مۇسۇلمانلار

تەرىقەتچىلىككە نەزەر 6

5- ئەۋلىيانىڭ ياردىمى
ئىشان: ئابدۇلقادىر جەيلانىي ھەزرەتلىرى بىر شېئىرىدا مۇنداق دەيدۇ:
مريدي إذا ما كان شـرقا ومغـربا
أغثه إذا ما صار في أي بلــدة
 «مۇرىدىمنى قوغدايمەن نەدە بولسا دۇنيانىڭ،
ياردەم قىلىمەن ئۇنىڭغا مەشرىقتە ھەم مەغرىپتە»[1].
بايىندىر: بۇ شېئىر نۇرغۇنلىغان ئايەتكە ئوچۇقتىن- ئوچۇق زىت كېلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
{أَمَّن يُجِيبُ الْمُضْطَرَّ إِذَا دَعَاهُ وَيَكْشِفُ السُّوءَ وَيَجْعَلُكُمْ خُلَفَاء الْأَرْضِ أَإِلَهٌ مَّعَ اللَّهِ قَلِيلاً مَّا تَذَكَّرُونَ} النمل 62
«ئۇ نەرسىلەر[2] ياخشىمۇ؟ ياكى بېشىغا ئېغىرچىلىق كەلگەن كىشى دۇئا قىلسا دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىرچىلىقنى كۆتۈرۈۋېتىدىغان ۋە سىلەرنى زېمىننىڭ ئورۇنباسارلىرى قىلغان زات ياخشىمۇ؟ ئاللاھ بىلەن بىرلىكتە باشقا بىر ئىلاھ بارمۇ؟ بەكمۇ ئاز ئويلىنىسىلەر!»- نەمل 27/62.
كۈچ يەتمەيدىغان ئىشلاردا ئاللاھدىن غەيرىيدىن ياردەم سورىلىدىغان، ئۇمۇ ياردەم قىلىدىغان ئىش بولسا، كىمدە ئاللاھقا سېغىنىش ئىھتىياجى پەيدا بولىدۇ؟
ئىشان: ئابدۇلقادىر جەيلانىيغا ئىشەنمىسەڭ سەن بىلەن قىلىشىدىغان سۆزىمىز يوق.
بايىندىر: ئابدۇلقادىر جەيلانىيغا ئىشىنىش ئىماننىڭ شەرتلىرىدىن ئەمەس، لېكىن قۇرئانغا ئىشىنىش ئىماننىڭ شەرتلىرىدىندۇر.
مەنچە بۇ زاتلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك سۆزلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئويدۇرمىدۇر. يۇقىرىدىكى شېئىر شۇ ئويدۇرمىلاردىن بىرى بولۇشى مۇمكىن. ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئۈچۈن مىليونلارچە ھەدىس ئويدۇرغانلار ئابدۇلقادىر جەيلانىي ئۈچۈن، جەلالىددىن رۇمىي ئۈچۈن، ئىمامى رەببانىي ئۈچۈن بىر نەرسە ئويدۇرماي قالارمۇ؟
ئابدۇلقادىر جەيلانىي ئۆزى كېلىپ بۇ سۆزنى سۆزلىگەن تەقدىردىمۇ، بىر نەرسىنى بىلىپ سۆزلىگەن بولۇشى مۇمكىن، دەپ خاتالىقىغا كۆز يۇمۇپ ئولتۇرماي، ھېچ ئىككىلەنمەستىن رەت قىلىمىز. چۈنكى بىز ئاخىرەتتە ئابدۇلقادىر جەيلانىينىڭ سۆزىنى قوبۇل قىلغان- قىلمىغانلىقتىن ئەمەس، قۇرئانغا بويسۇنغان-بويسۇنمىغانلىقتىن ھېساپقا تارتىلىمىز. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
{فَاسْتَمْسِكْ بِالَّذِي أُوحِيَ إِلَيْكَ إِنَّكَ عَلَى صِرَاطٍ مُّسْتَقِيمٍ. وَإِنَّهُ لَذِكْرٌ لَّكَ وَلِقَوْمِكَ وَسَوْفَ تُسْأَلُونَ} الزخرف 43، 44.
«ئى مۇھەممەد! سەن ساڭا ۋەھىي قىلىنغان قۇرئانغا چىڭ ئېسىل. سەن ئەلۋەتتە توغرا يولدىدۇرسەن. شۈبھىسىزكى، بۇ قۇرئان سەن ئۈچۈن ۋە قەۋمىڭ ئۈچۈن بىر زىكىردۇر. يېقىندا سوراققا تارتىلىسىلەر»- زۇخرۇف 43/43-44.
6- ئىشاننىڭ مەنىۋى ياردىمى (ھىممىتى)
ھىممەت، ئەرەبچىدە بىر ئىشنى قىلىشقا بەل باغلاش ۋە قەتئىي نىيەتتە بولۇش، دېگەن مەنالارنى ئىپادىلەيدۇ. تۈركچىدە روھانىي ۋە مەنىۋىي ياردەم، قوغدىماق، ۋە ئىلتىپات دېگەن مەنالاردا ئىشلىتىلىدۇ. تەرىقەتتە ئىشاننىڭ مەنىۋى ياردىمى، دېگەن مەنادا ئىشلىتىلىدۇ. ئۇنىڭ مۇرىدلىرىغا ئادەتتىن تاشقىرى يوللار بىلەن ياردەم قىلغانلىقىغا ۋە بەزى قىيىنچىلىقلارنى كۆتۈرۈۋەتكەنلىكىگە ئېتىقاد قىلىنىدۇ. مانا بۇ ئۇنىڭ ھىممىتىدۇر.
مۇرىد: سەن ئىشاننىڭ ھىممىتىنىمۇ قوبۇل قىلمامسەن؟ خالىساڭ ئىشەن، خالىساڭ ئىشەنمە، ئىشانىمنىڭ ھىممىتى سايىسىدا ھەر جايدا ئىشلىرىم يولىدا كېتىۋاتىدۇ. مەن بۇنى كۆرىۋاتىمەن.
بايىندىر: ئىشاننىڭ ھىممىتى دېگىنىڭىزدە، ئۇنىڭ سىزگە خۇسۇسىي كۆڭۈل بۆلۈشىنى كۆزدە تۇتمايدىغانسىز؟ دېمەكچى بولغىنىڭىز ئۇنىڭ مەنىۋى ياردىمىغۇ دەيمەن؟
مۇرىد: شۇنداق. مەسىلەن: ھەجگە بارغىنىمدا ئەرەفاتتىن قايتىۋېتىپ ئۇنىڭ ھىممىتىنى كۆردۈم. ھالبۇكى، ئۇ تۈركىيەدە ئىدى. ئەرەفاتتىن شۇنداق ئاسان قايتتىمكى، شەيتانغا تاشنىمۇ ئېتىۋېتىپ ئەتتىگەن سائەت 8 دە ياتاققا كېلىپ بولدۇم.
بايىندىر: نېمە ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ياردىمى ئەمەس «ئىشانىمنىڭ ھىممىتى» دەيسىز؟
مۇرىد: ئىشانىمنىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى ھۆرمىتى تۈپەيلىدىن ئاللاھ ئۇنىڭ مۇرىدلىرىغا ياردەم قىلىدۇ.
بايىندىر: داۋاملىق ئەينى جاۋابلار. ئۇنداقتا سائەت 8 دىن بۇرۇن ياتاققا كەلگەنلەرگە كىم ياردەم قىلدى؟
بۇ ھەقتە نۇرغۇن ئايەتلەر ئۆتتى، ئەمما بۇ يەردە مۇنۇ ئايەتلەر ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتەيلى:
{قُلِ ادْعُواْ الَّذِينَ زَعَمْتُم مِّن دُونِهِ فَلاَ يَمْلِكُونَ كَشْفَ الضُّرِّ عَنكُمْ وَلاَ تَحْوِيلاً. أُولَـئِكَ الَّذِينَ يَدْعُونَ يَبْتَغُونَ إِلَى رَبِّهِمُ الْوَسِيلَةَ أَيُّهُمْ أَقْرَبُ وَيَرْجُونَ رَحْمَتَهُ وَيَخَافُونَ عَذَابَهُ إِنَّ عَذَابَ رَبِّكَ كَانَ مَحْذُوراً} الإسراء56- 57.
«مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى: ‹سىلەر ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان مەبۇدلىرىڭلارنى ياردەمگە چاقىرىپ بېقىڭلار، ئۇلار بېشىڭلاردىكى بالانى دەپئىمۇ قىلالمايدۇ، باشقا بىرىگە يۆتكەپمۇ ئاتالمايدۇ›.
ئۇ مۇشرىكلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ دۇئا قىلىۋاتقان كىشىلىرى رەببىگە تېخىمۇ يېقىنلىشىشقا تىرىشىدۇ، رەببىنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىپ ئازابىدىن قورقىدۇ. چۈنكى رەببىڭنىڭ ئازابى ساقلىنىشقا تېگىشلىك بىر ئازابتۇر»- ئىسرا 17/56-57.
سىلەر ئىشانىڭلارنىڭ ئاخىرەتتە سىلەرگە شاپائەت قىلىدىغانلىقىغىمۇ ئىشىنىسىلەر. ئەگەر ئىشانلار مۇرىدلىرىنى ھەم دۇنيادا ھەم ئاخىرەتتە قۇتۇلدۇرالايدىغان بولسا، ئۇلار ئۈچۈن ئىشانلىرىنى خۇرسەن قىلىش ھەممىدىن مۇھىم ئىش بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئاللاھقا يالۋۇرۇشقا ئىھتىياجى قالمايدۇ.
بۇ باتىل يولدۇر. ئەگەر توغرا يولغا قايتمايدىغان بولساڭلار ئاقىۋېتىڭلارنىڭ ئىنتايىن ئېچىنىشلىق بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيمەن.
7- ھەققى – ھۆرمىتىنى ۋاسىتە قىلىپ تۇرۇپ دۇئا قىلىش
مۇرىد: بەزى كاتتا زاتلارنىڭ ھەققى – ھۆرمىتىدىن دۇئالىرىمىزنى قوبۇل قىلىشنى ئاللاھدىن تىلىمەمدۇق؟ «يا رەببى! مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەققى- ھۆرمىتىدىن ياكى ئۇلۇغ ئەۋلىيالار، شېھىتلەر ۋە سالىھلەرنىڭ ھەققى-ھۆرمىتىدىن دۇئايىمنى ئىجابەت قىل» دەپ ئاللاھقا يالۋۇرمامدۇق؟
بايىندىر: توغرا، بۇنداق دۇئا قىلىدىغانلار بار. بۇلار سۈلەيمان چەلەبىينىڭ «مەۋلىدى» ناملىق كىتابىدەك كىتاپلاردىمۇ كۆزگە چېلىقىدۇ. لېكىن بۇنداق دۇئا قىلىش توغرا ئەمەس. بۇ توغرىسىدا ھەنەفىي ئالىملاردىن ئىبنى ئەبىلئىز مۇنداق دەيدۇ:
«كىشىنىڭ ئاللاھدىن غەيرىينى دۇئاسىنىڭ قوبۇل بۇلىشىغا سەۋەپ دەپ قارىشى ۋە ئۇنى ۋەسىلە قىلىشى توغرا ئەمەس… ئۇ مۇنداق دېمەكچى بولىدۇ: ‹پالانى سېنىڭ ياخشى بەندىلىرىڭدىن بولغانلىقى ئۈچۈن دۇئايىمنى قوبۇل قىل›.
 ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ ياخشى بەندىسى بولۇشى بىلەن بۇنىڭ دۇئاسى ئوتتۇرىسىدا نېمە مۇناسىۋەت بولۇشى مۇمكىن؟ بۇ دۇئادا ھەددىدىن ئاشقانلىقتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
{ادْعُواْ رَبَّكُمْ تَضَرُّعاً وَخُفْيَةً إِنَّهُ لاَ يُحِبُّ الْمُعْتَدِينَ} الأعراف 55
«رەببىڭلارغا چىن يۈرەكتىن يالۋۇرۇپ يوشۇرۇن دۇئا قىلىڭلار، شۈبھىسىزكى، ئۇ ھەددىدىن ئاشقۇچىلارنى ياقتۇرمايدۇ»- ئەئراف 7/55. 
بۇ ۋە بۇنىڭغا ئوخشىغان دۇئالار كېيىن توقۇپ چىقىلغان دۇئالار بولۇپ، بۇنداق دۇئالار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن نەقىل قىلىنمىغىنىدەك، ساھابىلەردىنمۇ، تابىئىينلاردىنمۇ ۋە ھېچبىر ئىمامدىنمۇ نەقىل قىلىنمىغان. ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن. بۇ پەقەت جاھىللار بىلەن بىر قىسىم تەرىقەتچىلەر يازغان تىلسىم كىتاپلاردىلا تېپىلىدۇ»[3].
 
داۋامى بار………….
————————————————————-
[1] – بۇ قادىرىيە تەرىقىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئابدۇلقادىر جەيلانىينىڭ شېئرى بولۇپ، بىز ئۇ شېئىرنىڭ تولۇق تېكىستىنى ئۇلارنىڭ مۆتىۋەر كىتابلىرىدىن «ئەلفۇيۇزاتۇر رەببانىيە، 50- بەت»، «بەھجەتۇلئەسرار، 197- بەت»، «قەلائىدۇلجەۋاھىر، 66-67» لاردا كۆردۇق. بۇ شېئىر سەئىد نۇرسىنىڭ «سىككەئى تەسدىقى غەيبى» ناملىق كىتابىدىمۇ نەقىل قىلىنغان.- رىسالەئى نۇر كۇللىياتى، ئىستانبۇل 1995، 2- توم، 2083- بەت. ئۇ شېئىرنىڭ تولۇق تېكىستىنىڭ تەرجىمىسى تۆۋەندىكىچە:
قۇتۇپلارنىڭ پىرىمەن، ئۇستازىمەن جاھاندا،
باش ئېگىدۇ ھەممىسى ئىززەت ئىچرە ھۆرمەتتە.
ماڭا ئېسىل، تىۋىنغىن تارتىپ قالساڭ خاپىلىق،
نىجاتكارىڭ مەندۇرمەن، قۇتقۇزىمەن ھىممەتتە.
مۇرىدلىرىم قورقمايدۇ مەن بولغاچقا يېنىدا،
يېقىن كەلمەس پىتنىلەر، ساق قالىدۇ كۈلپەتتە.
مۇرىدىمنى قوغدايمەن نەدە بولسا دۇنيانىڭ،
ياردەم قىلىمەن ئۇنىڭغا مەشرىقتە ھەم مەغرىپتە.
ئەي شائىرىم ھەرگىزمۇ غەم يېمىگىن يوقلۇقتىن،
غەمگۈزارىڭ مەندۇرمەن ھەر يامانلىق ھەر دەرتتە.
 [2]– مۇشرىكلار ئاللاھقا شېرىك قىلغان نەرسىلەر.

 [3]– ئەلى ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئەبىلئىز ئەددىمەشقىي (ۋاپاتى ھىجرىيە 792/ مىلادىيە 1390)، شەرھۇلئەقىدەتىتتەھاۋىي، بېيرۇت، 1408/1988، 1- توم، 295- 297- بەتلەر.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر