتىڭىز.
مەزكۇر تەپسىردە يۇسۇف سۈرىسىنىڭ 24- ئايىتىدە زۇلەيخانىڭ يۇسۇف ئەلەيھىسسالام بىلەن يېقىنچىلىق قىلىش ئۈچۈن قىلغانلىرى چۈشەندۈرۈلۈپ مۇنداق دېيىلىدۇ:
{وَلَقَدْ هَمَّتْ بِهِ وَهَمَّ بِهَا لَوْلا أَن رَّأَى بُرْهَانَ رَبِّهِ}
«ئايال يۇسۇفكە ھەقىقەتەن مايىل بولغان ئىدى. رەببىنىڭ بۇرھانىنى كۆرمىسە ئىدى، يۇسۇفمۇ ئۇنىڭغا مايىل بولاتتى…» 
زەمەخشەرى كەششاف تەفسىرىدە ئايەتتىكى بۇرھان «برھان» كەلىمىسىنىڭ نېمە مەنىگە كەلگەنلىكىنى ئىزاھلىغاندىن كېيىن سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇرىدۇ:
«… ئايەتتە ئۆتكەن بۇرھان مۇنۇ شەكىللەردىمۇ ئىزاھلانغان:
يۇسۇف ئەلەيھىسسالام ‹ئايالغا يېقىنلاشما!› دېگەن بىر ئاۋازنى ئىشىتتى، پەرۋا قىلمىدى. ئىككىنچى قېتىم ئىشتتى، قۇلاق سالمىدى. ئۈچىنچى قېتىم ئىشىتتى يۈز ئۆرۈدى. لېكىن يەئقۇب ئەلەيھىسسالام بارماقلىرىنى چىشلىگەن ھالدا كۆرۈنگەنگە قەدەر ھېچبىر نەرسىدىن تەسىرلەنمىدى…»
كەششاف تەپسىرىدە بۇ كۆزقاراشنىڭ ئىگىلىرى ئۈچۈن مۇنۇ ئىپادىلەر ئەينەن زىكىر قىلىنىدۇ:
«بۇ ۋە بۇنىڭغا ئوخشىغان نەرسىلەر خۇراپاتچى زوراۋانلار ئېسىلىۋالغان نەرسىلەردۇر. ئاللاھ تەئالاغا ۋە ئاللاھ تەئالانىڭ پەيغەمبەرلىرىگە تۆھمەت قىلىش بۇلارنىڭ دىنى بولغان…»[6].
ئازراق پىكىر يۈرگۈزۈلىدىغان بولسا بۇنىڭ يۇسۇف سۈرىسىدىكى باشقا ئايەتلەرگىمۇ زىت ئىكەنلىكى كۆرۈلىدۇ. بىر ئايەتتە مۇنداق دېيىلىدۇ:
«وَتَوَلَّى عَنْهُمْ وَقَالَ يَا أَسَفَى عَلَى يُوسُفَ وَابْيَضَّتْ عَيْنَاهُ مِنَ الْحُزْنِ فَهُوَ كَظِيمٌ (84)» سورة يوسف
«يەئقۇب ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈدى. ‹ئاھ يۈسۈفۇم ئاھ!› دېدى. قايغۇدىن ئىككى كۆزى ئاقىرىپ كەتتى، ئۇ ئىچ پۇشقىنى ئىچىگە يۇتقان ئىدى»- يۇسۇف 12/84.
بۇ ۋەقە يۇسۇف ئەلەيھىسسالامنىڭ مىسىرغا كەلگەن قېرىنداشلىرىدىن بۇنيامىننى ئوغرىلىق باھانىسى بىلەن ئېلىپ قالغىنىدىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن. ئەگەر يەئقۇب ئەلەيھىسسالام بۇنيامىننى يۇسۇفنىڭ ئېلىپ قالغانلىقىنى بىلسە ئىدى، ئۇنچىۋالا غەمكىن بولارمىدى؟
سىلەر بۇنى رابىتەنىڭ دەلىلى ھېساپلاپ ئۆزۈڭلارنى تېخىمۇ يامان ئەھۋالغا چۈشۈرمەڭلار.
ئىشان: ئۇبەيدۇللاھ ئەلئەھرار ئەسسەمەرقەندىي ھەزرەتلىرى «سادىقلار بىلەن بىللە بولۇڭلار» (تەۋبە 9/119) دېگەن ئايەتنىڭ تەپسىرىدە مۇنداق دېگەن: «شۈبھىسىزكى، سادىقلار بىلەن بىللە بولماق كۆرۈنۈشتە ۋە مەنادا ئۇلار بىلەن بىللە بولماقتۇر»، ئاندىن مەنىۋى بىللە بولۇشنى رابىتە ۋە ھۇزۇر دەپ تەپسىر قىلغانكى، بۇ ئەھلى تەرىپىدىن بىلىنگەن يوللۇق بىر ئىشتۇر[7].
بايىندىر: كۆرۈنۈشتە ۋە مەنادا سادىقلار بىلەن يەنى دۇرۇس كىشىلەر بىلەن بىللە بولۇشنى قانداق چۈشىنىسىز؟ بىر كىشى بىلەن كۆرۈنۈشتە ۋە مەنادا بىللە بولۇش دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى،  ھەم ئۇنىڭ يېنىدا تۇرۇش ھەم ئۇنىڭ بىلەن ئوخشاش ھېس- تۇيغۇ ۋە پىكىردە بولۇش دېگەن بولىدۇ. سىز يېنىدا تۇرىۋاتقان كىشى بىلەن ئوخشاش پىكىردە بولمىسىڭىز، بۇ تولۇق بىر بىللە بولۇش ھېسابلانمىغاندەك، سىز ئوخشاش ھېس – تۇيغۇ ۋە چۈشەنچىدە بولغان كىشىنىڭ يېنىدا تۇرمىسىڭىز يەنە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان بولمايسىز. بۇ يەردە چۈشەندۈرۈلگىنى مانا بۇدۇر. بۇنىڭ رابىتە بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى بار؟
بەزى ئىشانلار مۇرىدلىرىغا رەسىملىرىنى تارقىتىدۇ ۋە رابىتە قىلغاندا ئۇنىڭغا قاراشلىرىنى ئېيتىدۇ. سىلەرمۇ شۇنداق قىلامسىلەر؟
مۇرىد: بىزدە ئۇنداق ئىش يوق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رەسىمنى چەكلىگەن.
بايىندىر: ئەگەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام چەكلىمىگەن بولسا شۇنداق قىلامتىڭلار؟
مۇرىد: بەلكى قىلار ئىدۇق. چۈنكى رەسىمگە قاراش ئىشاننى قەلب كۆزىنىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈپ خىيال قىلىشتىن ئاساندۇر. ئۇنداق بولغاندا ئىشاننىڭ سۈرىتى باش كۆزى بىلەن كۆرۈلگەن بولىدۇ.
بايىندىر: خوش، دىنىمىز ھەيكەلنى چەكلىمىگەن بولسا، ئۇ تەقدىردە ئىشانىڭلارنىڭ ھەيكىلىنى ياسامتىڭلار؟
مۇرىد: لېكىن ھەيكەل چەكلەنگەن.
بايىندىر: چەكلەنمىگەنلىكىنى پەرەز قىلىڭ.
مۇرىد: بەلكى ئۇمۇ ياسىلاتتى. ھەر مۇرىدنىڭ ئۆيىدە ئىشاننىڭ بىر ھەيكىلى تېپىلىشى مۇمكىن ئىدى.
بايىندىر: ئۇنداقتا مۇرىد ئىشانىنىڭ ھەيكىلى ئالدىدا ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭغا رابىتە قىلاتتى ۋە ئۇنىڭ روھانىيىتىدىن ياردەم تىلىگەن بولاتتى. ئۇنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى پەس كۆرۈپ، ئىنتايىن كەمتەرلىك بىلەن ئۇنىڭغا يالۋۇراتتى. بۇتقا چوقۇنغۇچىلارنىڭ قىلغىنىمۇ ئەمەلىيەتتە بۇنىڭدىن باشقىسى ئەمەس ئىدى. ئوتتۇرىدىن ھەيكەلنى يوق قىلىۋېتىپ، ئورنىغا ئىشاننىڭ خىيالىنى قويۇش نېمىنى ئۆزگەرتىدۇ؟ دەرۋەقە بۇتقا چۇقۇنىدىغانلارمۇ تاشتىن ياكى ياغاچتىن بىر نەرسە كۈتمەيتتى. ئەكسىچە ئۇ ۋەكىللىك قىلغان زاتنىڭ روھانىيىتىدىن ياردەم كۈتەتتى.
سىلەر تەرىپ قىلغان رابىتە مۇنۇ ئايەتنىڭ دائىرىسىگە كىرىدۇ:
{أَلَا لِلَّهِ الدِّينُ الْخَالِصُ وَالَّذِينَ اتَّخَذُوا مِن دُونِهِ أَوْلِيَاء مَا نَعْبُدُهُمْ إِلَّا لِيُقَرِّبُونَا إِلَى اللَّهِ زُلْفَى إِنَّ اللَّهَ يَحْكُمُ بَيْنَهُمْ فِي مَا هُمْ فِيهِ يَخْتَلِفُونَ إِنَّ اللَّهَ لَا يَهْدِي مَنْ هُوَ كَاذِبٌ كَفَّارٌ} الزمر 3
«بىلگىنكى، خالىس دىن ئاللاھنىڭ دىنىدۇر. ئاللاھدىن غەيرىينى ئۆزلىرىگە ھامىي قىلىۋالغانلار: ‹بىز ئۇلارغا بىزنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرسۇن، دەپ ئىبادەت قىلىمىز› دەيدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسە ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىدۇ. ئاللاھ يالغانچىنى ۋە تۇزكورنى ھىدايەت قىلمايدۇ»- زۇمەر 39/3.
بۇ ئايەت قۇرئاندا شېرىكنىڭ نېمىلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغان ئايەتتۇر.
26- ئىبادەت
ئىشان: بىز ئىنسانلارغا بىزگە ئىبادەت قىلىڭلار، دېمەيمىز ئەمەسمۇ.
بايىندىر: قارىغاندا سىز ئىبادەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىكەنسىز. قېنى ئېيتىپ بېقىڭچۇ، مۇرىد ئىشانىنىڭ يېنىدا قانداق بولۇشى لازىم؟
ئىشان: قۇلاق سال، ھازىر ساڭا مۇرىدنىڭ ئەدەپلىرىنى ئېيتىپ بىرەي، ئىچىڭدە نېمە بولسا ئوتتۇرىغا تۆك.
مۇرىدنىڭ ئېتىقادى مۇنداق بولۇشى كېرەك: مەن پەقەتلا قول بەرگەن ئىشانىم ئارقىلىق غايەمگە يېتىمەن[8].
ھەقلىق بولسىمۇ مۇرىدنىڭ ئۇستازىغا ئېتىراز بىلدۈرۈشى ھارامدۇر[9].
مۇسا بىلەن خىزىر قىسسىسىدىكىدەك ئىشانغا ئېتىراز بىلدۈرۈش ناھايىتى ياماندۇر. ئېتىراز بىلدۈرگۈچىنىڭ ئۆزرىسىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. ئېتىرازى تۈپەيلى ئوتتۇرىغا چىققان ئايرىلىشنىڭ دورىسى يوقتۇر. بۇ ئېتىرازنىڭ زىيىنى مۇرىدنىڭ ئۈستىگە ئاقىدىغان فەيىزنىڭ توختاپ قېلىشىدۇر[10].
مۇرىدنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلىرىدىن يەنە بىرى ئىشان بۇيرىغان ئىشلارنى تەئۋىل قىلماستىن (ئوڭ-سولغا بۇرىماستىن) ۋە كېچىكتۈرمەستىن قىلىشتۇر. چۈنكى تەئۋىل قىلىش بىلەن كېچىكتۈرۈش چوڭ بىر ئۈزۈلۈپ قېلىشقا سەۋەپتۇر[11].
ئەدەپلەردىن يەنە بىرى ئۇنىڭ ئىشانى ياقتۇرمايدىغان نەرسىلەردىن يىراقلىشىشى، ئىشانىنىڭ گۈزەل ئەخلاقىغا ۋە مۇلايىملىقىنى سۇيىئىستېمال قىلىپ، ئۇ ياخشى كۆرمەيدىغان ئىشلارنى قىلماسلىقىدۇر[12].
ئىشان مۇرىدقا بىر نەرسە تەلقىن قىلغاندا، داۋاملىق ئۇنىڭ بىلەن مەشغۇل بولۇشى ۋە دىلىغا ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ھېچ نەرسە كەلتۈرمەسلىكى لازىم[13].
سادىق مۇرىتنىڭ سەرمايىسى سۆيگۈ ۋە باغلىنىشتۇر. كاجلىق ھاسىسىنى ۋە مۇخالىپلىق سەۋداسىنى تاشلاپ، ئىشاننىڭ بۇيرۇقى ئاستىدا ئارام ئېلىشتۇر. تەرىقەتكە سۆيگۈسى ۋە ئىشانىغا باغلىنىشى كۈچەيگەن مۇرىد تەرىقەتتىن چىقىرىۋېتىلىشتىن قورقمايدۇ[14].
بايىندىر: يەنى قىسقىسى، مۇرىد ئىشانىنىڭ قۇلى بولىدۇ، ھەتتا قۇلدىنمۇ بەكرەك بىر باغلىنىشى بولىدۇ. چۈنكى قۇل خوجايىنىغا بەزى – بەزىدە قارشى چىقىدۇ، قارشى چىقالمىغان تەقدىردىمۇ نارازى بولۇپ غودۇڭشىيالايدۇ. لېكىن مۇرىد ھەم ئىچى بىلەن، ھەم تېشى بىلەن ئىشاننىڭ تولۇق قۇلى بولىدۇ. ئىشاننىڭ ئەمرى ئاستىدا ئۈن- تۈنسىز تۇرسا، تەرىقەتتىن چىقىرىۋېتىلىش قورقۇنچىسى بولمايدۇ.
ئىشان: مۇرىد ئىشانىنىڭ تەربىيىسىدە، غەسسالنىڭ قولىدىكى مېيىت كەبى بولۇشى لازىم. شۇنداق بولغاندا ئىشان ئۇنىڭغا خالىغىنى بويىچە ھەرىكەت قىلالايدۇ.[15] مۇرىد تولۇق باغلىق بولمىسا ئىشان ئۇنى قانداق يېتىشتۈرەلەيدۇ؟
بايىندىر: باغلىق بولۇشنىڭمۇ بىر چەك – چېگرىسى بولىدۇ. بۇ يەردە پۈتۈن چەك- چېگرىلاردىن ئۆتۈپ كېتىلىدۇ. ئىنسانلارنى ئۆزىگە قۇل قىلغان بىرمۇ پەيغەمبەر يوقتۇر. بۇنداق بىر ئىش قۇرئانغا تۈپتىن زىتتۇر. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
{مَا كَانَ لِبَشَرٍ أَن يُؤْتِيَهُ اللّهُ الْكِتَابَ وَالْحُكْمَ وَالنُّبُوَّةَ ثُمَّ يَقُولَ لِلنَّاسِ كُونُواْ عِبَاداً لِّي مِن دُونِ اللّهِ وَلَـكِن كُونُواْ رَبَّانِيِّينَ بِمَا كُنتُمْ تُعَلِّمُونَ الْكِتَابَ وَبِمَا كُنتُمْ تَدْرُسُونَ} آل عمران 79
«ئاللاھ كىتابنى، ھۆكۈمنى ۋە پەيغەمبەرلىكنى بەرگەن بىر كىشىنىڭ ئىنسانلارغا: ‹ئاللاھنى قويۇپ ماڭا بەندە بولۇڭلار› دېيىشى مۇمكىن ئەمەس. لېكىن ئۇ: ‹كىتابنى ئۆگىتىش ۋە ئۆگىنىش ئارقىلىق رەببىڭلارغا بەندە بولۇڭلار› دەيدۇ»- ئال ئىمران 3/79.
سىز: «ئەگەر مۇرىدنىڭ ئىشانىغا بىرەر ئېتىرازى بولسا بۇنىڭ دورىسى يوق» دەۋاتىسىز. شۇڭا بۇنى ئىپادىلەش ئۈچۈن قۇللۇق كەلىمىسى يېتەرسىز بولۇپ قالىدۇ. شۇنداق ئىكەن، بۇ ئىشانغا ئىبادەت قىلىش بولماي نېمە؟
مۇرىد: بۇنىڭ نېمىسى ئىبادەت، ئېتىپ بېقىڭچۇ!
بايىندىر: شۇنداق، بۇ يەردە ئىبادەت قىلىشلا ئەمەس، ئىستىئانە (ياردەم تىلەش) مۇ بار. سىلەر ھەر كۈنى 40 قېتىم فاتىھە سۈرىسىنى ئۇقۇپ،
{إِيَّاكَ نَعْبُدُ وإِيَّاكَ نَسْتَعِينُ} الفاتحة 5
 «ئى ئاللاھ! بىز ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز ۋە سەندىنلا ياردەم تىلەيمىز» دېسەڭلارمۇ ئېيتقانلىرىڭلاردا ھەم ئاللاھدىن باشقىسىغا ئىبادەت قىلىش بار، ھەمدە ئاللاھدىن باشقىسىدىن ياردەم تىلەش بار.
مۇرىد: بەك ئېغىر تۆھمەت قىلدىڭىز. سىز بەش ۋاخ نامىزىنى ئوقۇغان، كېچىسى تەھەججۇد نامىزىغا تۇرغان، بۇنچە زىكىرلەرنى ئېيتقان، ئىسلامغا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن مۇئەسسەسەلەر قۇرغان بۇ ئىنسانلارغا ئۇنداق تۆھمەت قىلالمايسىز!
بايىندىر: سىلەرنى ئاللاھنىڭ روشەن ئايەتلىرىگە چاقىرىۋاتىمەن. مېنى ئەيىبلەشنىڭ ئورنىغا ئۆزۈڭلارنى تۈزىتىشكە تىرىشساڭلار تېخىمۇ ياخشى بولماسمۇ؟ ئازراق ئويلانساڭلارلا مېنىڭ سىلەرنىڭ ئەڭ يېقىن دوستۇڭلار بولغانلىقىمنى ئوڭايلا چۈشىنىپ يېتەلەيتتىڭلار. ماڭا قارشى تۇرىدىغانلىقىڭلارنى ۋە قاتتىق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىڭلارنى بىلسەممۇ سىلەر چۈشۈپ قالغان بۇ يامان ئەھۋالنى سىلەرگە كۆرسىتىش ئۈچۈن قولۇمدىن كەلگەننى قىلىشقا تىرىشىۋاتىمەن.
مۇرىد: شۇنچە كاپىرلار بار. سەن نېمىشقا ئۇلارغا قارشى كۈرەش قىلماي، مۇسۇلمانلار بىرلىك ۋە باراۋەرلىك ئىچىدە بولۇش مەجبۇرىيىتىدە بولغان بۇ كۈنلەردە بىزگە ھۇجۇم قىلىسەن؟ شۇنچىۋالا ياخشى ئىشلارنى قىلغان ئىنسانلارنى يوقىتىش بىلەن نېمىگە ئېرىشىسەن؟
بايىندىر: يەر يۈزىدە ياخشى ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقان ئىنسانلار كۆپ. ياپونىيەلىكلەر، ئامېرىكىلىقلار ۋە ياۋرۇپالىقلارنىڭ ئىچىدە ئىنسانىيەتنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ ئىشلەۋاتقانلارنىڭ سانى ئاز ئەمەس. خرىستىئان راھىبلىرى مالدىن، ئۆيلۈك- ئوچاقلىق بولۇشتىن ۋە دۇنيا مەنپەئەتلىرىدىن يىراق تۇرۇپ، ئۆمۈرلىرىنى ئىبادەت بىلەنلا ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن تاغلارنىڭ چوققىلىرىدا ياسالغان چېركاۋلاردىن تاشقىرىغا چىقمايدۇ، لېكىن ئۇلار ئىيسانى ئاللاھنىڭ ئوغلى ھېسابلاپ ۋە ئۇنى ئاللاھ بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئارىسىدا ۋەسىلە (ۋاسىتە) قىلىپلا تۇرىدىكەن ھەق يولدا بولالمايدۇ.
ئەقىدە بەك مۇھىمدۇر. ئىنساننىڭ ساۋاپ نامىغا بىر نەرسىسى بولمىسىمۇ، شېرىكتىن يىراق بىر ئەقىدىسى بولسا ۋە تەۋبە قىلماستىن ئۆلۈپ كەتسە ئاللاھ بۇ كىشىنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىشى مۇمكىن. چۈنكى ئۇ مۇنداق دەيدۇ:
{إِنَّ اللّهَ لاَ يَغْفِرُ أَن يُشْرَكَ بِهِ وَيَغْفِرُ مَا دُونَ ذَلِكَ لِمَن يَشَاءُ} النساء 48
«ئاللاھ ئۆزىگە شېرىك كەلتۈرۈلۈشنى ھەرگىز مەغپىرەت قىلمايدۇ، بۇنىڭ ئاستىدىكى گۇناھنى خالىغان كىشىگە مەغپىرەت قىلىدۇ»- نىسا 34/48.
باشقىلارغا قۇل بولۇشىمىزنى قوبۇل قىلمىغان ئاللاھ پەيغەمبىرىمىزگە مۇنداق دەپ ئەمىر قىلغان:
«قُلْ أَفَغَيْرَ اللَّهِ تَأْمُرُونِّي أَعْبُدُ أَيُّهَا الْجَاهِلُونَ (64) وَلَقَدْ أُوحِيَ إِلَيْكَ وَإِلَى الَّذِينَ مِنْ قَبْلِكَ لَئِنْ أَشْرَكْتَ لَيَحْبَطَنَّ عَمَلُكَ وَلَتَكُونَنَّ مِنَ الْخَاسِرِينَ (65) بَلِ اللَّهَ فَاعْبُدْ وَكُنْ مِنَ الشَّاكِرِينَ (66) وَمَا قَدَرُوا اللَّهَ حَقَّ قَدْرِهِ وَالْأَرْضُ جَمِيعًا قَبْضَتُهُ يَوْمَ الْقِيَامَةِ وَالسَّماوَاتُ مَطْوِيَّاتٌ بِيَمِينِهِ سُبْحَانَهُ وَتَعَالَى عَمَّا يُشْرِكُونَ (67)» سورة الزمر
«ئى مۇھەممەد! ئېيتقىكى: ‹ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق مېنى ئاللاھدىن غەيرىيگە ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇمسىلەر؟ ئى جاھىللار!›.
ئى مۇھەممەد! ساڭا ۋە سەندىن ئىلگىرىكىلەرگە: ‹ئەگەر شېرىك كەلتۈرسەڭ، ئەمىلىڭ بىكار بولۇپ كېتىدۇ ۋە زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ كېتىسەن›، دەپ ۋەھىي قىلىندى.
شۇڭا ئاللاھقىلا ئىبادەت قىل ۋە شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بول.
ئۇلار ئاللاھنى ئۆز لايىقىدا قەدىرلىمىدى. ھالبۇكى، پۈتۈن زېمىن قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ چاڭگىلىدىدۇر، ئاسمانلار ئۇنىڭ ئوڭ قولىدا تۈرۈلگۈچىدۇر. ئۇ مۇشرىكلار شېرىك قىلغان نەرسىلەردىن پاك ۋە ئۈستۈندۇر»- زۇمەر 39/64 – 67.
مۇرىد: قولىمىزدىكى قۇرئان تەرجىمىلىرىدە بەندىلىك كەلىمىسى ئىشلىتىلگەن، لېكىن سەن ئۇنىڭ ئورنىغا «قۇللۇق» كەلىمىسى ئىشلىتىۋاتىسەن. بۇ قىلغىنىڭ توغرىمۇ؟
بايىندىر– تۈركچىدە «بەندە» بىلەن «قۇل» ئوخشاش مەنانى ئىپادىلەيدۇ.
يۇنۇس ئەمرە
تاپدۇقنىڭ[16] دەرگاھىدا بەندە بولدۇق ئىشىكى ئالدىدا،
يۇنۇس مىسكىن خام ئىدۇق، پىشتۇق ئەلھەمدۇ لىللاھ.
دېگەن چېغىدا «قۇل بولدۇق ئىشىكىنىڭ ئالدىدا» دېگەن بولىدۇ.
بەندە ۋە قۇلنىڭ ئەرەبچىسى ئەبد (عبد) كەلىمىسىدۇر. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاممۇ ئاللاھنىڭ ئەبدى (بەندىسى) دۇر. كەلىمەئى شاھادەتتە:
«أَشْهَدُ أَنَّ مُحَمَّدًا عَبْدُهُ وَرَسُولُهُ»
«شاھىتلىق قىلىمەنكى مۇھەممەد ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسىدۇر» دەيمىز.
ئاللاھقىلا قۇل بولۇپ باشقىسىغا قۇل بولماسلىق، ئەركىنلىكنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىگە يەتمەك دېمەكتۇر.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن مۇناسىۋەتلىك مۇنۇ ئايەت ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈش لازىم:
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«وَإِنْ كَادُوا لَيَفْتِنُونَكَ عَنِ الَّذِي أَوْحَيْنَا إِلَيْكَ لِتَفْتَرِيَ عَلَيْنَا غَيْرَهُ وَإِذًا لَاتَّخَذُوكَ خَلِيلًا (73) وَلَوْلَا أَنْ ثَبَّتْنَاكَ لَقَدْ كِدْتَ تَرْكَنُ إِلَيْهِمْ شَيْئًا قَلِيلًا (74) إِذًا لَأَذَقْنَاكَ ضِعْفَ الْحَيَاةِ وَضِعْفَ الْمَمَاتِ ثُمَّ لَا تَجِدُ لَكَ عَلَيْنَا نَصِيرًا (75)» سورة الإسراء
«ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلار، قۇرئاندىن غەيرىينى ئويدۇرۇپ بىزگە چاپلىشىڭ ئۈچۈن سېنى قۇرئاندىن ئايرىۋېتىشقا تاس قالدى. ئۇلار ئۇ تەقدىردىلا سېنى دوست تۇتاتتى.
ئەگەر بىز سېنى ئىرادىلىك ۋە چىداملىق قىلمىغان بولساق، ئۇلارغا ئازراق مايىل بولۇپ كەتكىلى تۇرغان ئىدىڭ.
ئۇلارغا ئاز بولسىمۇ مايىل بولغان بولساڭ، بىز سېنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە قاتمۇقات ئازابلايتتۇق. ئۇ چاغدا بىزگە قارشى ئۆزۈڭگە ياردەمچى تاپالمايتتىڭ»- ئىسرا 17/73 – 75.
پەيغەمبەرنىڭمۇ خەتەرگە يولۇقىدىغاندەك تۇرغانلىقىغا قارىغاندا، بىزلەرنىڭ بەك دىققەت قىلىشىمىز كېرەك بولماسمۇ؟
مۇرىد: شۇنداق، بۇلارنى چۈشەندۇق. ئەمدى سەن يۇقىرىدىكى ئېغىر دەۋالىرىڭنى ئىسپاتلاپ باقە قېنى!
بايىندىر: ئاللاھ تەئالانىڭ بارلىق پەيغەمبەرلەرگە سۆزلىگەن شۇ سۆزىگە قايتا قارايلى:
«لَئِنْ أَشْرَكْتَ لَيَحْبَطَنَّ عَمَلُكَ وَلَتَكُونَنَّ مِنَ الْخَاسِرِينَ»
«ئەگەر شېرىك كەلتۈرسەڭ، ئەمىلىڭ بىكار بولۇپ كېتىدۇ ۋە زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ كېتىسەن»- زۇمەر 39/65.
ئا- شېرىك
شېرىك، ئاللاھقا ئائىت بەزى خۇسۇسىيەتلەرنى بەزى نەرسە ۋە كىشىلەردىمۇ بار دەپ قاراپ، ئۇلارنى بۇ خۇسۇسىيەتلەردە ئاللاھقا ئورتاق ھېسابلاشتۇر. بۇنىڭغا ئىشەنگەن كىشى ئۇلارنى ئاللاھقا يېقىن دەپ بىلىدۇ ۋە ئاللاھ بىلەن بىرلىكتە ئۇلارغىمۇ قۇل بولىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئاللاھقا بۇلارنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن يېقىنلاشقىلى بولىدىغانلىقىغا ۋە تىلەكلىرىنى ئۇلارنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئاللاھقا يەتكۈزەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. ئۇ كىشى ئاللاھنى پادىشاھ، بۇلارنى بولسا ئۇنىڭ يېقىنلىرى دەپ بىلىدۇ.
مۇرىد: بىزنىڭ قىلغىنىمىزنىڭ نېمىسى شېرىك؟ سەن باشقا گەپنى قويۇپ ئۇنى سۆزلە!
بايىندىر: قۇلاق سېلىڭلار، «ئىبادەت» لۇغەتتە تائەت مەنىسىدە كېلىدۇ. تائەت بويۇن ئەگمەك دېمەكتۇر، كۆپىنچە «بۇيرۇققا بويسۇنماق» مەنىسىدە ئىشلىتىلىدۇ[17]. تۈركچىدە بۇ ئىتائەت قىلىش دېيىلىدۇ. 
ئەبد (عبد) بەندە، يەنى قۇل دېگەن بولىدۇ .
ئىنسانلار كۈچلىرى يەتكەنلەرنى قۇل قىلىشقا، كۈچلىرى يەتمىگەنلەرگە قول بولۇشقا مايىلدۇر. پادىشاھلار خەلقنى ئۆزىنىڭ قۇللىرىغا ئوخشاش كۆرمەكچى بولۇپ، ئۇلارنى شەرتسىز بويۇن ئەگدۈرۈشكە تىرىشقان. قۇرئاندا بۇنىڭ مىساللىرى بار:
فىرئەۋن خەلقنى يىغىپ مۇنداق دېگەن ئىدى:
«أَنَا رَبُّكُمُ الْأَعْلَى»
«ئەڭ بۈيۈك رەببىڭلار مەندۇرمەن»- نازىئات 79/24.
رەب خوجايىن ۋە ئىگە دېگەن بولىدۇ. ئەرەپلەر قۇلنىڭ خۇجايىنلىرىنى رەب دەيدۇ[18]. بىز خوجايىن دەيمىز. ئاللاھدىن باشقىسىغا قۇل بولۇشنى رەت قىلغانلار، ئاللاھدىن باشقىسىنىڭ ئۆزىنىڭ رەببى ۋە خوجايىنى بولۇشىنىمۇ قوبۇل قىلمايدۇ. دىققەت قىلىدىغان بولسىڭىز خوجايىنىم «غوجام» ئىپادىسى تەرىقەتلەردە كۆپ ئىشلىتىلىدۇ.
پادىشاھلار سىياسىي ۋە ئەسكىرىي كۈچلىرىنى، بايلار پۇللىرىنى، بەزىلىرى دىننى ئىشلىتىپ ئىنسانلارنى ئۆزلىرىگە قۇل قىلىدۇ. دىننى ئىشلەتكەنلەر بۇلارنىڭ ئەڭ يامىنىدۇر. چۈنكى ئىنسانلار بۇلارغا قۇلچىلىق قىلىشنى ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىشنىڭ بىر پارچىسى ھېسابلايدۇ.
سىلەر ئاللاھ بىلەن بىرلىكتە ئىشانىڭلارغىمۇ قۇل بولىسىلەر. رابىتە قىلىش ئەسناسىدا ئىشانىڭلارنىڭ روھانىيىتى ئالدىدا بويۇن ئېگىسىلەر. ھالبۇكى، فاتىھە سۈرىسىدە «پەقەت ساڭىلا قۇل بولىمىز» دەپ ئاللاھقا ۋەدە بېرىسىلەر.
مۇرىد: ئۆزىگە قۇلچىلىق قىلىنىشىنى تەلەپ قىلغان ئىشان بارمۇ؟
بايىندىر: قارىغاندا بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى ئىزاھاتلار يېتەرلىك بولمىغاندەك قىلىدۇ. ئىشانغا تولۇق باغلانماق، ئۇنىڭغا رابىتە قىلماق، قەلب بىلەن ئۇنىڭدىن ياردەم تىلىمەك ۋە ئۇنىڭغا قەتئىي ئېتىراز بىلدۈرمەسلىك لازىملىقىنى ئېيتقان ئىدىڭلار. ھەتتا مۇرىد ئىشانىنىڭ ئالدىدا غەسسال (مېيىت يۇغۇچى) نىڭ ئالدىدىكى مېيىت كەبى بولۇشى لازىم، دېگەن ئىدىڭلار. بۇ قۇللۇقنىڭ ئاخىرقى باسقۇچى ئەمەسمۇ؟ بۇنىڭدىنمۇ ئېغىر قۇللۇقنىڭ بارلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىنمۇ؟ ئاللاھنىڭ تەلەپ قىلغىنى، ئىنساننىڭ پەقەت ئۆزىگىلا قۇل بولۇشى ۋە بۇ رەۋىشتە ئەركىنلىكنىڭ ئەڭ ئۈستۈن پەللىسىگە يېتىشىدۇر. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
{يَا أَيُّهَا النَّاسُ اعْبُدُواْ رَبَّكُمُ الَّذِي خَلَقَكُمْ وَالَّذِينَ مِن قَبْلِكُمْ لَعَلَّكُمْ تَتَّقُونَ} البقرة 21
«ئى ئىنسانلار! سىلەرنى ۋە سىلەردىن بۇرۇنقىلارنى ياراتقان رەببىڭلارغا ئىبادەت قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار ساقلىنالايسىلەر»- بەقەرە 2/21.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاممۇ ئاللاھنىڭ قۇلىدۇر. كەلىمەئى شاھادەت ئېيتقان ۋاقتىمىزدىمۇ:
«أَشْهَدُ أَنَّ مُحَمَّدًا عَبْدُهُ وَرَسُولُهُ»
«شاھىتلىق قىلىمەنكى، مۇھەممەد ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسىدۇر» دەيمىز. ئۇنىڭغا بۇنىڭدىن باشقا بىر ماقام بېرىش خرىستىئانلارغا ئوخشىغانلىق بولىدۇ. ئۇلار ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ ئوغلى دېگەن، ئۇنى ئاللاھنىڭ ئورۇنباسارى دەپ قارىغان، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشقا ۋە ئۇنىڭدىن ياردەم تىلەشكە باشلىغان. گوياكى ئاللاھ  دەم ئېلىشقا چىقىپ (نەئۇزۇ بىللاھ)، ئوغلى ئۇنىڭ ئورنىغا ئولتۇرغۇزۇلغاندەك (نەئۇزۇ بىللاھ).
شۇڭا ئىبادەت قىلغان بولۇش ئۈچۈن بۇتقا سەجدە قىلغاندەك ئىشانغا سەجدە قىلىش كېرەك ئەمەس.
ب – ئىستىئانە (ياردەم تىلەش)
مۇرىد: بىزدە ئىستىئانىمۇ بار ئىدى. بۇنىڭغا نېمە دەيسەن؟
بايىندىر: ئەمدى ئىستىئانىگە كېلەيلى: ئىستىئانە، ياردەم تىلىمەك دېمەكتۇر. فاتىھە سۈرىسىنى ھەر ئوقۇغىنىمىزدا:
«وَإِيَّاكَ نَسْتَعِينُ»
 «بىز پەقەت سەندىنلا ياردەم تىلەيمىز)» دەيمىز. بۇ مەسىلە بۇرۇنمۇ چۈشەندۈرۈلگەن ئىدى. بۇ يەردە ئىشان ھەزرەتلىرىنىڭ بىر سۆزىنى تەكرارلاش جايىدا بولىدۇ. ئۇ مۇنداق دېگەن ئىدى:
«سىز نېمە دېسىڭىز دەۋېرىڭ، بىز ئاللاھ بىلەن بەندىلەر ئارىسىدا ئەۋلىيالارنىڭ ۋە ئۇلۇغ مەشايىخ ھەرزرەتلىرىنىڭ روھلىرىنىڭ ۋاسىتە بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. ئۇلارنىڭ روھانىيىتىدىن ياردەم ۋە مەدەت تىلەيمىز، ئىستىئانەدە بولىمىز».
ئەۋلىيانىڭ روھىدىن ئىستىئانەدە (ياردەم تىلەشتە) بولغانلىقىڭلارغا قارىغاندا سىلەرنىڭ:
«وَإِيَّاكَ نَسْتَعِينُ»
 «ئى ئاللاھ! بىز پەقەت سەندىنلا ياردەم تىلەيمىز» دېيىشكە ھەققىڭلار قالامدۇ؟
بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە رابىتە قىلىپ ئىشاننىڭ روھى بىلەن بىللە ئۇنىڭ سۈرىتىنى قەلب كۆزۈڭلارنىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈپ خىيال قىلىشىڭلار ۋە قەلبىڭلار بىلەن ئۇنىڭدىن ياردەم تەلەپ قىلىشىڭلار بارغۇ، ئەنە شۇ ئىشلارنى قىلغان چېغىڭلاردا سىلەرنىڭ تەۋھىد بىلەن مۇناسىۋىتىڭلار ئۈزۈلىدۇ. چۈنكى بۇ ئىشانغا ئىبادەت قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام: «دۇئا ئىبادەتنىڭ يىلىكىدۇر»[19] دېمىگەنمۇ؟
ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «دۇئا ئىبادەتنىڭ ئۆزىدۇر»[20].
بۇتقا چۇقۇنىدىغانلارمۇ ئىبادەتنى بۇتنىڭ رازىلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە دۇئالارنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى كاپالەت ئاستىغا ئېلىش ئۈچۈن قىلاتتى.
نۇرغۇن ئايەتتە مۇشرىكلارنىڭ ئاللاھدىن باشقىسىغا دۇئا قىلغانلىقلىرى بايان قىلىنىدۇ[21]. ئاللاھ تەئالا پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بەرگەن بىر ئەمرىدە مۇنداق دەيدۇ:
{قُلْ إِنَّمَا أَدْعُو رَبِّي وَلَا أُشْرِكُ بِهِ أَحَداً} الجن 20
«ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: مەن پەقەت رەببىگىلا دۇئا قىلىمەن، ئۇنىڭغا ھېچكىمنى شېرىك قىلمايمەن»- جىن 72/20.
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «دۇئايىڭلار ئىمانىڭلاردۇر»[22].
ئىنسانلار تارىختىن بېرى ئەڭ كۆپ دۇئا ۋە ئىبادەت مەسىلىسىدە خاتالاشقانلىقى ئۈچۈن، پۈتۈن پەيغەمبەرلەرنىڭ دەۋىتىنىڭ ئاساسىي قىسمىنى بۇ ئىككى مەسىلە تەشكىل قىلغان.
ناماز، روزا، ھەج، زاكات، ھالال ۋە ھاراملار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ناھايىتى ئاز ئايەت بار. لېكىن ئاللاھدىن باشقىسىغا ئىبادەت قىلىشنى، قىيىنچىلىققا يولۇققاندا باشقىلاردىن مەنىۋى ياردەم كۈتۈشنى شېرىك ھېساپلاپ، چەكلەيدىغان كۆپ ساندا ئايەت بار. قۇرئاننىڭ ھەر بېتىدە دېگۈدەك بۇ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر بار. ئاللاھ تەئالا بىر ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ:
{أَمَّن يُجِيبُ الْمُضْطَرَّ إِذَا دَعَاهُ وَيَكْشِفُ السُّوءَ وَيَجْعَلُكُمْ خُلَفَاء الْأَرْضِ أَإِلَهٌ مَّعَ اللَّهِ قَلِيلاً مَّا تَذَكَّرُونَ} النمل 62
«بېشىغا ئېغىرچىلىق كەلگەن كىشى دۇئا قىلسا دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىرچىلىقنى كىم كۆتۈرۈۋېتىدۇ؟ سىلەرنى كىم زېمىننىڭ ئورۇنباسارلىرى قىلىدۇ؟ ئاللاھ بىلەن بىرلىكتە باشقا بىر ئىلاھ بارمۇ؟ بەكمۇ ئاز ئويلىنىسىلەر!»- نەمل 27/62.
 
داۋامى بار…….


[1]– روھۇلفۇرقان، 2- توم، 64- بەت.

[2]روھۇلفۇرقان، 2- توم، 79- بەت.

[3]روھۇلفۇرقان، 2- توم، 76- بەت.  

[4]مۇئتەزىلە، بىر كەلام مەزھىپىدۇر. بۇ مەزھەپنى ۋاسىل ئىبنى ئاتا ۋە ئۇنىڭ تەرەپدارلىرى قۇرغان. ئۇلار ئىنساننىڭ ئۆز پېئىللىرىنىڭ ياراتقۇچىسى ئىكەنلىكىنى، ئاللاھنىڭ بۇ مەسىلىدە ھېچكىمگە ئارىلاشمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ نۇرغۇن مەسىلىدە پەرقلىق كۆزقاراشلىرى بار. 

[5]روھۇلفۇرقان، 2- توم، 65 – 66- بەتلەر.  

[6]مەھمۇت ئىبنى ئۆمەر ئەز زەمەخشەرى، ئەلكەششاف 1/467، ئەلمەتبەئەتۇششەرقىييە.

[7]– روھۇلفۇرقان 2/66.

[8]– قوتقۇ، تەسەۋۋۇفىي ئەخلاق، 2/247، ئاخىرقى پاراگراف.

[9]قوتقۇ، تەسەۋۋۇفىي ئەخلاق، 2/5، ئىككىنچى پاراگراف.

[10]قوتقۇ، تەسەۋۋۇفىي ئەخلاق، 2/246، ئۈچىنچى پاراگراف.

[11]قوتقۇ، تەسەۋۋۇفىي ئەخلاق، 2/246، ئالتىنچى پاراگراف.  

[12]قوتقۇ، تەسەۋۋۇفىي ئەخلاق، 2/248.

[13]قوتقۇ، تەسەۋۋۇفىي ئەخلاق، 2/248.  

[14]قوتقۇ، تەسەۋۋۇفىي ئەخلاق، 2/250.   

[15]تەسەۋۋۇفىي ئەخلاق، 2/245، ئۈچىنچى پاراگراف.    

[16]– تاپدۇق يۇنۇس ئەمرەنىڭ ئۇستازىنىڭ ئىسمىدۇر.

[17]– ئىبنى مەنزۇر، لىسانۇلئەرەب، بېيرۇت 1410/1990. ئىتائەت تەۋئ «طوع» سۆز تومۇرىدىندۇر. تەۋئ بويۇن ئەگمەك دېمەكتۇر. ئۇنىڭ زىددى كەرىھ كۆرمەك ۋە ياقتۇرماسلىقتۇر. بۇ ئىككى كەلىمە ئۆتىدىغان بىر ئايەتنىڭ مەنىسى مۇنداق: «ئاندىن تۇمان ھالىتىدىكى ئاسمانغا يۆنەلدى، ئۇنىڭغا ۋە زېمىنغا: ‹ئىختىيارىي ياكى ئىختىيارسىز كېلىڭلار› دېدى. ئۇ ئىككىسى: ‹ئىختىيارىي كەلدۇق› دېدى.- (فۇسسىلەت 41/11). تائەتمۇ ئەينى تومۇردىن بولۇپ، بويۇن ئەگمەك دېگەن بولىدۇ ۋە كۆپىنچە ‹بۇيرۇققا بويسۇنماق› مەناسىدا ئىشلىتىلىدۇ. (راغىب ئەلئىسفىھانى، مۇفرەدات ئەلفازىل قۇرئان 529- بەت، ط و ع ماددىسى).

[18]– يۇسۇف ئەلەيھىسسالام قۇل سۈپىتىدە مىسىرنىڭ بىر ئەمەلدارىغا سېتىلغان ئىدى. ئۇ ئەمەلدارنىڭ ئايالى زۈلەيخا يۇسۇف ئەلەيھىسسالامغا ئاشىق بولغان ۋە ئۇنىڭدىن بىر يەردە بولشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. ئۇ ئەسنادا بولۇپ – ئۆتكەنلەرنى بايان قىلغان ئايەتنىڭ (مەنىسى) مۇنداق: «يۇسۇف ئۆيىدە تۇرۇۋاتقان ئايال ئۇنى ئۆزىگە چاقىردى، ئىشىكلەرنى مەھكەم تاقىۋەتتى ۋە: ‹كەلسەڭچۇ!› دېدى. يۇسۇف: ‹ئاللاھ ساقلىسۇن! شۈبھىسىزكى، سېنىڭ ئېرىڭ مېنىڭ رەببىمدۇر (خوجايىنىمدۇر)، ئۇ ماڭا ياخشى قارىغان. زالىملار مۇرادىغا يېتەلمەيدۇ› دېدى. (يۇسۇف 12/23)

[19]– تىرمىزى، دۇئا 1، 3371- نومۇرلۇق ھەدىس.

[20]تىرمىزى، دۇئا 1، 3372- نومۇرلۇق ھەدىس.

[21]– نىسا 4/117؛ ئەنئام 6/40، 41، 56، 71، 108؛ ئەئراف 7/37، 194، 195، 197؛ يۇنۇس 10/38، 66، 106؛ ھۇد 11/101؛ رەئد 13/14؛ نەھل 16/20، 86؛ ئىسرا 17/56، 57،67؛ كەھف 18/14؛ مەريەم 19/48؛ ھەج 22/12، 13، 62، 73؛ مۇئمىنۇن 23/117؛ فۇرقان 25/68؛ شۇئەرا 26/213؛ قەسەس 28/64، 88؛ ئەنكەبۇت 29/42؛ لۇقمان 31/30؛ سەبەئ 34/22؛ فاتىر 35/13، 14، 40؛ ساففات 37/125؛ زۇمەر 39/38؛ مۇئمىن 40/20، 66؛ فۇسسىلەت 41/48؛ زۇخرۇف 43/86؛ ئەھقاف 46/4، 5؛ جىن 72/18. 26 سۈرىدە توپلام 47 ئايەت.

[22]– بۇخارى، ئىمان 2.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر