مۇسۇلمانلار

تەرىقەتچىلىككە نەزەر 3

2- ئۆلۈكلەردىن ياردەم تىلەش[1]
مۇرىد: سەن «ئىشلىرىڭلاردا نېمە قىلىشنى بىلەلمەي قالساڭلار، قەبىرلەردىكى ئۆلۈكلەردىن ياردەم تىلەڭلار»[2] دېگەن ھەدىسنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىڭنى ئېيتىپسەن، بۇنىڭ نېمىسىگە قارشى چىقىسەن؟ قەبىردىكى ئۆلۈكتىن ياردەم تىلەش دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى ئۇنىڭدىن ئىبرەت ئېلىش دېگەنلىكتۇر.
بايىندىر: ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن «ئۆلۈكلەردىن ئىبرەت ئېلىڭلار» دېيىلمەستىن «ئۆلۈكلەردىن ياردەم تىلەڭلار» دېيىلىدۇ؟
ھەدىس دەپ توقۇپ چىقىلغان ئۇ سۆزنىڭ ئەرەپچىسىدە «استعينوا (ياردەم تەلەپ قىلىڭلار)» دېگەن ئەمىر بار. ھالبۇكى، پاتىھە سۈرىسىدە ئاللاھ تەئالانىڭ «سەندىنلا ياردەم تىلەيمىز» دېگەن مەنىدە «وَإِيَّاكَ نَسْتَعِينُ» دېگەن سۆزى بار. ئاللاھ تەئالانىڭ بۇ سۆزى بىزنى ياردەمنى پەقەت بىرلا يەردىن، يەنى يالغۇز ئاللاھدىنلا تىلەشكە بۇيرۇيدۇ. سىلەر ھەدىس دەۋاتقان ئۇ سۆز ئاللاھ تەئالانىڭ بۇ سۆزىگە ئوچۇقتىن-ئوچۇق زىت ئەمەسمۇ؟
پاتىھە سۈرىسىنى ھەر نامازدا ئوقۇپ، بۇ ئۇقۇمنى داۋاملىق ئېسىمىزدە تۇتۇشىمىزنىڭ بىر سەۋەبى يوقمىدۇ؟
يۇقىرىدىكى سۆزنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام سۆزلىدى، دەپ تۆھمەت قىلغانلار تەرىپىدە تۇرۇش سىلەرگە ئېغىر كەلمەمدۇ؟ ھېچ ئويلاپ باقمامسىلەركى، ئاساسى ۋەزىپىسى ئىنسانلارغا قۇرئاننى يەتكۈزۈش بولغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قۇرئانغا زىت بىر سۆزى بولۇشى مۇمكىنمۇ؟ يەنە كېلىپ بۇ سۆزنى ئۇنىڭدىن ئاڭلىغان كىشى يوق. ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ياكى ئۇنىڭدىن كېيىن ياشىغانلاردىنمۇ بۇنىڭغا ئوخشاش سۆزنى سۆزلىگەن كىشى يوق. بۇنى نەقىل قىلغان سەھىھ بىر ھەدىس كىتابىمۇ يوق. بۇلارنىڭ ھېچبىرى يوق. بۇنى سىلەرگە بىلدۈرگىلى خېلى ئۇزۇن بولدى، لېكىن بۇ توغرىسىدا سىلەرمۇ بىر نەرسە تاپالمىدىڭلار. چۈنكى يوق نەرسىنى تاپقىلى بولمايدۇ-دە!
مۇرىد: ئەجلۇنىينىڭ «كەشفۇلخەفا» ناملىق كىتابىدا بارغۇ؟ ئۇنىڭ كىتابىدا بولغانلىقى بىز ئۈچۈن يېتەرلىك. ئەجلۇنىي كاتتا بىر ھەدىس ئالىمىدۇر. ئۇ مۇ ئىبنى كامالنىڭ «ئەلئەربەئۇن» ناملىق كىتابىدىن ئالغان ئىكەن.
بايىندىر: ئەجلۇنىي ئۇ كىتابنى خەلق ئارىسىدا ھەدىس نامى بىلەن تونۇلغان سۆزلەرنىڭ توغرىسى بىلەن خاتاسىنى ئايرىش ئۈچۈن يازغان. شۇڭا ئۇ كىتابتا نۇرغۇنلىغان توقۇلما ھەدىس بار. ئەجلۇنىي مەزكۇر كىتابىنىڭ بېشىدا ھافىز ئىبنى ھەجەرنىڭ شۇ سۆزىنى نەقىل قىلىدۇ:
«كىم ئەسلى بولمىغان ھەدىسنى نەقىل قىلسا، ئۇ بۇخارى رىۋايەت قىلغان مۇنۇ ھەدىسنىڭ مەزمۇنى دائىرىسىگە كىرىدۇ: ‹كىم مەندىن مەن سۆزلىمىگەن بىر نەرسىنى نەقىل قىلىدىكەن، جەھەننەمدە تۇرىدىغان يېرىگە ھازىرلانسۇن› [3]».
ئەجلۇنىي كىتابىغا كىرگۈزگەن ھەدىسلەرنىڭ مەنبەلىرىنى كۆرسىتىدۇ. يۇقىرىقى سۆز توغرىسىدا پەقەتلا «ئىبنى كامال پاشانىڭ ‹ئەلئەربەئۇن› ناملىق كىتابىدا مۇشۇنداق زكىر قىلىنغان» دەيدۇ. ئىبنى كامالنىڭ مەزكۇر كىتابىغا قارايدىغان بولساق ھەدىس دەپ كۆرسىتىلگەن ئۇ سۆز ئۈچۈن ھېچقانداق مەنبە كۆرسەتمىگەنلىكىنى كۆرىمىز[4]. ياۋۇز سۇلتان سەلىمنىڭ شەيخۇلئىسلامى بولغان ئىبنى كامالنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى كۆرمىگەنلىكىگە قارىغاندا، ھېچقانداق ئاساسىي بولمىغان بۇ سۆزنى ھەدىس دېگەنلەر «جەھەننەمدە تۇرىدىغان يېرىگە ھازىرلىنىشى» لازىم.
مۇرىد: تىرىك بىر ئىنساندىن ياردەم سورىمامدۇق؟ بىر ئەۋلىيا ئۆلسە ئۇنىڭ روھى قىنىدىن چىققان قىلىچقا ئوخشاش بولىدۇ[5]، شۇنداقلا تېخىمۇ كۆپ ياردەم قىلالايدىغان ھالەتكە كېلىدۇ. ئۇلار نۇرغۇنلىغان ئىشلارنى قىلىدۇ.
بايىندىر: تىرىك ئىنساندىن ياردەم سوراش مەسىلىسى توغرىسىدا كېيىنچە توختىلىمىز[6]. ھازىرچە مۇنۇ سوئالىمغا جاۋاب بېرىپ بېقىڭە، ئەۋلىيا ئۆلگەندە ئۇنىڭ روھى قىنىدىن چىققان قىلىچقا ئوخشاش بولىدىغانلىقىنىڭ قۇرئان ۋە ھەدىستىن دەلىلى بارمۇ؟ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاممۇ ۋاپات بولغان. ئۇنى ئەسلىگىنىمىزدە ۋە قەبرىسىنى زىيارەت قىلغىنىمىزدا ئۇنىڭغا دۇرۇت ۋە سالام يوللايمىز. يەنى ئاللاھنىڭ بەرىكىتى ۋە ئەبەدىي بەخت- سائادەت ئىچىدە بولسۇن، دەيمىز. بۇ ئارقىلىق ئاللاھدىن پەيغەمبىرىمىزگە بولغان ئىنئامىنى تېخىمۇ زىيادە قىلىشىنى تىلەيمىز، لېكىن ھېچبىر دۇئايىمىزدا ئۇنىڭدىن بىر نەرسە تىلىمەيمىز. چۈنكى ئۇ تەقدىردە بىز خرىستىئانلارنىڭ ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا قىلغانلىرىنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قىلغان بولىمىز. بۇ ئازغۇنلۇقتىن باشقا نەرسە بولمايدۇ.
سىز بايا ئۆلگەن ئەۋلىيانىڭ تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتىڭىز. دەلىلىڭىز نېمە؟
مۇرىد: بىر ئەۋلىيا ئۆلگەندە ئۇنىڭ روھىنىڭ قىنىدىن چىققان قىلىچقا ئوخشاش بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان كاتتا ئالىملار بار.
بايىندىر: لېكىن ھەر نەرسىنى بىلىدىغان ئاللاھنىڭ كىتابى ناھايىتى روشەن ھالدا بۇنىڭ سىلەر ئېيتقاندەك ئەمەسلىكىنى جاكارلاپ مۇنداق دەيدۇ:
{اللَّهُ يَتَوَفَّى الْأَنفُسَ حِينَ مَوْتِهَا وَالَّتِي لَمْ تَمُتْ فِي مَنَامِهَا فَيُمْسِكُ الَّتِي قَضَى عَلَيْهَا الْمَوْتَ وَيُرْسِلُ الْأُخْرَى إِلَى أَجَلٍ مُسَمًّى إِنَّ فِي ذَلِكَ لَآيَاتٍ لِّقَوْمٍ يَتَفَكَّرُونَ} الزمر 42
«ئاللاھ روھلارنى ئۆلگەن چېغىدا ئالىدۇ، ئۆلمىگەن روھلارنى ئۇخلىغان چېغىدا ئالىدۇ. ئاندىن ئۆلۈمىگە ھۆكۈم قىلغان روھلارنى تۇتۇپ قالىدۇ ۋە باشقىلارنى بەلگىلەنگەن مۇددەتكىچە قويۇپ بېرىدۇ. بۇنىڭدا تەپەككۇر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەر بار»- زۇمەر 39/42. 
بۇنىڭغا ئاساسەن ئاللاھ ئۆلۈكلەرنىڭ روھلىرىنى بۇ دۇنيا بىلەن ئاخىرەت ئوتتۇرىسىدىكى بىر يەردە، يەنى بەرزەخ ئالەمىدە تۇتۇپ تۇرىدۇ.
ئاللاھ تەئالا قەبرىلەردىكى ئۆلۈكلەر ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ:
{وَمَا يَسْتَوِي الْأَحْيَاء وَلَا الْأَمْوَاتُ إِنَّ اللَّهَ يُسْمِعُ مَن يَشَاءُ وَمَا أَنتَ بِمُسْمِعٍ مَّن فِي الْقُبُورِ } فاطر 22
«تىرىكلەر ۋە ئۆلۈكلەر ئوخشاش بولمايدۇ. ئاللاھ خالىغان كىشىگە ئاڭلىتىدۇ. سەن قەبىرلەردىكى كىشىلەرگە ئاڭلىتالمايسەن»- فاتىر 35/22.
ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاخىرەتتە قىلىدىغان سۆزىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇنۇ ئايەت ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈپ بېقىش كېرەك:
{… وَكُنتُ عَلَيْهِمْ شَهِيداً مَّا دُمْتُ فِيهِمْ فَلَمَّا تَوَفَّيْتَنِي كُنتَ أَنتَ الرَّقِيبَ عَلَيْهِمْ وَأَنتَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ شَهِيدٌ } المائدة 117
«… مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بولغان مۇددەتتە ئۇلارغا شاھىت ئىدىم، مېنى ۋاپات قىلدۇرغىنىڭدىن كېيىن ئۇلارغا پەقەت سەنلا كۆزەتچى بولدۇڭ. سەن ھەر نەرسىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىسەن»- مائىدە 5/117.
ئۇلۇغ پەيغەمبەر ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئۆلگەندىن كېيىن ئۈممىتىدىن خەۋەرسىز بولغان يەردە، ئۆلۈپ كەتكەن ئەۋلىيانىڭ روھىنىڭ «قىنىدىن چىققان قىلىچقا ئوخشاش» بولۇشى مۇمكىنمۇ؟ مۇنۇ ئايەت بۇ مۇنازىرىنى ئاخىرلاشتۇرسا كېرەك:
{وَمَنْ أَضَلُّ مِمَّن يَدْعُو مِن دُونِ اللَّهِ مَن لَّا يَسْتَجِيبُ لَهُ إِلَى يَومِ الْقِيَامَةِ وَهُمْ عَن دُعَائِهِمْ غَافِلُونَ} الأحقاف 5
«ئاللاھنىڭ دۇنىدىن[7] قىيامەتكىچە دۇئاسىنى ئىجابەت قىلالمايدىغان كىشىلەرگە دۇئا قىلىدىغان ئادەمدىنمۇ ئازغۇن ئادەم بارمۇ؟ ھالبۇكى، ئۇ كىشىلەر بۇلارنىڭ دۇئاسىدىن خەۋەرسىزلەردۇر»-ئەھقاف 45/5.
قۇرئان كەرىمنىڭ بەزى تەرجىمىلىرىدە ئايەتلەردىكى دۇئا سۆزىنى «ئىبادەت» دەپ تەرجىمە قىلىش ئەجەپلىنەرلىك بىر ئىشتۇر. مەسىلەن: بۇ ئايەتتە يەدئۇ «يَدْعُو (ياردەمگە چاقىرىش)» ۋەدۇئا «دُعَاء (ياردەمگە چاقىرماق)» دېگەن سۆزلەر بار. بۇلارنى تەرجىمە قىلغاندا يەدئۇغا يەئبۇدۇ «يعبد» نىڭ مەنىسى بولغان «ئىبادەت قىلىدۇ، چوقۇنىدۇ» دېگەن مەنانى، دۇئاغا ئىبادەت «عبادة» نىڭ مەنىسى بولغان «ئىبادەت قىلماق، چوقۇنماق» دېگەن مەنانى بېرىش توغرا ئەمەس. چۈنكى قۇرئان كەرىمدە بۇ ئىككى سۆزمۇ بار. ھەممىنى بىلىدىغان ۋە مۇناسىپ ئورۇندا قويغان ئاللاھ مۇۋاپىق كۆرگەن بولسا ئىدى، بۇ يەردە ئۇ ئىككى سۆزنى ئىشلەتكەن بولاتتى.
مەسىلەن: ھەسەن بەسرىي چانتاينىڭ يۇقىرىدىكى ئايەتكە قانداق مەنا بەرگەنلىكىگە قاراپ باقايلى:
«ئاللاھنى قويۇپ ئۆزىگە قىيامەتكە قەدەر جاۋاپ بېرەلمەيدىغان كىشىگە (نەرسىگە) چوقۇنىۋاتقان كىشىدىنمۇ ئازغۇن كىم بار؟ ھالبۇكى، بۇلار ئۇلارنىڭ چوقۇنۇشلىرىدىن بىخەۋەردۇر[8]».
بۇنىڭغا ئوخشاش تەرجىمىلەرنى ئوقۇغانلار ئايەتنى بۇتقا چوقۇنغانلار بىلەنلا چەكلەپ قويۇپ، ئەتراپىدا كۆزلىرىگە چېلىقىۋاتقان شېرىك ئىشلار بىلەن مۇناسىۋەتسىز دەپ قارايدۇ.
ئەرەپچە تەفسىرلەردە دۇئانىڭ ئىبادەت مەنىسىنى ئىپادىلەيدىغانلىقى سۆزلىنىدۇ. بىر ئەرەب ئۇنداق بىر ئىزاھاتقا ئېھتىياجلىق بولىدۇ. چۈنكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«دۇئا ئىبادەتنىڭ ئۆز ئەينىسىدۇر[9]» ، «دۇئا ئىبادەتنىڭ يىلىكىدۇر[10]»، ئەرەپلەر بۇنداق ئىزاھاتلارنى ئوقۇغاندا دۇئا بىلەن ئىبادەت ئوتتۇرىسىدا مۇناسىۋەت ئورنىتالايدۇ. ئەمما يۇقىرىدىكى تەرجىمىنى ئوقۇغان بىر تۈركنىڭ دۇئا بىلەن ئىبادەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئۇلاردەك چۈشىنەلىشى مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى بۇ تۈرك ئۇ تەرجىمىدە «دۇئا» كەلىمىسىنى كۆرمەيدۇ. قۇرئان كەرىمنى باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلغانلار بۇنىڭغا ئوخشاش نۇقتىلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى لازىم.
ھەسەن بەسرىي چانتاينىڭ بۇ تەرجىمىسىدە مىن دۇنىللاھ «من دون الله» ئىپادىسى «ئاللاھنى قويۇپ…» دەپ تەرجىمە قىلىنغان. بۇ بىرىنى ئادەتتىن تاشقىرى يوللار ئارقىلىق ياردەمگە چاقىرغۇچىنىڭ ئاللاھنى يوق دەپ قارىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ھالبۇكى، بۇنداق كىشىلەر ئاللاھنى يوق دەپ ئېتىقاد قىلمايدۇ. ئەكسىچە ئۇلار ياردەمگە چاقىرغان كىشىسىنى بىر تەرەپتىن ئاللاھقا يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىگە يېقىن دەپ قارايدۇ. ئۇ كىشىدە ھەم ئاللاھنىڭ ھەم ئىنسانلارنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى بارلىقىغا ئىتىقاد قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۇنىڭ ۋاستىسى بىلەن ئاللاھقا يېقىنلىشالايدىغانلىقىغا ۋە تىلەكلىرىنىڭ ئۇنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن قوبۇل قىلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. بۇ بولسا ئۇ كىشىنى ئىلاھلاشتۇرغانلىقتۇر. ئاللاھ ئىنسانغا جان تۇمۇرىدىنمۇ يېقىن بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنداق ئېتىقاد ئاللاھ بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئۈزىۋېتىدۇ ۋە كىشىنى مۇشرىك قىلىۋېتىدۇ. بۇ ئىنسانلارنىڭ ئاساسلىق خاتالىقىدۇر[11]. ئەمەلىيەتتىمۇ شەيتانلار ئىنساننى ئاللاھنىڭ نامى بىلەن ئازدۇرىدۇ. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
{ وَلَا يَغُرَّنَّكُم بِاللَّهِ الْغَرُورُ} لقمان 33  
«كۆپ ئالدىغۇچى (شەيتان) سىلەرنى ئاللاھ بىلەن ئالدىمىسۇن»- لۇقمان 31/33.
ئىنساندىن ۋە جىندىن بولغان شەيتانلار ئاللاھتىن غەيرىيگە قۇل بولماسلىقى كېرەك بولغان ئىنساننى بۇ يول ئارقىلىق ئۆزىگە قۇل قىلىدۇ. شەيتانغا بۇ شەكىلدە قۇل بولغانلار ئاللاھ نازىل قىلغان بىرەر دەلىلگە ئەمەس، بەلكى ئۇلۇغلاردىن رىۋايەت قىلىنغان سۆزلەرگە ئاساسلىنىدۇ. ئاللاھقا خاس ساھەدە بىراۋنى ھوقۇقلۇق دەپ قاراش، شۇ ساھەدە ئۇنى ئاللاھقا شېرىك قىلغانلىق بولىدۇ. بۇ بولسا شېرىكتۇر.  شۇڭا يۇقىرىقى ئايەتتىكى «من دون الله …» ئىپادىسى «ئاللاھنىڭ يېقىنىدىن» دەپ تەرجىمە قىلىنىشى كېرەك.
ئاتېئىستلار ئاللاھنى يوق دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. لېكىن ئۇلارمۇ بىر مۇسىبەتكە يولۇققاندا ئاللاھقا سېغىنىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ ئەمەلىيەتتە ئاللاھنى يوق دەپ ئېتىقاد قىلمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
مۇرىد: مازارلارغا بېرىپ كېسەللىرىدىن ساقايغانلار بار. بۇنداق گەپلەر ئەڭ ئىشەنچلىك زاتلارنىڭ ئاغزىدىن چىقىدۇ، ئۇنىڭغا نېمە دەيسەن؟
بايىندىر: مېنىڭ بىر نەرسە دېيىشىمگە ھاجەت يوق. چۈنكى ئايەتلەر بۇنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى جاكارلىماقتا.
مۇرىد: بىر مۆتىۋەر بۈيۈكىمىز ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن قىلغان بىر تەبلىغىدە مۇنداق دەپتۇ:
«مېنىڭ بىر سىڭلىم بار ئىدى، ماڭالمايتتى. ئادانا[12]دا ئۇ چاغدا بار بولغان پۈتۈن دوختۇرلارغا كۆرسەتتۇق، باشقا يەرلەردىكى دوختۇرلارغىمۇ كۆرسىتىپ باقتۇق. ھېچقايسىسى چارە قىلالمىدى. ئاخىرىدا كىشىلەر بىزگە: توروسلار[13]دا بىر زاتنىڭ مازىرى بار، كېسەلنى ئۇ يەرگە ئېلىپ بېرىپ، بىر كېچە تۇرغۇزۇڭلار. ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ئۇ زاتنىڭ دۇئا ۋە روھانىيىتى شىپاغا ۋەسىلە (ۋاسىتە) بولىدۇ، دېدى.
 بىز ھەرخىل تېببىي چارىدىن ئۈمىدىمىزنى ئۈزگەندىن كېيىن، ئانام بىلەن بىرلىكتە سىڭلىمنى يۈدۈپ ئۇ يەرگە ئېلىپ باردۇق. كېچىسى سىڭلىم تۇيۇقسىز پەرياد قىلىشقا باشلىدى. ئانام ئېلىشىپ قالغانمىدۇ ياكى قورقىۋاتامدىغاندۇ؟ دەپ دەرھال يېنىغا باردى. سىڭلىم توختىماستىن پەرياد قىلاتتى ۋە ‹ياخشىلاندىم، ياخشىلاندىم، ماڭالايدىغان بولدۇم، ۋاي خۇدايىم!› دەپ توۋلايتتى. بىزمۇ ھەيرانلىق بىلەن يېنىغا باردىم. ئاندىن بىز تاڭ يورۇشىنى ساقلىمايلا قايتتۇق. يۈدۈپ ئېلىپ بارغان سىڭلىم ئۆيگە ئۆزى مېڭىپ كەلدى[14]».
بۇ مۆتىۋەر زاتنىڭ سۆزى ۋە تەجرىبىسى بىز ئۈچۈن مۇھىم. بۇ ھەقتە سەن نېمە دەيسەن؟
بايىندىر: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«ئىنسان ئۆلگەندە ئەمەلى توختايدۇ (ئىشى تۈگەيدۇ). ئۈچ كىشى بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئۇلار: سەدىقە جارىيەسى بولغان كىشى، پايدىلىق ئىلىم قالدۇرۇپ كەتكەن كشى ۋە ئۆزى ئۈچۈن دۇئا قىلىپ تۇرىدىغان ياخشى بىر ئەۋلاد قالدۇرۇپ كەتكەن كىشىدۇر[15]».
سەدىقە جارىيە- مەسجىت-جامە، كۆل-قۇدۇق ۋە يول-كۆۋرۈككە ئوخشاش خەلق پايدىلىنىدىغان نەرسىلەردۇر. بۇلاردىن ئىنسانلار پايدىلانسىلا ئۇ نەرسىلەرنى قالدۇرۇپ كەتكەن كىشىنىڭ ئەمەلى داۋاملاشقان بولىدۇ ۋە ساۋابى ئۇ كىشىگە يېتىپ تۇرىدۇ.
پايدىلىق ئىلىممۇ سەدىقە جارىيەگە ئوخشايدۇ. قىلغان بىر ئىلمىي خىزمەتتىن ئىنسانلار پايدىلانسىلا ئۇ ئىلىمنى قالدۇرغان شەخسنىڭ ئەمەلى داۋام قىلغان بولىدۇ ۋە ساۋابى ئۇنىڭغا يېتىپ تۇرىدۇ.
 ياخشى بىر ئەۋلادمۇ شۇنىڭغا ئوخشايدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆلگەن كىشىنىڭ ھايات ۋاقتىدا قىلغان ئىشلىرىنىڭ داۋامى ھېسابلىنىدۇ. بولمىسا ئىنسان ئۆلگەندە ئۇ بىر ئىش قىلالمايدۇ.
سىز ھېكايە قىلىپ ئۆتكەن ۋەقەدە «ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ئۇ زاتنىڭ دۇئا ۋە روھانىيىتى كېسەلنىڭ ساقىيىشىغا ۋەسىلە بولىدۇ» دەپ بىر جۈملە ئۆتتى. بۇ جۈملىنىڭ مەزمۇنى مۇنۇ ئايەتتە ئەيىبلەنگەن ئەھۋالنىڭ ئەينىسىغۇ:
{وَمَنْ أَضَلُّ مِمَّن يَدْعُو مِن دُونِ اللَّهِ مَن لَّا يَسْتَجِيبُ لَهُ إِلَى يَومِ الْقِيَامَةِ وَهُمْ عَن دُعَائِهِمْ غَافِلُونَ} الأحقاف 5
«ئاللاھنىڭ يېقىنىدىن قىيامەتكىچە دۇئاسىنى ئىجابەت قىلالمايدىغان كىشىلەرگە دۇئا قىلىدىغان ئادەمدىنمۇ ئازغۇن ئادەم بارمۇ؟ ھالبۇكى، ئۇ كىشىلەر بۇلارنىڭ دۇئاسىدىن خەۋەرسىزلەردۇر»-ئەھقاف 45/5.
ئۆلۈكلەرنىڭ تىرىكلەردىن قانداقمۇ خەۋىرى بولسۇن؟ بۇ ئايەتنى نازىل قىلغان ئاللاھ ئۇ زاتنىڭ روھانىيىتىنى قانداقمۇ كېسەلدىن ساقىيىشنىڭ ۋاسىتىسى قىلسۇن؟ ئىنسانلارنىڭ ئالدىغا دىنىي داھىي سۈپىتىدە چىققانلار قۇرئان ئوقۇمايدىغانمىدۇ؟
ھەرخىل تېببىي چارىدىن ئۈمىد ئۈزگەندىن كېيىن بىر ئۆلۈكنىڭ قەبرىسىگە بېرىپ ئۇنىڭدىن شىپا ئۈمىد قىلىش ئاقىلانە بىر ئىشمۇ؟ تەپەككۇر قىلىپ باقمامسىلەر، تىرىكلەرنىڭ قىلالمىغىنىنى بىر ئۆلۈك قانداقمۇ قىلالايدۇ؟
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
{وَمَا يَسْتَوِي الْأَحْيَاء وَلَا الْأَمْوَاتُ إِنَّ اللَّهَ يُسْمِعُ مَن يَشَاءُ وَمَا أَنتَ بِمُسْمِعٍ مَّن فِي الْقُبُورِ} فاطر 22
«تىرىكلەر ۋە ئۆلۈكلەر ئوخشاش بولمايدۇ. ئاللاھ خالىغان كىشىگە ئاڭلىتىدۇ. سەن قەبىرلەردىكى كىشىلەرگە ئاڭلىتالمايسەن»- فاتىر 35/22.
خەلق ھۆرمەت قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ ئاساسسىز ئىشلارنى قىلىشى، يەنە كېلىپ ئۇنى ئىنسانلارغا خۇددى بىر ياخشى ئىش قىلغاندەك ئاڭلىتىشى نېمە دېگەن يامان ئىش-ھە!
مۇرىد: مەن ئۇ زاتنىڭ توغرا سۆزلىگەنلىكىگە پۈتۈن قەلبىم بىلەن ئىشىنىمەن. سەن ئۇنىڭ بولمىغانلىقىنى دەۋا قىلىۋاتامسەن؟
بايىندىر: بۇ دەۋا ئەمەس، بەلكى ئايەتلەرنىڭ ھۆكمىدۇر. ئۇ بىمار كېسىلىدىن راستىنلا ساقىيىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن، ئەمما بۇنىڭ سەۋەبى ھەرگىزمۇ ئۇ مازاردا ياتقان زاتنىڭ دۇئا ۋە روھانىيىتى ئەمەس. ئەگەر ئۇنداق بولىدىغان بولسا ئىدى، ئۇ مازارلىقنىڭ ئەتراپىغا ئاسفالت يوللار، مېھمان كۈتۈش ۋە ئۆتەڭلەر ياسالغان بولاتتى.
ئەسلىدە بىز سىرات كۆۋرۈكىدىن بۇ دۇنيادا ئۆتىمىز. خاتا بېرىلگەن بىر تەبىر بىزنى توغرا يولدىن چىقىرىۋېتىشى مۇمكىن. مەسىلەن- رۇفائىي ۋە قادىرىي تەرىقەتلىرىگە مەنسۇپ كىشىلەر تەنلىرىگە زىخ پاتۇرىدۇ. بەزىلەر بۇنى ئاشۇ تەرىقەتلەرگە خاس بىر كارامەت، دەپ قارايدۇ. يەنە قارايدىغان بولساق، ھىندى دىنىغا ئىشىنىدىغانلارمۇ خۇسۇسىي دىنى كۈنلىرىدە تەنلىرىگە قىلىچ پاتۇرىدۇ. بىلەكتەك قۇمۇشلارنى بىر مەڭزىدىن پاتۇرۇپ يەنە بىر مەڭزىدىن چىقىرىدۇ. ئەگەر قادىرىيلارنىڭ قىلغانلىرى بىر كارامەت بولىدىغان بولسا، ھىندىلارنىڭ قىلمىشلىرى تېخىمۇ چوڭ كارامەت ھېسابلىنىشى كېرەك.
ئەسلىدە ھەر ئىككى گوروھنىڭ قىلغانلىرىنىڭ دىن بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق. خاتا تەرىپى ئۇنى دىن بىلەن مۇناسىۋەتلىك قىلىپ كۆرسىتىشىدۇر. بۇ بىر خىل گىپنوز ۋەقەسىدۇر. گىپنوز- ئوخشىمىغان ئۇسۇللار بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان، ئۇخلىغانغا ئوخشاش ھالەتكە كەلتۈرۈشتۇر. بۇ ئارقىلىق بىر كېسەلنى مەس قىلمايلا ئوپىراتسىيە قىلىشمۇ مۇمكىن. مەن تېلېۋىزوردا بۇ ئۇسۇل بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بىر مېڭە ئوپىراتسىيەسىنى كۆردۈم. دوختۇر ئوپىراتسىيە قىلىۋاتقاندا كېسەلدىن ئاغرىق ھېس قىلغان-قىلمىغانلىقى سورىلىۋىدى، كېسەل غىدىقلىنىشقا ئوخشاش بىر سېزىم بارلىقىنى، ئەمما ئاغرىق ھېس قىلمىغانلىقىنى ئېيتتى.
بۇنىڭغا ئوخشاش ۋەقەلەر ئۈستىدە كېيىنكى مەزمۇنلاردا توختىلىپ ئۆتىمىز. ۋەسىلە بىلەن تەۋەسسۇل مەسىلىسىمۇ بۇلاردىن بىرى.
 
داۋامى بار
————————————-
[1]– بۇ بۆلۈمدىكى كۆز قاراشلار ماھمۇت ئۇستا ئوسمان ئوغلۇ (ماھمۇت ئىشان) ۋە ئۇنىڭ بىر قىسىم مۇرىتلىرى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان مۇنازىرىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

 [2]– ماھمۇت ئۇستا ئوسمان ئوغلۇ (ماھمۇت ئىشان) باشچىلىقىدىكى بىر گۇرۇپپا تەرىپىدىن يېزىلغان روھۇلفۇرقان تەپسىرى، ئىستانبۇل 1992-يىل نەشرى، 2-توم 82-بەت.

 [3]– ئىسمائىل ئىبنى مۇھەممەد ئەل ئەجلۇنىي، كەشفۇلخەفا، بەيرۇت 1988-يىل نەشرى، 1-توم 8-بەت.

 [4]– ئىبنى كامال پاشا، ئەل-ئەربەئۇن، 5-توم 360-بەت، سۇلايمانىيە كۈتۈپخانىسى، ئەسئەت ئەپەندى 1694. ئىبنى كامال ياۋۇز سۇلتان سەلىمنىڭ مەشھۇر شەيخۇلئىسلامىدۇر. 1469-يىلى توكاتتا تۇغۇلغان، 1534-يىلى ئىستانبۇلدا ۋاپات بولغان. پەيغەمبىرىمىز بىلەن ئۇنىڭ ئارىسىدا 900 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت تۇرۇقلۇق، ھېچبىر مەنبە كۆرسەتمەستىن، مەزمۇنى قۇرئانغا تامامەن زىت بولغان بىر سۆزنى ھەدىس دەپ ئالدىمىزغا قويۇشىنى قۇبۇل قىلىش مۇمكىن ئەمەس. ئىبنى كامال ئۇ كىتابىدا مەنبە كۆرسىتىشنىڭ ئورنىغا بۇ سۆزنىڭ ھەدىس ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ھېچبىر دىنى ئاساسى بولمىغان پەلسەپىۋى ئىزاھلارنى بېرىشكە تىرىشقان.

 [5]– روھۇلفۇرقان، 2-توم 67-بەت.

 [6]– بۇ ماۋزۇ «ئادەتتىن تاشقىرى يوللار بىلەن ياردەم» دېگەن بۆلۈمدە مۇلاھىزە قىلىنىدۇ.

 [7]– ئايەتتە «دون» كەلىمىسى چىقىدۇ. «دون» كەلىمىسى «فوق» نىڭ قارمۇ-قارشىسىدۇر. ئەڭ يۇقىرى مەرتىۋىدىن بېرى، ئۇنىڭدىن تۆۋىنى دېگەن بولىدۇ. بەزىلەر بۇنى «دنو» دىكى ھەرىپلەرنىڭ ئورۇن ئالماشتۇرۇشى بىلەن شەكىللەنگەن، دېيىشىدۇ. «غير» باشقا دېگەن مەنانى ئىپادىلەيدۇ. ئەڭ يېقىن دېگەن مەناغا زەرف بولۇپمۇ كېلىدۇ. بەك يېقىن دېگەن مەنانى ئىپادىلەش ئۈچۈن «هذا دونه» دىيىلىدۇ. ئۇنىڭغا «قبل (ئىلگىرى)» مەناسىمۇ بېرىلىدۇ. – (فىرۇز ئابادى، قامۇس تەرجىمىسى. مۇتەرجىم ئاسىن، بەھرىيە مەتبەئەسى 1305).

بۇنىڭغا ئاساسەن ئايەتلەردە ئۆتكەن مىندۇنىللاھ «من دون الله» دېگەن سۆز ئورنىغا قاراپ ئاللاھنىڭ يېقىنىدىن، ئاللاھدىن تۆۋىنى، ئىنسانلاردىن يۇقىرى، يەنى، ئاللاھ بىلەن ئىنسان ئارىسىدا بىر يەردىن، ئاللاھنىڭ باشقىسىدىن، دېگەن مەنالارنى ئىپادىلەيدۇ. مۇشرىكلار بىر تەرەپتىن ئاللاھقا، بىر تەرەپتىن ئۆزىگە يېقىن كۆرگەن، ھەم ئاللاھقا ھەم ئىنسانغا ئائىت خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە دەپ ئېتىقاد قىلغان نەرسە ۋە كىشىلەرنى ئاللاھ بىلەن ئۆزىنىڭ ئارىسىغا قويۇپ ئىلاھلاشتۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ ۋاستىسى بىلەن ئاللاھقا يېقىنلىشىشقا تىرىشىدۇ. ئاللاھ ئىنسانغا جان تۇمۇرىدىنمۇ يېقىن بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئېتىقاد ئاللاھ بىلەن مۇناسىۋەتنى ئۈزىدۇ ۋە ئىنساننى مۇشرىك قىلىدۇ.

 8]– ھەسەن بەسرىي چانتاي، قۇرئانى ھەكىم ۋە مەئالى كەرىم، ئىستانبۇل 1974.

 [9]– تىرمىزى ، دۇئا 1، 3372- نۇمۇرلۇق ھەدىس.

 [10]– تىرمىزى ، دۇئا 1، 3371- نۇمۇرلۇق ھەدىس.

 [11]– تېخىمۇ كۆپ مەلۇمات ئۈچۈن «ئادەتتىن تاشقىرى يوللار بىلەن ياردەم» بۆلۈمىدىكى ھەمزە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا بېرىلگەن ئالاھىدىلىكلەرگە قاراڭ.

 [12]– تۈركىيەنىڭ بىر ۋىلايىتى.

 [13]– تۈركىيەنىڭ مەرسىن ۋىلايىتىنىڭ بىر ناھىيىسىنىڭ ئىسمى.

 [14]– رامىزان ئوغلۇ ماھمۇت سامى، بىر بايرام سۆھبىتى، ئالتىنئولۇق مەجمۇئەسى، 1997-يىل 2-ئاي نەشرى، 13-بەت

 [15]– مۇسلىم، ۋەسىيەت 14، ئەبۇ داۋۇد، ۋاسايا 14، نەسەئى، ۋاسايا 8.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر