مۇسۇلمانلار

چاچنى پومپايتسا بولمامدۇ؟

سوئال:
بەزىلەرنىڭ دېيىشىچە بىز ئاياللار چېچىمىزنى ئىگىز تۈگۈپ چازىنى چوڭ قىسىپ، پومپايتىپ ياغلىق چەگسەك بولمايدىكەن. بۇ گەپنىڭ ئاساسى بارمۇ؟
جاۋاب:
ئۇ گەپنىڭ ئاساسى مۇنداق: ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«صِنْفَانِ مِنْ أَهْلِ النَّارِ لَمْ أَرَهُمَا، قَوْمٌ مَعَهُمْ سِيَاطٌ كَأَذْنَابِ الْبَقَرِ يَضْرِبُونَ بِهَا النَّاسَ، وَنِسَاءٌ كَاسِيَاتٌ عَارِيَاتٌ مُمِيلَاتٌ مَائِلَاتٌ، رُءُوسُهُنَّ كَأَسْنِمَةِ الْبُخْتِ الْمَائِلَةِ، لَا يَدْخُلْنَ الْجَنَّةَ، وَلَا يَجِدْنَ رِيحَهَا، وَإِنَّ رِيحَهَا لَيُوجَدُ مِنْ مَسِيرَةِ كَذَا وَكَذَا»- مۇسلىم ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلغان.
«دوزاخ ئەھلىدىن ئىككى گوروھ بار. مەن ئۇلارنى كۆرمىدىم. بىرى: قوللىرىدا كالىنىڭ قۇيرۇقلىرىدەك قامچىلارنى تۇتۇۋېلىپ كىشىلەرنى ئۇرىدىغان ئادەملەردۇر. يەنە بىرى: كىيىم كىيگەن لېكىن يالىڭاچ، مايىل قىلغۇچى، مايىل بولغۇچى، چاچلىرى تۆگىنىڭ لوكىسىدەك ساڭگىلاپ تۇرىدىغان ئاياللار بولۇپ، ئۇلار جەننەتكە كىرەلمەيدۇ، جەننەتنىڭ پۇرىقىنىمۇ پۇرىيالمايدۇ. جەننەتنىڭ پۇرىقى يىراق جايلاردىنمۇ پۇراپ تۇرىدۇ»- مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
 بۇ ئىشنىڭ ھېكمىتى شۇكى:
ئايال كىشىنىڭ يۈزى ۋە ئىككى قولىدىن باشقا پۈتۈن بەدىنى ئەۋرەتتۇر يەنى قېلىن، كەڭ كىيىم ۋە ياغلىقلار بىلەن يۆگىشى پەرزدۇر. تارلىقىدىن ياكى نېپىزلىكىدىن ئاستىنى مەلۇم قىلىپ قويىدىغان كىيىم ياكى ياغلىق ئۇ يەرنى يۆگىمىگەن بولىدۇ. ئەكسىچە بۇ قارشى جىنسقا جىنسىي ئۇچۇر يوللىغانلىق بولىدۇ.
ئىسلام دىنى ئىنسانلارغا بولۇپمۇ ئاياللارغا بەك ھۆرمەت قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ بەدەنلىرىنىڭ ئېچىلىپ ياكى مەلۇم قىلىنىپ قارشى جىنىسنىڭ قاراپ ھوزۇرلىنىشى ئارقىلىق ئۇ بەدەنلەرنىڭ ئاياغ ئاستى قىلىنىشىغا يول قويمىغان. چۈنكى پۈتۈن مەخلۇقاتلارنىڭ ئەڭ شەرەپلىكى قىلىنىپ يارىتىلغان ئىنساننىڭ بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئەڭ نازۇكى بولغان ئاياللارنىڭ ئەۋرەت يەرلىرىنىڭ (يۈز ۋە قولىدىن باشقا پۈتكۈل ئەزا ۋە چاچلىرىنىڭ) ئوچۇق تورۇشى ياكى نىپىز ۋە تار كىيىم كىيىش بىلەن مەلۇم قىلىنىشى، قارشى جىنىسقا ماڭا قاراپ ياكى ماڭا يېقىنلىشىپ ئۆزۈڭنىڭ جىنسىي ھەۋىسىڭنى قاندۇرساڭ بولىدۇ، دېگەن مەنانى ئىپادىلەيدۇ. مانا بۇ ئەھۋال ئۇ ئىنساننىڭ ئۆزىگە ئۆزىنىڭ ھاقارەت قىلغانلىقى بولىدۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ ئامانىتىگە رىئايە قىلمىغانلىقى بولىدۇ.
ئىسلام دىنى ئىنساننىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك بەخىت-سائادەت يولىنى كۆرسىتىدىغان ئىلاھىي بىر يول بولغاچقا ئىنسانلارنى گۇناھ-مەئسىيەت پاتقاقلىرىغا پېتىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنى بۇلغاشتىن توسقان. ھەتتا زىنادىن ئىبارەت قەبىھ ئىشقا ئېلىپ بارىدىغان پۈتۈن يوللاردىن چەكلىگەن.
ئاياللارنىڭ چاچلىرىنى تۆگىنىڭ لوكىسىغا ئوخشاش قىلىۋېلىشى، خۇشپۇراق نەرسە ئىستىمال قىلىشى، يۈز-كۆزلىرىنى ۋە كالپۇكلىرىنى بويىشى، زۆرۈرىيەت بولمىسىمۇ نامەھرەم ئەرلەرنىڭ سورۇنلىرىغا قاتنىشىشى، كوچا-يوللاردا نايناقلاپ مېڭىشى… قاتارلىقلار ئەنە شۇ زىناغا ئېلىپ بارىدىغان ئامىللار بولغاچقا ئاللاھ تەئالا ئايال بەندىلىرىنى بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىدىن توسقان. قۇرئان كەرىمدە «زىنا قىلماڭلار» دېمەستىن، «زىناغا يېقىنلاشماڭلار» دېيىلىشى بۇنى كۆرسىتىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن سىزگە ئوخشاش ئايال مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىز چاچلىرىنى ئايال مۇسۇلمانلارغا خاس بىر شەكىلدە قويۇشى، ئۆزىمىزنىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادىتىمىز بويىچە ئۆرۈپ ئارقىسىغا قويۇپ بېرىشى مۇھىمدۇر، كەڭ ئۇزۇن بىر ياغلىق ئارتىش ئارقىلىق ئۇلارنى يۆگىشى پەرزدۇر. شۇنداقلا دۇنيادا يامان غەرەزلىك ئەرلەرنىڭ يامان سۆز-ھەرىكەتلىرىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئەڭ مۇھىمى دوۋزاخ ئازابىدىن قۇتۇلۇپ قېلىش ئۈچۈن بىردىنبىر يولدۇر.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر