مۇسۇلمانلار

تەرىقەتچىلىككە نەزەر 13

19- ئىستىدراج
ئىستىدراجنىڭ لۇغەت مەنىسى پەللىمۇپەللە ئۆرلەتمەك ياكى تۆۋەنلەتمەك دېگەن بولىدۇ. ئىستىلاھدا كىشىنى ئارزۇسى بويىچە مەلۇم پەللىگىچە قەدەممۇقەدەم كۆتۈرۈپ، ئۇ كۈتمىگەن بىر پالاكەتكە يولۇقتۇرۇش مەنىسدە ئىشلىتىلىدۇ. لېكىن كىشى بۇ يۈكسېلىشنىڭ ئۆزىنىڭ پايدىلىق بولۇۋاتقانلىقىنى چۈشىنىدۇ.
ئاللاھ تەئالا ئاگاھلاندۇرماستىن بەندىسىنى بۇ ئەھۋالغا چۈشۈرمەيدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:
{وَمَا كَانَ اللّهُ لِيُضِلَّ قَوْماً بَعْدَ إِذْ هَدَاهُمْ حَتَّى يُبَيِّنَ لَهُم مَّا يَتَّقُونَ} التوبة 115
«ئاللاھ بىر قەۋمنى ھىدايەت قىلغاندىن كېيىن، ئۇلار ساقلىنىشقا تېگىشلىك ئشلارنى بايان قىلماي تۇرۇپ، ئۇلارنى گۇمراھ قىلمايدۇ »- تەۋبە 9/115.
گۇمراھ بولغانلار ئاگاھلاندۇرۇشلارغا قۇلاق يۇپۇرىۋالغانلاردۇر. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
{فَلَمَّا نَسُواْ مَا ذُكِّرُواْ بِهِ فَتَحْنَا عَلَيْهِمْ أَبْوَابَ كُلِّ شَيْءٍ حَتَّى إِذَا فَرِحُواْ بِمَا أُوتُواْ أَخَذْنَاهُم بَغْتَةً فَإِذَا هُم مُّبْلِسُونَ} الأنعام 44
«ئۇلار قاچان ئۆزلىرىگە قىلىنغان ئاگاھلاندۇرۇشلارنى ئۇنتۇسا، بىز ئۇلارنىڭ ئالدىغا ھەر نەرسىنىڭ ئىشىكلىرىنى ئاچتۇق. ئۇلار ئۆزلىرىگە بېرىلگەن نەرسىلەر بىلەن خۇشال بولۇپ ئەركىلىگىلى تۇرغاندا ئۇلارنى تۇيۇقسىز تۇتتۇق- دە، پۈتۈن ئۈمىدلىرى سۇغا چىلاشتى»- ئەنئام 6/44.
ھالبۇكى، بۇلار قول ئاستىدىكى نېمەتلەرگە قاراپ توغرا يولدا بولغانلىقلىرىنى ئويلاشنىڭ ئورنىغا روشەن ئايەتلەر ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزگەن بولسا ئىدى، بۇ ئەھۋالغا چۈشۈپ قالمايتتى.
سىلەرمۇ ئەتراپىڭلارغا جۇغلاشقان ئىنسانلارغا قاراپ «مېڭىۋاتقان يولىمىز خاتا بولسا بۇنچىۋالا كىشى بىزگە ئەگەشمەيتتى» دەيسىلەر. ئەگەشكۈچىلەرنىڭ كۆپلۈكىگە ئالدىنىپ كەتمەسلىك لازىم.
ماددىي ئىمكانىيەتلىرىڭلارنى، سىلەرگە قۇلاق سالىدىغانلارنىڭ كۆپ بولۇشىنى ۋە خەلقنىڭ ھۆرمەت بىلدۈرۈشىنىمۇ توغرا يولدا بولغانلىقىڭلارنىڭ دەلىلى ھېسابلاۋاتىسىلەر.
ئاخىرىدا تېخىمۇ ھەددىڭلاردىن ئېشىپ، ئىشانىڭلارنىڭ ئۆزىگە قول بەرگەنلەرنى ھەم بۇ دۇنيادا ھەم ئاخىرەتتە قۇتۇلدۇرىدىغانلىقىنى سۆزلەشكە باشلايسىلەر. مانا بۇ سىلەر جازالىنىدىغان نوقتىدۇر.
كاللاڭلارنى سىلكىۋېتىپ ئاللاھ تەئالانىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قىلغان مۇنۇ ئەمرىنى ئوبدان چۈشىنىڭلار:
«قُلْ إِنِّي لَا أَمْلِكُ لَكُمْ ضَرًّا وَلَا رَشَدًا (21) قُلْ إِنِّي لَنْ يُجِيرَنِي مِنَ اللَّهِ أَحَدٌ وَلَنْ أَجِدَ مِنْ دُونِهِ مُلْتَحَدًا (22) إِلَّا بَلَاغًا مِنَ اللَّهِ وَرِسَالَاتِهِ … (23)» سورة الجن
«ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: مېنىڭ سىلەرگە زىيان يەتكۈزۈشكە ۋە سىلەرنى كامالەتكە يەتكۈزۈشكە كۈچۈم يەتمەيدۇ.
ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: مېنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ھېچكىم قۇتقۇزالمايدۇ. مەن ھەرگىزمۇ ئاللاھدىن باشقا ھېچقانداق باشپاناھ تاپالمايمەن.
مېنىڭ پەقەت ئاللاھنىڭ ئەمىرلىرىنى ۋە ئەلچىلىكلىرىنى يەتكۈزۈشكىلا كۈچۈم يېتىدۇ…»- جىن 72/21 – 23.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋارىسى بولۇش ئۈچۈن ئىنسانلارغا ئوچۇق ۋە روشەن ھالدا پەقەت قۇرئاننىلا يەتكۈزۈش لازىم ئىدى، سىلەر ئەۋلىيا ۋە مەشايىخ دېگەن كىشىلىرىڭلارنىڭ سۆزلىرىگە بويسۇنۇسىلەر ۋە ئۇلارنى يەتكۈزۈۋاتىسىلەر. بۇ قىلغىنىڭلار يەتمىگەندەك قۇرئاننى ئۇنىڭغا ماسلاشتۇرۇپ ئىزاھلايسىلەر. سىلەرنىڭ ئەھۋالىڭلارنى تۆۋەندىكى ئايەت ئەڭ ياخشى ئوتتۇرىغا قويىدۇ:
{وَمَن يَعْشُ عَن ذِكْرِ الرَّحْمَنِ نُقَيِّضْ لَهُ شَيْطَاناً فَهُوَ لَهُ قَرِينٌ. وَإِنَّهُمْ لَيَصُدُّونَهُمْ عَنِ السَّبِيلِ وَيَحْسَبُونَ أَنَّهُم مُّهْتَدُونَ} الزخرف 36 – 37
«كىم رەھماننىڭ زىكرىدىن يۈز ئۆرۈسە، ئۇنىڭغا بىر شەيتان مۇسەللەت قىلىمىز. شۇنىڭ بىلەن بۇ شەيتان ئۇنىڭ ھەمراھى بولىدۇ.
شەيتانلار ئۇلارنى توغرا يولدىن توسىدۇ، ئۇلار ئۆزلىرىنى توغرا يولدا، دەپ ئويلايدۇ»- زۇخرۇف 43/36 – 37.
رەھماننىڭ زىكرى قۇرئاندۇر. سىلەرمۇ نۇرغۇن ئايەتلەردىن يۈز ئۆرۈيسىلەر، شۇنداقتىمۇ ئۆزۈڭلارنى توغرا يولنىڭ يېتەكچىلىرى ھېسابلايسىلەر.
ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە ۋارىس بولۇش مەسىلىسى مۇھىم بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ھەقتە كېيىن قايتا توختىلىمىز.
20- مەخپى ئىلىملەر (ئىلمى لەدۇن- ئىلمى باتىن)
ئىلمى لەدۇن، ئاللاھ تەئالا تەرىپىدىن بېرىلگەنلىكى دەۋا قىلىنغان خۇسۇسىي بىر ئىلىم مەنىسىدە ئىشلىتىلىدۇ. ئىلمى باتىنمۇ شۇنىڭغا ئۇخشاش مەنىدە ئىشلىتىلىدۇ. بەزى ئىشانلارغا بۇخىل ئىلىم بېرىلگەنلىكى دەۋا قىلىنىدۇ. بۇ دەۋا ئۇلارنىڭ مۇقەددەسلەشتۈرۈلىشىگە يول ئاچىدۇ.
ئىشان: مەنىۋى يولنى ياخشى بىلىدىغان ۋە سالىكلەرنى (تەرىقەتكە كىرگەنلەرنى) ئۇ يولغا ئېلىپ بارالايدىغان بىر ئىشاننى ئىزدەش شەرىئەتنىڭ ئەمىرلىرىدىندۇر[1].
بايىندىر: ئەگەر بۇ سۆز بىلەن ئىنسانغا ھەق يولنى كۆرسىتىدىغان ۋە بۇ يولدا ئۇنىڭغا ئۈلگە بولىدىغان بىر ئوقۇتقۇچىغا ئېھتىياج بولغانلىقىنى ئېيتماقچى بولسىڭىز سۆزىڭىز توغرىدۇر. ھەر ئىنساننىڭ بىر تەربىيىچىگە، بىر ئۇستىغا ۋە ئوقۇتقۇچىغا ئېھتىياجى بار.
ئىشان: ئىشانلار ئىگە بولغان ئىلىم ئىلمى باتىندۇر. بۇ ھەر كىشىگە بېرىلمىگەن. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «مەن رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامدىن ئىككى قاپ ئىلىم ئالدىم. بۇلاردىن بىرىنى سىلەرگە نەقىل قىلدىم. يەنە بىرىنى نەقىل قىلغان بولسام بېشىمنى ئالاتتىڭلار»[2]. بىزنىڭ ئىلمىمىز مانا ئاشۇ ئىلىمدۇر.
بايىندىر: ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ نەقىل قىلمىغان ئىلىمنى كىمدىن ئالدىڭلار؟ مەنبەسى، دەلىللىرى ۋە ئاساسى بولمىغان بىر نەرسە قانداقسىگە ئىلىم بولالىسۇن؟
ئىشان: مۇسا ئەلەيھىسسالام ھادىسىلەرنىڭ ھەقىقىي يۈزىنى كۆرمىگەنلىكى ئۈچۈن خىزىر ئەلەيھىسسالامغا ئېتىراز بىلدۈرگەن ئىدى. خىزىر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىلمى لەدۇنى بولغانلىقى ئۈچۈن ئىشنىڭ ئىچكى يۈزىدىن ۋاقىپ بولۇپ تۇراتتى. ئايەتتە: «ئۇنىڭغا ئۆز تەرىپىمىزدىن بىر ئىلىم ئۆگەتكەن ئىدۇق» (كەھف: 18/65) دېيىلمەكتە. ئىلمى باتىن، ئىلمى لەدۇن مانا مۇشۇ ئىلىمدۇر.
بايىندىر: خىزىر بىلەن بىللە بولغان مۇسا بۇ ئىلىمنى ئۆگىنەلمىگەن يەردە سىلەر قانداق ئۆگەندىڭلار؟ بۇ ئىلىمنىڭ سىلەرگە ئۆگىتىلگەنلىكىنىڭ دەلىلى نېمە؟
ئىشان: ئەبۇ ھۇرەيرىنىڭ يۇقىرىدىكى سۆزى دەلىل بولماي نېمە؟
بايىندىر: ئەبۇ ھۇرەيرىنىڭ سۆزىنىڭ قەيىرى دەلىل؟ ئەبۇ ھۇرەيرە «مەن رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامدىن ئىككى قاپ ئىلىم ئالدىم. بۇلاردىن بىرىنى سىلەرگە نەقىل قىلدىم. يەنە بىرىنىمۇ نەقىل قىلغان بولسام كاللامنى ئالاتتىڭلار»[3] دەيدۇ. ئۇ نەقىل قىلمىغان ئىلىمنى سىلەر قانداق ئۆگەندىڭلار؟
قاراڭلار، سەھىھۇلبۇخارىدا خىزىر ئەلەيھىسسالامغا مۇناسىۋەتلىك ئۇزۇن بىر ھەدىس بار. بۇ مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۇ ھەدىسنى ئەينەن نەقىل قىلىمىز.
ئۇبەي ئىبنى كەئب مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ:
مۇسا ئەلەيھىسسالام بەنى ئىسرائىلغا سۆز قىلىش ئۈچۈن ئورنىدىن تۇردى. ئۇنىڭدىن: «ئىنسانلارنىڭ ئەڭ بىلىملىكى كىم؟» دەپ سورالدى. ئۇ: «ئەڭ بىلىملىكى مەن» دېدى. ئاللاھ تەئالا ئۇنى ئەيىبلىدى. چۈنكى ئاللاھ پۈتۈن ئىلىمنى ئۇنىڭغا بەرمىگەن ئىدى. ئۇنىڭغا: «ئىككى دېڭىزنىڭ بىرلەشكەن يېرىدە بەندىلىرىمدىن بىرى بار، ئۇ سەندىن بىلىملىكدۇر» دەپ ۋەھىي قىلدى.
مۇسا: «رەببىم! ئۇنىڭ بىلەن قانداق ئۇچرىشالايمەن؟» دېدى. ئاللاھ تەئالا: «سېۋەتكە بىر بېلىق قويۇپ يېنىڭغا ئېلىۋال، بېلىقنى نەدە يوقاتساڭ ئۇ شۇ يەردىدۇر» دېدى.
مۇسا يولغا چىقتى ۋە ياش خىزمەتچىسى يۇشا ئىبنى نۇن بىلەن بىرلىكتە ماڭدى. سېۋەت ئىچىدىكى بېلىقنىمۇ يۈدۈپ ماڭدى. بىر قورام تاشنىڭ يېنىغا كەلگەندە بېشىنى قويۇپ ئۇخلاشتى. بېلىق سېۋەتتىن چىقىپ دېڭىزغا قاراپ يول ئالدى. مۇسا ۋە ئۇنىڭ ياش خىزمەتچىسىدە بىر ھەيرانلىق بار ئىدى. ئۇلار ئۇ كۈنى كېچىسىمۇ ماڭدى. ئەتىگىنى مۇسا ياش خىزمەتچىسىگە: «ناشتىلىقىمىزنى چىقارغىنا، بۇ سەپىرىمىز بىزنى خېلى چارچىتىپ قويدى» دېدى.
بەلگىلەنگەن يەردىن ئۆتكۈچىلىك مۇسا ئەلەيھىسسالام ھارغىنلىق ھېس قىلمىغان ئىدى. ياش خىزمەتچى: «كۆردىڭىزمۇ، قۇرام تاشنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان چىغىمىزدا بېلىقنى ئۇنتۇپتىمەن» دېدى. مۇسا: «بىزنىڭ ئىزدەيدىغىنىمىز ئەنە شۇ ئىدى!» دېدى- دە، ئىككىسى كەلگەن ئىزلىرىنى بويلاپ كەينىگە قايتىشتى.
ئۇلار شۇ ماڭغىنىچە قورام تاشنىڭ يېنىغا يېتىپ كەلگەن ئىدى، بىردىنلا بىر كىيىمگە يۆگەنگەن بىر كىشىنى ئۇچراتتى. مۇسا سالام قىلغان ئىدى، ئۇ سالامنى «سېنىڭ بۇ يېرىڭدە سالام نېمە ئىش قىلسۇن؟» دەپ ئىلىك ئالدى.
ئۇ: «مەن مۇسا» دېدى. خىزىر: «بەنى ئىسرائىلنىڭ مۇساسىمۇ؟» دەپ سورىدى. مۇسا: «شۇنداق» دېدى ۋە ئىلاۋە قىلىپ مۇسا ئۇنىڭغا: «ساڭا ئۆگىتىلگەن ئىلىملەردىن ماڭا توغرىنى كۆرسىتىدىغان بىر ئىلىم ئۆگىتىشىڭ ئۈچۈن ساڭا ئەگەشسەم بولامدۇ؟» دېدى. خىزىر: «سەن ماڭا ئەگەشسەڭ قىلغان ئىشلىرىمغا سەۋر قىلالمايسەن. مەن ئاللاھ ماڭا ئۆگەتكەن بىر ئىلىمنى بىلىمەن، سەن ئۇنى بىلمەيسەن. سەنمۇ ئاللاھ ساڭا ئۆگەتكەن بىر ئىلىمنى بىلىسەن، مەن ئۇنى بىلمەيمەن» دېدى. مۇسا: «ئىنشائاللاھ، مېنىڭ سەۋرچانلىقىمنى كۆرىسەن، سېنىڭ ھېچبىر ئىشىڭغا قارشى چىقمايمەن» دېدى.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىككىسى بىرلىكتە دېڭىز بويىدا مېڭىشقا باشلىدى. ئۇلارنىڭ كېمىسى يوق ئىدى. ئۇلارنىڭ يېنىدىن بىر كېمە ئۆتتى، ئۇنىڭغا چىقىۋېلىش ئۈچۈن ئىگىسى بىلەن سۆزلەشتى. كېمىدە خىزىرنى تۇنۇيدىغانلار چىقتى، شۇنىڭ بىلەن كېمىنىڭ ئىگىلىرى ئىككىسىنى كىرا ئالماستىن كېمىسىگە ئېلىۋالدى. ئۇ ئەسنادا بىر قۇشقاچ كېلىپ كېمىگە قوندى ۋە بىر ئىككى قېتىم دېڭىزغا چوقۇدى. خىزىر مۇنداق دېدى: «ئى مۇسا! مېنىڭ ئىلمىم ۋە سېنىڭ ئىلمىڭ ئاللاھنىڭ ئىلمىدىن شۇ قۇشقاچنىڭ تۇمشۇقى بىلەن دېڭىزدىن ئالغان نەرسىسىچىلىك بىر نەرسە» دېدى.
ئاندىن خىزىر كېمىنىڭ تاختىلىرىدىن بىرىنى سۇغۇرىۋەتتى. مۇسا: «ئۇلار بىزنى كىرا ئالماستىن كېمىسىگە ئېلىۋالغان تۇرسا، سەن كېلىپ ئۇلارنى غەرق بولۇپ كەتسۇن دەپ كېمىنى تېشىۋەتتىڭ» دېدى.
خىزىر: «مەن ساڭا ماڭا ئەگەشسەڭ قىلغان ئىشلىرىمغا سەۋر قىلالمايسەن دېمىدىممۇ؟» دېدى.
مۇسا: «ئۇنتۇپ قېلىپ دەپ سالغان بۇ سۆزۈم ئۈچۈن مېنى ئەيىبلىمە. بىلىمىڭدىن ئۆگىنىۋېلىش ئىشىمنى قىيىنلاشتۇرما!» دېدى.
مۇسانىڭ بۇ تۇنجى ئېتىرازى ئەھدىسىنى ئۇنۇتقانلىقى ئۈچۈن ئىدى.
ئاندىن ئۇلار يەنە يولغا چۈشۈپ، بىر مۇددەتتىن كېيىن بىر ئوغۇل بالىنى ئۇچرىتىشتى، ئۇ بالا ئاداشلىرى بىلەن ئويناۋاتاتتى. خىزىر بالىنىڭ كاللىسىنى ئۈستى تەرىپىدىن تۇتقان پېتى ئۈزۈۋەتتى. مۇسا: «سەن بىر بىگۇناھ جاننى ناھەق ئۆلتۈرەمسەن؟» دېدى. خىزىر: «مەن ساڭا ماڭا ئەگەشسەڭ قىلغان ئىشلىرىمغا سەۋر قىلالمايسەن دېمىدىممۇ؟» دېدى.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يەنە يولغا چۈشتى. بىر مۇددەت ماڭغاندىن كېيىن بىر كەنت ئاھالىسىنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇلاردىن تاماق سوراشتى. لېكىن كەنت ئاھالىسى ئۇلارنىڭ مېھمان بولۇش تەلىپىنى رەت قىلدى. بۇ ئەسنادا ئىككىسى ئۇ كەنتتە ئۆرۈلۈپ كېتەي دەپ قالغان بىر تامنى ئۇچراتتى. خىزىر قولى بىلەن تامغا ئىشارەت قىلدى، ئاندى ئۇنى تۇرغۇزۇپ قويدى. مۇسا ئۇنىڭغا: «خالىساڭ بۇنىڭغا بىر ھەق ئالالايتتىڭ» دېدى. خىزىر: ««مانا بۇ ئىككىمىزنى بىر-بىرىمىزدىن ئايرىيدىغان سۆزدۇر» دېدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مۇساغا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن، بىز مۇسانىڭ سەۋر- تاقەت قىلىپ تۇرۇپ، خىزىر بىلەن بىرلىكتە تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلىپ بىزگە كۆپ نەرسە بايان قىلىشىنى ئارزۇ قىلاتتۇق»[4].
بۇ يەردە خىزىرنىڭ مۇنۇ سۆزى دىققىتىمىزنى تارتماقتا: «مەن ئاللاھ ماڭا ئۆگەتكەن بىر ئىلىمنى بىلىمەن، سەن ئۇنى بىلمەيسەن، سەنمۇ ئاللاھ ساڭا ئۆگەتكەن بىر ئىلىمنى بىلىسەن، مەن ئۇنى بىلمەيمەن».
مۇسا ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدۇر. ئەلچىلەر ئاللاھ تاپشۇرغان ۋەزىپىنى ئورۇندايدۇ. بۇ ۋەزىپە بولسا ئىنسانلارغا توغرا يولنى كۆرسىتىش ۋە ئۇلارغا يولباشچى بولۇشتۇر. مۇنۇ ئايەت بۇنى روشەن بىلدۈرمەكتە:
{يَا أَيُّهَا النَّبِيُّ إِنَّا أَرْسَلْنَاكَ شَاهِداً وَمُبَشِّراً وَنَذِيراً. وَدَاعِياً إِلَى اللَّهِ بِإِذْنِهِ وَسِرَاجاً مُّنِيراً} الأحزاب 45 – 46.
«ئى پەيغەمبەر! بىز سېنى گۇۋاھچى، خۇش خەۋەر بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتتۇق.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە سەن يەنە ئاللاھنىڭ رۇخسىتى بىلەن ئاللاھقا دەۋەت قىلغۇچى ۋە بىر نۇرلۇق چىراغسەن»- ئەھزاب 33/45 – 46.
بىر ئەلچىنىڭ قىلغانلىرىنى ھەر ئىنسان قىلالايدۇ. چۈنكى ئۇلار ئۈلگە كىشىلەردۇر. ئۇلاردا خىزىرنىڭكىگە ئوخشاش كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ھەرىكەتلەر كۆرۈلمەيدۇ. ئەلچىلەر كۆرسەتكەن مۆجىزىلەر بولسا ئۇلارنىڭ ئەلچىلىكلىرىنى ئىسپاتلاشتىن باشقا بىر مەقسەتنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.
خىزىر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىلمىگە ئەلچىلەرنىڭ ئېھتىياجى يوق. بۇنى چۈشىنىش ئۈچۈن يۇقىرىدىكى ئۈچ ۋەقەنىڭ ماھىيىتىنى بايان قىلغان ئايەتلەرنى بىرلىكتە ئوقۇيلى:
«قَالَ هَذَا فِرَاقُ بَيْنِي وَبَيْنِكَ سَأُنَبِّئُكَ بِتَأْوِيلِ مَا لَمْ تَسْتَطِعْ عَلَيْهِ صَبْرًا (78) أَمَّا السَّفِينَةُ فَكَانَتْ لِمَسَاكِينَ يَعْمَلُونَ فِي الْبَحْرِ فَأَرَدْتُ أَنْ أَعِيبَهَا وَكَانَ وَرَاءَهُمْ مَلِكٌ يَأْخُذُ كُلَّ سَفِينَةٍ غَصْبًا (79) وَأَمَّا الْغُلَامُ فَكَانَ أَبَوَاهُ مُؤْمِنَيْنِ فَخَشِينَا أَنْ يُرْهِقَهُمَا طُغْيَانًا وَكُفْرًا (80) فَأَرَدْنَا أَنْ يُبْدِلَهُمَا رَبُّهُمَا خَيْرًا مِنْهُ زَكَاةً وَأَقْرَبَ رُحْمًا (81) وَأَمَّا الْجِدَارُ فَكَانَ لِغُلَامَيْنِ يَتِيمَيْنِ فِي الْمَدِينَةِ وَكَانَ تَحْتَهُ كَنْزٌ لَهُمَا وَكَانَ أَبُوهُمَا صَالِحًا فَأَرَادَ رَبُّكَ أَنْ يَبْلُغَا أَشُدَّهُمَا وَيَسْتَخْرِجَا كَنْزَهُمَا رَحْمَةً مِنْ رَبِّكَ وَمَا فَعَلْتُهُ عَنْ أَمْرِي ذَلِكَ تَأْوِيلُ مَا لَمْ تَسْطِعْ عَلَيْهِ صَبْرًا (82)» سورة الكهف
«ئۇ بەندىمىز مۇنداق دېدى: ‹مانا بۇ، ئىككىمىزنى بىر-بىرىمىزدىن ئايرىيدىغان سۆزدۇر. مەن ھازىر ساڭا، سەن سەۋر قىلالمىغان ئىشلارنىڭ ھەقىقىتىنى ئېيتىپ بېرىمەن:
ئۇ كېمە بارغۇ! ئۇ دېڭىزدە ئىشلەيدىغان بىرقانچە مىسكىننىڭ ئىدى. ئۇنى ئەيىبلىك ھالەتكە كەلتۈرۈپ قوياي دەپ تېشىۋەتتىم. چۈنكى ئۇلارنىڭ بارىدىغان يېرىدە بارلىق ساغلام كېمىنى بۇلىۋالىدىغان بىر پادىشاھ بار ئىدى.
ئۇ ئوغۇل بالىغا كەلسەك، ئاتا-ئانىسى مۇئمىن كىشىلەر ئىدى. ئۇ بالىنىڭ كەلگۈسىدە ئۇلارنى ئازغۇنلۇققا ۋە كاپىرلىققا زورلىشىدىن قورقتۇق- دە،
رەببىنىڭ ئۇلارغا ئۇنىڭدىن ياخشى ۋە كۆيۈملۈك بىر بالا ئاتا قىلىشىنى ئىرادە قىلدۇق.
ئۇ تام بولسا، شەھەردە ياشايدىغان ئىككى يېتىم ئوغۇلنىڭ بولۇپ، ئاستىدا ئۇلارنىڭ بىر خەزىنىسى بار ئىدى. ئۇلارنىڭ دادىسى ياخشى ئادەم ئىدى. رەببىڭ ئۇلارنىڭ بالاغەتكە يېتىپ خەزىنىلىرىنى ئۆز قوللىرى بىلەن چىقىرىۋېلىشىنى ئىرادە قىلدى. بۇ رەببىڭدىن بىر رەھمەت ئىدى. مەن بۇلارنى ئۆزۈم چاغلاپ قىلمىدىم. ئەنە شۇلار، سەن سەۋر قىلالمىغان ئىشلارنىڭ ھەقىقىتى›.» – كەھف 18/78 – 82.
 بۇ ۋەقەنىڭ ئىبرەت ئېلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن تەرەپلىرى بار. بىزگە نىسبەتەن ئەڭ مۇھىمى شۇدۇر: ئاللاھدىن كەلگەن ھەر نەرسىگە تەسلىم بولۇش ۋە ئۇنىڭ بىز ئۈچۈن ياخشى نەتىجىلەر ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىش كېرەك. چۈنكى كۆڭلىمىزگە ياقمايدىغان شۇنچە كۆپ ۋەقەلەر باركى، كېيىنچە ئۇنىڭ بولمىسا بولمايدىغانلىقى نامايەن بولىدۇ.
ئەلچىلەردە خىزىردىكىگە ئوخشاش كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ھەرىكەتلەر كۆرۈلمەيدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەرىكەتلىرى ئۈممەتلىرى ئۈچۈن ئۈلگىدۇر. لېكىن خىزىرنىڭ قىلمىشلىرى ئۈلگە بولالمايدۇ.
ناۋادا يۇقىرىدىكى ئىشلارنى مۇسا ئەلەيھىسسالام قىلغان بولسا ۋە بىر يەھۇدىي ئۇنى ئۈلگە ئېلىپ ئاتا-ئانىسىغا ئەزىيەت يەتكۈزىدۇ، دەپ بىر بالىنى ئۆلتۈرۈپ قويسا ئىدى ياكى باشقىسى بۇلاپ كېتىدۇ، دەپ بىراۋنىڭ مېلىغا زىيان يەتكۈزگەن بولسا ئىدى، ئىنسانلار ئارىسىدا ئامانلىق ۋە خاتىرجەملىق قالارمىدى؟ ئۇ تەقدىردە ھەر كىشى قىلغان غەلىتە قىلمىشلىرىغا بىر باھانە ئويدۇرۇپ چىقىپ، مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قىلمىشىنى دەلىل قىلىپ كۆرسەتمەسمىدى؟
يۇقىرىدىكى ھەدىس مۇنۇ سۆزلەر بىلەن ئاخىرلىشىدۇ:
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مۇساغا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن، بىز مۇسانىڭ سەۋر- تاقەت قىلىپ تۇرۇپ، خىزىر بىلەن بىرلىكتە تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلىپ بىزگە كۆپ نەرسە بايان قىلىشىنى ئارزۇ قىلاتتۇق».
ھەدىس شۇنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇكى، خىزىر ئۆگەتكەن ئىلىم ئايەتتە بىلدۈرۈلگەنلەر بىلەن چەكلىكتۇر. بۇ توغرىدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاممۇ ئارتۇق بىر نەرسە بىلمەيتتى.
بۇ ھەقىقەتلەر ئالدىدا كىم خىزىرغا ئۆگىتىلگەن ئىلىمنىڭ ئۆزىگىمۇ ئۆگىتىلگەنلىكىنى دەۋا قىلالايدۇ؟
21 – كەشف (پەردىلەرنىڭ ئېچىلىشى)
مۇرىد: ئىلھام ۋە كەشىف يولى بىلەن قولغا كەلتۈرۈلگەن بىر ھەقىقەت ئىلمى بار. بۇ ئىلمى لەدۇن دۇر. بۇ پىكرىي، زېھنىي ۋە چۈشەنچە تەمرىنلىرى[5] بىلەن قولغا كەلتۈرۈلگەن ئىلىم ئەمەس، بەلكى ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلىدىغان ئىلىمدۇر[6].
بايىندىر: ئايەتتە «ئۇنىڭغا ئۆز تەرىپىمىزدىن بىر ئىلىم ئۆگەتكەن ئىدۇق» (كەھف 18/65) دېيىلىدۇ. بۇ يەردە ئۆگىتىشتىن سۆز قىلىنىدۇ. ھالبۇكى، ئىلھام ۋە كەشىف بىر ئىلىم ئۆگىنىش يولى ئەمەس.
مۇرىد: كەشىف لۇغەتتە پەردىنىڭ ئېچىلىشى دېمەكتۇر. تەسەۋۋۇپ ئىستىلاھىدا كەشف پەردىلەرنىڭ ئارقىسىدا يوشۇرۇلغان مەنالارغا ۋە ھادىسىلەرگە يوشۇرۇنغان ھەقىقەتلەرگە يېتىش دېگەن مەنادا ئىشلىتىلىدۇ.
قۇرئاندا ئىنساننىڭ كۆزىدىن غەپلەت پەردىسى كۆتۈرۈلۈپ بەسىرەت كۆزى بىلەن كائىناتقا قارىغىنىدا بەزى ئىنتايىن ئىنچىكە سىرلاردىن ۋاقىپ بولالايدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنىدۇ. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
{لَقَدْ كُنتَ فِي غَفْلَةٍ مِّنْ هَذَا فَكَشَفْنَا عَنكَ غِطَاءكَ فَبَصَرُكَ الْيَوْمَ حَدِيدٌ} ق 22
«سەن بۇنىڭدىن غاپىل ئىدىڭ، ھازىر بىز سېنىڭ پەردەڭنى ئېچىۋەتتۇق. شۇنىڭ ئۈچۈن بۈگۈن كۆزۈڭ بەك ئۆتكۈردۇر»- قاف 50/22.
بۇ ئايەتنىڭ مەنىسى: سەن ھازىرغىچە غەپلەتتە ئىدىڭ، بىز غەپلەت پەردەڭنى ئاچتۇق، بۇندىن ئېتىبارەن ئىلاھىي سىرلارنى كۆرەلەيدىغان بەسىرەتكە ئىگىسەن، دېگەن بولىدۇ[7].
بايىندىر: بۇ ئايەتنىڭ سىز ئىپادىلىگەن مەنا بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوقتۇر. ئەگەر ئايەتنىڭ باش ۋە ئاخىرى ئوقۇلىدىغان بولسا بۇنىڭ پەقەت ئاخىرەت بىلەنلا مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى ئېنىق بىلىنىدۇ. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«وَنُفِخَ فِي الصُّورِ ذَلِكَ يَوْمُ الْوَعِيدِ (20) وَجَاءَتْ كُلُّ نَفْسٍ مَعَهَا سَائِقٌ وَشَهِيدٌ (21) لَقَدْ كُنْتَ فِي غَفْلَةٍ مِنْ هَذَا فَكَشَفْنَا عَنْكَ غِطَاءَكَ فَبَصَرُكَ الْيَوْمَ حَدِيدٌ (22) وَقَالَ قَرِينُهُ هَذَا مَا لَدَيَّ عَتِيدٌ (23) أَلْقِيَا فِي جَهَنَّمَ كُلَّ كَفَّارٍ عَنِيدٍ (24) مَنَّاعٍ لِلْخَيْرِ مُعْتَدٍ مُرِيبٍ (25) الَّذِي جَعَلَ مَعَ اللَّهِ إِلَهًا آَخَرَ فَأَلْقِيَاهُ فِي الْعَذَابِ الشَّدِيدِ» ق
«سۈر چېلىنىدۇ. مانا بۇ، كېلىشى ۋەدە قىلىنغان كۈندۇر.
ئۇ كۈنى ھەر ئىنسان يېنىدا بىر ھەيدىگۈچى ۋە بىر گۇۋاھچى بولغان ھالدا كېلىدۇ.
ئۇنىڭغا: ‹سەن بۇنىڭدىن غاپىل ئىدىڭ، ھازىر بىز سېنىڭ پەردەڭنى ئېچىۋەتتۇق. شۇنىڭ ئۈچۈن بۈگۈن كۆزۈڭ بەك ئۆتكۈردۇر› دېيىلىدۇ.
ئۇنىڭ يېنىدىكى ھەمراھى: ‹مانا بۇ مېنىڭ يېنىمدىكى، تەييار› دەيدۇ.
ئىككى پەرىشتىگە مۇنداق دېيىلىدۇ: ‹ھەقىقەتكە قارشى چىققۇچى ھەر كاپىرنى جەھەننەمگە تاشلاڭلار!
ياخشىلىققا توسالغۇ بولغۇچى، ھەددىدىن ئاشقۇچى ۋە شەك كەلتۈرگۈچىنى،
يەنى ئاللاھقا باشقا بىر ئىلاھنى شېرىك قىلغۇچى كىشىنى. ئۇنى قاتتىق ئازابنىڭ ئىچىگە تاشلاڭلار›.»- قاف 50/20 – 26.
قاراڭ، بۇ ئايەتنىڭ سىز ئېيتقان مەنا بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوقتۇر. بۇ ئايەت پۈتۈنلەي ئاخىرەت بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر.
ئوتتۇرىدا ناھايىتى روشەن ئايەت ۋە ھەدىسلەر تۇرۇغلۇق، ئۇلارغا كۆز يۇمۇسىز، مەسىلە بىلەن مۇناسىۋىتى بولمىغان ئايەتلەردىن ھۆكۈم چىقىرىشقا ئۇرۇنىۋاتىسىز.
22- پاراسەت
مۇرىد: يۇقىرىدا بىر ھەدىسى قۇدسىي ئۆتكەن ئىدى، ئۇنى نېمىشقا تاشلاپ ئۆتۈپ كەتتىڭ؟ ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ: «… ئۇ ئابىد ۋە زاھىد بەندەمنى ياخشى كۆرگىنىمدە ئۇنىڭ كۆرىدىغان كۆزى، ئىشىتىدىغان قولىقى، سۆزلەيدىغان تىلى، تۇتىدىغان قولى، ماڭىدىغان پۇتى بولىمەن. ئۇ مەن بىلەن كۆرىدۇ، مەن بىلەن ئىشىتىدۇ، مەن بىلەن سۆزلەيدۇ، مەن بىلەن تۇتىدۇ، مەن بىلەن يۈرىدۇ.»
يەنە شۇنداق كىشىلەر باركى، ئۇ ھېچكىم پەرق ئېتەلمىگەن نەرسىلەرنى پەرق ئېتىدۇ، كىشىنىڭ ئەقلىدىن ۋە ئىچىدىن نېمىلەرنىڭ ئۆتكەنلىكىنى توغرىغا يېقىن شەكىلدە بىلەلەيدۇ. خوش، بۇ نېمە؟
بايىندىر: بۇ پاراسەتتۇر. پاراسەت ئىنچىلىكىلىكلەرگە ۋە تەپسىلاتلارغا ئاساسەن، قاراش، تەخمىن قىلىش ۋە ئويلىنىش بىلەن توغرىنى تېپىش دېمەكتۇر[8]
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام «مۇئمىننىڭ پاراسىتىدىن ساقلىنىڭلار، چۈنكى ئۇ ئاللاھنىڭ نۇرى بىلەن قارايدۇ»[9] دېگەن. بۇ ھەدىسىنى مۇنۇ ئايەتلەر بىلەن بىرلىكتە چۈشەنگىنىمىزدە مەسىلە تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىلىشى مۇمكىن. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
{يِا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُواْ إَن تَتَّقُواْ اللّهَ يَجْعَل لَّكُمْ فُرْقَاناً وَيُكَفِّرْ عَنكُمْ سَيِّئَاتِكُمْ وَيَغْفِرْ لَكُمْ وَاللّهُ ذُو الْفَضْلِ الْعَظِيمِ} الأنفال 29
«ئى مۇئمىنلار! ئەگەر ئاللاھتىن قورقساڭلار، ئاللاھ سىلەرگە توغرىنى خاتادىن ئايرىيدىغان بىر قابىلىيەت بېرىدۇ، گۇناھىڭلارنى كەچۈرىدۇ، سىلەرگە مەغفىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ كاتتا پەزل ئىگىسىدۇر»- ئەنفال 8/29.
{يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اتَّقُوا اللَّهَ وَآمِنُوا بِرَسُولِهِ يُؤْتِكُمْ كِفْلَيْنِ مِن رَّحْمَتِهِ وَيَجْعَل لَّكُمْ نُوراً تَمْشُونَ بِهِ وَيَغْفِرْ لَكُمْ وَاللَّهُ غَفُورٌ رَّحِيمٌ} الحديد 28
«ئى مۇئمىنلار! ئاللاھدىن قورقۇڭلار، ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە ئىمان كەلتۈرۈڭلار. شۇنداق قىلساڭلار ئاللاھ سىلەرگە رەھمىتىدىن ئىككى ھەسسە بېرىدۇ، سىلەرگە يولۇڭلارنى يورۇتىدىغان بىر نۇر ئاتا قىلىدۇ، سىلەرگە مەغپىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، رەھىم قىلغۇچىدۇر»- ھەدىد 57/28.
سىز زىكىر قىلغان ھەدىسى قۇدسىي[10] مۇنداق:
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ: «مەن بەندەمنىڭ مەن ئۇنىڭغا پەرز قىلغان ئىبادەتلەرنى ئادا قىلىش ئارقىلىق ماڭا يېقىنلىشىشىنى بەك ياقتۇرىمەن. بەندەم نەفلى ئىبادەتلەر ئارقىلىق ماڭا يېقىنلىشىۋەرسە، ئۇنى ياخشى كۆرىمەن. مەن ئۇنى ياخشى كۆرگەن چاغدا، ئۇنىڭ ئاڭلايدىغان قۇلىقى، كۆرىدىغان كۆزى، تۇتىدىغان قولى ۋە ماڭىدىغان پۇتى بولىمەن. ئەگەر ئۇ مەندىن بىر نەرسە تىلىسە، تىلىگىنىنى چوقۇم بېرىمەن. ئەگەر ئۇ مېنىڭدىن پاناھ تىلىسە، ئۇنىڭغا چوقۇم پاناھ بولىمەن»[11].
بۇ ھەدىسى قۇدسى يۇقىرىدىكى ئايەتلەرگە مۇۋاپىقتۇر. ھەر مۆمىن بۇ سەۋىيەگە يېتەلەيدۇ. بۇ سەۋىيەگە يەتكەن كىشىنىڭ پاراسىتى ئارتىدۇ. لېكىن ھېچكىم ئاللاھقا ئەلچىسىدىنمۇ بەكرەك يېقىنلىشالمايدۇ. قۇرئاندا ئەلچىلەرنىڭ غەيىبنى بىلەلمەيدىغانلىقى ئېنىق بىلدۈرۈلگەن. ئۇلاردا ئىلمى لەدۇن ياكى ئىلمى باتىن دېيىلىدىغان نەرسىنىڭ يوقلۇقىنى بۇندىن بۇرۇن كۆرگەن ئىدۇق.
ئاللاھنىڭ ئەمىر ۋە نەھىيلىرىگە رىئايە قىلغان كىشى ئەمىرلەرنىڭ گۈزەللىكىنى ۋە نەھىي قىلىنغان (چەكلەنگەن) نەرسىلەرنىڭ يامانلىقىنى چۈشىنىپ يېتىدۇ. ئىشلىرىنىڭ توغرا-خاتاسىنى بىلىپ قىلىدۇ، ئىززەتلىك ۋە شەرەپلىك بولىدۇ. ھەر نەرسىگە ھالاللار ۋە ھاراملار دائىرىسىدە قارايدىغان بولغاچقا ئاسانلىقچە يامان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالمايدۇ. مانا بۇ ئاساسىي فاراسەتتۇر.
 ئۇنداق كىشى شۇنداق بىر ھالغا كېلىدۇكى، ئاللاھنىڭ ئەمرىگە زىت نەرسىلەرگە قۇلاق سالمايدۇ ۋە كۆزىنى يۇمۇۋالىدۇ. ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلەرنى تۇتىدۇ ۋە ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان تەرەپكە ماڭىدۇ. «مۇئمىننىڭ پاراسىتىدىن ساقلىنىڭلار، چۈنكى ئۇ ئاللاھنىڭ نۇرى بىلەن قارايدۇ» دېگەن ھەدىسنى مانا مۇشۇنداق چۈشىنىش كېرەك.
گۇناھكار مۇسۇلمانلار بۇلارنى كۆرەلەيدىغان ئەھۋالدا ئەمەس. ئۇلارنىڭ گۇناھتىن زوق ئېلىشلىرى، ئاللاھنىڭ ئەمىرلىرىنى ئۇرۇندىماسلىقتىن بىئاراملىق ھېس قىلماسلىقلىرى بۇ سەۋەپتىندۇر.
لېكىن فاراسەتنىمۇ ھەددىدىن زىيادە يوغىنىۋېتىشقا بولمايدۇ. بىر كىشىنىڭ ئىنتايىن پەزىلەتلىك بولۇشى ئۇنىڭ كۆزقارىشىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىمەيدۇ. پەيغەمبىرىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك تۆۋەندىكى ھادىسىلەر زەنجىرى بۇ توغرىدا بىزگە يېتەرلىك دەلىلدۇر:
مەدىنىگە ئەبۇ سۇفيان باشچىلىقىدا بىر تىجارەت كارۋىنىنىڭ شامدىن كېلىۋاتقانلىق خەۋىرى يېتىپ كەلگەن ئىدى. كارۋاننىڭ ئىزىغا چۈشۈش ئۈچۈن پەيغەمبىرىمىز بىر بۆلۈك مۇسۇلمان بىلەن يولغا چىقتى. بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان مەككىلىكلەر كارۋاننى قوغداش ئۈچۈن قوشۇن ئەۋەتتى. ئاللاھ كارۋاننى ياكى مەككە قوشۇنىنى مۇسۇلمانلارغا بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلدى. مۇناسىۋەتلىك ئايەت مۇنداق:
{وَإِذْ يَعِدُكُمُ اللّهُ إِحْدَى الطَّائِفَتِيْنِ أَنَّهَا لَكُمْ وَتَوَدُّونَ أَنَّ غَيْرَ ذَاتِ الشَّوْكَةِ تَكُونُ لَكُمْ وَيُرِيدُ اللّهُ أَن يُحِقَّ الحَقَّ بِكَلِمَاتِهِ وَيَقْطَعَ دَابِرَ الْكَافِرِينَ} الأنفال 7
«ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ سىلەرگە ئۇ ئىككى گۇرۇھدىن بىرىنى، ‹بۇ چوقۇم سىلەرنىڭ بولىدۇ› دەپ ۋەدە قىلغان ئىدى. سىلەر قورال- ياراغسىز ۋە كۈچ- قۇۋۋەتسىز بولغىنىنىڭ سىلەرنىڭ بولۇشىنى ئارزۇ قىلاتتىڭلار. ئاللاھ سۆزلىرى بىلەن ھەقنى ئۈستۈن قىلىشنى ۋە كافىرلارنى يىلتىزىدىن قۇرۇتۇشنى ئىرادە قىلاتتى»- ئەنفال 8/7.
ئاللاھ ئۇرۇشتا دۈشمەنگە قارشى مۇنۇ ئۆلچەمنى قويغان:
{فَإِمَّا تَثْقَفَنَّهُمْ فِي الْحَرْبِ فَشَرِّدْ بِهِم مَّنْ خَلْفَهُمْ لَعَلَّهُمْ يَذَّكَّرُونَ} الأنفال57
«ئەگەر ئۇلارنى ئۇرۇشتا تۇتۇۋالساڭ، ئۇلارنى شۇنداق بىر تارقىتىۋەتكى، ئارقىلىرىدىكىلەرمۇ تارقىتىۋېتىلسۇن. شۇنداق قىلساڭ ئەقىل تېپىشى مۇمكىن»- ئەنفال 8/57.
{فَإِذا لَقِيتُمُ الَّذِينَ كَفَرُوا فَضَرْبَ الرِّقَابِ حَتَّى إِذَا أَثْخَنتُمُوهُمْ فَشُدُّوا الْوَثَاقَ فَإِمَّا مَنّاً بَعْدُ وَإِمَّا فِدَاء حَتَّى تَضَعَ الْحَرْبُ أَوْزَارَهَا ذَلِكَ وَلَوْ يَشَاءُ اللَّهُ لَانتَصَرَ مِنْهُمْ وَلَكِن لِّيَبْلُوَ بَعْضَكُم بِبَعْضٍ وَالَّذِينَ قُتِلُوا فِي سَبِيلِ اللَّهِ فَلَن يُضِلَّ أَعْمَالَهُمْ} محمد 4
«جەڭ مەيدانىدا كاپىرلار بىلەن ئۇرۇش قىلغان چېغىڭلاردا ئۇلارنىڭ بويۇنلىرىغا ئۇرۇڭلار. ئاخىرى ئۇلارنى يېڭىپ، قارشىلىق كۆسىتەلمەيدىغان ھالەتكە كەلتۈرگەن چېغىڭلاردا ئۇلارنى ئەسىر ئېلىپ چىڭ تۇتۇڭلار. ئاندىن ئۇلارنى يا بەدەلسىز قويۇپ بېرىڭلار ياكى فىدىيە ئېلىپ قويۇپ بېرىڭلار. ئۇرۇش ئۆزىنىڭ ئېغىر يۈكلىرىنى تاشلىغانغا قەدەر شۇنداق قىلىڭلار. بۇ ئىش مانا مۇشۇنداقتۇر. ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، ئۇلاردىن ئىنتىقام ئالاتتى. لېكىن ئاللاھ بەزىڭلارنى بەزىڭلار بىلەن ئىمتىھان قىلىدۇ. ئاللاھ يولىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرگە كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى بىكار قىلىۋەتمەيدۇ.»- مۇھەممەد 47/4.
بەدىر ئۇرۇشىدا مۇسۇلمانلار جان تىكىپ ئۇرۇشۇپ دۈشمەنگە ئېغىر زەربە بەرگەن ئىدى. لېكىن ئارقىسىغا چېكىنگەن دۈشمەننىڭ پېيىگە چۈشۈپ قوغلىمىغان ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلاردىن قالغان غەنىمەتنى ۋە بىرقانچە ئەسىرنى ئېلىپ قايتقان ئىدى. ئاللاھ تەئالا بۇ ئىشنى ئەيىبلەپ مۇنۇ ئايەتنى نازىل قىلدى:
«مَا كَانَ لِنَبِيٍّ أَنْ يَكُونَ لَهُ أَسْرَى حَتَّى يُثْخِنَ فِي الْأَرْضِ تُرِيدُونَ عَرَضَ الدُّنْيَا وَاللَّهُ يُرِيدُ الْآَخِرَةَ وَاللَّهُ عَزِيزٌ حَكِيمٌ (67) لَوْلَا كِتَابٌ مِنَ اللَّهِ سَبَقَ لَمَسَّكُمْ فِيمَا أَخَذْتُمْ عَذَابٌ عَظِيمٌ (68)» سورة الأنفال
«ھېچبىر پەيغەمبەر ئۇرۇش مەيدانلىرىدا تولۇق زەپەر قازانمىغۇچە ئەسىر ئېلىش ھەققىگە ئىگە ئەمەس. سىلەر دۇنيانىڭ ئۇششاق- چۈششەك نەرسلىرىنى ئىرادە قىلىسىلەر. ئاللاھ ئاخىرەتنى ئىرادە قىلىدۇ. ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
ئەگەر ئاللاھنىڭ بۇرۇن يازغان بىر ھۆكمى[12] بولمىسا ئىدى، سىلەر ئالغان نەرسە تۈپەيلىدىن سىلەرگە چوڭ بىر ئازاب تېگەتتى»- ئەنفال 8/67 – 68.
ئاللاھ ۋەدىسىدە تۇرۇپ مۇسۇلمانلارنى غالىب قىلدى. لېكىن پەيغەمبىرىمىز دۈشمەننى قوغلىسا ئىدى، توغرا مەككىگە كىرىپ كېتەتتى ۋە دۈشمەننىڭ يىلتىزىنى قۇرۇتاتتى.
دېمەككى، بىلىمى ۋە پەزىلىتى قانچىلىك يۇقىرى بولسا بولسۇن ھەر كىشى خاتالىشىشى ۋە خاتا ئىش قىلىشى مۇمكىن.
ئەھۋال شۇنچىۋالا روشەن تورۇقلۇق سىلەر بەك ھەددىڭلاردىن ئېشىپ، خىزىرغا ئوخشاش ھادىسىلەرنىڭ ئارقا كۆرۈنىشىنى كۆرەلەيدىغانلىقىڭلارنى ۋە سىلەرگە قىلىنغان ئېتىرازلارنىڭ مۇسانىڭ خىزىرغا بىلدۈرگەن ئېتىرازلىرىغا ئوخشاش ھادىسىلەرنىڭ ئارقىسىدىكى ھەقىقەتلەرنى كۆرەلمەسلىكتىن بولغانلىقىنى ھېچقانداق ئىلىم ۋە دەلىلگە ئاساسلانماستىن دەۋا قىلىپ تۇرۇۋاتىسىلەر. بۇ باتىل ئېتىقادلارنى قاچان تەرك ئېتىسىلەر؟
داۋامى بار………..

[1]– روھۇلفۇرقان، 2- توم، 63- بەت.

[2]– بۇخارى، ئىلىم 42.

[3]– بۇخارى، ئىلىم 42.

[4]– بۇخارى، ئىلىم 44.

[5]– تەمرىن ئادەتلەندۈرمەك، كۆندۈرمەك، مەشىق قىلماق دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ.

[6]– ھەسەن كامىل يىلماز، لەدۇن ئىلمى ۋە كەشف، ئالتىن ئولۇق مەجمۇئەسى، 105-سان ، 1994- يىلى، 11- ئاي، ئىستانبۇل، 31- بەت.

[7]ھەسەن كامىل يىلماز، لەدۇن ئىلمى ۋە كەشف، ئالتىن ئولۇق مەجمۇئەسى، 105-سان ، 1994- يىلى، 11- ئاي، ئىستانبۇل، 31- بەت.

[8]مۇتەرجىم ئاسىم، قامۇس تەرجىمىسى. كەلىمە ئەرەبچىدە فىراسەت دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ.

[9]– تىرمىزى، ھىجر سۈرىسىنىڭ تەپسىرى، 6.

[10]قۇرئاندا بولمىغان، لېكىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ» دەپ بىلدۈرگەن سۆز ھەدىسى قۇدسىي دەپ ئاتىلىدۇ.

[11]– بۇخارى، رىقاق 38.

[12]ئەنفال سۈرىسىنىڭ 7- ئايىتىدە بەرگەن ۋەدىسى.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر