مۇسۇلمانلار

ئىقتىدا قىلىشقا بولامدۇ؟

سوئال:
1- قانداق گۇناھلارغا جامائەتنىڭ ئالدىدا تەۋبە ئېيتىش كېرەك؟
2- زادى قانداق ئىمامغا ئىقتىدا قىلىشقا بولمايدۇ؟
3- بىزنىڭ مەھەللە جامائىتى ئامىننى ئۈنلۈك دېيىش تەرەققىياتى نەتىجىسىدە ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتتى، بۇ سەۋەپتىن سۆز – چۆچەك، غەيۋەت – شىكايەتلەر ئاۋۇپ سالام قىلىشمايدىغان ئۇرۇق – تۇققانلار، كېرىش چىقىش قىلىشمايدىغان قوشنىلار تۈركۈملەپ مەيدانغا كەلمەكتە. زادى نامازدا ئامىننى ئۈنلۈك دېيىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟
جاۋاب:
1- ھېچبىر گۇناھقا جامائەتنىڭ ئالدىدا تەۋبە ئېيتىش كېرەك ئەمەس. چۈنكى تەۋبە جامائەتكە ئەمەس، ئاللاھقا قىلىنىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر (نىڭ مەنا تەرجىمىلىرى) مۇنداق:
«ئى مۇئمىنلار! ھەممىڭلار ئاللاھقا تەۋبە قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار مۇرادىڭلارغا يېتەلەيسىلەر»- (نۇر سۈرىسى 31 – ئايەت).
«ئى مۇئمىنلار! ئاللاھقا سەمىمىي تەۋبە قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، رەببىڭلار گۇناھىڭلارنى يوققا چىقىرىشى ۋە سىلەرنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىشى مۇمكىن…»- (تەھرىم سۈرىسى 8 ئايەت).
 2- سىز ئوقۇماقچى بولغان نامازنى ئوقۇيدىغان ھەرقانداق ئىمامنىڭ ئارقىسىدا ناماز ئوقۇغىلى بولىدۇ. چۈنكى ھەر كىشى ئۆزىنىڭ نامىزىنى ئۆزى ئوقۇيدۇ.
سىز نامازنىڭ شەرتلىرىنى تولۇق ھازىرلىغاندىن سىرت نىيىتىڭىزنى خالىس قىلغان ھالدا بىر نامازنى بىر كىشىگە ئىقتىدا قىلىپ ئوقۇسىڭىز، ئىمام بولغان كىشىنىڭ بىر كەمچىلىكى تۈپەيلىدىن نامىزى ناماز بولمىسا، سىزنىڭ نامىزىڭىزغا ھېچ دەخلى يەتمەيدۇ. مەسىلەن:
بىر ئىمام تەرىتى يوقلۇقى ئېسىدە يوق بىر نامازغا ئىمام بولغان بولسا، تەرىتىنىڭ يوقلۇقى نامازدىن سالام بېرىپ چىققاندىن كېيىن ئېسىگە كەلگەن بولسا، بۇ ئىمام تاھارەت ئېلىپ نامىزىنى قايتا ئوقۇيدۇ، لېكىن جامائەت نامىزىنى قايتا ئوقۇمايدۇ. بۇ ئىمامنىڭ نامىزىنىڭ ئايرىم، جامائەتنىڭ نامىزىنىڭ ئايرىم ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
شۇنىڭدەك، نامازنىڭ مەلۇم بىر يېرىگە كەلگەندە ئىمامنىڭ تەرىتى سۇنۇپ كېتىپ قالسا، ئىمام ئارقسىدىكى كىشىلەردىن بىرىنى ئىشارەت بىلەن ياكى بىر يېرىدىن تۇتۇپ ئورنىغا ئىماملىققا ئۆتكۈزۈپ قويىدۇ. بۇ كىشى نامازنى كەلگەن يەردىن داۋاملاشتۇرىدۇ. بىرىنچى ئىمام تەرەت ئېلىپ كىرىپ، ئىككىنچى ئىمامغا ئىقتىدا قىلىپ نامىزىنى كەلگەن يەردىن ئوقۇيدۇ. نامازنىڭ ئوقۇلۇپ بولغان قىسمىنى سالامدىن كېيىن ئوقۇۋالىدۇ.
پەيغەمبىرىمىز ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىنىڭ بىرىدە ئەبۇ بەكىر سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى جامائەتكە ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇشقا بۇيرۇغان. كېيىن ئۆزىنى يەڭگىل ھېس قىلىپ مەسچىتكە چىققان. بۇ چاغدا ئەبۇ بەكىر سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ نامازنى باشلاپ بولغان. ئۇ پەيغەمبىرىمىزنىڭ كەلگەنلىكى ھېس قىلىپ ئارقىسا يانماقچى بولغاندا پەيغەمبىرىمىز ئىشارەت بىلەن نامازنى داۋاملاشتۇرۇۋېرىشىنى بىلدۈرگەن ۋە كېلىپ ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ نامىزىنى ئوقۇغان. ھەدىس كىتابلىرىدا بۇ ئەھۋال، «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نامازنى ئولتۇرۇپ ئوقۇدى، ئەبۇ بەكىر پەيغەمبىرىمىزگە ئىقتىدا قىلىپ ناماز ئوقۇدى، جامائەت ئەبۇ بەكىرگە ئىقتىدا قىلىپ ناماز ئوقۇدى» دېگەن شەكىلدە زىكىر قىلىنىدۇ.
مانا بۇلار، ھەر كىشى ئۆز نامىزىنى ئۆزى ئوقۇيدىغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ. نامازدا ئىمامغا ئىقتىدا قىلىش دېمەك، نامازنى ئىمام بولغان كىشىگە ئەگىشىپ ئوقۇش دېگەن بولىدۇ. بۇ، ھەرگىزمۇ ھەممە ئىشنى ئىمامغا يۈكلىۋېتىپ، ئارقىسىدا بىكار تۇرۇش دېگەن بولمايدۇ.
شۇ ڭا ئىمام قىرائەتنى ئۈنلۈك قىلسا، ئارقىسىدىكىلەر تىڭشايدۇ، ئايرىم قىرائەت قىلمايدۇ؛ ئىمام قىرائەتنى ئىچىدە قىلسا جامائەتمۇ ئىچىدە قىرائەت قىلىدۇ ۋە ھەر ئىككىلى ئەھۋالدا نامازدا ئىچىدە ئوقۇلىدىغان پۈتكۈل زىكىر – دۇئالارنى جامائەتمۇ ئىچىدە ئوقۇيدۇ.
ئىسلام كۆرۈنۈشكە قاراپ ھۆكۈم قىلىدۇ. ئۆزىنىڭ مۇسۇلمانلىقىنى ئېتىراپ قىلىۋاتقان، شۇنداقلا ناماز ئوقۇۋاتقان بىر مۇسۇلماننى ھېچكىمنىڭ ھېچقانداق باھانە بىلەن كاپىر دېيىش ھەققى ۋە ھوقۇقى يوق. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«كىم بىز ئوقۇغان نامازنى ئوقۇسا، بىزنىڭ قىبلىمىزگە يۈز كەلتۈرسە ۋە بىز بوغۇزلىغان ھايۋاننىڭ گۆشىدىن يېسە، ئۇ كىشى مۇسۇلماندۇر…»- بۇخارى ۋە نەسەئى رىۋايەت قىلغان.
بۇ يەردە شۇنىمۇ ئەسكەرتىش كېرەككى:
مۇسۇلمان بولۇش ئۈچۈن مەلۇم بىر شەھەردە ياشاش ياكى مەلۇم بىر شەكىلدە يۈرۈش شەرت قىلىنمايدۇ. بىر كىشىنىڭ مەككە، مەدىنىدە مۇسۇلمان بولۇپ ياشىشى مۇمكىن بولغاندەك بېيجىڭ، شاڭخەيدىمۇ مۇسۇلمان بولۇپ ياشىشى مۇمكىندۇر. مۇسا ئەلەيھىسسەلامنىڭ يېنىدا تۇرۇپ مۇسۇلمان بولۇش مۇمكىن بولغاندەك، فىرئەۋننىڭ يېنىدا تۇرۇپمۇ مۇسۇلمان بولۇش مۇمكىن. يۈسۈپ پەيغەمبەرنىڭ ئۆز زامانىسىدىكى مىسىر فىرئەۋنىنىڭ باشتا مالىيە مىنىستىرى، كېيىن باش مىنىستىرى (زۇڭلىسى) بولۇپ خىزمەت قىلىشىنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ مۇقەددەس كىتابى بولغان قۇرئان كەرىمدە بايان قىلىنىشىمۇ بىزگە ھېكايە ئاڭلىتىش ئۈچۈن ئەمەس.
3- ئامىننى ئۈنلۈك دېيىش توغرىسىدىكى ئىختىلاپنىڭ ئۇ دەرىجىگە بېرىشى ھەر ئىككى تەرەپنىڭ جاھىللىقىدىن باشقا بىر نەرسە ئەمەس. چۈنكى  نامازدا فاتىھە سۈرىسىدىن كېيىن ئىمامنىڭ ۋە جامائەتنىڭ «ئامىين» دېيىشى، نامازنىڭ تەكىتلەنمىگەن سۈننەتلىرىنىڭ بىرىدۇر. بۇنى ئۈنلۈك دېيىشكىمۇ بولىدۇ، مەخپىي دېيىشكىمۇ بولىدۇ. ئامىننى ئۈنلۈك ۋە مەخپىي دېيىش توغرىسىدا تۆۋەندىكى ئادرېسدا بىر قەدەر تەپسىلىي مەلۇمات بار:

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر