مۇسۇلمانلار

تەرىقەتچىلىككە نەزەر4

3- ۋاسىتىچىلىك (ۋەسىلە ۋە تەۋەسسۇل)[1]
ۋەسىلە بىرىنى يەنە بىرىگە يېقىنلاشتۇرىدىغان ۋاسىتە، تەۋەسسۇل بىر نەرسىنى ۋەسىلە (ۋاسىتە) قىلىش دېگەنلىكتۇر.
بەزى تەرىقەتلەردە ئەۋلىيا ۋە ئىشانلارنىڭ روھلىرى ئاللاھ بىلەن بەندە ئوتتۇرىسىدا ۋەسىلە (ۋاسىتە) بولىدۇ، دەپ قارىلىپ، دۇئا ئەسناسىدا ئۇلارنىڭ روھلىرىدىن ياردەم تەلەپ قىلىنىدۇ.
ئىشان: سەن ۋەسىلىنى قوبۇل قىلمايۋاتىسەن. بىزنىڭ ۋەسىلىگە دائىر دەلىلىمىز بار. بىر زاتنىڭ كۆزى قارىغۇ بولغانىدى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭدىن دۇئا قىلىشنى تەلەپ قىلدى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:
– تاھارەت ئېلىپ، ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇ ۋە «ئى رەببىم! پەيغەمبىرىڭنى ۋەسىلە قىلغان ھالدا سەندىن شىپالىق تىلەيمەن» دەپ دۇئا قىلغىن.
ئۇ كىشى بۇ دۇئا بىلەن بىرلىكتە «ئى رەببىم! پەيغەيمبىرىڭنى مەن ئۈچۈن شاپائەتچى قىلغىن» دېدى. بۇ سەھىھ ھەدىستۇر. سەن بۇ ھەدىسنى قوبۇل قىلمىساڭ، بىزمۇ سېنى قوبۇل قىلمايمىز.
بايىندىر: بۇ ھەدىس تىرمىزى ۋە ئىبنى ماجەھنىڭ سۈنەنلىرى بىلەن ئەھمەد ئىبنى ھەنبەلنىڭ مۇسنەد ناملىق كىتابىدا زىكىر قىلىنىدۇ:
كۆزلىرى كور بىر كىشى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ مۇنداق دېدى:
– ئاللاھقا دۇئا قىلغىن، ماڭا شىپالىق بەرسۇن.
 ئاللاھنىڭ ئەلچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى:
– خالىساڭ دۇئا قىلاي، سەۋرى قىلساڭ تېخىمۇ ياخشى.
ھېلىقى كىشى،- دۇئا قىلغىن،- دېدى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇنى كامىل تاھارەت ئېلىشقا، ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇشقا ۋە مۇنداق دۇئا قىلىشقا بۇيرىدى: «ئى ئاللاھ! سەندىن سورايمەن، رەھمەت پەيغەمبىرى مۇھەممەد (ئەلەيھىسسالام) بىلەن بىرلىكتە ساڭا يۈزلىنىمەن»
– ئى مۇھەممەد، شۇ ئېھتىياجىمنىڭ قامدىلىشى ئۈچۈن سېنىڭ بىلەن ئاللاھقا يۈزلەندىم. ئى ئاللاھ! ئۇنىڭ مەن ئۈچۈن قىلغان شاپائىتىنى قوبۇل قىلغىن[2].
«ئۇنىڭ مەن ئۈچۈن قىلغان شاپائىتىنى قوبۇل قىلغىن…» دېگەنلىك «ئۇنىڭ مەن ئۈچۈن قىلغان دۇئاسىنى قوبۇل قىلغىن» دېگەنلىكتۇر. چۈنكى شاپائەت ياردەم قىلىش ۋە بىر نەرسە تەلەپ قىلىش ئۈچۈن بىراۋغا ھەمراھ بولۇشتۇر[3]. ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن دۇئاسىغا قوشۇلۇشنى تەلەپ قىلغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ دۇئا قىلىدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەن ۋە ئۇنىڭمۇ ئۆزى بىلەن بىرلىكتە مۇنداق دېيىشىنى ئېيتقان:
اللَّهُمَّ إِنِّي أَسْأَلُكَ وَأَتَوَجَّهُ إِلَيْكَ بِنَبِيِّكَ مُحَمَّدٍ نَبِيِّ الرَّحْمَةِ
«ئى ئاللاھ! سەندىن سورايمەن ۋە رەھمەت پەيغەمبىرى مۇھەممەد بىلەن بىرلىكتە ساڭا يۈزلىنىمەن»
نەبى «نَبِيِّ» كەلىمىسىنىڭ بېشىدىكى «ب» ھەرفى جەررى كىشىنى خاتالاشتۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن. بۇ ھەرپ ئىلساق «إلصاق» مەنىسىنى ئىپادىلەيدۇ، ئىلساق چاپلاش ۋە بىر نەرسىنى يەنە بىر نەرسىنىڭ پارچىسىغا ئايلاندۇرۇش دېگەن بولىدۇ. بۇ سەۋەبتىن ئۇ دۇئانىڭ توغرا مەنىسى يۇقىرىدا يېزىلغان مەنىدۇر[4].
بۇنىڭدىن باشقا بىر مەنىنى ئويلاش ئاللاھ تەئالانىڭ مۇنۇ سۆزىگە خىلاپتۇر:
{قُل لاَّ أَمْلِكُ لِنَفْسِي نَفْعاً وَلاَ ضَرّاً إِلاَّ مَا شَاء اللّهُ …} الأعراف 188
«ئى مۇھەممەد ئېيتقىنكى، مەن ئۆزۈمگىمۇ پايدا-زىيان يەتكۈزۈشكە ئىگە بولالمايمەن، لېكىن ئاللاھنىڭ خالىغىنى بۇنىڭدىن مۇستەسنا» -ئەئراف 7/188.
ئىشان: ۋەسىلە قىلىشنىڭ دەلىلى بولغان مۇنۇ ئايەت توغرىسىدا نېمە دەيسەن؟
{… وَلَوْ أَنَّهُمْ إِذ ظَّلَمُواْ أَنفُسَهُمْ جَآؤُوكَ فَاسْتَغْفَرُواْ اللّهَ وَاسْتَغْفَرَ لَهُمُ الرَّسُولُ لَوَجَدُواْ اللّهَ تَوَّاباً رَّحِيماً} النساء 64
«… ئەگەر ئۇلار ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغاندا، يېنىڭغا كېلىپ ئاللاھدىن مەغفىرەت تىلىگەن، سەنمۇ[5] ئۇلارنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ئۈچۈن دۇئا قىلغان بولساڭ ئۇلار ئاللاھنىڭ تەۋبىلەرنى قوبۇل قىلغۇچى ۋە رەھىم قىلغۇچى زات ئىكەنلىكىنى كۆرەتتى» – نىسا 4/64.
ئۇلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىدۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھدىن ئۇلارنى مەغفىرەت قىلىشىنى تىلەيدۇ. شۇنىڭدەك ئىنسانلار ئەۋلىيالارنىڭ يېنىغا كېلىدۇ، ئەۋلىيالار ئاللاھدىن ئۇلارنى مەغفىرەت قىلىشىنى تىلەيدۇ. چۈنكى ئەۋلىيالار پەيغەمبەرنىڭ ۋارىسلىرىدۇر. پەيغەمبەرنىڭ قىلغىنىنى ئۇلارمۇ قىلىدۇ.
بايىندىر: سىلەرمۇ بىلىسىلەر، تەۋبە- قايتىش دېگەنلىكتۇر. كىشىنىڭ قىلغان گۇناھلىرىغا پۇشايمان قىلىپ، تەكرار گۇناھ قىلماسلىق قارارىغا كېلىشى تەۋبىدۇر. ئاللاھدىن ئەپۇ سورىشى ئىستىغفاردۇر. بۇ ئۇ ئۆزى يالغۇز قىلىدىغان بىر ئىشتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن قۇرئان كەرىمدە تەۋبە قىلىشقا ئائىت بۇيرۇقلار بىۋاسىتە گۇناھكارلارغا قارىتىلغان. چۈنكى بىزدە خرىستىئانلاردىكىگە ئوخشاش «گۇناھ چىقىرىش» دەيدىغان ئىش يوق. تەۋبە قىلىش ئۈچۈن بىر ئۆلىمانىڭ يېنىغا بېرىشمۇ ھاجەتسىز.
سىز ئوقۇغان ئايەت تەۋبە ۋە ئىستىغفار ھەققىدە بولۇپ، ئۇلارنىڭ خاتا ئىش قىلغان ۋاقىتلىرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىشلىرى ئۇلارنىڭ پۇشايمان قىلغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ بىر تەۋبىدۇر. ئۇلارنىڭ ئاللاھدىن ئەپۇ سوراشلىرى بولسا ئىستىغفاردۇر. پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئەپۇ سورىشى بولسا، ئۇلار ئۈچۈن ئاللاھقا دۇئا قىلغانلىقىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسىنى ئېلىش ئىنتايىن ياخشى ئىشتۇر.
بۇ يەردە بىر ۋاسىتىچىلىك مەۋجۇت ئەمەس. ئەمەلىيەتتە ئاللاھ تەئالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مۇنداق بۇيرۇق چۈشۈرگەن:
{فَاعْلَمْ أَنَّهُ لَا إِلَهَ إِلَّا اللَّهُ وَاسْتَغْفِرْ لِذَنبِكَ وَلِلْمُؤْمِنِينَ وَالْمُؤْمِنَاتِ وَاللَّهُ يَعْلَمُ مُتَقَلَّبَكُمْ وَمَثْوَاكُمْ} محمد 19
«بىلگىنكى، ئاللاھدىن باشقا ئىلاھ يوقتۇر، ئۆز گۇناھىڭ ئۈچۈن، مۇئمىن ۋە مۇئمىنەلەرنىڭ گۇناھلىرى ئۈچۈن مەغپىرەت تىلە، ئاللاھ سىلەرنىڭ ھەرىكەت قىلىۋاتقان ۋە ئورۇنلىشىدىغان يېرىڭلارنى بىلىدۇ»- مۇھەممەد 47/19.
سىز ئوقۇغان ئايەت بىر پۈتۈن ھالدا مۇنداق:
{وَمَا أَرْسَلْنَا مِن رَّسُولٍ إِلاَّ لِيُطَاعَ بِإِذْنِ اللّهِ وَلَوْ أَنَّهُمْ إِذ ظَّلَمُواْ أَنفُسَهُمْ جَآؤُوكَ فَاسْتَغْفَرُواْ اللّهَ وَاسْتَغْفَرَ لَهُمُ الرَّسُولُ لَوَجَدُواْ اللّهَ تَوَّاباً رَّحِيماً} النساء 64
«بىز ھەرقانداق پەيغەمبەرنى پەقەت ئىتائەت قىلىنىش ئۈچۈنلا ئەۋەتتۇق. ئەگەر ئۇلار ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغاندا، يېنىڭغا كېلىپ ئاللاھدىن مەغفىرەت تىلىگەن، سەنمۇ[6] ئۇلارنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ئۈچۈن دۇئا قىلغان بولساڭ ئۇلار ئاللاھنىڭ تەۋبىلەرنى قوبۇل قىلغۇچى ۋە رەھىم قىلغۇچى زات ئىكەنلىكىنى كۆرەتتى» -نىسا 4/64.
ئىشان: سىز نېمە دېسىڭىز دەڭ، بىز ئاللاھ بىلەن بەندىلەر ئوتتۇرىسىدا ئۇلۇغ ئەۋلىيالار ۋە بۈيۈك ماشايىخلارنىڭ روھلىرىنىڭ ۋاسىتە بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. ئۇلارنىڭ روھانىيىتىدىن مەدەت تىلەيمىز ۋە ياردەم سورايمىز.
بايىندىر: ئۇنداقتا «وَإِيَّاكَ نَسْتَعِينُ (بىز پەقەت سەندىنلا ياردەم تىلەيمىز)» دېگەن ئايەت نەدە قالدى؟ بۇ ئايەتنى ھەر كۈنى نامازدا ئەڭ ئاز بولغاندا قېرىق قېتىم ئوقۇيمىز. بۇنىڭ سەۋەبى نېمىدۇ؟
ئاللاھ تەئالا يەنە بىر ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ:
{وَلَقَدْ خَلَقْنَا الْإِنسَانَ وَنَعْلَمُ مَا تُوَسْوِسُ بِهِ نَفْسُهُ وَنَحْنُ أَقْرَبُ إِلَيْهِ مِنْ حَبْلِ الْوَرِيدِ} ق 16
«شۈبھىسىزكى، ئىنساننى بىز ياراتتۇق، بىز ئۇنىڭ كۆڭلىگە كەلگەننى بىلىمىز، بىز ئۇنىڭغا جان تومۇرىدىنمۇ يېقىنمىز»- قاف 50/16.
ئاللاھ بىزگە جان تومۇرىمىزدىنمۇ يېقىن تۇرسا، ئەۋلىيالارنىڭ ۋە ماشايىخلارنىڭ روھلىرى قەيەردە بوشلۇق تېپىپ ئارىغا كىرىدۇ؟
ئىشان: ئىلاھىيەت فاكولتېتىدىن ئىككى قىز ئوقۇغۇچى كېلىپ، مەندىن ئەينى سوئالنى سورىدى. ئۇلار مۇنداق دېدى: «ئاللاھ بىزگە جان تومۇرىمىزدىنمۇ يېقىن تۇرسا، نېمىشقا ماشايىخلار ئارىغا كىرىدۇ؟» مەن: «سىلەر قۇرئان ئۇقۇمسىلەر؟» دېدىم، «ھەئە، ئوقۇيمىز» دېيىشتى. دېدىمكى: «قۇرئاننى سىلەرگە كىم ئۆگىتىدۇ؟» «قۇرئان ئۆگەتكۈچى مۇئەللىم» دېدىلەر. مەن: «ئاللاھ سىلەرگە قۇرئان ئۆگەتكۈچى مۇئەللىمدىن تېخىمۇ يېقىن ئەمەسمۇ، نېمە ئۈچۈن ئاللاھ ئۆگەتمەي، قۇرئان كەرىم ئۆگىنىش ئۈچۈن باشقا بىرىگە ھاجىتىڭلار چۈشىدۇ؟» دەپ سورىدىم. «چۈشەندۇق، توغرا دەيلا» دېدىلەر.  
بايىندىر: بىرىگە قۇرئان ئۆگىتىشنىڭ ئاللاھ بىلەن بەندە ئوتتۇرىسىدا ۋاسىتىچىلىك قىلىشنىڭ نېمە مۇناسىۋىتى بار؟ بۇنىڭ نېمىسى ۋاسىتە قىلغانلىقتۇر؟ باشقىسىغا بىر نەرسە ئۆگەتكەن ھەر كىشى ئاللاھ بىلەن بەندە ئوتتۇرىسىدا ۋاسىتە ھېسابلىنىدىغان بولسا، سىزگە ئوخشاش مىليونلارچە ئىنسان بار دېگەن گەپ. چۈنكى دۇنيادا بىراۋغا بىر نەرسە ئۆگەتمەيدىغان ھېچقانداق ئىنسان يوق.
سىزنىڭ داۋايىڭىز مۇنۇ ئايەتكە خىلاپتۇر:
{اتَّبِعُواْ مَا أُنزِلَ إِلَيْكُم مِّن رَّبِّكُمْ وَلاَ تَتَّبِعُواْ مِن دُونِهِ أَوْلِيَاء قَلِيلاً مَّا تَذَكَّرُونَ} الأعراف 3
«رەببىڭلاردىن سىلەرگە نېمە نازىل قىلىنغان بولسا ئۇنىڭغا ئەگىشىڭلار. ئاللاھ بىلەن ئاراڭلارغا قويغان ئەۋلىيالىرىڭلارغا ئەگەشمەڭلار. بىلگەنلىرىڭلارنى بەكمۇ ئاز ئىشلىتىسىلەر.» -ئەئراف 7/3.
 
داۋامى بار
—————————————
[1]– بۇ بۆلۈمدىكى كۆز قاراشلار ماھمۇت ئۇستا ئوسمان ئوغلۇ (ماھمۇت ئىشان) ۋە ئۇنىڭ بىر قىسىم مۇرىتلىرى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان مۇنازىرىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

 [2]– تىرمىزى دەئەۋات، 119، ھەدىس نۇمۇرى 35/78، تىرمىزى ھەدىسنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق بىر مۇلاھىزە يازىدۇ: بۇ ھەسەن، سەھىھ، غەرىب بىر ھەدىستۇر. ھەدىستە پەقەت بۇ يولدىنلا بىلىمىز، ھاتمىيلىك ئەبۇ جەئفەر ھەدىسىدىن.

 ئىبنى ماجە ئىقامەتۇسسەلات (ھاجەت نامىزى)، 189، نۇمۇرى 1385. ئەھمەد ئىبنى ھەمبەل 4-توم 138-بەت.

 [3]الشفاعة: الإنضمام إلى آخر ناصرا له وسائلا عنه. – راغىب ئەلئىسفەھانى، مۇفرەداتى ئەلفازىل قۇرئان (سەفۋان ئەدنان داۋۇدىنىڭ تەھقىقى بىلەن)، دەمەشق ۋە بەيرۇت 1412/1992، ش ف ئ ماددىسى.

  [4]– «ئى ئاللاھ! سەندىن سورايمەن ۋە رەھمەت پەيغەمبىرى مۇھەممەد بىلەن بىرلىكتە ساڭا يۈزلىنىمەن»

  [5]– ئايەتنىڭ «وَاسْتَغْفَرَ لَهُمُ الرَّسُولُ» دېگەن قىسمىنىڭ ئەسلى تەرجىمىسى «رەسۇل ئۇلارنىڭ مەغپىرەت قىلىنىشى ئۈچۈن دۇئا قىلسا ئىدى» دېگەن شەكىلدىدۇر. لېكىن ئۇ تەرجىمىنىڭ ئورنىغا «سەنمۇ ئۇلارنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ئۈچۈن دۇئا قىلغان بولساڭ» دېيىلىشى ئەرەب تىلىدىكى ئىلتىفات ئۇسلۇبىنى تۈركچىدە ئىپادىلىگىلى بولمىغانلىقى ئۈچۈندۇر. بۇ ئۇسلۇب ئەرەبچىدە سۆزگە گۈزەللىك كەلتۈرىدۇ. تۈركچىدە بولسا تېڭىرقاشقا سەۋەبچى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئايەتكە جۈملىنىڭ ئېقىشىغا قارىتا مەنا بېرىلدى.

 [6]– ئايەتنىڭ ئەسلى تەرجىمىسى «رەسۇل ئۇلارنىڭ مەغپىرەت قىلىنىشى ئۈچۈن دۇئا قىلسا ئىدى» شەكلىدىدۇر. لېكىن ئۇ تەرجىمىنىڭ ئورنىغا «سەنمۇ ئۇلارنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ئۈچۈن دۇئا قىلغان بولساڭ» دېيىلىشى ئەرەب تىلىدىكى ئىلتىفات ئۇسلۇبىنى تۈركچىدە ئىپادىلىگىلى بولمىغانلىقى ئۈچۈندۇر. بۇ ئۇسلۇب ئەرەبچىدە سۆزگە گۈزەللىك كەلتۈرىدۇ. تۈركچىدە بولسا تېڭىرقاشقا سەۋەبچى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئايەتكە جۈملىنىڭ ئېقىشىغا قارىتا مەنا بېرىلدى.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر