مۇسۇلمانلار

تەرىقەتچىلىككە نەزەر 5

4- ھەر مۇسۇلمان ئەۋلىيادۇر
ئىشان: بىز ئادەتتىكى ئىنسانلار ھەققىدە ئەمەس، ئەۋلىيالار ھەققىدە سۆزلىشىۋاتىمىز. ھەر كىشى ئەۋلىيا بولالمايدۇ.
بايىندىر: ئۇنداقتا ئەۋلىيا كىمدۇر؟
ئىشان: مانا چۈشەندۈرىمەن، ئاڭلا. ئەۋلىيا بولۇشنىڭ دەسلەپكى باسقۇچى بەندە بىلەن ئاللاھنىڭ ئارىسىغا كىرىۋالغان چۈشەنچىلەرنىڭ ۋە بەندىنىڭ ئاللاھقا بولغان يىراقلىقىنىڭ يوق قىلىنىشىدۇر.
ئاللاھنىڭ ئىنئامى بىلەن ئاللاھ تەئالادىن باشقا ھەممە نەرسە سالىكنىڭ[1] كۆزىدىن ئۆچۈرۈلۈپ، ئاللاھدىن باشقىسىنى كۆرمەيدىغان ھالەتكە كەلسە، ئۇنىڭغا «فەنا فىللاھ» يەنى ئاللاھ تەئالادا ئېرىپ كېتىش دېيىلىدىغان دۆلەت ھاسىل بولىدۇ ۋە ئۇنىڭ «تەرىقەت ھالى» ئاخىرلىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ «سەيرى ئىلەللاھ (ئاللاھقا ماڭماق)»ى يەنى ئاللاھ تەرەپكە بولغان مەنىۋى مېڭىشى ئاخىرلاشقان بولىدۇ.
بۇنىڭدىن كېيىن سالىك «سەيرى فىللاھ (ئاللاھقا ماڭماق)» دېيىلىدىغان ئىسپات مەرتىۋىسىگە يۈكسىلىدۇ ۋە قەلبىگە پەقەتلا ئاللاھ تەئالا ئورۇنلىشىدۇ. مانا بۇلارنى ھاسىل قىلغان كىشىنى «ئەۋلىيا» دېيىش توغرا بولىدۇ.
نەپسى ئەممارە (داۋاملىق يامانلىققا بۇيرۇيدىغان نەپىس) نەپسى مۇتمەئىننە (ئارام تاپقان نەپىس) گە ئايلىنىدۇ. كۇپۇردىن ۋە ئىنكارىدىن ۋاز كېچىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاللاھدىن، ئاللاھمۇ ئۇنىڭدىن رازى بولىدۇ. نەپىسنىڭ تەبىئىتىدە مەۋجۇت بولغان ئىبادەتلەرگە سۇسلۇق قىلىش ھالىتى يوقىلىدۇ[2]
بايىندىر: «فەنا فىلللاھ»، «سەيرى ئىلەللاھ» ۋە «سەيرى فىللاھ» ھەققىدە سۆز قىلىۋاتىسىز ۋە بۇلارنى مۇھىم بىرەر مەرتىۋىگە ئوخشاش كۆرسىتىۋاتىسىز. بۇنىڭ قۇرئاندا ۋە ھەدىستە بىرەر دەلىلى بارمۇ؟ ئەسىر سائادەتتە[3] بۇنداق بىر نەرسە ھەققىدە سۆز قىلغانلار بولغانمىكەن؟ بۇلار بۇددىزمدىن كېلىپ سىزنىڭ ئېتىقادىڭىزغا يەرلەشكەن نەرسىلەردۇر.
ئاللاھ تەرەپكە بولغان مەنىۋى مېڭىشنىڭ تېخى ئۆلمەي تۇرۇپ ئاخىرلاشقان بولۇشىنى قانداق ئىزاھلاش مۇمكىن؟ بولدى، ھازىرچە بۇ ھەقتە بىر نەرسە دېيىشنى خالىمايمەن. 
ئەۋلىيانىڭ مەنىسى ئاللاھنىڭ دوستىدۇر، شۇنداققۇ! ئۆزىنىڭ دوستىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئاللاھ تائالا ئەڭ ياخشى بىلىدۇ. ئۇ بۇ توغرىدا مۇنداق دەيدۇ:
{أَلا إِنَّ أَوْلِيَاء اللّهِ لاَ خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلاَ هُمْ يَحْزَنُونَ. الَّذِينَ آمَنُواْ وَكَانُواْ يَتَّقُونَ} يونس 62- 63.
«ياخشى بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ ئەۋلىيالىرى قورقمايدۇ، نە غەمكىن بولمايدۇ. ئۇلار ئىمان ئېيتقان ۋە تەقۋادارلىق قىلغان كىشىلەردۇر».
دېمەككى، ئىمان ئېيتىپ تەقۋادار بولغان كىشى ئاللاھنىڭ ئەۋلىياسىدۇر.
تەقۋادارلارنىڭ كىملەر ئىكەنلىكى بەقەرە سۈرىسىنىڭ باش تەرىپىدە بايان قىلىنىدۇ:
«الَّذِينَ يُؤْمِنُونَ بِالْغَيْبِ وَيُقِيمُونَ الصَّلَاةَ وَمِمَّا رَزَقْنَاهُمْ يُنْفِقُونَ. وَالَّذِينَ يُؤْمِنُونَ بِمَا أُنْزِلَ إِلَيْكَ وَمَا أُنْزِلَ مِنْ قَبْلِكَ وَبِالْآَخِرَةِ هُمْ يُوقِنُونَ» البقرة3- 4.
«تەقۋادارلار شۇنداق كىشىلەركى، غەيبكە ئىشىنىدۇ، نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئوقۇيدۇ، بىز بەرگەن رىزىقتىن ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلىدۇ، ساڭا نازىل قىلىنغان كىتاپقا ۋە سەندىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگە نازىل قىلىنغان كىتاپلارغا ئىشىنىدۇ ۋە ئاخىرەتكە شەكسىز ئىشىنىدۇ»- بەقەرە 2/3- 4.
بۇ ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن، غەيبكە ئىشەنگەن، نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئوقۇغان، زاكاتنى بەرگەن، قۇرئانغا ۋە بۇرۇنقى كىتابلارغا ئىشەنگەن، ئاخىرەتكە شەكسىز ئىشەنگەن كىشىلەر تەقۋادار كىشىلەردۇر. يۇنۇس سۈرىسىنىڭ 62- ۋە 63- ئايەتلىرىنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن تەقۋادار كىشىلەر ئاللاھنىڭ ئەۋلىيالىرىدۇر. دېمەككى، ھەر مۇئمىن، مۇسۇلمان ئەۋلىيادۇر.
قۇرئان كەرىمدە ئەۋلىيا دېگەن سۆزنىڭ تەبىرى مانا بۇنىڭدىن ئىبارەتتۇر. مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق ئەۋلىيا دېگەن سۆزگە سىز نېمە ئۈچۈن باشقا بىر تەبىر بېرىسىز؟
ئەۋلىيا دوست دېگەن بولىدۇ. ئۇنىڭ ئەكسى دۈشمەندۇر. سىزچە يۇقىرىدا سىز تەسۋىرلىگەن كىشىلەر ئاللاھنىڭ دوستى، مۇسۇلمانلار (ھاشا) ئاللاھنىڭ دۈشمىنىمۇ؟
بەزىلەر شەيتاننى ئەۋلىيا قىلىۋالىدۇ.
{وَمَن يَتَّخِذِ الشَّيْطَانَ وَلِيّاً مِّن دُونِ اللّهِ فَقَدْ خَسِرَ خُسْرَاناً مُّبِيناً} النساء 119
 «كىم ئاللاھ بىلەن ئۆز ئارىسىغا قويغان شەيتاننى ئەۋلىيا قىلىۋالسا ئوچۇق بىر شەكىلدە زىيان تارتقان بولىدۇ»- نىسا 4/119.
دوستلۇق ئۆزئارا بولىدۇ. مۇئمىنلار ئاللاھنىڭ ئەۋلىيالىرى (دوستلىرى) بولغاندەك ئاللاھمۇ مۇئمىنلارنىڭ ئەۋلىياسى (دوستى) دۇر. شەيتانمۇ ئۆزىنى ئەۋلىيا (دوست) تۇتقانلارنىڭ ئەۋلىياسى (دوستى) دۇر.
«اللَّهُ وَلِيُّ الَّذِينَ آَمَنُوا يُخْرِجُهُمْ مِنَ الظُّلُمَاتِ إِلَى النُّورِ وَالَّذِينَ كَفَرُوا أَوْلِيَاؤُهُمُ الطَّاغُوتُ يُخْرِجُونَهُمْ مِنَ النُّورِ إِلَى الظُّلُمَاتِ أُولَئِكَ أَصْحَابُ النَّارِ هُمْ فِيهَا خَالِدُونَ» البقرة
«ئاللاھ مۇئمىنلارنىڭ ئەۋلىياسىدۇر، ئۇلارنى قاراڭغۇلۇقلاردىن يورۇقلۇققا چىقىرىدۇ. كاپىرلار بولسا، ئۇلارنىڭ ئەۋلىيالىرى تاغۇتلار (ئازغۇنلار) دۇر. ئۇلار بۇلارنى يورۇقلۇقتىن قاراڭغۇلۇقلارغا چىقىرىدۇ، ئۇلار دۇزاخنىڭ ئەھلىدۇر، ئۇلار ئۇ يەردە مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر»- بەقەرە 2/257.
{تَاللّهِ لَقَدْ أَرْسَلْنَا إِلَى أُمَمٍ مِّن قَبْلِكَ فَزَيَّنَ لَهُمُ الشَّيْطَانُ أَعْمَالَهُمْ فَهُوَ وَلِيُّهُمُ الْيَوْمَ وَلَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ} النحل 63
﴿ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئى مۇھەممەد! بىز سەندىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئۈممەتلەرگىمۇ ئەلچىلەر ئەۋەتكەن ئىدۇق. ئاندىن شەيتان ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى ئۆزلىرىگە چىرايلىق كۆرسەتتى، ئۇ بۈگۈنمۇ ئۇلارنىڭ ئەۋلىياسىدۇر. ئۇلار ئۈچۈن ئەلەملىك بىر ئازاپ بار»- نەھل 16/63.
{إِنَّا جَعَلْنَا الشَّيَاطِينَ أَوْلِيَاء لِلَّذِينَ لاَ يُؤْمِنُونَ } الأعراف 27
«شۈبھىسىزكى، بىز شەيتانلارنى ئىمان ئېيتمايدىغانلارنىڭ ئەۋلىيالىرى قىلدۇق»- ئەئراف 7/27.
{فَرِيقاً هَدَى وَفَرِيقاً حَقَّ عَلَيْهِمُ الضَّلاَلَةُ إِنَّهُمُ اتَّخَذُوا الشَّيَاطِينَ أَوْلِيَاء مِن دُونِ اللّهِ وَيَحْسَبُونَ أَنَّهُم مُّهْتَدُونَ} الأعراف 30
«ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ بىر قىسمىنى ھىدايەت قىلدى. ئىنسانلارنىڭ بىر قىسمى ئېزىپ كېتىشكە تېگىشلىك بولدى. چۈنكى بۇلار ئاللاھتىن بۇرۇن شەيتانلارنى ئەۋلىيالار قىلىۋالىدۇ، يەنە كېلىپ تېخى ئۆزلىرىنى توغرا يولدا دەپ ھېسابلايدۇ»- ئەئراف 7/30.
مۇئمىنلار بىر-بىرىنىڭ ئەۋلىياسى (دوستى) دۇر. ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:
{لاَّ يَتَّخِذِ الْمُؤْمِنُونَ الْكَافِرِينَ أَوْلِيَاء مِن دُوْنِ الْمُؤْمِنِينَ وَمَن يَفْعَلْ ذَلِكَ فَلَيْسَ مِنَ اللّهِ فِي شَيْءٍ إِلاَّ أَن تَتَّقُواْ مِنْهُمْ تُقَاةً …} آل عمران 28
«مۇئمىنلار مۇئمىنلادىن يىراقلىشىپ كاپىرلارنى ئەۋلىيالار قىلىۋالمىسۇن، كىم شۇنداق قىلسا ئاللاھتىن بىر نەرسە كۈتمىسۇن. ئۆزۈڭلارنى ئۇلاردىن ساقلاش ئۈچۈن دوستلۇق ئىزھار قىلىشىڭلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا…»- ئال ئىمران 3/28.
بۇ ھەقتە كۆپ ئايەت بار.
 دوستلۇقنىڭمۇ دەرىجىلىرى بولىدۇ. شۇنداق ئىنسانلار باركى، ئاللاھقا ياخشى بىر بەندە بولۇش ئۈچۈن قولىدىن كەلگەننى قىلىدۇ: مېلىنى، جېنىنى ۋە ھەر نەرسىسىنى ئۇنىڭ ئۈچۈن پىدا قويىدۇ. ئېنىقكى، بۇنداقلارغا ئاللاھنىڭ دوستلۇقى ئارتۇق بولىدۇ.
«وَالَّذِي أَوْحَيْنَا إِلَيْكَ مِنَ الْكِتَابِ هُوَ الْحَقُّ مُصَدِّقًا لِمَا بَيْنَ يَدَيْهِ إِنَّ اللَّهَ بِعِبَادِهِ لَخَبِيرٌ بَصِيرٌ (31) ثُمَّ أَوْرَثْنَا الْكِتَابَ الَّذِينَ اصْطَفَيْنَا مِنْ عِبَادِنَا فَمِنْهُمْ ظَالِمٌ لِنَفْسِهِ وَمِنْهُمْ مُقْتَصِدٌ وَمِنْهُمْ سَابِقٌ بِالْخَيْرَاتِ بِإِذْنِ اللَّهِ ذَلِكَ هُوَ الْفَضْلُ الْكَبِيرُ (32)» فاطر
«ئى مۇھەممەد! بىز ساڭا ۋەھىي قىلغان كىتاب ھەقتۇر. ئۆزىدىن بۇرۇن نازىل قىلىنغان كىتابلارنى تەستىقلىغۇچىدۇر. ئاللاھ بەندىلىرىدىن خەۋەرداردۇر، ئۇلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
ئاندىن بىز كىتابنى بەندىلىرىمىزدىن ئۆزىمىز تاللىغان كىشىلەرگە مىراس قىلىپ بەردۇق. ئۇلارنىڭ بەزىسى ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچىدۇر، بەزىسى ئوتتۇرا ھال يول تۇتقۇچىدۇر، بەزىسى ئاللاھنىڭ رۇخسىتى بىلەن ياخشى ئىشلارنى قىلىشتا ئالدىغا ئۆتۈپ كەتكۈچىدۇر. ئەنە شۇ كاتتا پەزلدۇر»- فاتىر 35/31-32.
بۇ ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈرگەنلەر داۋاملىق ئاللاھنى ئۆزلىرى بىلەن بىرلىكتە ھېس قىلىشنىڭ بەخىت- سائادىتى ئىچىدە ھايات كەچۈرىدۇ. بېشىغا كەلگەن قىيىنچىلىقلارغا پەرۋا قىلمايدۇ، ئاللاھنىڭ رۇخسىتى بىلەن قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ ۋە ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىپ ئىشىنى داۋاملاشتۇرىۋېرىدۇ. بۇلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرى يۈزەكى بولۇپ، ئەمەلىيەتتە ئىچى پۇشمايدۇ.
 
داۋامى بار………..
———————————————-
[1]– سالىك تەرىقەتكە كىرگەن كىشى، دېمەكتۇر.

 [2]– رۇھۇلفۇرقان، 2- توم، 63- بەت.

  [3]– ئەسرى سائادەت مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن زامان، دېمەكتۇر.

 

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر