باش بەت > تەتقىقاتلار > قۇرئان تەتقىقاتلىرى  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ: «صِبْغَةَ اللَّهِ وَمَنْ أَحْسَنُ مِنَ اللَّهِ صِبْغَةً وَنَحْنُ لَهُ عَابِدُونَ»
«‹بىز ئاللاھنىڭ بويىقى بىلەن بويالدۇق. بويىقى ئاللاھنىڭ بويىقىدىن ياخشى كىم بار؟ بىز ئۇنىڭغىلا چوقۇنغۇچىلارمىز›، دەڭلار.»- بەقەرە 2/138.
ئاللاھ تەئالا بۇ ئايەتتە مۇئىنلارغا مۇنداق دەيدۇ:
«ئى مۇئمنلار! سىلەرگە «يەھۇدىي بولۇڭلار، توغرا يولنى تاپقان بولىسىلەر» دېگەن يەھۇدىيلارغا ۋە «ناسارا بولۇڭلار، توغرا يولنى تاپقان بولىسىلەر» دېگەن ناسارالارغا: «بىز ئاللاھنىڭ بويىقى بىلەن بويالدۇق. بويىقى ئاللاھنىڭ بويىقىدىن ياخشى كىم بار؟ بىز ئۇنىڭغىلا چوقۇنغۇچىلارمىز»، دېگەن سۆزنىمۇ قىلىڭلار.
ئايەتتە «ئاللاھنىڭ بويىقى» دەپ تەرجىمە قىلىنغان سىبغەتەللاھ «صِبْغَةَ اللَّهِ» ئىزافەتلىك بىرىكمىدۇر. بۇ بىرىكمىنىڭ مۇزافى (ئېنقلانغۇچىسى) بولغان سىبغە «صِبْغَةَ» ھالەتنى ئىپادىلەيدىغان مەسدەر بولۇپ مەناسى بويالغان ھالەت دېگەن بولىدۇ، ياكى ئىسىم بولۇپ بوياق دېگەن بولىدۇ.
بۇنىڭغا ئاساسەن «بىز ئاللاھنىڭ بويىقى بىلەن بويالدۇق» دېگەن ئىپادىنىڭ مەناسى: «بىزنىڭ ھالىتىمىز ئاللاھنىڭ دىنىدىن ئىبارەت بولغان بوياق بىلەن بويالغان ھالەتتۇر» دېگەن بولىدۇ، ياكى «بىز ئاللاھنىڭ دىنىدىن ئىبارەت بولغان بوياق بىلەن ئۆزىمىزنى بويىدۇق» دېگەن بولىدۇ.
سىبغەتەللاھ «صِبْغَةَ اللَّهِ» دېگەن سۆزگە تەپسىرلەردە «ئىسلام، ئىسلام بويىقى، ھەقىقەتپەرەسلىك، توغرا دىن، پۈتكۈل پەيغەمبەرلەر تەبلىغ قىلغان دىن، ئاللاھ ئىنسان تەبىئىتىگە سىڭدۈرگەن پاك ھالەت، ئاللاھنىڭ ئۆزگەرمەس قانۇنى، ئاللاھنىڭ دەلىلى، ئاللاھنىڭ پاكلىشى» قاتارلىق ئىستىلاھى مەنالار بېرىلمەكتە. بۇ سۆز ئېيتىلغان ئايەتنى (138- ئايەت) توغرا چۈشىنىش ئۈچۈن بۇ ئايەتنى ئىلگىرىكى ئايەتلەر بىلەن بىرلىكتە مۇلاھىز قىلىش كېرەك.
بۇ ئايەتتىن ئىككى ئايەت ئىلگىرىكى ئايەتتە (135- ئايەتتە) ئاللاھ تەئالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى «يەھۇدىي بولۇڭلار، توغرا يولنى تاپقان بولىسىلەر» دېگەن يەھۇدىيلارغا ۋە «ناسارا بولۇڭلار، توغرا يولنى تاپقان بولىسىلەر» دېگەن ناسارالارغا: «ياق! بىز ئىبراھىمنىڭ يولىدىدۇرمىز. ئىبراھىم ئاللاھنى بىر دەپ ئېتىقاد قىلاتتى، ئۇ مۇشرىكلاردىن ئەمەس ئىدى» دېيىشكە ئەمىر قىلىدۇ.
ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئايەتتە (136- ئايەتتە) ئاللاھ تەئالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ۋە ساھابىلارنى ئاشۇ يەھۇدىي ۋە ناسارالارغا مۇنداق دېيىشكە ئەمىر قىلىدۇ:
«ئۇلارغا مۇنداق دەڭلار: ‹بىز ئاللاھقا ۋە بىزگە نازىل قىلىنغان قۇرئانغا، ئىبراھىمغا، ئىسمائىلغا، ئىسھاققا، يەئقۇبقا ۋە ئۇنىڭ نەۋرىلىرىگە نازىل قىلىنغان كىتابلارغا، مۇساغا ۋە ئىيساغا بېرىلگەن كىتابلارغا، باشقا پەيغەمبەرلەرگە رەببى تەرىپىدىن بېرىلگەن كىتابلارغا ئىمان ئېيتتۇق. بىز ئۇلارنىڭ ھېچبىرىنى باشقىسىدىن پەرقلىق دەپ قارىمايمىز. بىز ئاللاھقىلا تەسلىم بولغۇچىلاردۇرمىز.›»
ئاللاھ تەئالا بۇ ئايەتتە (138- ئايەتتە) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ۋە ساھابىلارنى ئۇلارغا: «بىز ئاللاھنىڭ بويىقى بىلەن بويالدۇق. بويىقى ئاللاھنىڭ بويىقىدىن ياخشى كىم بار؟ بىز ئۇنىڭغىلا قۇللۇق قىلغۇچىلارمىز» دېيىشكە ئەمىر قىلىدۇ.
ئۇلارغا بېرىلگەن بۇ جاۋابلارنىڭ خۇلاسە مەناسى مۇنداق بولىدۇ:
 ئى يەھۇدىي ۋە ناسارالار! بىز توغرا دىن بولغان ئىسلام ئۈستىدىمىز، بىز ئىبراھىمنىڭ يولىغا ئەگەشكۈچىلەرمىز. توغرا دىن پەقەتلا بۇدۇر، ئاللاھنىڭ ھەقىقىي بويىقى بۇدۇر. كېلىڭلار، بۇ دىنغا كىرىپ بىزگە ئوخشاش ئاللاھنىڭ بويىقى بىلەن بويىلىڭلار، ئاللاھنىڭ زىننىتى بىلەن زىننەتلىنىڭلار. ھېچبىر نەرسە بۇ دىننىڭ ئورنىنى ئالالمايدۇ.
پۈتكۈل پەيغەمبەرلەرگە نازىل قىلىنغان ۋەھىيلەر ئۆز ئىچىگە ئالغان دىنلا ھەقتۇر. يەنى ئاللاھنىڭلا رەب ۋە ئىلاھ ئىكەنلىكىگە ئىشىنىش، ئۇنىڭغىلا ئىبادەت قىلىش، ئۇ بىكىتكەن ئادالەت پىرىنسىپلىرىغا رىئايە قىلىش، ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان گۈزەل ئەخلاقلارنى ئۆزىگە ئۆزلەشتۈرۈش، ئاخىرەت كۈنىگە، ئۇ كۈندە ھەر كىشىنىڭ ئەقىدە ۋە ئەمىلى توغرۇلۇق ھېسابقا تارتىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىش قاتارلىق ھەقىقەتلەر تۇنجى پەيغەمبەردىن ئاخىرقى پەيغەمبەرگىچىلىك ھەممىسىنىڭ دىنىدۇر. «ئاللاھنىڭ بويىقى» بۇ ھەق دىنغا بويسۇنۇشتىن ياكى بۇ ھەق دىنغا بويسۇنۇش ئارقىلىق ھاسىل بولغان روھى مۇكەممەللىكتىن ئىبارەتتۇر. ئاللاھقا مانا مۇشۇ شەكىلدە ئىشىنىپ قۇلچىلىق قىلغان ئىنسان ئاللاھنىڭ ھەق دىنى بىلەن ئۆزىنى بويىغان بولىدۇ، شۇنداقلا ئۆزىنى ئەڭ چىرايلىق شەكىلدە زىننەتلىگەن بولىدۇ.
138- ئايەت مانا بۇ ھەقىقەتنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە ناسارالارنىڭ ۋافتىز (چوقۇندۇرۇش مۇراسىمى) قىلىشىنى كىنايىلىك ئۇسلۇپ بىلەن ئەيىبلەيدۇ.
ناسارالار، ناسارالىقنى قوبۇل قىلغانلارنى ۋە يېڭى تۇغۇلغان بالىلىرىنى ئۆزلىرى مۇقەددەس دەپ ئېتىقاد قىلىدىغان سېرىققا مايىل رەڭلىك بىر خىل سۇغا چۆكۈرۈپ چىقىرىش ئارقىلىق ئۇلارنى ھەقىقىي ناسارالىققا چۆكۈرگەنلىكىگە ۋە ناسارالىق بىلەن بويىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. ئۇلار بۇنى ۋافتىز (چوقۇندۇرۇش مۇراسىمى) دەپ ئاتايدۇ.
يۇقىرىدىكى ئايەتلەر ئوتتۇرىغا قويىدۇكى، بۇنداق سۈنئىي يوللار بىلەن ھەقىقىي دىندارلىققا ئېرىشكىلى بولمايدۇ. مۇئمىنلىق ئۇنداق رەڭلىك سۇغا كىرىپ چىقىش بىلەن قولغا كەلمەيدۇ. مۇئمىنلىق ئۆزىنى «ئاللاھنىڭ بويىقى» بىلەن بوياش ئارقىلىق ھاسىل بولىدۇ، يەنى مۇئمىنلىق ئاللاھ ئىنساننىڭ تەبىئىتىگە سىڭدۈرگەن ھەق دىن بىلەن زىننەتلىنىش ئارقىلىق قولغا كېلىدۇ.

مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ