مۇسۇلمانلار

ئۇرۇغلۇق بۇغداينى نورمال بۇغدايغا تېگشىش مەسىلىسى

سوئال:
بوغدايغا ئۇرۇغلۇق تىگەشكەندە  1: 2 بويىچە تىگىشىدۇ. بۇنداق قىلغاندا ھارام بۇلامدۇ؟
جاۋاب:
ئەلۋەتتە ھارام بولىدۇ. چۈنكى بۇ بۇغداينى بۇغدايغا ساتقانلىق بولىدۇ. بۇغداينى بۇغدايغا سېتىشتا ھەر ئىككى بەدەلنىڭ تەڭمۇتەڭ ۋە نەقمۇنەق بولۇشى شەرتتۇرت. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇغداينى بۇغدايغا ساتقاندا ھەر ئىككى بەدەلنىڭ «نەقمۇنەق ۋە تەڭمۇتەڭ» بولۇش شەرتىگە رىئايە قىلىش كېرەك. ئەكسى تەقدىردە جازانە مەيدانغا كېلىدۇ. تۆۋەندىكى ھەدىسلەر بۇنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ:
«ئالتۇننى ئالتۇنغا، كۆمۈشنى كۆمۈشكە، ئارپىنى ئارپىغا، بۇغداينى بۇغدايغا، تۇزنى تۇزغا، خورمىنى خورمىغا تەڭمۇتەڭ ۋە نەقمۇنەق سېتىشقا بولىدۇ. كىمكى ئارتۇق بەرسە ياكى ئارتۇق ئالسا ئۆسۈم مۇئامىلىسى قىلغان بولىدۇ. بۇنىڭدا ئالغۇچى بىلەن بەرگۈچى ئوخشاشتۇر» – (مۇسلىم، مۇساقات 82؛ ئەبۇ داۋۇد بۇيۇئ 12 . ئەبۇ داۋۇدنىڭ رىۋايىتىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇنداق سودىدىن مەنئى قىلغانلىقى بايان قىلىنىدۇ).
«ئالتۇننى ئالتۇنغا، كۈمۈشنى كۈمۈشكە، بۇغداينى بۇغدايغا، ئارپىنى ئاپىغا، خورمىنى خورمىغا، تۇزنى تۇزغا ساتقاندا، ھەر ئىككى بەدەلنىڭ تەڭمۇتەڭ ۋە نەقمۇنەق بولۇشى لازىم. …» – (مۇسلىم، مۇساقات 81).
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر سا سۈپەتلىك خورمىنى ئىككى سا سۈپەتسىز خورمىغا سېتىۋالغانلارغا: «بۇ قىلغىنىڭلار ئۆسۈم مۇئامىلىسىنىڭ دەل ئۆزىدۇر. ئۇنداق قىلماڭلار! ئۇنى قايتۇرۇپ بېرىڭلار. ئەگەر سۈپەتلىك خورما سېتىۋالماقچى بولساڭلار، سۈپەتسىز خورماڭلارنى سېتىپ ئۇنىڭ پۇلىغا سۈپەتلىك خورمىنى سېتىۋالساڭلار بولىدۇ» دېگەن. – (بۇخارى، ۋەكالەت 95؛ مۇسلىم، مۇساقات 96، 97).
بۇ ھەدىسلەرگە ئاساسەن قولىدىكى نورمال بۇغدىيىنى ئۇرۇغلۇق بۇغدايغا تېگىشمەكچى بولغان كىشى ئۇ نورمال بۇغداينى سېتىپ ئۇنىڭ پۇلىغا ئۇرۇغلۇق بۇغداي سېتىۋېلىشى كېرەك.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر