باش بەت > ئۇنىۋېرسال > پەتىۋالار  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:
سوئال:
تاماقتىن كېيىن ئوقۇلىدىغان دۇئا قايسى؟
جاۋاب:
تاماقتىن كېيىن دۇئا ئوقۇلمايدۇ، ئەكسىچە ئاللا تەئالاغا تۆۋەندىكى ھەدىستا كۆرسىتىلگەن بويىچە شۈكۈر ئېيتىلىدۇ:
ئەبى سەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تاماق يېگەن ياكى ئۇسسۇلۇق ئىچكەن چېغىدا مۇنداق دەيتتى:
«الْحَمْدُ لِلَّهِ الَّذِي أَطْعَمَنَا، وَسَقَانَا وَجَعَلَنَا مُسْلِمِينََ (بىزگە تاماق بەرگەن، بىزگە ئۇسسۇلۇق بەرگەن، بىزنى مۇسۇلمان قىلغان ئاللاھقا شۈكۈرلەر بولسۇن)»- تىرمىزى، ئەبۇداۋۇد، ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان.
بۇ ھەدىس تاماق يەپ بولۇپ ياكى ئۇسسۇلۇق ئىچىپ بولۇپ ئاللاھقا شۈكۈر ئيتىشنىڭ لازىملىقىغا دالالەت قىلىدۇ.
سوئال:
مەن 30 ياشقا كىردىم. تۇغۇلغان چېغىمدا ئەقىقەم قىلىنماپتىكەن. ئەمدى ئۆزەم قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى بارمۇ؟
جاۋاب:
ئەقىقە بېرىش بالا تۇغۇلۇپ يەتتىنچى كۈنى شۇ بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى تەرىپىدىن قىلىنىدىغان بىر سۈننەت ئەمەلدۇر. بۇ يەردىكى سۈننەتنىڭ مەنىسى قىلسا ساۋاپ بولىدىغان قىلمىسا گۇناھ بولمايدىغان ئىش، دېگەن بولىدۇ.
دىنىمىزدا سۈننەت ئەمەللەرنىڭ قازاسى كەلمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن سىز 30 ياشقا كىرگەن بۈگۈنكى كۈنلىرىڭىزدە تۇغۇلۇپ يەتتىنچى كۈنىڭىزدە ئاتا-ئانىڭىزنىڭ قىلىشى سۈننەت بولغان بىر ئىشنىڭ قازاسىنى قىلىشقا بۇيرۇلمايسىز.
سوئال:
توردا تاشقى پېرېۋوت سودىسىنى قىلسا بولامدۇ؟ يەنى شەرىئەتكە ئۇيغۇن كېلەمدۇ؟ شەرىئەتتىكى سودا توغرىسىدىكى دەللىلەرنىڭ ھەممىسىنى يوللاپ بەرگەن بولسىلىرى ياخشى بولاتتى. ھازىر توردا مۇشۇ سودىنى قىلىدىغانلار كۆپىيىپ كەتتى. توغرا يولنى كۆرسىتىپ بەرگەن بولساڭلار. توردا ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ پۇللىرىنى ئىلىپ ساتىدىغان تور سودىسى.
جاۋاب:
ئالتۇن، كۈمۈش ۋە باشقا قەغەز پۇللارنىڭ سودىسىدا بىر قولدا بېرىپ يەنە بىر قولدا ئالمىسىڭىز جازانە شەكىللىنىدۇ، ئالدى بىلەن بۇنى بىلىشىڭىز لازىم. ئەگەر توردا پۇل ھېسابلىنىدىغان نەرسىلەرنىڭ سودىسىدا «بىر قولدا بېرىپ يەنە بىر قولدا ئېلىش» شەرتىگە رىئايە قىلىنسا، بۇ سودىنى قىلىشقا بولىدۇ. بولمىسا، بولمايدۇ.
ئالتۇن-كۈمۈشنى ۋە باشقا پۇل ھېسابلىنىدىغان نەرسىلەرنى ئۆز جىنسىغا ساتقاندا ھەر ئىككى بەدەلنىڭ «نەقمۇنەق ۋە تەڭمۇتەڭ» بولۇش شەرتىگە، پەرقلىق نەرسىلەرگە ساتقاندا «نەقمۇنەق» بولۇش شەرتىگە رىئايە قىلىش كېرەك. ئەكسى تەقدىردە جازانە مەيدانغا كېلىدۇ. تۆۋەندىكى ھەدىسلەر بۇنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ:
1 – «ئالتۇننى ئالتۇنغا، كۆمۈشنى كۆمۈشكە، ئارپىنى ئارپىغا، بۇغداينى بۇغدايغا، تۇزنى تۇزغا، خورمىنى خورمىغا تەڭمۇتەڭ ۋە نەقمۇنەق سېتىشقا بولىدۇ. كىمكى ئارتۇق بەرسە ياكى ئارتۇق ئالسا ئۆسۈم مۇئامىلىسى قىلغان بولىدۇ. بۇنىڭدا ئالغۇچى بىلەن بەرگۈچى ئوخشاشتۇر» – (مۇسلىم، مۇساقات 82؛ ئەبۇ داۋۇد بۇيۇئ 12 . ئەبۇ داۋۇدنىڭ رىۋايىتىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇنداق سودىدىن مەنئى قىلغانلىقى بايان قىلىنىدۇ).
2 – «ئالتۇننى ئالتۇنغا، كۈمۈشنى كۈمۈشكە، نەقمۇنەق ۋە تەڭمۇتەڭ بولمىسا ساتماڭلار» – (بۇخارى، بۇيۇئ 78؛ مۇسلىم، مۇساقات 88؛ نەسەئىي، بۇيۇئ 47).
3 ـ «ئالتۇننى ئالتۇنغا، كۈمۈشنى كۈمۈشكە، بۇغداينى بۇغدايغا، ئارپىنى ئاپىغا، خورمىنى خورمىغا، تۇزنى تۇزغا ساتقاندا ھەر ئىككى بەدەلنىڭ تەڭمۇتەڭ ۋە نەقمۇنەق بولۇشى لازىم. لېكىن تۈرلىرى پەرقلىق بولسا، نەقمۇنەق بولۇش شەرتى بىلەن خالىغىنىڭلارچە ساتساڭلار بولىدۇ» – (مۇسلىم، مۇساقات 81).
4 – «ئالتۇننى كۈمۈشكە ساتقاندا، كۈمۈشنىڭ ئالتۇندىن كۆپراق بولۇشى گۇناھ ئەمەس؛ لېكىن ھەر ئىككى بەدەلنىڭ نەقمۇنەق بولۇشى شەرتتۇر، نېسى قىلىشقا قەتئىي بولمايدۇ. بۇغداينى ئارپىغا ساتقاندا، ئارپىنىڭ بۇغدايدىن كۆپراق بولۇشى گۇناھ ئەمەس؛ لېكىن نەقمۇنەق بولۇش شەرتتۇر، نېسى قىلىشقا قەتئىي بولمايدۇ» – (ئەبۇ داۋۇد، بۇيۇئ 12).
5 – پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر سا سۈپەتلىك خورمىنى ئىككى سا سۈپەتسىز خورمىغا سېتىۋالغانلارغا: «بۇ قىلغىنىڭلار ئۆسۈم مۇئامىلىسىنىڭ دەل ئۆزىدۇر. ئۇنداق قىلماڭلار! ئۇنى قايتۇرۇپ بېرىڭلار. ئەگەر سۈپەتلىك خورما سېتىۋالماقچى بولساڭلار، سۈپەتسىز خورماڭلارنى سېتىپ ئۇنىڭ پۇلىغا سۈپەتلىك خورمىنى سېتىۋالساڭلار بولىدۇ» دېگەن. – (بۇخارى، ۋەكالەت 95؛ مۇسلىم، مۇساقات 96، 97).
 6- فەدالە ئىبنى ئۇبەيدۇللا ئەل ـ ئەنسارىي مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا خەيبەردە مارجان ۋە ئالتۇندىن ئىشلەنگەن بىر  بويۇنئاسقۇ كەلتۈرۈلدى. بۇ بويۇنئاسقۇ سېتىلىدىغان غەنىمەتلەردىن ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇيرۇقى بىلەن بويۇنئاسقۇدىكى ئالتۇن ئايرىلدى. كېيىن ئۇلارغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئالتۇن ئالتۇنغا، تەڭمۇتەڭ سېتىلىدۇ» دېدى. (مۇسلىم، مۇساقات 89).
 7- فەدالە ئىبنى ئۇبەيد مۇنداق دەيدۇ: «خەيبەر كۈنى مارجان ۋە ئالتۇن ئارلاش بىر بويۇنئاسقۇنى 12 دىينارغا سېتىۋالدىم. ئالتۇن بىلەن مارجاننى ئايرىپ، ئۇنىڭدا 12 دىيناردىن ئارتۇق ئالتۇن بارلىقىنى بايقىدىم. بۇ ئەھۋالنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مەلۇم قىلغان ئىدىم. ئۇ: «ئايرىماستىن سېتىشقا بولمايدۇ» دېدى. (مۇسلىم، مۇساقات 90)
8- ھەنەش مۇنداق دەيدۇ: بىز فەدالە ئىبنى ئۇبەيد بىلەن بىر ئۇرۇشتا بىللە ئىدۇق. مەن ۋە مېنڭ دوستلىرىم ئالتۇن ـ كۈمۈش ۋە گۆھەردىن ياسالغان بىر بويۇنئاسقۇغا ئېرىشتۇق. مەن ئۇنى سېتىۋلماقچى بولۇپ فەدالە ئىبنى ئۇبەيددىن سورىدىم، ئۇ مۇنداق دېدى: «ئالتۇننى ئايرىپ تارازىنىڭ بىر پەللىسىگە قوي، سېنىڭ ئالتۇنىڭنى يەنە بىر پەللىسىگە قوي. ئىككىسى ئوخشاش بولغاندىلا ئاندىن سېتىۋالغىن. شۈبھىسىزكى مەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم:
«كىم ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنسە، ئالتۇن سودىسىدا ئوخشىشى ئوخشىشىغا بولمىسا سېتىۋالمىسۇن»- (مۇسلىم، مۇساقات 92).
 بۇ ھەدىسلەردە «نەقمۇنەق» دەپ تەرجىمە قىلىنغان سۆزنىڭ ئەرەبچىسى يەدەن بىيەدىن «يَدًا بيَدٍ» دۇر. بۇ سۆزنىڭ ئەسلى مەنىسى بىر قولدا بېرىپ بىر قولدا ئېلىش، دېگەن بولىدۇ. بۇ ئۇزۇن مەنانى «نەقمۇنەق» سۆزى ئەينەن ئىپادىلىگەنلىكى ۋە بۇ سۆز ئىخچام بولغانلىقى ئۈچۈن، يەدەن بىيەدىن «يَدًا بيَدٍ» مۇشۇنداق تەرجىمە قىلىنىدۇ.
سىزدىن سوراپ باقاي:
توردا ئالتۇن، كۈمۈش ۋە پۇل ھېسابلىنىدىغان باشقا نەرسىلەرنىڭ سودىسىنى قىلسىڭىز، بۇ شەرتكە رىئايە قىلالامسىز؟ يەنى سىز قارشى تەرەپكە ساتماقچى بولغىنىڭىز ياكى سېتىۋالماقچى بولغىنىڭىزنى بىر قولىڭىزدا بېرىپ، ئۇنىڭ بەدىلىنى يەنە بىر قولىڭىزدا ئالالامسىز؟ ياكى قارشى تەرەپنىڭ نەرسىسىنى بىر قولىڭىزدا ئېلىپ، ئۆزىڭىزنىڭ نەرسىسىنى ئۇنىڭغا يەنە بىر قولىڭىزدا بېرەلەمسىز؟
سوئال:
1-بەزىلەرنىڭ دېىيىشىچە ھازىر قاتناش ۋاسىتىلىرى ۋە تېلېفون لىنىيىلىرى ھۆكۈمەتنىڭ بولغاچقا قاتناش ۋاستىلىرىغا بىلەتسىز چىقىۋالساقمۇ، تېلېفون ھەققىنى قارا باستۇرۇۋالساقمۇ ھۆكۈمەتنىڭ بىزدە ھېچقانداق ھەققى قالمايمىش، شۇنداقلا گۇناھ بولمايمىش. بۇ گەپ توغرىمۇ؟
2- مېنىڭ بىر تۇغقىنىم دېھقانلارغا بېرىلىدىغان تولۇقلىمىنى ئالماقچى بولۇپ (مانتىيورلۇق كىنىشكىسىگە) ئۆزىنىڭ نوپۇس دەپتىرىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى يېزا نوپۇس قىلىپ ئۆزگەرتمەكچى بولۇپ ماڭا ھال ئېيتقانىدى، مەن كومپىيوتېردا خېلى سىنچىلاپ قارىسىمۇ پەرق ئېتىلمىگۈدەك قىلىپ ئۆزگەرتىپ بەردىم. بۇ قىلغىنىم بىر ئادەمنىڭ ھاجىتىدىن چىققانلىق ھېساپلىنامدۇ؟ ياكى يالغان گۇۋاھلىق بەرگەنلىك ھېساپلىنامدۇ؟
جاۋاب:
ئالدى بىلەن شۇنى بىلىپ قويۇڭكى: سىزنىڭ بولمىغان بىر نەرسە سىزنىڭ بولۇشى ئۈچۈن، ئۇنەرسىنىڭ تۆۋەندىكى يوللارنىڭ بىرى بىلەن سىزنىڭ قولىڭىزغا ئۆتكەن بولۇشىكېرەك:
ئا ـ مىراس يولى بىلەن. يەنى ئۇ نەرسىنڭ ئەسلى ئىگىسى سىزنىڭ ئاتا ـ ئانىڭىزياكى مىراسى سىزگە تېگىدىغان تۇغقىنىڭىز بولسا، ئۇ ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىنئۇنىڭ مىراسىدىن ئۆز ھېسسىڭىزنى ئالسىڭىز، بۇ سىزگە ھالال بولىدۇ.
ب ـ تىجارەت يولى بىلەن. يەنى سىز باشقا بىرىنىڭ بىر نەرسىسىنى سېتىۋېلىش ئارقىلىق ئۆزىڭىزنىڭ قىلالايسىز.
ج ـ ئىشلەش يولى بىلەن. يەنى سىز باشقىسىنىڭ ئىشىنى قىلىپ بېرىپ، ئۇنىڭدىن ئىش ھەققىڭىزنى ئالسىڭىز، بۇ سىزگە ھالال بولىدۇ.
د ـ ھەدىيە يولى بىلەن. يەنى بىر كىشى سىزگە بىر نەرسىنى ھەدىيە (سوغات) قىلسا، ئۇنى قوبۇل قىلسىڭىز سىزنىڭ بولىدۇ. ھەدىيە قىلغۇچىنىڭ مۇسۇلمان بولۇشى شەرت ئەمەس.
ھ ـ ياردەم يولى بىلەن. يەنى بىر كىشى سىزگە ياردەم قىلغان بولسا، ئۇنى قوبۇل قىلسىڭىز، سىزنىڭ بولىدۇ. ياردەم قىلغۇچىنىڭ مۇسۇلمان بولۇشى ياكى ياردەم قىلغان پۇلىنىڭ توغرا يولدىن تېپىلغان بولۇشى شەرت ئەمەس. چۈنكى كىشى قولىغا ئۆتكەن پۇلنىڭ بۇرۇنقى ئەھۋالىدىن جاۋابكار ئەمەس.
ۋ ـ ھېچكىمنىڭ بولمىغان نەرسىنى ئىگىلەش يولى بىلەن. مەسىلەن: جاڭگالنىڭئوتۇنى، تۇزلۇقنىڭ تۇزى، دەريانىڭ سۈيى، ھاۋادىكى قۇش … قاتارلىقلارغائوخشاش نەسىلەردىن سىز قولىڭىزغا ئۆتكۈزۈۋالغىنى سىزنىڭ بولىدۇ.
مۇشۇ يوللارنىڭ بىرى بىلەن قولىڭىزغا كەلگەن نەرسە سىزگە ھالال بولىدۇ.
سىزنىڭ بولمىغان نەرسە، مۇسۇلماننىڭ بولسىمۇ، كاپىرنىڭ بولسىمۇ، بىر مۇئەسسەسەنىڭ بولسىمۇ، كاپىر ھۆكۈمەتنىڭ بولسىمۇ يۇقىرىدىكى بەش يولنىڭ بىرى بىلەن سىزنىڭ قولىڭىزغا ئۆتمىگەن بولسا، ئۇ نەرسە سىزگە ئەسلا ھالال بولمايدۇ.
2- سوئالىڭىزنىڭ جاۋابىغا كەلسەك،
بۇ قىلغىنىڭىز ئالدامچىلىق ھېسابلىنىدۇ، يەنى سىز ئالدامچىلىق قىلىپسىز. دەرھال تەۋبە قىلىڭ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىم ئالدامچىلىق قىلسا، ئۇ بىزدىن ئەمەستۇر»- (مۇسلىم، ئىمان 164؛ تىرمىزى، بۇيۇئ 74؛ ئەبۇداۋۇد، بۇيۇئ 52؛ ئىبنى ماجە، تىجارەت 36).
بۇ يەردە ئالدانغان تەرەپنىڭ كاپىرلىقى ياكى كاپىر ھۆكۈمەتلىكى سىزنى ئالدامچىلىق گۇناھىدىن قۇتقۇزالمايدۇ.
سوئال:
مەن بۇلتۇر توي قىلغان. بۇ يىل 5ـ ئايدا ئۆزىمىز كېلىشەلمەي ئاجراشتۇق. مەن يىقىندا بىر قىز بىلەن تونۇشۇپ، توي قىلماقچى بولغانتۇق. ئامما بىزنىڭ ئويدىكىلەر ئۇ قىز بىلەن توي قىلشىمغا قېتىلمىدى. ئۆيدىكىلەر قېتىلمىغاندىن ئوز ئالدىمىزغا نىكاھ ئوقۇتۇپ ئۆتكەچ تۇرايلى دىيىشكەن. ئەمما بىزنىڭ ئۆيدىكىلەر قىزنىڭ ئۆيىگە بارمىسا قىزنىڭ ئۆيىدىكىلەر نىكاھىمزغا قېتىلمايدۇ. ئۇ قىز ئۆزۈمگە ئىگە بولىمەن، دەيدۇ. مۇشۇنداق ئەھۋالدا قىزنىڭ ۋەلىيىسىسىز نىكاھ ئوقۇتساق نىكاھ چۇشەمدۇ؟
جاۋاب:
چۈشمەيدۇ، چۈشمەيدۇ، چۈشمەيدۇ!!!چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«قانداقلا بىر ئايال، ۋەلىيسىنىڭ رۇخسىتىسىز ئەرگە تەگسە، ئۇنىڭ نىكاھى باتىلدۇر، ئۇنىڭ نىكاھى باتىلدۇر، ئۇنىڭ نىكاھى باتىلدۇر. يەنى ئۇنىڭ نىكاھى كۈچكە ئىگە ئەمەستۇر، ئۇنىڭ نىكاھى كۈچكە ئىگە ئەمەستۇر، ئۇنىڭ نىكاھى كۈچكە ئىگە ئەمەستۇر…»- (ئەبۇ داۋۇد، نىكاھ 20/2083؛ تىرمىزى، نىكاھ 14/1102؛ ئىبنى ماجە، نىكاھ 15/1879؛ مۇسنەد ئەھمەد، 6/66).

مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ