مۇسۇلمانلار

تەرىقەتچىلىككە نەزەر 7

8- ئادەتتىن تاشقىرى يوللار بىلەن ياردەم
مۇرىد: ئىنسانلار بىر – بىرىدىن ياردەم سورىمامدۇ؟ بۇمۇ ئاللاھدىن باشقىسىدىن ياردەم سورىغانلىق بولمامدۇ؟
بايىندىر: ئۆزئارا ياردەملىشىشكە بۇيرۇيدىغان نۇرغۇن ئايەت – ھەدىسلەر بار. ئەمما روھانىيلاردىن كۈتۈلگەن ياردەمنىڭ بۇنىڭدىن پەرقلىق ئىكەنلىكىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ. ئۇلاردىن ئىنسانلارنىڭ كۈچى يەتمەيدىغان ئىشلاردا ئادەتتىن تاشقىرى يوللار بىلەن ياردەم سورىلىدۇ. ئۇنىڭدىكى مەقسەت يا بىرەر قورقۇنچتىن خالاس بولۇش ياكى بىرەر ئارزۇ- ئارمانغا يېتىشتۇر.
مەسىلەن: بىر كىشى[1] ئىستانبۇلنىڭ تۇزلا ناھىيىسىدە ئاپتوموبىلدا كېتىۋېتىپ شىددەتلىك بىر سەلدە قالغانلىقىنى، ئاپتوموبىل سەل سۇلىرىدا لەيلەپ مېڭىۋاتقاندا ئۆزىنىڭ «يا سەييىدىنا ھەمزە!» دەپ ھەمزە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ياردەم تىلىگەنلىكىنى يازىدۇ[2]. ئەگەر ئۇ كىشى شۇ يەردە بار كىشىلەردىن ياردەم سورىغان بولسا غەلىتە تۇيۇلمايتتى ياكى ھەر نەرسىنى كۆرۈپ، كۆزىتىپ تۇرىدىغان ئاللاھ تەئالادىن ياردەم سورىغان بولسا ناھايىتى ياخشى ئىش قىلغان بولاتتى. ئەمما ئۇ ئىستانبۇلدىن نەچچە مىڭ كىلومېتىر يىراقلىقتىكى بىر قەبرىدە يېتىۋاتقان، نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىدىن خەۋىرى يوق ھەمزىنى ياردەمگە چاقىرىدۇ. دېمەك، ئۇ كىشى ھەمزىنىڭ چاقىرىقىنى ئىشىتىدىغانلىقىغا، ئۇ يەرگە كېلىپ ئۆزىنى قۇتۇلدۇرالىغۇدەك كۈچ -قۇۋۋەتكە ئىگە ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ. بولمىسا قىيىنچىلىقتا قالغاندا ھەمزىنى قانداقمۇ ئېىسىگە ئالسۇن؟ بۇنىڭدىن قارىغاندا ئۇ كىشى ھەمزىدە ئىنساندا بولمايدىغان سۈپەتلەرنىڭ بارلىقىنى خىيال قىلىدۇ. بۇ سۈپەتلەر ھايات، ئىلىم، سەمئ، بەسەر، ئىرادە ۋە قۇدرەتكە ئوخشاش سۈپەتلەردۇر[3].
ھايات- تىرىكلىك دېگەن بولىدۇ. ئۇ كىشى ھەمزىنى تىرىك دەپ ئويلىمىسا ئىدى، ئۇنى ياردەمگە چاقىرمىغان بولاتتى.
 مۇرىد: شېھىتلەر تىرىكقۇ!
بايىندىر: توغرا، ئاللاھ يولىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئەمەلىيەتتە ئۆلگەن بولمايدۇ. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
{وَلاَ تَقُولُواْ لِمَنْ يُقْتَلُ فِي سَبيلِ اللّهِ أَمْوَاتٌ بَلْ أَحْيَاء وَلَكِن لاَّ تَشْعُرُونَ} البقرة 154
«ئاللاھنىڭ يولىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنى ئۆلۈكلەر دېمەڭلار، بەلكى ئۇلار تىرىكلەردۇر. لېكىن سىلەر تۇيمايسىلەر»- بەقەرە 2/154.
بۇ يەردە دېيىلگىنى بىز بىلىدىغان تىرىكلىك ئەمەس. ئەگەر ئۇنداق بولغان بولسا، ھەمزىنىڭ شېھىت بولغانلىقىغا پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇنچىۋالا غەمكىن بولامتى؟ چاقىرغاندا كېلىدىغان ئىش بولسا، ئارا-سىرە چاقىرىپ ھال – مۇڭ ئېيتىشاتتى.
ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىز رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەمزىگە ئىچ ئاغرىتىپ يىغلىغىنىدەك باشقا بىر نەرسىگە يىغلىغىنىنى كۆرمىدۇق. ئۇنى قىبلىگە قارىتىپ قويغاندىن كېيىن، جىنازىسىنىڭ بېشىغا كەلدى ۋە ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتى»[4].
ھەمزىنى شېھىت قىلغان ۋەھشىي بىر نەچچە يىلدىن كېيىن مۇسۇلمان بولغاندا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىن ئۆزىگە كۆرۈنمەسلىكىنى تەلەپ قىلغان ئىدى[5].
شېھىتلەر مەسىلىسى ئۈستىدە قايتا توختىلىمىز.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندا ئەبۇ بەكىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇھىم بىر نۇتۇق سۆزلىگەن ئىدى. ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ رىۋايەت قىلىشىچە ئۇ مۇنداق دېگەن ئىدى:
«ئاگاھ بولۇڭلار! سىلەردىن كىم مۇھەممەدكە ئىبادەت قىلىدىغان بولسا مۇھەممەد ئۆلدى. كىم ئاللاھقا ئىبادەت قىلىدىغان بولسا شۈبھىسىزكى، ئۇ تىرىكتۇر، ئۆلمەيدۇ. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
{وَمَا مُحَمَّدٌ إِلاَّ رَسُولٌ قَدْ خَلَتْ مِن قَبْلِهِ الرُّسُلُ أَفَإِن مَّاتَ أَوْ قُتِلَ انقَلَبْتُمْ عَلَى أَعْقَابِكُمْ وَمَن يَنقَلِبْ عَلَىَ عَقِبَيْهِ فَلَن يَضُرَّ اللّهَ شَيْئاً وَسَيَجْزِي اللّهُ الشَّاكِرِينَ} آل عمران 144
«مۇھەممەد پەقەتلا بىر ئەلچىدۇر. ئۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ نۇرغۇن ئەلچىلەر ئۆتتى. ئۇ ئۆلسە ياكى ئۆلتۈرۈلسە، ئارقاڭلارغا يېنىۋالامسىلەر؟ كىمكى ئارقىسىغا يېنىۋالىدىكەن، بىلىپ قويسۇنكى ئۇ ئاللاھغا ھېچبىر زىيان يەتكۈزگەن بولمايدۇ. ئاللاھ شۈكۈر قىلغۇچىلارنى مۇكاپاتلايدۇ»- ئال ئىمران 3/144.
ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:
«ئەبۇ بەكىر ئوقۇغانغا قەدەر ئاللاھنىڭ بۇنداق بىر ئايەت نازىل قىلغانلىقىنى خۇددى ھېچكىم بىلمەيدىغاندەك ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن بەزىلەرگە قۇلاق سالسام بۇ ئايەتنى ئوقۇۋاتاتتى. سەئىد ئىبنى ئەلمۇسەييەب ماڭا ئۆمەرنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلدى:
ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئەبۇ بەكىرنىڭ ئۇ ئايەتنى ئوقۇغانلىقىنى ئاڭلاپ ئەس- ھوشۇمنى يوقۇتۇپتىمەن. پۇتلىرىم مېنى كۆتۈرەلمەيدىغان ھالەتكە كەلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام راستىنلا ئۆلگەن ئىدى»[6].
مۇناسىۋەتلىك ئىككى ئايەت مۇنداق:
{وَمَا جَعَلْنَا لِبَشَرٍ مِّن قَبْلِكَ الْخُلْدَ أَفَإِن مِّتَّ فَهُمُ الْخَالِدُونَ} الأنبياء 34
«ئى مۇھەممەد! بىز سەندىن ئىلگىرى ھېچكىمگە ئۆلمەسلىكنى بەرمىدۇق. سەن ئۆلسەڭ، ئۇلار باقىي قالامدۇ؟»- ئەنبىيا 21/34.
{إِنَّكَ مَيِّتٌ وَإِنَّهُم مَّيِّتُونَ} الزمر 30
«ئى مۇھەممەد! سەنمۇ ئۆلىسەن، ئۇلارمۇ ئۆلىدۇ»- زۇمەر 39/30.
شۇنداق تۇرۇقلۇق، ھەمزىنىڭ بىز چۈشىنىدىغان مەنادا تىرىك بولغانلىقىنى كىم ئېيتالايدۇ؟
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
«وَاللَّهُ يَعْلَمُ مَا تُسِرُّونَ وَمَا تُعْلِنُونَ (19) وَالَّذِينَ يَدْعُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ لَا يَخْلُقُونَ شَيْئًا وَهُمْ يُخْلَقُونَ (20) أَمْوَاتٌ غَيْرُ أَحْيَاءٍ وَمَا يَشْعُرُونَ أَيَّانَ يُبْعَثُونَ (21)»- النحل
«ئاللاھ سىلەرنىڭ ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن قىلغان پۈتكۈل ئىشلىرىڭلارنى بىلىدۇ. مۇشرىكلار ئاللاھنى قويۇپ دۇئا قىلغان كىشىلەر ھېچنېمە يارىتالمايدۇ. ئەكسىچە ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى يارىتىلغان كىشىلەردۇر. ئۇلار ئۆلۈكلەردۇر، تىرىكلەر ئەمەستۇر، قاچان قايتا تىرىلدۈرۈلىدىغانلىقىنىمۇ ئۇقمايدۇ»- نەھل 16/19-21.
ئەپسۇسكى، بۇلار ئۆزلىرىنىڭ يامان ئىشلىرىغا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىمۇ ۋاسىتە قىلماقتا. ئىنسانلار ئۈستىدىكى مەنىۋى بېسىملىرىنىڭ داۋاملىشىشى ئۈچۈن يالغانچىلىق ۋە تۆھمەت بىلەن مەشغۇل بولماقتا. ئۇلار شۇنچىۋالا كۆپ ئايەت تۇرسىمۇ پەيغەمبەرنىڭ ھايات ئىكەنلىكىنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى دەۋا قىلىدۇ. ھەتتا ئۇنىڭ خۇددى بىر چارلىغۇچىدەك چارلاش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنىمۇ سۆزلەيدۇ.
بۇ قىزىل كۆز ئىنسانلارنىڭ تۈزىلىشى تەس. شۇنداقتىمۇ مەن ئەقلىنى ئازراق بولسىمۇ ئىشلىتىدىغانلار ئۈچۈن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنۇ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرمەكچىمەن:
«مەن رەسۇللاھنىڭ بىزدىن كېيىن ۋاپات بولىشىنى ئارزۇ قىلاتتىم. ئەمما ئۇ ئۆلۈپ كەتكەن بولسىمۇ ئاللاھ ئاراڭلاردا بىر نۇر قويدى. سىلەر ئۇنىڭ بىلەن توغرا يولنى تاپالايسىلەر. ئاللاھ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىمۇ شۇ نۇر ئارقىلىق ھىدايەت قىلغان»[7].
ئۇ نۇر قۇرئاندۇر. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋىدا خۇتبىسىدا مۇنداق دېگەن:
«مەن سىلەرگە ئاللاھنىڭ كىتابى قۇرئاننى قويۇپ كەتتىم. قۇرئاننى مەھكەم تۇتساڭلار ئېزىپ كەتمەيسىلەر»[8].
ھەق ئەنە شۇدۇر.
{فَمَاذَا بَعْدَ الْحَقِّ إِلاَّ الضَّلاَلُ فَأَنَّى تُصْرَفُونَ} يونس 32
«ھەقتىن كېيىن ئازغۇنلۇقتىن باشقا نېمە بار؟»- يۇنۇس 10/32.
يۇقىرىدىكى كىشى ھەمزىدە بار دەپ ئېتىقاد قىلغان سۈپەتلەرنىڭ ئىككىنچىسى ئىلىم سۈپىتىدۇر. ئىلىم بىلمەك ۋە چۈشەنمەك دېگەن بولىدۇ. ئىنساندىمۇ ئىلىم سۈپىتى بولىدۇ. لېكىن بۇ پەقەت ئۇنىڭ ئۆگىنەلىگەن ۋە چۈشىنەلىگەن نەرسىلىلىرى بىلەنلا چەكلىنىدۇ. ئىنسان ئۇلارنىمۇ ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئۇنتۇپ كېتىدۇ. ئاللاھ تەئالانىڭ ئىلمى بولسا چەكسىزدۇر. ئۇ ھەر نەرسىنى ئەڭ ئىنچىكە تەپسىلاتىغىچىلىك ئەڭ توغرا شەكىلدە بىلىدۇ ۋە ئەسلا ئۇنتۇمايدۇ.
ئىستانبۇلغا ئەسلا كېلىپ باقمىغان ھەمزىنىڭ چاقىرىلغان ئۇ يەرگە كېلىشى ئۈچۈن ۋەقە يۈز بەرگەن ئىستانبۇل – ئەنقەرە يولىنىڭ تۇزلا ناھىيىسىدىكى قىسمىنى بىلىشى لازىم. ئۇ كىشى ھەمزىنىڭ ئىلمىنى ئاللاھنىڭ ئىلمىگە ئوخشاش دەپ قارىمايدۇ. لېكىن ئۇنىڭ ھەمزىنى بۇنداق بىر يەرگە چاقىرىشى ئاللاھ تائالانىڭ چەكسىز بىلىمىنىڭ بىر قىسمىغا ھەمزىنى شېرىك قىلغانلىق بولىدۇ.
ئۈچىنچىسى سۈپەت سەمئدۇر. سەمئ ئاڭلاش قابىلىيىتىدۇر. ئاللاھ ئىنسانغىمۇ ئاڭلاش قابىلىيىتى بەرگەن. لېكىن بۇ مەلۇم دولقۇندىكى ئاۋازلارنىڭ مەلۇم يىراقلىقتىن ئاڭلىنىشى بىلەن چەكلىنىدۇ. بىزنىڭ ھەمزىگە ئوخشاش قەبرىدىكىلەرگە بىر نەرسە ئاڭلىتىشقا كۈچىمىز يەتمەيدۇ. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
{وَمَا يَسْتَوِي الْأَحْيَاء وَلَا الْأَمْوَاتُ إِنَّ اللَّهَ يُسْمِعُ مَن يَشَاءُ وَمَا أَنتَ بِمُسْمِعٍ مَّن فِي الْقُبُورِ} فاطر 22
«تىرىكلەر بىلەن ئۆلۈكلەر ئوخشاش بولمايدۇ. ئاللاھ خالىغان كىشىگە ئاڭلىتىدۇ. سەن قەبىرلەردىكى كىشىلەرگە ئاڭلىتالمايسەن»- فاتىھ 35/22.
ئاللاھ تەئالا ھەر نەرسىنى ئاڭلايدۇ. ئۇ ئەڭ مەخپى ئاۋازلارنى، ئەڭ كىچىك ھەرىكەتلەرنى، يۈرەكتىن يالۋۇرۇشلارنى ۋە باشقا بارلىق سۆز – ھەرىكەتلەرنى ئاڭلايدۇ. ھېلىقى كىشى ئىستانبۇلدا تۇرۇپ «يا سەييىدىنا ھەمزە!» دېگەن چېغىدا ھەمزىنىڭ ئۆزىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلايدىغانلىقىنى خىيال قىلمىسا ئۇنى ياردەمگە چاقىرمايدۇ. ئۇ كىشى بۇ قىلمىشى بىلەن ھەمزىنى ئاللاھنىڭ ئاڭلاش سۈپىتىگە شېرىك قىلغان بولماسمۇ؟ چۈنكى بۇ شەكىلدە ئاڭلاش ئاللاھدىن باشقىسىدا يوق.
تۆتىنچىسى سۈپەت بەسەردۇر. بەسەر كۆرۈش قابىلىيىتى دېگەن بولىدۇ. ئىنسانلاردىمۇ كۆرۈش قابىلىيىتى بار، لېكىن بۇ ناھايىتى چەكلىك. ئاللاھ تائالا بولسا ئەڭ كىچىك نەرسىلەرنى ئەڭ ئىنچىكە تەپسىلاتىغىچىلىك كۆرىدۇ.
نەچچە مىڭ كىلومېتىر يىراقلىقتا، قەبرىدە يېتىۋاتقان بىرىنى ياردەمگە چاقىرغان كىشى ئۇنىڭ ئۆزىنى كۆرىۋاتقانلىقىغا ئىشەنگەن بولىدۇ. بولمىسا ئۇنىڭ ئەھۋالىنى قانداق بىلىدۇ؟ بۇ شەكىلدە كۆرۈش پەقەتلا ئاللاھقىلا خاس بولغانلىقتىن، بۇ شەخس ئۇ قىلمىشى بىلەن ھەمزىنى ئاللاھنىڭ كۆرۈش سۈپىتىگىمۇ شېرىك قىلغان بولىدۇ.
بەشىنچىسى ئىرادە، ئالتىنچىسى قۇدرەت سۈپىتىدۇر. ئىرادە خالاش ۋە تاللاش دېگەن بولىدۇ. قۇدرەت بولسا بىر ئىشقا كۈچى يېتىش دېگەن بولىدۇ.
ئىنساننىڭ ئىرادىسىمۇ، قۇدرىتىمۇ چەكلىكتۇر. ئۆلگەندىن كېيىن بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى قالمايدۇ. ئۇ كىشى ھەمزىنى بۇ چاقىرىقنى قوبۇل قىلىدىغان ئىرادىگە ۋە كېرەكلىك ياردەمنى قىلالىغۇدەك كۈچگە ئىگە دەپ قارىمىسا ئۇنى چاقىرمايدۇ. بۇ ئادەتتىن تاشقىرى بىرخىل ئىرادە ۋە قۇدرەتنى ئويدۇرۇپ چىققانلىق بولىدۇ. بۇنداق ئىرادە ۋە قۇدرەتگە ئىگە بىردىنبىر زات ئاللاھ تەئالادۇر. بۇ ھالدا ئۇ كىشى ھەمزىنى ئاللاھ تەئالانىڭ بۇ ئىككى سۈپىتىگىمۇ شېرىك قىلغان بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
«إِنَّ الَّذِينَ تَدْعُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ عِبَادٌ أَمْثَالُكُمْ فَادْعُوهُمْ فَلْيَسْتَجِيبُوا لَكُمْ إِنْ كُنْتُمْ صَادِقِينَ (194) أَلَهُمْ أَرْجُلٌ يَمْشُونَ بِهَا أَمْ لَهُمْ أَيْدٍ يَبْطِشُونَ بِهَا أَمْ لَهُمْ أَعْيُنٌ يُبْصِرُونَ بِهَا أَمْ لَهُمْ آَذَانٌ يَسْمَعُونَ بِهَا قُلِ ادْعُوا شُرَكَاءَكُمْ ثُمَّ كِيدُونِ فَلَا تُنْظِرُونِ (195) إِنَّ وَلِيِّيَ اللَّهُ الَّذِي نَزَّلَ الْكِتَابَ وَهُوَ يَتَوَلَّى الصَّالِحِينَ (196) وَالَّذِينَ تَدْعُونَ مِنْ دُونِهِ لَا يَسْتَطِيعُونَ نَصْرَكُمْ وَلَا أَنْفُسَهُمْ يَنْصُرُونَ (197)» الأعراف
«شۈبھىسىزكى، سىلەر ئاللاھ بىلەن ئۆزۈڭلارنىڭ ئارىسىغا قويۇپ دۇئا قىلىۋاتقان كىشىلەر سىلەرگە ئوخشاش بەندىلەردۇر. ئەگەر راستچىل بولساڭلار ئۇلارنى چاقىرىپ بېقىڭلار سىلەرگە جاۋاب قايتۇرۇپ باقسۇن.
ئۇلارنىڭ ماڭىدىغان پۇتلىرى بارمۇ؟ ياكى ئۇلارنىڭ تۇتىدىغان قوللىرى بارمۇ؟ ياكى ئۇلارنىڭ كۆرىدىغان كۆزلىرى بارمۇ؟ ياكى ئۇلارنىڭ ئىشىتىدىغان قۇلاقلىرى بارمۇ؟ ئېيتقىنكى: ‹شېرىكلىرىڭلارنى چاقىرىڭلار، ئاندىن كېيىن ماڭا سۇيقەست قىلىڭلار، ماڭا پۇرسەت بەرمەڭلار›.
شۈبھىسىزكى، مېنىڭ ئىگەم بۇ كىتابنى نازىل قىلغان ئاللاھدۇر. ئۇ ياخشىلارنى دوست تۇتىدۇ.
سىلەر ئۇنىڭ بىلەن ئۆزۈڭلارنىڭ ئارىسىغا قويۇپ دۇئا قىلىۋاتقان كىشىلەر، سىلەرگە ياردەم بېرىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئۆزلىرىگىمۇ ياردەم بېرەلمەيدۇ.»- ئەئراف 7/194-197.
«وَاتَّخَذُوا مِنْ دُونِ اللَّهِ آَلِهَةً لَعَلَّهُمْ يُنْصَرُونَ (74) لَا يَسْتَطِيعُونَ نَصْرَهُمْ وَهُمْ لَهُمْ جُنْدٌ مُحْضَرُونَ (75)» يس
«ئۇلار بىزگە ياردەم قىلار، دېگەن ئۈمىد بىلەن ئاللاھ بىلەن ئۆز ئارىسىغا قويغان ئويدۇرما ئىلاھلارغا چوقۇندى.
ئۇ ئىلاھلار ئۇلارغا ياردەم قىلالمايدۇ. ھالبۇكى، ئۇلار ئۇ ئىلاھلار ئۈچۈن ھازىرلانغان قوشۇندۇر»- ياسىن 36/74-75.
«وَاتَّخَذُوا مِنْ دُونِ اللَّهِ آَلِهَةً لِيَكُونُوا لَهُمْ عِزًّا (81) كَلَّا سَيَكْفُرُونَ بِعِبَادَتِهِمْ وَيَكُونُونَ عَلَيْهِمْ ضِدًّا (82)» مريم
«ئۇلار ئىززەت تاپىمىز دەپ ئاللاھ بىلەن ئۆزى ئارىسىغا قويغان ئويدۇرما ئىلاھلارغا چوقۇندى.
ئەكسىچە، ئۇ ئويدۇرما ئىلاھلار ئۆزلىرىگە ئۇ مۇشرىكلارنىڭ چوقۇنىشىنى ئىنكار قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا دۈشمەن بولىدۇ»- مەريەم 19/81-82.
شېرىك مانا بۇدۇر. يەنى ئاللاھقا يېقىن دەپ بىلىنگەن كىشىلەرنى، پەقەتلا ئاللاھقا خاس بولغان بەزى خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە دەپ قاراپ، ئۇلاردىن ياردەم سوراش شېرىكتۇر.
مۇرىد: ئاللاھ خالىسا ھەمزىگە بۇ خۇسۇسىيەتلەرنى بېرەلمەمدۇ؟
بايىندىر: ئاللاھنىڭ كۈچى ھەر نەرسىگە يېتىدۇ، ئەلۋەتتە. لېكىن ئاللاھنىڭ كۈچىنى دەلىل قىلغىلى بولمايدۇ. بۇنچىۋالا كۆپ ئايەت تۇرۇقلۇق يەنىلا ھەمزىگە خۇسۇسي بىر كۈچ بېرىلگەنلىكىنى كىم دەۋا قىلالايدۇ؟ قاراڭ! پەيغەمبەرلەرمۇ، بىزمۇ ئاللاھنىڭ بەندىسىدۇرمىز، يەنى ئاللاھنىڭ قۇلىدۇرمىز. ئاللاھ بولسا بىزنىڭ رەببىمىزدۇر، يەنى خوجايىنىمىزدۇر. قۇلنىڭ خوجايىنى ئالدىدا ھېچقانداق ھوقۇقى بولمايدۇ. بۇ سەۋەبتىن ھېچبىر ئىنساننىڭ ئاللاھ ئالدىدا ھوقۇقى بولمايدۇ. پەيغەمبەرلەرمۇ شۇنداق. ئەگەر ئاللاھ بىر ھوقۇق بەرگەن بولسا ئۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا. بولۇپمۇ يۇقىرىدىكى ئايەتلەردىكىگە ئوخشاش ئاللاھ ھېچكىمگە بىر ھوقۇق بەرمىگەنلىكىنى ئېنىق بىلدۈرگەن بىر مەسىلىدە بەزىلەرنى ھوقۇقلۇق دەپ قاراش كەچۈرگۈسىز بىر جىنايەت بولىدۇ.
مۇرىد: ئەمما بۇ زات باشقا بىر يەردە ھەمزىنىڭ ياردەمگە كەلگەنلىكىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ئىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:
«جىن دېيىشكە بولىدىغان بىر مەخلۇق قولۇمدىن تۇتۇپ ئېلىپ مېڭىشقا تىرىشتى. ناھايىتى بىئارام بولدۇم. تۇيۇقسىز ھەمزىدىن مەدەت تىلەپ «يا ھەمزە!» دېدىم. ئۇ شانلىق ساھابە دۇئايىمنى ئىجابەت قىلىپ ئۆينىڭ ئىچىدە كۆرۈنگەندەك قىلدى. جىن ئۇنى كۆرگەن ھامانلا قورقۇپ ئارقىسىغا ياندى ۋە تامدىن ئاتلاپ كۆزدىن غايىپ بولدى»[9]
بايىندىر: قىيىنچىلىقتا قالغان ھەر كىشىگە ياردەم قىلىدىغان ئاللاھ تەئالا ئۇنىڭمۇ قىيىنچىلىقىنى كۆتۈرۈۋەتسە، ئۇ بۇنى ھەمزىنىڭ قىلغانلىقىنى گۇمان قىلغان گەپ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
{أَلا إِنَّ لِلّهِ مَن فِي السَّمَاوَات وَمَن فِي الأَرْضِ وَمَا يَتَّبِعُ الَّذِينَ يَدْعُونَ مِن دُونِ اللّهِ شُرَكَاء إِن يَتَّبِعُونَ إِلاَّ الظَّنَّ وَإِنْ هُمْ إِلاَّ يَخْرُصُونَ} يونس 66
«بىلىڭلاركى، ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا كىم بولسا ھەممىسى ئاللاھنىڭدۇر. ئاللاھدىن باشقىسىغا دۇئا قىلىدىغانلار شېرىكلەرگە ئەگەشمەيدۇ. ئۇلار پەقەت گۇمانغىلا ئەگىشىدۇ. ئۇلار پەقەت تەخمىن يۈرۈتىدۇ»- يۇنۇس 10/66.
«قُلِ ادْعُوا الَّذِينَ زَعَمْتُمْ مِنْ دُونِهِ فَلَا يَمْلِكُونَ كَشْفَ الضُّرِّ عَنْكُمْ وَلَا تَحْوِيلًا (56) أُولَئِكَ الَّذِينَ يَدْعُونَ يَبْتَغُونَ إِلَى رَبِّهِمُ الْوَسِيلَةَ أَيُّهُمْ أَقْرَبُ وَيَرْجُونَ رَحْمَتَهُ وَيَخَافُونَ عَذَابَهُ إِنَّ عَذَابَ رَبِّكَ كَانَ مَحْذُورًا (57)» الإسراء
«مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى: ‹سىلەر ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان مەبۇدلىرىڭلارنى ياردەمگە چاقىرىپ بېقىڭلار، ئۇلار بېشىڭلاردىكى بالانى دەپئىمۇ قىلالمايدۇ، باشقا بىرىگە يۆتكەپمۇ ئاتالمايدۇ›.
ئۇ مۇشرىكلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ دۇئا قىلىۋاتقان كىشىلىرى رەببىگە تېخىمۇ يېقىنلىشىشقا تىرىشىدۇ، رەببىنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىپ ئازابىدىن قورقىدۇ. چۈنكى رەببىڭنىڭ ئازابى ساقلىنىشقا تېگىشلىك بىر ئازابتۇر»- ئىسرا 17/56-57.
ئا- ئادەتتىن تاشقىرى كۈچنىڭ مەنبەسى
مۇرىد: ھەمزىنى ياردەمگە چاقىرغان كىشىنىڭ ئەسلى تىلىكى ئاللاھنىڭ ھەمزىنى ياردەمگە ئەۋەتىشىدۇر. بۇنىڭ ئاللاھدىن باشقىسىنى ئىلاھ قىلىۋېلىش بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى بار؟
 بايىندىر: ئۇ سۆزنى بىرلىكتە مۇلاھىزە قىلىپ كۆرەيلى:
1- ئۇ زات بىر يەردە «ئۇلۇغ ۋە مۇقەددەس روھلاردىن مەدەت تىلەشكە بولىدۇ» دېگەن[10]:
ئەمما ئاللاھ تائالا بۇ مۇددىئانى رەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
« قُلْ مَنْ يُنَجِّيكُمْ مِنْ ظُلُمَاتِ الْبَرِّ وَالْبَحْرِ تَدْعُونَهُ تَضَرُّعًا وَخُفْيَةً لَئِنْ أَنْجَانَا مِنْ هَذِهِ لَنَكُونَنَّ مِنَ الشَّاكِرِينَ (63) قُلِ اللَّهُ يُنَجِّيكُمْ مِنْهَا وَمِنْ كُلِّ كَرْبٍ ثُمَّ أَنْتُمْ تُشْرِكُونَ (64)» الأنعام.
«ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: ‹يوشۇرۇنچە يالۋۇرۇپ ‹بىزنى بۇنىڭدىن قۇتقۇزساڭ ئەلۋەتتە شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بولىمىز› دەپ پەرياد قىلغان چېغىڭلاردا سىلەرنى قۇرۇقلۇقنىڭ ۋە دېڭىزنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىدىن قۇتقۇزغان كىمدۇر؟›
ئېيتقىنكى: ‹ئاللاھتۇر. ئۇ سىلەرنى ئۇلاردىن ۋە بارلىق غەملەردىن قۇتقۇزىدۇ، ئاندىن سىلەر يەنىلا ئۇنىڭغا شېرىك كەلتۈرىسىلەر›»- ئەنئام 6/63-64.
يەنى ئىنسان بېشىغا بالا كەلگەندە پەقەت ئاللاھقىلا سېغىنىدۇ، غەمدىن خالاس بولغاندىن كېيىن ھەمزىگە ئوخشاش بىرىنى چاقىرغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ ياردىمى بىلەن قۇتۇلغانلىقىنى ئېيتىدۇ.
2- ھەمزىگە بۇ كۈچنى ئاللاھنىڭ بېرىدىغانلىقىنى خىيال قىلىش نېمىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ؟ چۈنكى بۇنىڭ دەلىلى يوقتۇر. ھەمزىنىڭ بۇ چاقىرىقتىن خەۋىرىمۇ بولمايدۇ. تۆۋەندىكى ئايەتلەر ئۈستىدە قايتىدىن توختىلايلى:
«قُلْ أَرَأَيْتُمْ مَا تَدْعُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ أَرُونِي مَاذَا خَلَقُوا مِنَ الْأَرْضِ أَمْ لَهُمْ شِرْكٌ فِي السَّمَاوَاتِ اِئْتُونِي بِكِتَابٍ مِنْ قَبْلِ هَذَا أَوْ أَثَارَةٍ مِنْ عِلْمٍ إِنْ كُنْتُمْ صَادِقِينَ (4) وَمَنْ أَضَلُّ مِمَّنْ يَدْعُو مِنْ دُونِ اللَّهِ مَنْ لَا يَسْتَجِيبُ لَهُ إِلَى يَوْمِ الْقِيَامَةِ وَهُمْ عَنْ دُعَائِهِمْ غَافِلُونَ (5)» الأحقاف
«ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى: ‹سىلەر ئاللاھنى قويۇپ دۇئا قىلىۋاتقان كىشىلىرىڭلار توغرۇلۇق ئويلۇنۇپ باقتىڭلارمۇ؟ ماڭا كۆرستىپ بېقىڭلار قېنى، ئۇلار زېمىندىن نېمە ياراتتى؟ ياكى ئۇلارنىڭ ئاسمانلاردا بىر شېرىكچىلىكى بارمۇ؟ ماڭا بۇنىڭدىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان بىر كىتاب ياكى ئىلگىرىكىلەردىن قالغان بىر ئىلىم كەلتۈرۈڭلار. ئەگەر راستچىل بولساڭلار›.
 ئاللاھنىڭ يېقىنىدىن قىيامەتكىچە دۇئاسىنى ئىجابەت قىلالمايدىغان كىشىلەرگە دۇئا قىلىدىغان ئادەمدىنمۇ ئازغۇن ئادەم بارمۇ؟ ھالبۇكى، ئۇ كىشىلەر بۇلارنىڭ دۇئاسىدىن خەۋەرسىزلەردۇر» -ئەھقاف 45/4-5.
مۇشرىكلار ئىلاھلىرىنىڭ ئۆز كۈچلىرىنى ئاللاھدىن ئالغانلىقىنى خىيال قىلاتتى. ئەمما بۇ دەلىلسىز بىر مۇددىئا ئىدى. مۇشرىكلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان مۇنۇ ئايەتلەرنى چۈشىنىش لازىم:
«قُلْ مَنْ يَرْزُقُكُمْ مِنَ السَّمَاءِ وَالْأَرْضِ أَمَّنْ يَمْلِكُ السَّمْعَ وَالْأَبْصَارَ وَمَنْ يُخْرِجُ الْحَيَّ مِنَ الْمَيِّتِ وَيُخْرِجُ الْمَيِّتَ مِنَ الْحَيِّ وَمَنْ يُدَبِّرُ الْأَمْرَ فَسَيَقُولُونَ اللَّهُ فَقُلْ أَفَلَا تَتَّقُونَ (31) فَذَلِكُمُ اللَّهُ رَبُّكُمُ الْحَقُّ فَمَاذَا بَعْدَ الْحَقِّ إِلَّا الضَّلَالُ فَأَنَّى تُصْرَفُونَ (32)» يونس
«ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: ‹سىلەرگە ئاسماندىن، زېمىندىن رىزىق بېرىۋاتقان كىمدۇر؟ سىلەرنىڭ ئاڭلاش ۋە كۆرۈش قابىلىيىتىڭلارنى باشقۇرۇۋاتقان كىمدۇر؟ تىرىكنى ئۆلۈكتىن چىقىرىۋاتقان ئۆلۈكنى تىرىكتىن چىقىرىۋاتقان كىمدۇر؟ پۈتۈن ئىشلارنى ئىدارە قىلىۋاتقان كىمدۇر؟› ئۇلار چوقۇم «ئاللاھتۇر» دەيدۇ. ئېيتقىنكى: ‹ئۇنداقتا قورقمامسىلەر؟
ئەنە شۇ ئاللاھتۇر. سىلەرنىڭ ھەقىقىي رەببىڭلاردۇر. ھەقتىن كېيىن ئازغۇنلۇقتىن باشقا نېمە بار؟ سىلەر ھەقتىن قانداقمۇ بۇرۇلۇپ كېتىسىلەر؟»- يۇنۇس 10/31-32. 
مۇشرىكلار كەبىنى تاۋاپ قىلىۋېتىپ مۇنداق دەيتتى:
«لَبَّيْكَ لاَ شَرِيْكَ لَكَ إِلاَّ شَرِيْكٌ ھُوَ لَكَ تمَلِكُهُ وَ مَا مَلَكَ»
«لەببەيك لا شەرىيكە لەك ئىللا شەرىكەن ھۇۋە لەك تەملىكۇھۇ ۋە ما مەلەك»
«خوش، مەن ئەمرىڭنى بەجا كەلتۈرۈشكە ھازىرمەن ئى ئاللاھ! سېنىڭ ھېچ شېرىكىڭ يوق، پەقەتلا بىر شېرىكىڭ بار، ئۇ ۋە ئۇ ئىگە بولغان ھەممە نەرسە سېنىڭ ئىلكىڭدە ئى ئاللاھ!»
بۇنى بىزگە نەقىل قىلغان ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: ئۇلار «لەببەيك لا شەرىيكە لەك- خوش، مەن ئەمرىڭنى بەجا كەلتۈرۈشكە ھازىرمەن ئى ئاللاھ! سېنىڭ ھېچ شېرىكىڭ يوق» دېگەن ۋاقىتلىرىدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام: «ئىسىت سىلەرگە! بۇ يەردە توختىتىڭلار، بۇ يەردە توختىتىڭلار» دەيتتى[11]
ئۇلارنىڭ ئاللاھ بەرمىگەن بىر ھوقوقنى بۇتلىرىدا بار دەپ ئېتىقاد قىلىشلىرى مۇشرىك بولۇشلىرى ئۈچۈن كۇپايە قىلاتتى. ئۇلارنىڭ بۇتقا بۇ ھوقۇقنى بەرگۈچىنىڭ ئاللاھ ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلىشلىرى ھېچ نەرسىنى ئۆزگەرتەلمەيتتى.
بىر ئايەتتە مۇنداق دېيىلىدۇ:
{وَيَعْبُدُونَ مِن دُونِ اللَّهِ مَا لَمْ يُنَزِّلْ بِهِ سُلْطَاناً وَمَا لَيْسَ لَهُم بِهِ عِلْمٌ وَمَا لِلظَّالِمِينَ مِن نَّصِيرٍ} الحج 71
«مۇشرىكلار ئاللاھتىن ئىلگىرى شۇنداق بىر نەرسىگە قۇل بولىدۇكى، ئاللاھ ئۇنىڭ ھەققىدە ھېچبىر دەلىل چۈشۈرمىگەن. ئۇلاردا ئۇ نەرسە بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق ئىلىم يوقتۇر. بۇ زالىملارنىڭ ھېچبىر ياردەمچىسى بولمايدۇ»- ھەج 22/71.
مۇرىد: ئۇ زات ئۇ چاقىرىقىدىن كېيىن «گويا ھەمزە ئۆيدە كۆرۈنگەندەك بولدى» دەيدۇ. ئۇ يەنە شۇنداق بىر كەچۈرمىشىنى ئېيتىپ بەردى:
كونا بىر دوستۇمنىڭ ئايالى كېسەل بولۇپ، ئۇ دوستۇمنىڭ چارە ئىزدىمىگەن يېرى قالمىغان ئىدى. بىر كۈنى مەن ئارىسىدا بەدىر ئۇرۇشىغا قاتناشقان ساھابىلەرنىڭ ئىسىملىرىمۇ بولغان بىر دۇئا مەجمۇئەسىنى ئۇنىڭغا بېرەي، دېگەن مەقسەتتە ئۇنىڭ ئۆيىگە كەلدىم. كېلىدىغانلىقىمدىن ھېچكىمنىڭ خەۋىرى يوق ئىدى.
مەن پەلەمپەيلەردىن چىقىۋاتقاندا ھەمشىرىمىز بىھۇش ئىكەن. جىنلەر ئۇنىڭغا: «ئاخۇنۇم كېلىۋاتىدۇ، لېكىن بىز ئۇنىڭ ئىشىنى پۈتتۈرىمىز» دەۋاتىدىكەنمىش. ئىشىكىنى چەكتىم. دوستۇم مېنى كۆرۈپ ناھايىتى ھەيران قالدى.
مەن: «بۇ دۇئا مەجمۇئەسىنى ھەمشىرىمىز يېنىدا ساقلىسۇن، چوقۇم پايدىسى بولىدۇ، جىنلار يېنىغا يېقىنلىشالمايدۇ» دېدىم ۋە مېھمانخانىسىغا كىرىپ ئولتۇردۇم.
كېيىن دوستۇم بۇ دۇئا مەجمۇئەسىنى ئايالىنىڭ ئۈستىگە قويۇپتۇ، ھوشسىز ھالەتتىكى ھەمشىرىمىز: «قانداق! ھەمزە كەلدى دەپ قېچىۋاتىسىلەر، شۇنداقمۇ؟» دەپ ۋارقىراشقا باشلاپتۇ[12].
بۇلارنىڭ ھەممىسى يالغانمۇ؟
بايىندىر: شۇنچە كۆپ ئايەت ئۈستىدە ئەمەس بۇ مۇددىئالار ئۈستىدە باش قاتۇرۇپ كەتكەنلىكىڭىزنى چۈشىنىش ھەقىقەتەن تەس. بۇلار پەقەتلا شەيتاننىڭ بىر ئويۇنى بولسا كېرەك.
ب- روھانىيلارنىڭ ھاياتى
مۇرىد: مەن تېخىچە قانائەتلەنمىدىم. ئېسىمدە قېلىشىچە بەش خىل ھايات بار:
بىرىنچىسى، بىزنىڭ ھاياتىمىز.
ئىككىنچىسى، خىزىر ۋە ئىلياس ئەلەيھىمەسسالامنىڭ ھاياتىدۇر. ئۇلار بىرلا ۋاقىتتا نۇرغۇنلىغان يەردە بولالايدۇ. خالىسا بىزگە ئوخشاش يەيدۇ ۋە ئىچىدۇ.
ئۈچىنچىسى، ئىيسا ۋە ئىدرىس ئەلەيھىمەسسالامنىڭ ھاياتىدۇر. بۇ پەرىشتىلەرنىڭ ھاياتىغا ئوخشاش نۇرانىي بىر ھاياتتۇر.
تۆتىنچىسى، شېھىتلەرنىڭ ھاياتىدۇر.
بەشىنچىسى، قەبرىدىكىلەرنىڭ ھاياتىدۇر.
شېھىتلەر ھاياتلىرىنى ئاللاھ يولىدا پىدا قىلغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھمۇ بەرزەخ ئالىمىدە[13] ئۇلارغا دۇنيا ھاياتىغا ئوخشايدىغان، لېكىن غەمسىز ۋە قىيىنچىلىقسىز بىر ھايات ئاتا قىلىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنى ئۆلۈك دەپ بىلمەيدۇ بەلكى تېخىمۇ ياخشى بىر يەرگە كەتتۇق، دەپ بىلىدۇ. ناھايىتى بەختلىك بولىدۇ. شېھىتلەرنىڭ كاتتىسى بولغان ھەمزىمۇ مۇشۇنداق بىر ھاياتتا ياشاۋاتىدۇ. ئۇ ئۆزىگە سېغىنغان ئىنسانلارنى قوغدىيالايدۇ، ئۇلارنىڭ دۇنيالىق ئىشلىرىنى ھەل قىلالايدۇ ۋە ھەل قىلدۇرالايدۇ[14]
بايىندىر: ئاللاھنىڭ يولىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ ئەسلىدە تىرىك ئىكەنلىكى توغرا، لېكىن ئاللاھ تائالا «… سىلەر ئۇنى تۇيمايسىلەر…» دېگەن تۇرسا، سىلەرنىڭ تۇيغانلىقىڭلارنى دەۋا قىلىشىڭلار قانداقمۇ ئەپۇ قىلىنسۇن؟ (شېھىتلەر توغرىسىدا ئايرىم بىر بۆلۈم كېلىدۇ).
ھەمزىنىڭ ئۆزىگە سېغىنغانلارغا ياردەم قىلالمايدىغانلىقى توغرىسىدا يەنىلا شۈبھەڭلار بولسا، يۇقىرىدىكى ئايەتلەرنى قايتىدىن، ئاستا- ئاستا ۋە ئەقلىڭلارنى ئىشلەتكەن ھالدا ئوقۇڭلار. ئەگەر ياردەم قىلالمايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغان بولساڭلار بۇنداق ئىشنى خىيالىڭلارغىمۇ كەلتۈرمەسلىكىڭلار لازىم. ئۇ ئايەتلەردىن بىرى مۇنداق:
{وَمَنْ أَضَلُّ مِمَّن يَدْعُو مِن دُونِ اللَّهِ مَن لَّا يَسْتَجِيبُ لَهُ إِلَى يَومِ الْقِيَامَةِ وَهُمْ عَن دُعَائِهِمْ غَافِلُونَ} الأحقاف 5
«ئاللاھنىڭ يېقىنىدىن قىيامەتكىچە دۇئاسىنى ئىجابەت قىلالمايدىغان كىشىلەرگە دۇئا قىلىدىغان ئادەمدىنمۇ ئازغۇن ئادەم بارمۇ؟ ھالبۇكى، ئۇ كىشىلەر بۇلارنىڭ دۇئاسىدىن خەۋەرسىزلەردۇر.»- ئەھقاف 45/5.
مۇرىد: بىز ياشاۋاتقان ھايات ھەممىمىزگە مەلۇم، بۇ توغرىدا بىر ئىختىلاپ يوق. شېھىتلەر مەسىلىسىمۇ ئايدىڭلاشتى. بۇلاردىن باشقا قالغان ئۈچ خىل ھايات ھەققىدە نېمە دەيسەن؟
بايىندىر: بۇ سوئالنى مېنىڭ سورىشىم كېرەك. سىلەر خىزىز، ئىلياس، ئىدرىس ۋە ئىيسا ئەلەيھىمۇسسالامنىڭ ھېلىمۇ ھايات ئىكەنلىكىنى نېمىگە ئاساسلىنىپ سۆزلەيسىلەر؟
مۇرىد: بۇلارنى مېنىڭ ئويدۇرغىنىم يوق. بۇلارنى سۆزلىگەن زات، بۇنداق بىر ھاياتنىڭ بارلىقىنى كەشىپ ئەھلى ئەۋلىيانىڭ[15] بىرقانچە قېتىملىق كۈزىتىشىگە ئاساسلاندۇرىدۇ.
بايىندىر: غەيىبكە ئالاقىدار مەسىلىنى ھېچقانداق ئىلمىي قىممىتى بولمىغان كەشىپكە تاياندۇرۇشقا بولمايدۇ. كەشىپ مەسىلىسى ئۈستىدە كېيىنچە ئايرىم توختىلىمىز. شۇڭا ھازىرچە ئۇ مەسىلە ئۈسىتىدە توختالمايمەن. يۇقىرىدا ئىسىملىرى زىكىر قىلىنغان تۆت پەيغەمبەردىن پەقەت ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەھۋالىنى بىلىمىز. ئۇنى تۆۋەندىكى ئايەتتىن چۈشىنىۋالالايمىز:
{… وَكُنتُ عَلَيْهِمْ شَهِيداً مَّا دُمْتُ فِيهِمْ فَلَمَّا تَوَفَّيْتَنِي كُنتَ أَنتَ الرَّقِيبَ عَلَيْهِمْ وَأَنتَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ شَهِيدٌ} المائدة 117
«… مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بولغان مۇددەتتە ئۇلارغا شاھىت ئىدىم، مېنى ۋاپات قىلدۇرغىنىڭدىن كېيىن ئۇلارغا پەقەت سەنلا كۆزەتچى بولدۇڭ. سەن ھەر نەرسىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىسەن» -مائىدە 5/117.
بۇ ئايەتتە ئىيسا ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغانلىقى ۋە ئۈممىتىدىن خەۋەرسىز بولغانلىقى بىلدۈرۈلىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر خىل ھايات تەسەۋۋۇر قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق.
ئىيسا ئەلەيھىسسالام ھايات ۋاقتىدا ئاللاھ تەئالا ئۇنىڭغا مۇنداق دېگەن ئىدى:
{إِذْ قَالَ اللّهُ يَا عِيسَى إِنِّي مُتَوَفِّيكَ وَرَافِعُكَ إِلَيَّ وَمُطَهِّرُكَ مِنَ الَّذِينَ كَفَرُواْ وَجَاعِلُ الَّذِينَ اتَّبَعُوكَ فَوْقَ الَّذِينَ كَفَرُواْ إِلَى يَوْمِ الْقِيَامَةِ ثُمَّ إِلَيَّ مَرْجِعُكُمْ فَأَحْكُمُ بَيْنَكُمْ فِيمَا كُنتُمْ فِيهِ تَخْتَلِفُونَ} آل عمران 55
«ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ ئىيساغا مۇنداق دېدى: ‹ئى ئىيسا! مەن سېنى ۋاپات قىلدۇرىمەن ۋە سېنى ئۆز تەرىپىمگە كۆتۈرىمەن، سېنى كاپىرلاردىن قۇتقۇزىمەن، ساڭا ئەگەشكەنلەرنى قىيامەت كۈنىگىچە كاپىرلارىن ئۈستۈن تۇتىمەن[16]. ئاخىرىدا ھەممىڭلار مېنىڭ دەرگاھىمغا قايتىسلەر. ئۇ چاغدا مەن ئاراڭلاردىكى ئىختىلاپ توغرىسىدا ھۆكۈم چىقىرىمەن›»- ئال ئىمران 3/55.
ج- ئۆلۈم ۋە ئۇيقۇ
مۇرىد: قەبرە ھاياتى توغرىسىدا نېمە دەيسەن؟
بايىندىر: ئاللاھ تائالا ئۆلۈم بىلەن ئۇيقۇنىڭ ئوخشاش نەرسە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ:
{اللَّهُ يَتَوَفَّى الْأَنفُسَ حِينَ مَوْتِهَا وَالَّتِي لَمْ تَمُتْ فِي مَنَامِهَا فَيُمْسِكُ الَّتِي قَضَى عَلَيْهَا الْمَوْتَ وَيُرْسِلُ الْأُخْرَى إِلَى أَجَلٍ مُسَمًّى إِنَّ فِي ذَلِكَ لَآيَاتٍ لِّقَوْمٍ يَتَفَكَّرُونَ} الزمر 42
«ئاللاھ روھلارنى ئۆلگەن چېغىدا ئالىدۇ، ئۆلمىگەن روھلارنى ئۇخلىغان چېغىدا ئالىدۇ. ئاندىن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغان روھلارنى تۇتۇپ قالىدۇ ۋە باشقىلارنى بەلگىلەنگەن مۇددەتكىچە قويۇپ بېرىدۇ. بۇنىڭدا تەپەككۇر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەر بار» – زۇمەر 39/42.
دېمەككى، ئاللاھ تائالا ئۆلۈكلەرنىڭ روھلىرىنى مەلۇم بىر يەردە تۇتۇپ تۇرىدۇ. بۇ توغرىسىدا يەنە بىر ئايەت بار:
{وَهُوَ الَّذِي يَتَوَفَّاكُم بِاللَّيْلِ وَيَعْلَمُ مَا جَرَحْتُم بِالنَّهَارِ ثُمَّ يَبْعَثُكُمْ فِيهِ لِيُقْضَى أَجَلٌ مُّسَمًّى ثُمَّ إِلَيْهِ مَرْجِعُكُمْ ثُمَّ يُنَبِّئُكُم بِمَا كُنتُمْ تَعْمَلُونَ} الأنعام
«ئۇ سىلەرنى كىچىسى ئۆلتۈرىدىغان ۋە كۈندۈزى نېمە قىلغانلىقىڭلارنى بىلىدىغان زاتتۇر. ئاندىن كېيىن بەلگىلەنگەن مۇددەتنىڭ تاماملىنىشى ئۈچۈن كۈندۈزدە سىلەرنى قايتا تىرىلدۈرىدۇ. ئاندىن كېيىن ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر. ئاندىن ئۇ قىلمىشىڭلارنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرىدۇ»- ئەنئام6/60.
قىيامەتنىڭ لۇغەت مەنىسى تۇرۇشتۇر. ئۆلگەندىن كېيىنكى تىرىلىش ئورۇندىن تۇرۇشقا، سۇرنىڭ چېلىنىشى ئورنىدىن تۇرۇش پۇشتىكىنىڭ چېلىنىشىغا ئوخشايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
« وَنُفِخَ فِي الصُّورِ فَإِذَا هُمْ مِنَ الْأَجْدَاثِ إِلَى رَبِّهِمْ يَنْسِلُونَ (51) قَالُوا يَا وَيْلَنَا مَنْ بَعَثَنَا مِنْ مَرْقَدِنَا هَذَا مَا وَعَدَ الرَّحْمَنُ وَصَدَقَ الْمُرْسَلُونَ (52)» يس
«سۇر ئەلۋەتتە چېلىنىدۇ. ئۇ چاغدا ئۇلار دەرھال قەبرىلىرىدىن چىقىپ رەببى تەرەپكە يۈگىرىدۇ.
ئۇ چاغدا ئۇلار: ‹ۋاي بىزگە! بىزنى ئۇخلاۋاتقان يېرىمىزدىن كىم قوزغىدى؟ بۇ رەھمان بېشىمىزغا كېلىشىنى سۆزلىگەن نەرسىدۇر. دېمەك، پەيغەمبەرلەر توغرا سۆزلىگەن ئىكەن› دەيدۇ»- ياسىن 36/51-52.
قۇرئان كەرىمگە ئاساسەن ئۆلۈم بىر ئۇيقۇ، قەبرە ئۇخلاش ئورنى، ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىش ئۇيقۇدىن ئويغىنىشتۇر. ھەدىس شەرىپلەردە بىلدۈرۈلگەن قەبرە ئازابى بولسا ئۇيقۇدا كۆرۈلىدىغان يامان چۈشلەرگە ئوخشاش بولسا كېرەك.
ئۇخلىغان كىشى ئۇيقۇدا قانچىلىك ۋاقىت ئۆتكەنلىكىنى بىلەلمەيدۇ. ئۆلۈكمۇ شۇنىڭغا ئوخشايدۇ. قۇرئان كەرىمدىمۇ بىرى ئۆلۈك، يەنە بىرى ئۇخلىغان كىشىگە مۇناسىۋەتلىك ئىككى مىسال بار.
ئەسھابۇلكەھف غاردا 309 يىل ئۇخلىغان ئىدى[17]. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
{وَكَذَلِكَ بَعَثْنَاهُمْ لِيَتَسَاءلُوا بَيْنَهُمْ قَالَ قَائِلٌ مِّنْهُمْ كَمْ لَبِثْتُمْ قَالُوا لَبِثْنَا يَوْماً أَوْ بَعْضَ يَوْمٍ} الكهف 19
«ئۇلارنى ئۆزئارا سوراشسۇن دەپ ئاشۇنداق ئويغاتتۇق، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن بىرى: ‹قانچلىك تۇردۇڭلار؟› دېدى. ئۇلار: ‹بىر كۈن ياكى بىر كۈندىنمۇ ئاز تۇردۇق› دېيىشتى»- كەھف 18/19.
ئۆلۈمگە مۇناسىۋەتلىك ئايەت تۆۋەندىكىچە:
{أَوْ كَالَّذِي مَرَّ عَلَى قَرْيَةٍ وَهِيَ خَاوِيَةٌ عَلَى عُرُوشِهَا قَالَ أَنَّىَ يُحْيِـي هَـَذِهِ اللّهُ بَعْدَ مَوْتِهَا فَأَمَاتَهُ اللّهُ مِئَةَ عَامٍ ثُمَّ بَعَثَهُ قَالَ كَمْ لَبِثْتَ قَالَ لَبِثْتُ يَوْماً أَوْ بَعْضَ يَوْمٍ قَالَ بَل لَّبِثْتَ مِئَةَ عَامٍ فَانظُرْ إِلَى طَعَامِكَ وَشَرَابِكَ لَمْ يَتَسَنَّهْ وَانظُرْ إِلَى حِمَارِكَ وَلِنَجْعَلَكَ آيَةً لِّلنَّاسِ وَانظُرْ إِلَى العِظَامِ كَيْفَ نُنشِزُهَا ثُمَّ نَكْسُوهَا لَحْماً فَلَمَّا تَبَيَّنَ لَهُ قَالَ أَعْلَمُ أَنَّ اللّهَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ} البقرة 259
«شۇ كىشىگىمۇ قارىمامسەنكى، ئۇ ئۆگزىلىرى چۆكۈپ، تاملىرى ئۇنىڭ ئۈستىگە يىقىلغان بىر كەنتتىن ئۆتكەن ئىدى؟ ئۇ: ‹ئاللاھ ئۆلگەن بۇ كەنتنى قانداق تىرىلدۈرەر› دېگەن ئىدى. ئاللاھ ئۇنى دەرھال ئۆلتۈردى ۋە يۈز يىل ئۆتكەندىن كېيىن قايتا تىرىلدۈرۈپ: ‹ئۆلۈك ھالەتتە قانچىلىك تۇردۇڭ؟› دەپ سورىدى. ئۇ: ‹بىر كۈن ياكى بىر كۈندىنمۇ ئاز› دەپ جاۋاب بەردى. ئاللاھ: ‹ياق، يۈز يىل تۇردۇڭ. يەيدىغان ۋە ئىچىدىغان نەرسىلىرىڭگە قارا، بۇزۇلمىدى. ئېشىكىڭگە قارا. سېنى ئىنسانلارغا دەلىل قىلىش ئۈچۈن ئۆلتۈرۈپ تىرىلدۈردۇق. شۇ سۆڭەكلەرگە قارا، ئۇلارنى قانداق قۇراشتۇرىشىمىز، ئاندىن ئۇلارغا قانداق گۆش قوندۇرىمىز!› دېدى. ئۇ كىشى ئىشنىڭھەقىقىتىنى ئېنىق كۆرۈپ: ‹ئاللاھنىڭ ھەر نەرسىگە قادىر ئىكەنلىكىنى ئەمدى ئوبدان بىلدىم› دېدى»- بەقەرە 2/259.
100 يىل ئۆلۈك ھالەتتە تۇرۇپ تىرىلگەن كىشى بىلەن 309 يىل ئۇخلىغانلار ئۇ يەردە، «بىر كۈن ياكى بىر كۈندىنمۇ ئاز» تۇرغانلىقلىرىنى گۇمان قىلىدۇ.
قەبرە ھاياتىنى چۈشەنمەكچى بولغانلار بۇ ئايەتلەردىن چۈشەنسە بولىدۇ.
 ئۇخلىغان كىشى بەدىنىدىن قانداق خەۋەرسىز بولسا ئۆلۈكمۇ شۇنداق خەۋەرسىز. ئۇخلىغان ئادەمنىڭ روھى قايتىپ كېلىپ شۇ بەدەنگە كىرىدىغانلىقى ئۈچۈن بەدەن تىرىك قالىدۇ. ئۆلگەن ئادەمنىڭ روھى قايتىپ كەلمەيدىغانلىقى ئۈچۈن بەدەن ئۆلىدۇ. ئاخىرەتتە يېڭىدىن يارىتىلغان بەدەنگە كەلگەن روھ ئۆزىنى ئۇيقۇدىن ئويغانغاندەك ھېس قىلىدۇ ۋە
«مَنْ بَعَثَنَا مِنْ مَرْقَدِنَا»
«بىزنى ئۇخلاۋاتقان يېرىمىزدىن كىم قوزغىدى؟» دەيدۇ. ئەمەلىيەتتە بەدەن تۇپراقتا چىرىپ، يېڭىدىن يارىتىلغان، لېكىن ئۇ بۇنى پەرق ئەتمەيدۇ. ئۇ ئۇخلاپ ئويغانغانلىقىنى گۇمان قىلىدۇ. ئارىدىن ئۆتكەن ۋاقىتنىمۇ بىلمەيدۇ. دېمەك، ئۆلۈم بىزگە بىر ئۇيقۇچىلىك، قىيامەت بولسا ئۇيقۇدىن ئويغانغانچىلىك يېقىندۇر.
ئۇيقۇ ھاياتنىڭ ئۈزۈلۈشى ئەمەس، بەلكى داۋاملىشىشى ئۈچۈن بولمىسا بولمايدىغان ئىستىراھەتتۇر. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام تۆۋەندىكى سۆزى ئارقىلىق تەكرار تىرىلىشنىڭمۇ دۇنيا ھاياتىنىڭ داۋامىدەك بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ:
«بەندە قايسى ھالەتتە ئۆلگەن بولسا ئۇ ھالەتتە تىرىلدۈرۈلىدۇ»[18]
      ھەججەتۇلۋىدادا بىرى ئۇلىغىدىن يېقىلىپ چۈشۈپ ۋاپات قىلغان ئىدى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى:
«ئۇنى سۇ ۋە سىدىر بىلەن يۇيۇڭلار، ئىككى پارچە رەخت بىلەن كېپەنلەڭلار، خۇشپۇراق سۈرمەڭلار ۋە بېشىنى يۆگىمەڭلار. چۈنكى ئۇ قىيامەت كۈنى لەببەيك ئۇقۇغان ھالدا تىرىلدۈرۈلىدۇ»[19]
بۇ ھەدىس ھەقىقەتەن ئىنساننى ئويغا سالىدۇ. بۇ يەردە ئۇ شەخسنىڭ ئۆلۈمى ئېھرامدىكى بىر ھاجىنىڭ ئۇخلىشىغا ئوخشاش ھېساپلانغان. ئېھرامدىكى كىشى خۇشپۇراق سۈرتمەيدۇ، ئۇخلىغاندا بېشىنى يۆگىمەيدۇ. ئۇيقۇدىن ئويغانغاندا لەببەيك ئوقۇيدۇ.
مۇرىد: ئۇنداقتا قەبرىنىڭ جەننەت باغچىلىرىدىن بىر باغچە ياكى دوزاخنىڭ ئازگاللىرىدىن بىر ئازگال بولىدىغانلىقىنى قانداق ئىزاھلايمىز؟
بايىندىر: بۇلارنى چۈشكە ئوخشىتىشقا بولىدۇ. ياخشى چۈش كۆرگۈچى ئۇنىڭ ھېچ تۈگىمەسلىكىنى ئارزۇ قىلىدۇ. يامان چۈش كۆرگۈچى بولسا ئويغانغاندا «ھەر نېمە بولسا چۈشۈمكەن!» دەپ شۈكۈر قىلىدۇ. توغرىسىنى ئاللاھ بىلىدۇ.
 
داۋامى بار……………….
————————————
[1]– بۇ كىشى فەتھۇللا گۈلەندۇر. فەتھۇللا گۈلەن ئەسلى تۈركىيەلىك بىر ئىشان بولۇپ بىرقانچە يىلدىن بېرى ئامېرىكىدا ياشاۋاتىدۇ. تۈركچە يازغان بىر قانچە كىتابى بار. «فەتھۇللاچىلار» دەپ ئاتىلىدىغان مۇرىدلىرى بار. دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا مەكتەپلىرى بار. «فەتھۇللاچىلار» «نۇرچىلار» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. چۈنكى بۇلار سەئىد نۇرسى (1878 – 1960 لاردا تۈركىيەدە ياشىغان بىر كۈرت ئىشان) يازغان رىسالەئى نۇر دېگەن كىتابنىڭ ئۆزلىرىنىڭ بىردىنبىر دەستۇرى ئىكەنلىكىنى ھەر پۇرسەتتە ئوتتۇرىغا قويىدۇ، ھەر نۇرچى بىر كۈندە روھىنى يۈكسەلتىش ئۈچۈن ئۇ كىتابتىن 15 بەت  ئوقۇيدۇ. نۇرچىلار ئۇ كىتابنى جامائەتكە ئوقۇپ بېرىشنى «دىنى سۆھبەت» قىلغانلىق دەپ ئاتايدۇ، ئۇ كىتابنى ھەر خىل تىللارغا تەرجىمە قىلىپ تارقىتىشنىڭ «ئىنسانلارغا قىلىنغان ئەڭ بۈيۈك خىزمەت» ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلىدۇ. ھەتتا بۇلارنىڭ ئىچىدە رىسالەئى نۇر دېگەن كىتابنى قۇرئاندىن ئۈستۈن تۇتىدىغان، قۇرئان تىلاۋەت قىلىشنىڭ ئورنىغا ئۇنى ئوقۇيدىغان، رىسالەئى نۇر بار يەردە قۇرئانغا ھاجەت يۇق (نەئۇزۇ بىللاھ)، قۇرئاننى تاشلاپ رىسالەئى نۇرنى ئوقۇش كېرەك دەپ ئوچۇق سۆزلەيدىغان رىسالەئى نۇر مەستانىلىرىمۇ بار. نۇرچىلار بارغان يەرلىرىدە ئىسلامنى تارقىتىش شۇئارى ئاستىدا نۇرچىلىق تەرىقىتىنى يايماقتا. سەئىد نۇرسى رىسالەئى نۇرنى ئۆزىنىڭ يازمىغانلىقىنى، ئەكسىچە ئاللاھ تەرىپىدىن يازدۇرۇلغانلىقىنى شۇ كىتابتا ئاشكارا ئىپادىلەيدۇ (قاراڭ: شۇئالار، 7- شۇئا، رىسالەئى نۇر كۇللىياتى 1- توم، 895- بەت)- (مۇھەررىردىن).   

 [2]– فەتھۇللا گۈلەن، كىچىك دۇنيايىم-2، زامان گېزىتى 1996- يىلى، 11- ئاي.

  [3]– بۇ سۈپەتلەر ئاللاھ تەئالانىڭ سۈپەتلىرىدۇر.

  4] – سەفىيۇررەھمان ئەلمۇبارەكفورى، ئەررەھىقۇلمەختۇم، بېيرۇت 1408/1988، 255 – 256 بەت.

  [5]– بۇخارى، مەغازى 23.

  [6]– بۇخارى، مەغازى 83.

  [7]– بۇخارى، ئەھكام 51.

  [8]– مۇسلىم ھەج، باب 19 (يەنى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەججىنىڭ بابى)، ھەدىس نومۇرى: 147 (1218)؛ ئەبۇ داۋۇد، مەناسىك پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەججىنىڭ بابى ھەدىس نومۇرى: 1905. بۇ پەيغەمبىرىمىزنىڭ بۇ ۋەسىيىتى «مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالى» دېگەن (ئۇيغۇرچە) كىتابنىڭ «ۋىدالىشىش نۇتقى» دېگەن بۆلۈمىدىمۇ زىكىر قىلىندۇ (مۇھەررىردىن).

  [9]– فەتھۇللا گۈلەن، كىچىك دۇنيايىم- 2، زامان گېزىتى 1996- يىلى 11- ئاينىڭ 28- كۈنى.

  [10]– فەتھۇللا گۈلەن، كىچىك دۇنيايىم- 2، زامان گېزىتى 1996- يىلى 11- ئاينىڭ 28- كۈنى.

  [11]– مۇسلىم، ھەج 22، ھەدىس نومۇرى 1185.

  [12]فەتھۇللا گۈلەن، كىچىك دۇنيايىم- 2، زامان گېزىتى 1996- يىلى 11- ئاينىڭ 28- كۈنى.

  [13]– دۇنيا ھاياتى بىلەن ئاخىرەت ھاياتى ئوتتۇرىسىكى باسقۇچ.

  [14]– سەئىد نۇرسىي، مەكتۇبات، 1- مەكتۇب، رىسالەئى نۇر كۇللىياتى، ئىستانبۇل 1994، 1- توم، 347- بەت.

  [15]– غەيبنى بىلەلەيدىغان ئەۋلىيا، دېمەكچى.

  [16]– ئىيساغا ئەگەشكەنلەر ئۇنى ئاللاھنىڭ ئوغلى ھېسابلاپ مۇشرىك بولۇپ كەتكەن خرىستىئانلار ئەمەس، ئۇنى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى دەپ ئېتىقاد قىلىدىغان مۇسۇلمانلاردۇر.

  [17]– كەھف 18/52.

  [18] – مۇسلىم، جەننەت 19، ھەدىس نومۇرى 83 (2878).

  [19]– بۇخارى، جەنائىز 20.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر