مۇسۇلمانلار

تەرىقەتچىلىككە نەزەر 14

23- ئىلھام
ئىلھام ئاللاھنىڭ بەندىسىنىڭ كۆڭلىگە بىر نەرسە پەيدا قىلىشىدۇر[1]. پاراسەتمۇ بۇ مەنادا ئىشلىتىلىدۇ.
مۇرىد: ئىلھامغا ئىشىنەمسەن؟ باشقىلارغا مۇناسىۋەتلىك بولمىسىمۇ ئىلھام مەۋجۇت.
بايىندىر: ئىلھامنىڭ بارلىقىدا شەك-شۈبھە يوق. ئەگەر ئاللاھنىڭ ئىلھامى بولمىسا ئىنسانىيەت تەرەققىي قىلالمايدۇ. بارلىق ئىلمىي تەرەققىيات ۋە كەشپىياتلار ئاللاھنىڭ ئىلھامى بىلەن بولىدۇ. لېكىن ئىلھام ئىشانلارغا ياكى مۇسۇلمانلارغىلا خاس ئەمەس. كاپىرلارمۇ ئىلھام ئالىدۇ.
ئىلھام كەلىمىسى قۇرئان كەرىمدە بىر يەردىلا ئۆتىدۇ. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«فَأَلْهَمَهَا فُجُورَهَا وَتَقْوَاهَا (8) قَدْ أَفْلَحَ مَنْ زَكَّاهَا (9) وَقَدْ خَابَ مَنْ دَسَّاهَا (10)» سورة الشمس
«ئاللاھ نەپىسكە فۇجۇرىنى ۋە تەقۋالىقىنى[2] ئىلھام قىلدى، نەپسىنى پاكلىغان كىشى ئەلۋەتتە مۇرادىغا يېتىدۇ. نەپسىنى بۇلغىغان كىشى ئەلۋەتتە زىيان تارتىدۇ»- شەمس 91/8 – 10.
 ئا- ئىسيانكارلىقنى ئىلھام قىلىش
ئىسيانكارلىق كىشىنىڭ ئاللاھقا، ئىنسانلارغا ۋە يا ئۆزىگە قارشى خاتا مۇئامىلە قىلىشىدۇر. بۇنداق كىشى ھەم ئىسيان قىلىشتىن ئىلگىرى ھەم كېيىن بىئاراملىق ھېس قىلىدۇ. بۇ ئىچكى بىئاراملىق ياكى ۋىجدان ئازابى دېيىلىدۇ.
يۇسۇف ئەلەيھىسسالامنى زۇلەيخادىن يىراقلاشتۇرغان بۇرھان (روشەن دەلىل) ئاللاھنىڭ «نەپىسكە ئىسيانكارلىقنى ئىلھام قىلىشى» بولسا كېرەك. يۇسۇف سۈرىسىنىڭ 24- ئايىتىدە مۇنداق دېيىلىدۇ:
{وَلَقَدْ هَمَّتْ بِهِ وَهَمَّ بِهَا لَوْلا أَن رَّأَى بُرْهَانَ رَبِّهِ}
«ئايال يۈسۈفكە مايىل بولدى، رەببىنىڭ بۇرھان (روشەن دەلىل) ىنى كۆرمىگەن بولسا يۈسۈفمۇ ئۇنىڭغا مايىل بولغان بولاتتى…»
 ئىنسان گۇناھ بىلەن يۈزمۈ- يۈز كەلگەندە ئاۋۋال چۆچۈيدۇ، ئاندىن يا ۋازكېچىدۇ ياكى گۇناھقا پاتىدۇ. ئىنساننى چۆچۈتكەن بۇ نەرسە ئاللاھ تەئالانىڭ ئەنە شۇ «نەپىسكە يامانلىقنى ئىلھام قىلىشى» دۇر.
رەھمىتى چەكسىز رەببىمىز بۇ ئىلھامى بىلەن گۇناھ قىلماقچى بولغان كىشىگە ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ «ئاسىيلىققا كىرىۋاتىسەن، دىققەت قىل!» دېگەن بولىدۇ. ئاسىيلىق قىلغاندىن كېيىنمۇ بىر خىل روھىي ئارامسىزلىق بېرىش ئارقىلىق كىشىنى تەۋبە قىلىشقا ئۈندەيدۇ.
بۇ چۆچۈشنىڭ مۇسۇلمان بولمىغان ئىنسانلاردىمۇ بولىدىغانلىقىنى تۆۋەندىكى ئايەتلەردىن چۈشىنىۋالالايمىز. ئاۋۋال ئايەتلەرنىڭ نازىل بولۇشىغا سەۋەپ بولغان ۋەقەگە قاراپ باقايلى:
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئەزىيەت يەتكۈزگەن ئەبۇ جەھىل، ئەبۇ لەھەب، ئەبۇ سۇفيان، ۋەلىيد ئىبنى مۇغىرە، نەزىر ئىبنى ھارس، ئۇمەييە ئىبنى خەلەف ۋە ئاس ئىبنى ۋائىل قاتارلىق مۇشرىكلار بىر يەرگە جۇغلىشىپ مۇنداق دېيىشتى: «ھەج مەۋسىمىدە ئەرەپ ھەيئەتلىرى كېلىپ بىزدىن مۇھەممەد توغرىسىدا سوئال سورىشىدۇ، ھەر بىرىمىز ئوخشىمىغان جاۋاب بېرىمىز. بىرىمىز ساراڭ، يەنە بىرىمىز كاھىن، يەنە باشقا بىرىمىز بولسا شائىر دەيمىز. جاۋابلار پەرقلىق بولغانلىقتىن ئەرەپلەر بۇلارنىڭ ھەممىسى خاتا ئىكەن، دەپ يەكۈن چىقىرىدۇ. كېلىڭلار، مۇھەممەدكە بىرلا ئىسىم بېرىش ئۈچۈن  بىر پىكىرگە كېلەيلى».
ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرى: «ئۇ شائىردۇر» دېدى. ۋەلىيد ئىبنى مۇغىرە: «مەن ئۇبەيد ئىبنى ئەلئەبراس ۋە ئۇمەييە ئىبنى ئەبىسسالتنىڭ شېئىرلىرىنى ئاڭلىغانىدىم، بۇنىڭ سۆزى ئۇلارنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ» دېدى.
يەنە بىرى: «ئۇ كاھىندۇر» دېدى. ۋەلىيد: «كاھىن دەپ كىمگە ئېيتىلىدۇ؟» دەپ سورىدى. ئۇلار: «بەزىدە توغرا بەزىدە يالغان سۆزلىگەن كىشىگە» دېيىشتى. ۋەلىيد ئىبنى مۇغىرە: «مۇھەممەد ئەسلا يالغان گەپ قىلىپ باقمىدى» دېدى.
يەنە بىرى بولسا؛ «ئۇ ساراڭدۇر» دېدى. ۋەلىيد: «كىمگە ساراڭ دېيىلىدۇ؟» دەپ سورىدى. ئۇلار: «ئىنسانلارنى قورقۇتىدىغان كىشىگە» دەپ جاۋاپ بېرىشتى. ۋەلىيد: «ھازىرغىچىلىك ھېچكىم مۇھەممەد تەرىپىدىن قورقۇتۇلمىدى» دېدى.
ئاندىن ۋەلىيد ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆيىگە كەتتى. سورۇندىكىلەرنىڭ ھەممىسى: «ۋەلىيد ئبىنى مۇغىرە دىن ئالماشتۇردى» دېيىشتى. ئەبۇ جەھىل دەرھال ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ: «ساڭا نېمە بولدى؟ قۇرەيش سەن ئۈچۈن ئىئانە توپلىدى. ئۇلار سېنىڭ ئېھتىياجلىق بولغانلىقىڭ تۈپەيلى دىنىڭنى ئۆزگەرتكەنلىكىڭدىن گۇمان قىلىشىۋاتىدۇ» دېدى. ۋەلىيد مۇنداق دېدى: «مەن ئۇنىڭغا ئېھتىياجلىق ئەمەس. لېكىن مۇھەممەد توغرىسىدا ئويلىدىمكى، ئۇ سېھىرگەرمىكىن دەيمەن. چۈنكى سېھىرگەر ئاتا بىلەن بالىنى، قېرىنداش بىلەن قېرىنداشنى، ئەر بىلەن ئايالنى بىر- بىرىدىن ئايرىۋېتىدۇ».
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنىڭغا (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) «سېھىرگەر» دېگەن لەقەمنى قويۇش توغرىسىدا ھەمپىكىر بولۇشتى. ئاندىن تاشقىرىغا چىقىپ مەككە كوچىلىرىدا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن توۋلاشتى. خەلق جۇغلاشقان ئىدى، ئۇلار: «مۇھەممەد ھەقىقەتەن سېھىرگەردۇر» دېدى. بۇ سۆزنى ھەممەيلەن ئاڭلىدى، خەلق ئارىسىدا ئەكس سادا پەيدا قىلدى. بۇ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بەك ئېغىر كەلدى. ئۆيىگە قايتتى ۋە ئۈستىنى كىيىمى بىلەن يۆگىدى. شۇنىڭ بىلەن مۇددەسىر سۈرىسى نازىل بولدى[3].
ۋەلىيد ئىبنى مۇغىرەنىڭ بۇ قارارنى بېرىۋېتىپ كۆڭلىدە بىئاراملىق ھېس قىلغانلىقى ۋە قىيىن ئەھۋالدا قالغانلىقى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. چۈنكى ئۇ ئىنتايىن چوڭ ئىسيانكارلىق ئىچىدە ئىدى. تۆۋەندىكى ئايەتلەر بۇنى ئىسپاتلايدۇ:
«إِنَّهُ فَكَّرَ وَقَدَّرَ (18) فَقُتِلَ كَيْفَ قَدَّرَ (19) ثُمَّ قُتِلَ كَيْفَ قَدَّرَ (20) ثُمَّ نَظَرَ (21) ثُمَّ عَبَسَ وَبَسَرَ (22) ثُمَّ أَدْبَرَ وَاسْتَكْبَرَ (23) فَقَالَ إِنْ هَذَا إِلَّا سِحْرٌ يُؤْثَرُ (24) إِنْ هَذَا إِلَّا قَوْلُ الْبَشَرِ (25)» سورة المدثر
«ئۇ ئويلاندى ۋە پىلانلىدى،
ئۆلگۈر! قانداق پىلانلىدى؟
ھۇ ئۆلگۈر! قانداق پىلانلىدى؟
ئاندىن كېيىن قارىدى،
ئاندىن كېيىن قوشۇمىسىنى تۈردى ۋە چىرايىنى پۈرۈشتۈردى،
ئاندىن كېيىن ئارقىسىنى قىلدى ۋە كىبىرلەندى،
ئاندىن مۇنداق دېدى: ‹بۇ پەقەت نەقىل قىلىنىپ كەلگەن بىر سېھىردۇر.
بۇ پەقەت ئىنساننىڭ سۆزىدۇر›»- مۇددەسسىر 74/18 – 25.
مۇسۇلمانلىققا قارشى چىققان ھەر كىشى ئىچىدە بىئاراملىق ھېس قىلىدۇ ۋە تىت- تىت بولىدۇ. شۇڭىمۇ خاتا ھەرىكەتلەرنى قىلىدۇ. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
{رُّبَمَا يَوَدُّ الَّذِينَ كَفَرُواْ لَوْ كَانُواْ مُسْلِمِينَ} الحجر2
 «كاپىرلار ئارا – سىرە كاشكى مۇسۇلمان بولغان بولساقچۇ، دەپ ئارزۇ قىلىدۇ»- ھىجر 15/2.
كاپىرلار داۋاملىق گۇماندا بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
{لاَ يَزَالُ بُنْيَانُهُمُ الَّذِي بَنَوْاْ رِيبَةً فِي قُلُوبِهِمْ إِلاَّ أَن تَقَطَّعَ قُلُوبُهُمْ} التوبة 110
«كاپىلارنىڭ قۇرغان بىناسى، قەلبلىرى پارچە- پارچە بولۇپ كەتكەنگە قەدەر، قەلبلىرىدە داۋاملىق بىر گۇمان بولۇپ تۇرىدۇ»- تەۋبە 9/110.
بۇ گۇمان ئاللاھنىڭ ئۇلارغا بولغان شەپقىتى تۈپەيلىدىندۇر. بەزىلىرى بۇ سەۋەپتىن ئەقىل تېپىپ، كىرىپ قالغان ناتوغرا يولىدىن يانىدۇ.
گۇناھتىن كېيىن پەيدا بولىدىغان ۋىجدانىي بىئاراملىقمۇ كىشىنى پۇشايمان قىلىشقا ئۈندەيدىغان ۋە تەۋبىگە يۈزلەندۈرىدىغان ئىلھامدۇر. مانا بۇ ئاللاھنىڭ شەپقىتىنىڭ بۈيۈكلۈكىدۇر.
ب- تەقۋالىقنى ئىلھام قىلىش
تەقۋا نەپسىنى يامانلىقتىن ساقلاش دېگەن بولىدۇ. كىشى ئاللاھقا، ئىنسانلارغا ۋە ئۆزىگە قارشى يامانلىق قىلماسلىقى لازىم. بۇنداق بىر ھەرىكەت قىلىش ئۇنى دۇنيادا تۆھمەتتىن، ئاخىرەتتە دوزاخ ئازابىدىن ساقلايدۇ. گۇناھلاردىن ساقلىنىپ، ساۋاپلىق ئىشلارنى قىلىشنىڭ نەتىجىسى مانا بۇدۇر. ئىنسان تەقۋاغا ئېلىپ بارىدىغان قىلمىشلارنىڭ زوقىنى ئىچىدە ھېس قىلىدۇ. مانا بۇ زوق ئاللاھنىڭ ئىلھامىدۇر. تەقۋاغا ئۇيغۇن ھەرىكەت قىلغانلاردا بولىدىغان ئىچكى ھۇزۇر ئىرادە ئاللاھنىڭ ئىلھامى بىلەن ۋۇجۇدقا كېلىدۇ.
ھەدىس شەرىپتە بۇ مەسىلە ناھايىتى ياخشى ئىزاھلانغان. ۋابىسە ئىبنى مەئبەد مۇنداق دېگەن: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا باردىم، ئۇ: «ياخشىلىق ۋە يامانلىق ھەققىدە بىر نەرسە سوراش ئۈچۈن كەلدىڭمۇ؟» دېدى، مەن: «شۇنداق» دېدىم.
ئاندىن رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇشتىمىنى تۈگۈپ كۆكسىگە ئۇردى ۋە ئۈچ قېتىم مۇنداق دېدى:
«ئى ۋابىسە! نەپسىڭگە مەسلىھەت سال، دىلىڭغا مەسلىھەت سال. ياخشىلىق نەپىسڭگە ۋە دىلغا ھۇزۇر بېغىشلىغان نەرسىدۇر. گۇناھ بولسا دىلدا بىئاراملىق ۋە گۇمان پەيدا قىلغان نەرسىدۇر، ئىنسانلار ساڭا پەتىۋا بېرىپ، قىلمىشىڭغا توغرا باھا بەرگەن تەقدىردىمۇ»[4].
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سېنى شۈبھىلەندۈرگەن نەرسىنى قويۇپ شۈبھىلەندۈرمىگەنگە ئۆتكىن. چۈنكى توغرۇلۇق ھۇزۇر بىرىدۇ، يالغان بولسا شۈبھە ۋە ئىككىلىنىش پەيدا قىلىدۇ»[5]
ئىنساننىڭ كۆڭلىگە پەيدا بولغان ھەممە نەرسە ئىلھام ئەمەس. شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسى بولۇش ئېھتىمالىمۇ بار. چۈنكى شەيتان «ئىنسانلارنىڭ دىللىرىدا ۋەسۋەسە قىلغۇچى…» (ناس 114/5) بىر مەخلۇقتۇر. شەيتان ئاللاھدىن قىيامەت كۈنىگىچىلىك ياشاش ۋەدىسىنى ئالغاندا مۇنداق دېگەنىدى:
«قَالَ فَبِمَا أَغْوَيْتَنِي لَأَقْعُدَنَّ لَهُمْ صِرَاطَكَ الْمُسْتَقِيمَ (16) ثُمَّ لَآَتِيَنَّهُمْ مِنْ بَيْنِ أَيْدِيهِمْ وَمِنْ خَلْفِهِمْ وَعَنْ أَيْمَانِهِمْ وَعَنْ شَمَائِلِهِمْ وَلَا تَجِدُ أَكْثَرَهُمْ شَاكِرِينَ (17) قَالَ اخْرُجْ مِنْهَا مَذْءُومًا مَدْحُورًا لَمَنْ تَبِعَكَ مِنْهُمْ لَأَمْلَأَنَّ جَهَنَّمَ مِنْكُمْ أَجْمَعِينَ (18)» سورة الأعراف
«ئىبلىس مۇنداق دېدى: ‹ سەن مېنى ئازدۇرغانلىقىڭ ئۈچۈن مەن چوقۇم ئۇلار ئۈچۈن سېنىڭ توغرا يولۇڭدا ئولتۇرىمەن.
ئاندىن كېيىن چوقۇم ئۇلارغا ئالدىلىرىدىن، ئارقىلىرىدىن، ئوڭلىرىدىن ۋە سوللىرىدىن كېلىمەن. ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىنى شۈكرى قىلغۇچى كۆرمەيسەن›
ئاللاھ: ‹چىق ئۇ يەردىن، ھۇ ئىپلاس قوغلاندى! ئۇلاردىن كىم ساڭا ئەگەشسە، جەھەننەمنى ھەممىڭلار بىلەن تولدۇرىمەن› دېدى.»- ئەئراف 7/16 – 18.
شەيتان بۇ ھوقۇق بىلەن پەيغەمبەرلەردىن تارتىپ ھەممە كىشىگە سۈركىلىدۇ ۋە ئۇلارنى خاتا قىلمىشلارغا يۈزلەندۈرۈشكە تىرىشىدۇ. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«وَمَا أَرْسَلْنَا مِنْ قَبْلِكَ مِنْ رَسُولٍ وَلَا نَبِيٍّ إِلَّا إِذَا تَمَنَّى أَلْقَى الشَّيْطَانُ فِي أُمْنِيَّتِهِ فَيَنْسَخُ اللَّهُ مَا يُلْقِي الشَّيْطَانُ ثُمَّ يُحْكِمُ اللَّهُ آَيَاتِهِ وَاللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٌ (52)» سورة الحج
«شەيتان بىز سەندىن ئىلگىرى ئەۋەتكەن ھەر رەسۇل ۋە ھەر نەبىنىڭ قىلغان ئارزۇسىغا ۋەسۋەسە سالدى. لېكىن ئاللاھ شەيتان سالغان ۋەسۋەسىنى بەربات قىلىپ ئۆزىنىڭ ئايەتلىرىنى مۇستەھكەملىدى. ئاللاھ بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر»- ھەج 22/52.
ئىلھام بىلەن ۋەسۋەسىنى بىر- بىرىدىن ئايرىش ئۈچۈن كۆڭلىمىزگە پەيدا بولغان نەرسىنى ئاللاھنىڭ ئەمىر ۋە نەھىيلىرى جەھەتتىن تەكشۈرۈپ كۆرۈشىمىز لازىم.
نەپسى مۇلھەمە[6] دېگەن مانا مۇشۇدۇر. مۇئمىن بولسۇن كاپىر بولسۇن ھەممە ئادەمنىڭ نەپسى نەپسى مۇلھەمەدۇر. ئاللاھ ئۇنىڭغا ئىسيانكارلىقنى ۋە تەقۋادارلىقنى ئىلھام قىلىدۇ.
مۇرىد: ئىسيانكارلىق ۋە تەقۋادىن باشقا بىر ئىلھام بولمامدۇ؟
بايىندىر: ئەلۋەتتە بولىدۇ. ئاللاھ ئىنساننىڭ دىلىغا نۇرغۇن نەرسىلەرنى پەيدا قىلىدۇ. بۇ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر «ۋەھىي» بۆلۈمىدە ئۆتكەن ئىدى. بۇمۇ مۆمىن كاپىرنى ئايرىماستىن ھەممە ئىنساندا بولىدۇ. شائىرلار ۋە كەشپىياتچىلار بۇنىڭغا مىسال بولالايدۇ.
24- شاپائەت[7]
شاپائەت ئاخىرەتتە ئاللاھتىن بەزى مۇئمىنلارنى مەغپىرەت قىلىشنى تەلەپ قىلىش دېگەن مەنادا ئىشلىتىلىدۇ.
مۇرىد: بىز ئاخىرەتتە پېشىدىن تۇتارمىز، بىزگە پايدىسى بولۇپ قالار، دېگەن ئۈمىدتە بۇ دۇنيادا ئىشان بىلەن ياخشى ئۆتىمىز.
بايىندىر: يەنى ئۇ بىزگە شاپائەت قىلىدۇ، دېمەكچى بولۇۋاتامسىز؟
ئىشان: نېمىشقا ئۇنداق بولمىسۇن؟ بۈيۈك ئىشان مۇستافا ئىسمەت غەرىبۇللاھ قۇددىسە سىررۇھۇ ھەزرەتلىرى «رىسالەئى قۇدسىيە» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دېگەن: «ھەزرىتى ئەبۇ بەكىرگىچىلىك پۈتۈن سىلسىلىدىن[8] ياردەم تىلەشنى ئادەت قىل. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇنىڭدىنمۇ ياردەم تىلە. ئىشانىڭنى شاپائەتچى ۋە ۋاسىتە قىلغىنكى، سېنى خۇشاللىققا چۆمدۈرسۈن»[9].
بايىندىر: ئىشان شاپائەت قىلىش ھوقۇقىنى كىمدىن ئالىدۇ؟ ئاللاھ قايسى ئىشانغا بۇنداق ھوقۇق بېرىپتۇ؟
ئاللاھ تەئالا، بىز ھەر نامازنىڭ ئارقىسىدىن ئۇقۇيدىغان «ئايەتەلكۇرسىي» دە
«مَن ذَا الَّذِي يَشْفَعُ عِنْدَهُ إِلاَّ بِإِذْنِهِ»
 « ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئاللاھنىڭ رۇخسىتىسىز كىممۇ شاپائەت قىلالىسۇن؟» دېمەمدۇ؟
ئەبۇ بەكىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا قەدەر پۈتۈن سىلسىلىدىن ياردەم تىلەشنى ئادەت قىلىپ، قىيامەتكىچىلىك سىلەرگە جاۋاپ بىرەلمەيدىغان كىشىلەرنى رازى قىلىش ئۈچۈن بىكارغا ئاۋارە بولۇشنىڭ ئورنىغا ئاللاھنى رازى قىلىشقا تىرىشساڭلار بولماسمۇ؟
مۇرىد: بىز ھەر ئىشنى ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن قىلىمىز. چۈنكى «ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئەڭ كاتتىدۇر»- تەۋبە 9/72.
بايىندىر: ئاللاھ توسقان ئىشلارنى قىلىپ ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش مۇمكىنمۇ؟ سىلەر ھەم قۇرئانغا بويسۇنمايسىلەر ھەم ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەيسىلەر. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
{وَيَجْعَلُ الرِّجْسَ عَلَى الَّذِينَ لاَ يَعْقِلُونَ} يونس 100
 «…ئاللاھ پاسكىنىچىلىقنى ئەقلىنى ئىشلەتمەيدىغانلارنىڭ ئۈستىدە قىلىدۇ»- يۇنۇس 10/100.
تۆۋەندىكى ئايەتلەر خۇددى سىلەرنى چۈشەندۈرىۋاتقاندەك قىلىدۇ. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«قُلِ ادْعُوا الَّذِينَ زَعَمْتُمْ مِنْ دُونِ اللَّهِ لَا يَمْلِكُونَ مِثْقَالَ ذَرَّةٍ فِي السَّمَاوَاتِ وَلَا فِي الْأَرْضِ وَمَا لَهُمْ فِيهِمَا مِنْ شِرْكٍ وَمَا لَهُ مِنْهُمْ مِنْ ظَهِيرٍ (22) وَلَا تَنْفَعُ الشَّفَاعَةُ عِنْدَهُ إِلَّا لِمَنْ أَذِنَ لَهُ حَتَّى إِذَا فُزِّعَ عَنْ قُلُوبِهِمْ قَالُوا مَاذَا قَالَ رَبُّكُمْ قَالُوا الْحَقَّ وَهُوَ الْعَلِيُّ الْكَبِيرُ (23)» سورة سبأ
«مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى: ‹سىلەر ئاللاھنىڭ يېقىنى ئېتىقاد قىلىۋاتقان كىشىلىرىڭلارنى ياردەمگە چاقىرىپ بېقىڭلار، ئۇلارنىڭ ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا زەررە چاغلىق بىر نەرسىسى يوقتۇر. ئۇلارنىڭ ئۇ ئىككىسىدە ھېچ شېرىكچىلىكى يوقتۇر، ئۇلارنىڭ ھېچبىرى ئاللاھنىڭ ياردەمچىسى ئەمەستۇر›.
ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئاللاھ رۇخسەت بەرگەنلەردىن باشقا ھېچكىمگە شاپائەتنىڭ پايدىسى بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ قەلبلىرىدىن قورقۇنچ كۆتۈرۈلگەندە بىر-بىرىدىن: ‹رەببىڭلار نېمە دېدى؟› دەپ سورايدۇ. جاۋاب بەرگەنلەر: ‹ھەقنى دېدى، ئۇ ئۇلۇغدۇر، بۈيۈكتۇر› دەيدۇ»- سەبەئ 34/22 – 23.
{وَأَنذِرْ بِهِ الَّذِينَ يَخَافُونَ أَن يُحْشَرُواْ إِلَى رَبِّهِمْ لَيْسَ لَهُم مِّن دُونِهِ وَلِيٌّ وَلاَ شَفِيعٌ لَّعَلَّهُمْ يَتَّقُونَ} الأنعام 51
«رەببىنىڭ دەرگاھىغا يېغىلىشتىن قورقىدىغانلارنى قۇرئان بىلەن ئاگاھلاندۇرغىن. ئۇلارنىڭ ئاللاھدىن دوست ۋە شاپائەتچىلىرى يوقتۇر. تەقۋادار بولغاي!»- ئەنئام 6/51.
ئاللاھ كىمگە شاپائەت قىلىش ھوقۇقى بەرسە، پەقەت شۇلارلا ئاللاھ خالىغان كىشىلەرگە شاپائەت قىلالايدۇ. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
{يَعْلَمُ مَا بَيْنَ أَيْدِيهِمْ وَمَا خَلْفَهُمْ وَلَا يَشْفَعُونَ إِلَّا لِمَنِ ارْتَضَى وَهُم مِّنْ خَشْيَتِهِ مُشْفِقُونَ} الأنبياء 28
«ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى نەرسىلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ كەينىدىكى نەرسىلەرنى بىلىدۇ. ئۇلار پەقەت ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشكەنلەرگىلا شاپائەت قىلىدۇ. ئۇلار ئاللاھنىڭ ھەيۋىسىدىن قورقۇپ تىترەپ تۇرىدۇ»- ئەنبىيا 21/28.
ئا – ئىشاننىڭ مۇرىدىنى مۇداپىئە قىلىشى (ئاقلىشى)
مۇرىد: بىز غوجىمىز (ئىشانىمىز) نىڭ بىزگە ياردەم قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. مەسىلەن: بۈگۈنكى كۈندە سوت مەھكىمىسىدە ئادۋوكات تەكلىپ قىلىش مەجبۇرىيىتى يوق. لېكىن ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ئادۋوكات تەكلىپ قىلغانلار كۆپىنچە دەۋادا ئۇتۇپ چىقىدۇ. غوجىمىز (ئىشانىمىز) مۇ بىزنىڭ ئادۋوكاتىمىزدۇر.
بايىندىر: سىلەر يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا ھەر نەرسىنى بىلىدىغان ئاللاھنى سوتچى بىلەن ئوخشاش كۆرەمسىلەر؟ ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
{وَنَضَعُ الْمَوَازِينَ الْقِسْطَ لِيَوْمِ الْقِيَامَةِ فَلَا تُظْلَمُ نَفْسٌ شَيْئاً وَإِن كَانَ مِثْقَالَ حَبَّةٍ مِّنْ خَرْدَلٍ أَتَيْنَا بِهَا وَكَفَى بِنَا حَاسِبِينَ} الأنبياء 47
«بىز قىيامەت كۈنى توغرا تارتىدىغان تارازىلارنى ئورنىتىمىز. ھېچكىم ھېچبىر زۇلۇمغا ئۇچرىمايدۇ. قىلىنغان ئىش بىر دانە قىچا چاغلىق بولسىمۇ، ئۇنى كەلتۈرۈپ تارتىمىز. بىز تولۇق ھېساب ئالغۇچىمىز»- ئەنبىيا 21/47.
{وَالَّذِينَ كَسَبُواْ السَّيِّئَاتِ جَزَاء سَيِّئَةٍ بِمِثْلِهَا وَتَرْهَقُهُمْ ذِلَّةٌ مَّا لَهُم مِّنَ اللّهِ مِنْ عَاصِمٍ كَأَنَّمَا أُغْشِيَتْ وُجُوهُهُمْ قِطَعاً مِّنَ اللَّيْلِ مُظْلِماً أُوْلَـئِكَ أَصْحَابُ النَّارِ هُمْ فِيهَا خَالِدُونَ} يونس 27
«يامان ئىشلارنى قىلغانلار، قىلغان يامانلىقلىرىنىڭ ئوخشىشى بىلەن جازالىنىدۇ. ئۇلارنى بىر خارلىق باسىدۇ. ئۇلارنىڭ ئاللاھدىن قۇتۇلدۇرىدىغان ھېچكىمى بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ يۈزلىرى گويا قاراڭغۇ كېچىنىڭ پارچىلىرى بىلەن ئورالغاندەك قارىيىپ كېتىدۇ. ئەنە شۇلار دوزاخنىڭ ئەھلىدۇر. ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر»- يۇنۇس 10/27.
ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق  ئىشان قايسى ھوقۇقى بىلەن قايسى ھەقسىزلىككە توسالغۇ بولىدۇ؟!…
ئەنسارلاردىن ئۇممۇلئالا مۇنداق دەيدۇ: مۇھاجىرلار ئۈچۈن چەك تاشلانغاندا بىزگە ئوسمان ئىبنى مەئزۇن چىقتى. ئۇنى ئۆيىمىزگە ئورۇنلاشتۇردۇق. كېيىن ئۇ ئۆلۈمىگە سەۋەپ بولغان كېسەللىككە گىرىپتار بولدى. ۋاپات قىلغاندا يۇيۇلدى ۋە ئۆز كىيىمى بىلەن كېپەنلەندى. ئاندىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىچكىرىگە كىردى. مەن ئۇ ئەسنادا: «ئەبۇسسەئىب![10] ئاللاھ ساڭا رەھىم قىلسۇن. مەن ئاللاھنىڭ ساڭا ھەقىقەتەن ئىنئام قىلغانلىقىغا گۇۋاھچىمەن» دېدىم. شۇنىڭ بىلەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام: «سەن ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا ئىنئام قىلغانلىقىنى قانداق بىلىسەن؟» دېدى. مەن: «ئاتام ساڭا فىدا ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ئاللاھ (ئۇنىڭغا ئىكرام قىلمىسا) كىمگە ئىكرام قىلار؟» دېدىم. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «شۇنداق، ئۇنىڭغا قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان ھەقىقەت كەلدى. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى ئۇنىڭ ئۈچۈن داۋاملىق ياخشىلىق تىلەيمەن. لېكىن مەن ئاللاھنىڭ ئەلچىسى تۇرۇقلۇق قانداق قارشى ئېلىنىدىغانلىقىمنى بىلمەيمەن».
ئۇممۇلئالا مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، شۇ كۈندىن بۇيان ھېچكىمنى پاكلىمايمەن»[11].
مۇناسىۋەتلىك بىر ئايەت مۇنداق:
{قُلْ مَا كُنتُ بِدْعاً مِّنْ الرُّسُلِ وَمَا أَدْرِي مَا يُفْعَلُ بِي وَلَا بِكُمْ إِنْ أَتَّبِعُ إِلَّا مَا يُوحَى إِلَيَّ وَمَا أَنَا إِلَّا نَذِيرٌ مُّبِينٌ} الأحقاف 9
«ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئېيتقىنكى: ‹مەن ئويدۇرما پەيغەمبەر ئەمەسمەن، ماڭا ۋە سىلەرگە نېمە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن. مەن ماڭا ۋھىي قىلىنغان نەرسىگىلا ئەگىشىمەن. مەن ئوپئوچۇق بىر ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن›.»- ئەھقاف 46/9.
لېكىن سىلەر ئىشانىڭلارنىڭ جەننەتكە كىرىدىغانلىقىغا ئىشەنگىنىڭلاردەك، ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا سىلەرنى مۇداپىئە قىلىدىغانلىقىغىمۇ ئىشىنىسىلەر. پەيغەمبەرلەردىمۇ بولمىغان بۇ ئىشەنچ سىلەرگە قاياقتىن كېلىدۇ؟
ياكى بىزگە جان تومۇرىمىزدىنمۇ يېقىن بولغان ئاللاھنىڭ كۆزىدىن قېچىپ قالغان (نەئۇزۇ بىللاھ) بىرەر نەرسە بارمىكى، ئادۋوكاتلىقىڭلارنى قىلىدىغان ئىشانىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئۇنى ئەسلىتىپ قويسۇن؟ ياكى ئاللاھ سوتلاشتا خاتالىشىپ (نەئۇزۇ بىللاھ) قالامدۇكى، ئىشانىڭلار ئۇنىڭغا توسالغۇ بولسۇن؟ نەقەدەر خاتا يولدا ئىكەنلىكىڭلارنى چۈشىنىۋاتامسىلەر- قانداق؟
تۆۋەندىكى ئايەتلەر ئۈستىدە كۆپ تەپەككۇر قىلىش كېرەك:
{إِنَّهُمُ اتَّخَذُوا الشَّيَاطِينَ أَوْلِيَاء مِن دُونِ اللّهِ وَيَحْسَبُونَ أَنَّهُم مُّهْتَدُونَ} الأعراف 30
«…شۈبھېسىزكى، ئۇلار ئاللاھنى قويۇپ، شەيتانلارنى ئەۋلىيالار (دوستلار) قىلىۋالدى. شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇلار ئۆزلىرىنى توغرا يولدا كۆرىدۇ»- ئەئراف 7/30.
{وَمَن يَعْشُ عَن ذِكْرِ الرَّحْمَنِ نُقَيِّضْ لَهُ شَيْطَاناً فَهُوَ لَهُ قَرِينٌ. وَإِنَّهُمْ لَيَصُدُّونَهُمْ عَنِ السَّبِيلِ وَيَحْسَبُونَ أَنَّهُم مُّهْتَدُونَ} الزخرف 36 – 37
«كىم رەھماننىڭ زىكرىدىن يۈز ئۆرۈسە، ئۇنىڭغا بىر شەيتان مۇسەللەت قىلىمىز. شۇنىڭ بىلەن بۇ شەيتان ئۇنىڭ ھەمراھى بولىدۇ.
شەيتانلار ئۇلارنى توغرا يولدىن توسىدۇ، ئۇلار ئۆزلىرىنى توغرا يولدا، دەپ ئويلايدۇ»- زۇخرۇف 43/36 – 37.
رەھماننىڭ زىكرى قۇرئان كەرىمدۇر. سىلەر قۇرئانغا زىت قىلمىشلارنى قىلىۋاتقان تۇرۇپمۇ ئۇنى كۆرمەسكە سالىسىلەر ۋە ئەۋلىيا دەپ ئاتىۋالغان كىشىلىرىڭلارغا ئەگىشىسىلەر. يەنە كېلىپ، ئۆزۈڭلارنى ھەق يولنىڭ ئوتتۇرىسىدا دەپ گۇمان قىلىسىلەر.
ب- مۇرىدنى ئاللاھقا تۇنۇشتۇرۇش
مۇرىد: مۇپتىلىق ئىدارىسىدا مۇپتى بىلەن كۆرۈشمەكچى بولساڭ مۇپتى بىلەن سېنىڭ ئاراڭغا بىر ئىشىك باقار كىرىشى، بىر كىشى سېنى مۇپتىغا تونۇشتۇرۇشى كېرەك. ئارىغا ھېچكىم كىرمەستىن بىر ئەمەلدار ياكى بىر ۋەزىر بىلەن بىۋاسىتە كىرىپلا كۆرۈشەلەمسەن؟ ئىشانمۇ بىز بىلەن ئاللاھ ئارىسىدا بىر ۋەسىلە، بىر ۋاسىتە بولماقتىدۇر.
بايىندىر: بىزگە جان تۇمۇرىمىزدىنمۇ يېقىن بولغان ئاللاھ تەئالا ھەققىدە بۇ سۆزنى قانداقمۇ سۆزلىگىلى بولسۇن؟
بۇ مۇشرىكلارنىڭ ئېتىقادىدۇر. شېرىك ئاللاھ بىلەن بەندە ئارىسىغا ۋاسىتە قويۇپ ئاللاھنى ئىككىنچى قاتاردا قويۇشتىن ئىبارەتتۇر. بۇ توغرىسىدا زۇمەر سۈرىسى  دىققىتىمىزنى تارتىدۇ. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
{أَلَا لِلَّهِ الدِّينُ الْخَالِصُ وَالَّذِينَ اتَّخَذُوا مِن دُونِهِ أَوْلِيَاء مَا نَعْبُدُهُمْ إِلَّا لِيُقَرِّبُونَا إِلَى اللَّهِ زُلْفَى إِنَّ اللَّهَ يَحْكُمُ بَيْنَهُمْ فِي مَا هُمْ فِيهِ يَخْتَلِفُونَ إِنَّ اللَّهَ لَا يَهْدِي مَنْ هُوَ كَاذِبٌ كَفَّارٌ} الزمر 3
«بىلگىنكى، خالىس دىن ئاللاھنىڭ دىنىدۇر. ئاللاھدىن غەيرىينى ئۆزلىرىگە ھامىي قىلىۋالغانلار: ‹بىز ئۇلارغا بىزنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرسۇن، دەپ ئىبادەت قىلىمىز› دەيدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسە ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىدۇ. ئاللاھ يالغانچىنى ۋە تۇزكورنى ھىدايەت قىلمايدۇ»- زۇمەر 39/3.
ئۆتۈنۈپ قالاي، بۇ خىل ئېتىقادلاردىن ۋازكېچىڭلار. چۈنكى شەيتان ئىنساننى داۋاملىق بۇ خىل ئۇسۇللار بىلەن ئازدۇرىدۇ.
قېنى ماڭا ئېيتىپ بىرەلەمسىلەر، ياراتقان، رىزىق بەرگەن، چوڭ قىلغان ۋە ساڭا سەندىنمۇ يېقىن بولغان ئاللاھ سېنى ياخشى تۇنۇمدۇ ياكى ئىشانمۇ؟
مۇرىد: شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ياخشى تۇنۇيدۇ.
بايىندىر: ئۇنداقتا ئىشان سېنىڭ نەرىڭنى ئاللاھقا تۇنۇشتۇرىدۇ؟
مۇرىد: ؟!
داۋامى بار……….


[1]– فەخرۇددىن رازى، ئەتتەفسىرۇلكەبىر، مەتبەئى ئامىرە، 8- توم، 583- بەت.

[2]– قىلغىنىنىڭ يامان ياكى ياخشى ئىكەنلىكىنى.

[3]– فەخرۇددىن رازى، تەپسىرى كەبىر، 8- توم، 347- بەت.

[4]– سۈنەنى دارىمى، بۇيۇئ 2.

[5]– تىرمىزى، قىيامەت 60.

[6]كۈنىمىز تەسەۋۋۇپچىلىرى بۇنى نەپسى مۇلھىمە دەيدۇ. مۇلھىمە ئىلھام قىلغۇچى دېگەن بولىدۇ. نەپىس ئىلھام قىلمايدۇ، ئىلھام ئالىدۇ.بۇ سەۋەپتىن ئىلھام قىلىنغۇچى دېگەن مەنانى ئىپادىلەيدىغان مۇلھەمە كەلىمىسى ئىشلىتىش لازىم.

[7]بۇ بۆلۈمدىكى دەۋالار ماخمۇت ئۇستا ئوسمان ئوغلۇ (ماخمۇت ئىشان) ۋە ئۇنىڭ ھەيئىتى بىلەن ئېلىپ بارغان مۇنارىزىمىزدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

[8]– سىلسىلە زەنجىر دېگەن بولىدۇ. سوپىلار ئۆز ئىشانىدىن تا ئەبۇ بەكىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغىچە ئۆزلىرى «ئۇلۇغلىرىمىز» دەپ ئېتىقاد قىلىدىغان كىشىلەرنى بىر زەنجىرگە، ئۇلاردىن بولغان ھەر بىر كىشىنى شۇ زەنجىرنىڭ بىر ھالقىسىغا ئوخشىتىدۇ.

[9]– روھۇلفۇرقان، 2- توم، 86- بەت.

[10]– ئوسمان ئىبنى مەزئۇن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ لەقىمى.

[11]– بۇخارى، جەنائىز 3.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر