مۇسۇلمانلار

ناماز ھەققى ئېلىش توغرىمۇ؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
سوئال:
ئادەم ئۆلۇپ قالغان چاغدا جىنازا نامىزى ئوقۇشنىڭ ئالدىدا، شۇ مېيىت قانچە ياشقا كىرگەن بولسا شۇ يېشىغا ھېساپلاپ بىر ياشقا مانچىلىك پۇل، دەپ شۇ جىنازا نامىزىغا كەلگەن ئادەملەرنىڭ ئارىسىدىن ئاجىز-كەمبەغەللەرگە ۋە موللا-ئاخۇنۇملارغا تارقىتىپ بېرىشتىن مەقسەت نېمە؟ بۇ ئىش توغرىسىدا قۇرئان-ھەدىستە بىرەر كۆرسەتمە بارمۇ؟ ياكى بۇ خاتا ئەقىدىلەردىنمۇ؟ بۇ توغرىدا بىزگە قورئان-ھەدىس ئاساسىدا چۇشەنچە بېرىشلىرىنى سورايمىز. ئاللاھ رەخمەت قىلسۇن!
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
جاۋاب:
مەن (ئەبۇلفاتىھ) بىرقانچە يىل ئىلگىرى «مېيىت نامىزى» دېگەن سەرلەۋھە ئاستىدا بىر تەتقىقات ئېلىپ بارغان ئىدىم. مەن ئۇ تەتقىقاتتا بىر كىشى ئۆلۈپ قالغاندىن كېيىن قىلىنىدىغان ئىشلارنى قۇرئان-سۈننەت پۈتۈنلۈكى ئاساسىدا بىرقانچە باسقۇچقا بۆلۈپ مۇناسىۋەتلىك ئايەت ۋە ھەدىسلەرنى دەلىل قىلغان ھالدا بايان قىلىپ ئۆتكەن ئىدىم.
سوئالىڭىزنىڭ جاۋابىنى بېرىشتىن بۇرۇن شۇ تەتقىقاتنىڭ بىر مۇسۇلمان سەكراتقا چۈشۈپ قالغاندىن تارتىپ ئۇنىڭغا جىنازا نامىزى ئوقۇلغۇچە بولغان ئارلىقتا مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇنىڭغا قانداق ئىشلارنى قىلىشى كېرەكلىكى توغرىسىدىكى بۆلۈمىنى يوللاپ بېرەي:
1- سەكراتتىن نامازغىچە
ئا- سەكراتتىكى كىشىگە (ئۆلۈم ئالدىدا شاھادەت ئېيتىۋېلىشى ئۈچۈن) شاھادەت كەلىمىسىنى تەلقىن قىلىش كېرەك. يەنى ئۆلۈم ئالدىدا تۇرۇۋاتقان كىشىگە كەلىمە شاھادەتنى ئۆگىتىش، ئوقۇيالمىسا ئاۋازلىق ئوقۇش، بۇ ئارقىلىق ئۇنىڭ ئاخىرقى سۆزىنىڭ شاھادەت كەلىمىسى ئوقۇش بولۇشىغا ياردەم قىلىش كېرەك. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «جان ئۈزۈش ئالدىدا تۇرغان ئادىمىڭلار[1]غا ‹لائىلاھە ئىللەللاھ›، دېگەن سۆزنى تەلقىن قىلىپ بېرىڭلار»[2]، «ئاخىرقى سۆزى ‹لائىلاھە ئىللەللاھ› بولغان ئادەم جەننەتكە كىرىدۇ» دېگەن[3].
ئە- سەكراتتىكى كىشى جان ئۈزگەن ھامانلا كۆزىنى يۇمدۇرۇپ قويۇش ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھقا دۇئا قىلىش كېرەك. ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ئەبۇ سەلەمەنىڭ يېنىغا كىردى. ئۇنىڭ كۆزى ئېچىلىپ قالغانىدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ كۆزىنى يۇمدۇرۇپ: «روھ ئېلىنسا، كۆز روھقا ئەگىشىدۇ»، دېدى. شۇنىڭ بىلەن مېيىت ئەھلى ئۈن سېلىپ يىغلىشىپ كېتىۋىدى، رەسۇلۇللاھ: «ئۆزۈڭلارغا پەقەت ياخشىلىقنىلا تىلەڭلار، چۈنكى سىلەر نېمە دېسەڭلار پەرىشتىلەر ‹ئامىن›، دەيدۇ» دېدى. ئاندىن كېيىن رەسۇلۇللاھ: «ئى ئاللاھ! ئەبۇ سەلەمەنى مەغپىرەت قىلغىن، دەرىجىسىنى ھىدايەت تاپقانلار ئارىسىدا يۇقىرى قىلغىن، ئارقىسىدا قالغانلارغا پاناھ بولۇپ بەرگىن، ئى ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى! بىزنى ۋە ئۇنى مەغپىرەت قىلغىن، ئۇنىڭ قەبرىسىنى كەڭ ۋە نۇرلۇق قىلغىن» دېدى[4].
ب- ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە رازى بولۇپ سەۋر قىلىش، «ئىننا لىللاھى ۋە ئىننا ئىلەيھى راجىئۇن (بىز چوقۇم ئاللاھنىڭدۇرمىز، بىز چوقۇم ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا قايتقۇچى كىشىلەرمىز)» دېيىش ۋە دۇئا قىلىش كېرەك. چۈنكى ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى مۇسىبەت كەلگەندە يۇقارقى دۇئانى ئوقۇپ سەۋر قىلغۇچىلارغا، پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن مەغپىرەت ۋە رەھمەتلەر ياغىدىغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ ھىدايەتكە ئېرىشىدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بېرىشكە بۇيرۇغان[5]. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ مۇنداق دېگەن:
«بېشىغا بىرەر مۇسىبەت كەلگەن قانداقلا بىر بەندە: ‹بىز چوقۇم ئاللاھنىڭدۇرمىز، بىز چوقۇم ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا قايتقۇچى كىشىلەرمىز. ئى ئاللاھ! مۇسىبىتىمدە ماڭا ساۋاب ئاتا قىلغىن، ماڭا ئۇنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭدىنمۇ ياخشىراقىنى ئاتا قىلغىن›، دېسە، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە مۇسىبىتىدە ساۋاب ئاتا قىلىدۇ ۋە ئۇ كىشىگە يوقاتقان نەرسىنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭدىنمۇ ياخشىراقىنى بېرىدۇ»[6].
پ- مېيىتنىڭ قەرزى بولسا ئۇنى ئادا قىلىپ قويۇش كېرەك. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «(ئۆلگەن) مۇئمىننىڭ روھى تاكى ئۇنىڭ قەرزى ئادا قىلىنغانغا قەدەر (يۇقىرى ئورۇنغا يېتىشتىن) ئېسىلىپ تۇرىدۇ» دېگەن[7]. بۇ ھەقتە «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام زىممىسىدىكى قەرزنى ئادا قىلماي ئۈلۈپ كەتكەن ئادەمنىڭ نامىزىنى ئوقۇشتىن ئۆزىنى تارتاتتى» دېگەن ھەدىسمۇ بار[8].
ت- مېيىتنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىغا تىز تۇتۇش قىلىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئۆلۈم خەۋرىنى مېيىت ئەھلى، ئۇرۇق-تۇققانلىرى، دوست-بۇرادەر ۋە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرگە ۋاقتىدا يەتكۈزۈش كېرەك. چۈنكى «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نەجاشى ۋاپات بولغان كۈنى، ئۇنىڭ ۋاپات تاپقانلىق خەۋىرىنى كىشىلەرگە يەتكۈزۈپ، نامازگاھقا چىقىپ تۆت تەكبىر ئوقۇغان»[9]، يەنە باشقا ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەلھە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئاغرىپ قالغاندا، ئۇنى يوقلاپ بېرىپ: «مەن تەلھەنىڭ ئۆلۈش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپتىمەن، ئۇ قازا قىلغان ھامان ماڭا خەۋەر قىلىڭلار ۋە ئۇنى دەپنە قىلىشقا ئالدىراڭلار، مۇسۇلماننىڭ جەسىتىنىڭ ئۆز ئەھلى ئارىسىدا تۇرۇپ قېلىشى توغرا بولمايدۇ» دېگەن[10].
ج- قولۇم-قوشنا ۋە يېقىنلىرى مېيىت ئەھلىگە تاماق ھازىرلىشى كېرەك. چۈنكى ئابدۇللاھ ئىبنى جەئفەر رىۋايەت قىلىپ ئېيتىدۇكى: جەئفەرنىڭ ۋاپات تاپقانلىق خەۋىرى رەسۇلۇللاھقا يەتكەندە ئۇ: «جەئفەرنىڭ ئائىلە-تاۋابئاتلىرىغا تاماق ھازىرلاڭلار، چۈنكى ئۇلارغا ئۇلارنى ئۆز ئىشىدىن مەشغۇل قىلىدىغان ۋەقە ياكى ئىش كېلىپ قالدى» دېگەن[11].
چ- مېيىتنى يۇيۇش كېرەك. ئۇممە ئەتىييەتۇل ئەنسارىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ : رەسۇلۇللاھ قىزى ۋاپات بولغاندا يېنىمىزغا كىرىپ: «ئۇنى ئۈچ قېتىم ياكى بەش قېتىم سۇ ۋە سىدىر بىلەن يۇيۇڭلار، ئەڭ ئاخىرقى يۇيۇشتا كافۇر ئىشلىتىڭلار، يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن ماڭا خەۋەر قىلىڭلار» دېدى. بىز يۇيۇپ بولۇپ، رەسۇلۇللاھغا خەۋەر قىلىدۇق، ئۇ كىرىپ بىزگە تاشقى كىيىمىنى بەردى ۋە: «قىزىمغا بۇنى ئىچ كىيىم قىلىڭلار» دېدى[12].
خ- مېيىتنى بىر كىيىم بىلەن بولسىمۇ، جەسىتىنى يۆگىگۈدەك شەكىلدە كېپەنلەش كېرەك. بۇ ھەقتە كەلگەن ھەدىسلەردىن مېيىتنى بىر، ئىككى ۋە ياكى ئۈچ تال كىيىمدە كېپەنلەشكە بولىدىغانلىقى چىقىدۇ[13].
ئەمدى سوئالىڭىزنىڭ جاۋابىغا كېلەيلى:
بۇ ئىش ئۆلۈپ كەتكۈچىنىڭ گۇناھىنى پېقىر- مىسكىنلەرگە سېتىۋېتىپ ئۇنى ئاخىرەتكە گۇناھسىز ئۇزىتىپ قويۇش مەقسىتى بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان بىر ھىيلىدىن ئىبارەتتۇر. ئەسلىدە بۇ سودىدا گۇناھلار پېقىر-مىسكىنلەرگە، پۇللار موللا- ئاخۇنۇملارغا بېرىلىدۇ. بۇ «ئېلىم-سېتىم» نىڭ شەكلى مۇنداق:
مېيىت يۇيۇپ تارىلىپ جىنازىنىڭ ئىچىگە قويۇلۇپ نامازگاھقا ئېلىپ مېڭىلىشتىن بۇرۇن بىر يەردە قويۇلىدۇ. ئاندىن بىر ئات، ياكى بىر كالا كەلتۈرۈلىدۇ. ئاندىن بىر «بېدىك» بىر قولىدا ھېلىقى ھايۋاننىڭ باشۋېغىدىن تۇتۇپ جىنازىنىڭ بىر تەرىپىدە تۇرىدۇ. يەنە بىر قولىدا باشقا بىر خالتا تۇتۇپ تۇرىدۇ. ئۇ خالتىدا ئۇ ئىنسانلارنىڭ ھەر بىرىگە بەش موچەن ياكى بىرەر كويدىن تەگكۈدەك مىقداردىكى پارچە قەغەز پۇللار بولىدۇ.      
بۇ چاغدا جامائەتلەرنىڭ ئارىسىدىن چاقىرىپ ئېلىپ كېلىنگەن بىر قانچە پېقىر- مىسكىن (بۇلارنىڭ تولىسى ئەقلى جايىدا ئەمەس مەتۇ، ساراڭ قېتىش كىشىلەردۇر) جىنازىنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە قاتار تۇرغۇزۇلۇپ بولغان بولىدۇ. ئاندىن ھېلىقى «بېدىك» ئاتنى ياكى كالىنى باغلىغان ئارغامچىنىڭ ئۇچىنى جىنازىنىڭ ئۈستىدىن ئۆتكۈزۈپ جىنازىنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە تۇرغان پېقىر – مىسكىنلەرگە تۇتقۇزۇپ تۇرۇپ، ئارغامچىنىڭ ھايۋاننىڭ بېشى تەرىپىدىكى قىسمىنى ئۆزى تۇتۇپ تۇرۇپ ئۇلارغا مۇنداق دەيدۇ:
«ئۇشبۇ مېيىت ھەددى بالاغەتتىن ھەددى قازاغىچە ئۇمۇرى شەرئىيەنىڭ بەزىسىنى ئادا قىلغاندۇر ۋە بەزىسىنى قازا قىلغاندۇر. ئادا قىلغاننىڭ نۇقسانىتى ۋە قازا قىلغاننىڭ كاپپارىتى ئۈچۈن ئۇشبۇ مالنى بەدەل قىلىپ ئاللىمۇ؟».
بۇ گەپنىڭ تەرجىمىسى مۇنداق:
«ئۆلۈپ كەتكەن بۇ كىشى بالاغەتكە يەتكەن ۋاقىتىدىن تا ئۆلۈپ كەتكۈچىلىك ئەمەل-ئىبادەتلىرىنىڭ بەزىسىنى ئادا قىلالىغان بولۇشى مۇمكىن، بەزىسىنى ئادا قىلالمىغان بولۇشى مۇمكىن. بۇ كىشىنىڭ ئادا قىلغان ئەمەل -ئىبادەتلىرىنىڭ تەلەپكە لايىق بولمىغانلىقىنىڭ گۇناھىنى، ئادا قىلمىغان ئەمەل – ئىبادەتلىرىنىڭ ئادا قىلمىغانلىق گۇناھىنى ماۋۇ ھايۋاننىڭ بەدىلىگە سېتىۋاللىمۇ؟».
ئەگەر ئات ياكى كالا تېپىلمىسا بىر مىقدار ئالتۇننى ياكى كۈمۈشنى بىر خالتىغا سېلىپ خالتىنىڭ ئاغزىنى ئۇزۇن ۋە ئىنچىكە بىر ئارغامچا بىلەن باغلاپ، پېقىر – مىسكىنلەر جىنازىنىڭ بىر تەرىپىدە، ھېلىقى «بېدىك» يەنە بىر تەرىپىدە ھەر ئىككى تەرەپ يۇقىرىدىكى شەكىلدە ئارغامچىنىڭ ئۇچىنى تۇتۇشۇپ تۇرۇپ بولغاندىن كېيىن «بېدىك» ئەنە شۇ سۆزنى خۇددى بىر ئەرەبچە خەتنى ئوقۇغان ئاھاڭ بىلەن قارشى تەرەپتىكىلەرگە سۆزلەيدۇ.
بۇ ئىش ئات ياكى كالا بىلەن ئېلىپ بېرىلسا ھالال مال بىلەن، ئەگەر ئالتۇن ياكى كۈمۈش بىلەن ئېلىپ بېرىلسا ئېرىغ مال بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بولىدۇ.
«بېدىك» نىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلىغان ئۇ بىچارە ئىنسانلار بىردەك «ئالدۇق» دەيدۇ. چۈنكى ئۇ سۆزلەر ئەرەبچە كەلىمىلەردىن تۈزۈلگەنلىكى ئۈچۈن ئۇ بىچارىلەر ئۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمەيدۇ. ئاندىن «بېدىك» يەنە بىر قولىدىكى خالتىنى ئۇلارغا سۇنۇپ تۇرۇپ: «ئۇشبۇ مالنى بۇ بەدەلگە ساتلىمۇ؟» دەيدۇ. ئۇلار بىردەك «ساتتۇق» دەيدۇ.
شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى ئاتنىڭ ياكى كالىنىڭ ياكى ئالتۇننىڭ ۋە ياكى كۈمۈشنىڭ نەرقى ئىتىلىپ پۇلى موللا – ئاخۇنۇملارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنىغا قاراپ تارقىتىلىدۇ. ئات، كالا، ئالتۇن، كۈمۈشلەر ئىگىسىگە قايتۇرۇلىدۇ. ئۇ پېقىر – مىسكىنلەرگە ھېلىقى خالتىدىكى پارچە پۇللار ئۆلەشتۈرۈپ بېرىلىدۇ.
موللا – ئاخۇنلار ئالغان ئۇ پۇل «ئىسقات» ياكى «ناماز ھەققى» دەپ ئاتىلىدۇ. جامائەتنىڭ ئارىسىدا بۇ پۇلغا قارشى بىرەر سەلبىي پىكىر چىقىپ قالماسلىق ئۈچۈن ئۇ موللا-ئاخۇنلارنىڭ «چاپارمەنلىرى» «ئۇلۇغلىرىمىز بۇ پۇلنى ئالغان بىلەن ئۇنىڭ ھەققىنى مازار بېشىغا چىققۇچىلىك ئوقۇپ ھەل قىلىۋېتىدىكەن» دېگەن گەپ-سۆزلەرنى تارقىتىپ قويىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھېچكىم «غىدىڭ – پىدىڭ» قىلالمايدۇ.
بۇ ئىشنىڭ جەمئىيەتتە يەنە مۇنداق بىر شەكلىمۇ بار:
بىر كىشى ئۆلۈپ قالغاندىن كېيىن ھېلىقى «بېدىك» پەيدا بولىدۇ. ئۆلۈپ قالغان كىشىنىڭ بالا-چاقا ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى بىر يەرگە يىغىپ ئۇلاردىن مۇتەۋەپپانى قانداق ئۇزىتىمىز؟» دەپ سورايدۇ. كۆزلىرى ياش، يۈرەكلىرى زىدە بۇ ئىنسانلار ئۇ بېدىككە «ئۆزلىرى قانداق ئۇزىتايلى دېسلە شۇنداق ئۇزىتايلى» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئاندىن بۇ بېدىك بىلەن مېيىت ئەھلى ئوتتۇرىسىدا مۇنداق سوئال-جاۋابلار بولىدۇ:
– مۇتەۋەپپا قانچە ياشتا ئىدى؟
– 80 ياشتا ئىدى. (مەسىلەن).
– ھە، خوووششش! مەتەۋەپپانىڭ 12 يېشىنى كىچىكلىكىگە چىقىرىۋېتىمىز. ئاندىن قالغان 68 ياشلىق ئۆمرىدە قازا قىلىۋاتقان نامازلىرىنىڭ، تۇتمىغان روزىلىرىنىڭ پىدىيىلىرىنى بەرمىسەك بولمايدۇ. ھەر بىر ۋاقىت ناماز ئۈچۈن ۋە ھەر بىر كۈنلۈك روزىسى ئۈچۈن بىر مىسكىننىڭ بىر كۈنلۈك يېمەك- ئىچمىكىگە يەتكۈدەك مىقداردا بۇغداي ياكى ئۇنىڭ پۇلىنى بېرىشىمىز كېرەك.
– ئۆزلىرى نېمە دېسىلە شۇ ھەزتەم.
– ئۇنداقتا بۇ 68 يىللىق قازا ناماز ۋە قازا روزىلارنى قايسىڭلار بىلىسىلەر؟
– ھېچقايسىمىز بىلمەيمىز.
– ۋەسىيەت قىلمىغانما؟
– يۇقسۇ.
– خوووششش! ئۇنداق بولسا بۇ ئىشنى تەخمىنەن بىر تەرەپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
– ئۆزلىرى ئوبدان بىر تەرەپ قىلىپ قويالا ھەزتەم.
– يىللىقىنى قانچە پۇلدىن قىلىمىز؟
– ئاخرەتلىكى قانداق قىلساق ياخشى بولسا شۇنداق قىلايلى ھەزتەم.
شۇنىڭ بىلەن «بېدىك» ئۇلارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ بىر باھا قويىدۇ. مەسىلەن: يىللىقى 100 كويدىن بولسۇنمۇ ياكى 50 كويدىنمۇ؟ دەيدۇ. مېيىت ئەھلى قول – ئىلكىدە بار كىشىلەر بولسا دەرھال 100 كوي بولسۇن دەيدۇ، ھەتتا ئۇنىڭدىن كۆپرەك بولسىمۇ مەيلى دەيدۇ. ئەگەر مېيىت ئەھلى قولى قىسقىراق كىشىلەر بولسا ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالىنى بايان قىلىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ «بېدىك» ئەھۋالغا قاراپ بىر باھا بېرىدۇ. بۇ باھا 40 كويدىن 5 كويغىچە بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ باھادىكى پۇلنى مېيىت ئەھلى بۇ «بېدىك» كە تاپشۇرىدۇ. «بېدىك» بۇ پۇلنىڭ 10% نى شۇ يەرنىڭ پېقىر-مىسكىنلىرىگە، 20%، 30% نى بىر مىقداردىن ئايرىم-ئارىم لىپاپىلارغا سېلىپ جىنازا نامىزىغا كەلگەن موللا-ئاخۇنلارغا بىردىن بېرىدۇ. بۇلار ئۇنىڭغا بىر نەرسە ساتمىغانلىقى ئۈچۈن نېمە بەرسە شۇنى ئالىدۇ. «بېدىك» قالغان پۇلنى يانچۇقىغا سالىدۇ.
بۇ ئىشنىڭ بىرىنچى شەكلى يېزىلاردا كۆپرەك، ئىككىنچى شەكلى شەھەرلەردە كۆپرەك كۆرۈلىدۇ.            
بۇ ئادەت ئۇيغۇرلارغا كونا دىنلاردىن قالغان بولسا كېرەك. قۇرئان كەرىمدە ھېچبىر گۇناھكار باشقا بىر گۇناھكارنىڭ گۇناھ يۈكىنى ئۈستىگە ئالمايدىغانلىقى، كىم نېمە قىلغان بولسا شۇنى كۆرىدىغانلىقى ۋە ئاللاھقا ئۇنىڭ ھېسابىنى بېرىدىغانلىقى ھەققىدە نۇرغۇن ئايەتلەر بار. ئۇ ئايەتلەرنىڭ بىر قىسمىنىڭ مەنالىرىنىڭ تەرجىمىلىرى مۇنداق:
«كىم توغرا يولغا كەلسە پايدىسى پەقەت ئۆزىگىلا بولىدۇ، كىم ئېزىپ كەتسە زىيىنى پەقەت ئۆزىگىلا بولىدۇ. ھىچبىر گۇناھكار باشقىسىنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. بىز ئەلچى ئەۋەتمەي تۇرۇپ جازالىمايمىز.»- ئىسرا 17/15.
«ھىچبىر گۇناھكار باشقىسىنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. ئەگەر گۇناھى ئېغىر بولغان بىر كىشى گۇناھ يۈكىنى ئۈستىگە ئېلىش ئۈچۈن باشقىسىنى ياردەمگە چاقىرسا، ئۇنىڭ يۈكىدىن ھېچبىر نەرسە ئۇ باشقىسى تەرىپىدىن ئۈستىگە ئېلىنمايدۇ، ئۇ باشقىسى ئۇنىڭ تۇغقىنى بولغان تەدىردىمۇ. سەن رەببىنى كۆرمەي تۇرۇپ، ئۇنىڭ ھەيۋىسىدىن قورقىدىغان ۋە نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئادا قىلىدىغانلارنىلا ئاگاھلاندۇرىسەن. كىم ئۆزىنى پاك تۇتسا، ئۆزى ئۈچۈن پاك تۇتىدۇ. ئاخىرى قايتىپ بارىدىغان جاي ئاللاھنىڭ دەرگاھىدۇر.»- فاتىر 35/ 18.
«ئەگەر كاپىر بولساڭلار، بىلىپ قويۇڭلاركى: ئاللاھ سىلەرنىڭ ئىمانىڭلارغا موھتاج ئەمەستۇر. ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ كاپىر بولۇشىغا رازى بولمايدۇ. ئەگەر شۈكۈر قىلساڭلار، ئاللاھ سىلەردىن رازى بولىدۇ. ھېچبىر گۇناھكار باشقىسىنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. ئاخىرىدا ھەممىڭلار رەببىڭلارنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر، ئاندىن ئۇ سىلەرگە قىلمىشىڭلارنى ئېيتىپ بېرىدۇ. ئۇ سىينىلەردىكىنى بىلگۈچىدۇر.»- زۇمەر 39/7.
«… ھىچبىر گۇناھكار باشقىسىنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. ئىنسانغا ئۆز قىلمىشىدىن باشقا بىر نەرسە يوقتۇر. ئۇنىڭ قىلمىشى يېقىندا كۆرۈلىدۇ. ئاندىن ئۇنىڭغا تولۇق مۇكاپات ياكى تولۇق جازا بېرىلىدۇ. ئاخىرقى يىغىلىش ئورنى رەببىڭنىڭ دەرگاھىدۇر.»- نەجم 53/38-42.
«بىز قىيامەت كۈنى توغرا تارتىدىغان تارازىلارنى ئورنىتىمىز. ھېچكىم ھېچبىر زۇلۇمغا ئۇچرىمايدۇ. قىلىنغان ئىش بىر دانە قىچا چاغلىق بولسىمۇ، ئۇنى كەلتۈرۈپ تارتىمىز. بىز تولۇق ھېساب ئالغۇچىمىز.»- ئەنبىيا 21/47.
«لۇقمان سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ﺋﻰ ﺋﻮﻏﯘﻟﭽﯩﻘﯩﻢ! ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺩﺍﻧﻪ ﻗﯩﭽﺎﭼﺎﻏﻠﯩﻖﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘ ﺑﯩﺮﺗﺎﺷﻨﯩﯔﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻼﺭﺩﺍ ﯞﻩ ﻳﺎﻛﻰﻳﻪﺭ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥﺗﻪﻗﺪﯨﺮﺩﯨﻤﯘﺋﺎﻟﻼﮬ ﺋﯘﻧﻰكەلتۈرۈپ ﺳﻪﻧﺪﯨﻦ ﮬﯧﺴﺎﺑﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ. ئاللاھ ﺋﯩﻨﭽﯩﻜﯩﻠﻪﭖﻛﯚﺯﻩﺗﻜﯜﭼﯩﺪﯗﺭ، ﺗﻮﻟﯘﻕﺧﻪﯞﻩﺭﺩﺍﺭﺩﯗﺭ.»- لۇقمان 31/16.
«زېمىن قاتتىق تەۋرىتىلگەن، زېمىن ئۆزىنىڭ يۈكلىرىنى چىقارغان، ۋە ئىنسان: ‹زېمىنغا نېمە بولدى؟› دېگەن چاغدا، ئەنە شۇ كۈندە زېمىن ئۆزىنىڭ خەۋەرلىرىنى سۆزلەيدۇ. چۈنكى رەببىڭ ئۇنىڭغا ۋەھىي قىلىدۇ. ئەنە شۇ كۈندە ئىنسانلار ئەمەللىرىنى كۆرۈش ئۈچۈن خىلمۇخىل گۇرۇھلار ھالىتىدە چىقىدۇ. كىم زەررىچىلىك ياخشى ئىش قىلغان بولسا ئۇنى كۆرىدۇ. كىم زەررىچىلىك يامان ئىش قىلغان بولسا ئۇنى كۆرىدۇ.»- زىلزال سۈرىسىنىڭ مەنالىرىنىڭ تەرجىمىسى.
————————
[1]– سەكراتتىكى مۇسۇلمانغا.
 [2]– مۇسلىم، جەنائىز1،2؛ ئىبنى ماجە، جەنائىز3؛ نەسەئىي، جەنائىز 4؛ تىرمىزىي، جەنائىز 7؛ ئەبۇ داۋۇد، جەنائىز 20.
[3]– ئەبۇ داۋۇا، جەنائىز 20؛ تىرمىزى، جەنائىز 7.
[4]– مۇسلىم، جەنائىز7؛ ئىبنى ماجە، جەنائىز6؛ ئەبۇ داۋۇد، جەنائىز 21.
[5]– بەقەرە 2/157.
[6]– بۇخارى، جەنائىز42؛ مۇسلىم، جەنائىز 4؛ ئەبۇ داۋۇد، جەنائىز22.
[7]– تىرمىزى، جەنائىز 77؛مۇسنەد ئەھمەد 2/508؛ بەيھەقى 4/61، 9/25.
[8]– بۇخارى، كاپالەت 2/803؛ مۇسلىم، فەرائىز 3؛ ئەبۇ داۋۇد، جىھاد 143؛ تىرمىزى، جەنائىز 70؛ نەسەئى، جەنائىز 67.
[9]– بۇخارى، جەنائىز 4، 54، 60، 64؛ مەناقىبۇل ئەنسار 48؛ مۇسلىم، جەنائىز 62، 63، 64؛ مۇۋەتتا، جەنائىز 14؛ ئەبۇ داۋۇد، جەنائىز 62؛ تىرمىزى، جەنائىز 37؛ نەسەئى، جەنائىز 76.
[10]– ئەبۇ داۋۇد، جەنائىز 38؛ نەيلۇل ئەۋتار 4/52.
[11]– ئىبنى ماجە، جەنائىز 59؛ ئەبۇ داۋۇد، جەنائىز 60؛ مۇسنەد ئەھمەد 2/205.
[12]– بۇخارى، جەنائىز 8. مۇسلىم جەنائىز 36. تىرمىزى، جەنائىز 15. نەسەئى، جەنائىز 28. ئىبنى ماجە، جەنائىز 8. ئەبۇ داۋۇد، جەنائىز 33. مۇۋەتتا، جەنائىز 1.
 [13]– بۇخارى، جەنائىز 18، 19، 20، 21؛ مۇسلىم، جەنائىز 44، 45، 46، 47؛ تىرمىزى، جەنائىز 18، 19، 20؛ نەسەئى، جەنائىز 37، 38، 39، 40؛ ئىبنى ماجە، جەنائىز 11، 12؛ ئەبۇ داۋۇد، جەنائىز 34؛ مۇۋەتتا، جەنائىز2.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر