مۇسۇلمانلار

«ئورتا ئۈممەت» نېمىدۇر؟

سوئال:
«ئورتا ئۇممەت» دېگەن كەلىمىنى قانداق چۈشىنىمىز؟
جاۋاب:
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«وَكَذَلِكَ جَعَلْنَاكُمْ أُمَّةً وَسَطًا لِتَكُونُوا شُهَدَاءَ عَلَى النَّاسِ...»
«شۇنىڭدەك بىز سىلەرنى ئوتتۇرا ئۈممەت قىلدۇق. بۇ سىلەرنىڭ ئىنسانلارغا شاھىت بولۇشۇڭلار ئۈچۈن،…»- بەقەرە 2/143.
ئاللاھ تەئالا بۇ ئايەتتە مۇھەممەد ئەلەيھىسسەلامنىڭ ئۈممىتىنى «ئوتتۇرا ئۈممەت» قىلغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويۇش بىلەن بىرگە بۇنىڭ سەۋەبىنى «ئىنسانلارغا شاھىد بولۇشۇڭلار ئۈچۈن» دەپ بايان قىلىدۇ.
ئىنسانلار دىنى ئىشلىرىدا يا بەك ھەددىدىن ئاشۇرۋېتىدۇ ياكى بەك سۇسلۇق قىلىدۇ. ھەر ئىككى تەرەپكە خاتالىقلىرىنى تونۇتىدىغانلارنىڭ بۇ ئىككى تەرەپنىڭ ئوتتۇرىدا تۇرغان بولۇشلىرى كېرەك.
باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئىنسانلار دىنى ئىشلىرىدا ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ: بىرى ماددىي تەرىپىگىلا بېرىلگەن يەنى «قورسىقىدىن ئۆزگە غېمى يوق» دېگەندەك پەقەت بەدىنىنىڭ راھىتىنى ئاساس قىلىپ روھى تەرىپىگە ئەھمىيەت بەرمەيدۇ. بۇلار يەھۇدىي ۋە مۇشرىكلاردۇر. يەنە بىرى روھى تەرىپىگىلا بېرىلىپ بەدىنىنىڭ مەنپەئەتلىرىدىن ۋاز كېچىپ، تەركىدۇنيا بولۇپ ياشايدۇ. بۇلار خرىستىئانلار، سابىئىيلار ۋە ھىندۇ دىنلىرىنىڭ مۇرىتلىرىدۇر.
ئاللاھ تەئالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسەلامنىڭ ئۈممىتىنى ھەر ئىككى تەرەپنىڭ خاتالىقىغا شاھىدلىق قىلسۇن دەپ ئۇلارنى ھەم بەدەنگە ھەم روھقا ئوخشاش ئەھمىيەت بېرىدىغان «ئوتتۇرا ئۈممەت» قىلغان.
يەنى ئاللاھ تەئالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسەلامنىڭ ئۈممىتىگە ھەم روھنىڭ ھەم بەدەننىڭ ھەقلىرىگە ئوخشاشلا رىئايە قىلىشنى بەلگىلىگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ دىننىڭ مەنسۇبلىرى بولغان ئۈممەت ھەم روھىغا ھەم بەدىنىگە ئوخشاشلا ئەھمىيەت بېرىدۇ. چۈنكى ئىنسان بەدەن ۋە روھتىن ئىبارەتتۇر. «ئوتتۇرا ئۈممەت» نىڭ بىر ئەزاسى بولغان مۇسۇلمان ھەر كۈن ئۈچ ۋاقىت تاماق يېيىش بىلەن بەدىنىنى، بەش ۋاقىت ناماز ئوقۇش بىلەن روھىنى غىزالاندۇرغان بولىدۇ.
بۇنىڭغا ئاساسەن يۇقىردىكى ئايەتنىڭ تەپسىرى مۇنداق بولىدۇ:
«ئى مۇھەممەدنىڭ ئۈممىتى! بىز سىلەرنى ھەم بەدەننىڭ ھەم روھنىڭ ھەققىنى تونۇيدىغان، ئۇ ھەقلەرگە رىئايە قىلىدىغان ۋە ھەر ئىككى تەرەپنى ئوخشاشلا كامالەتكە يەتكۈزىدىغان ئوتتۇرا ئۈممەت قىلدۇق. بۇنى، ماددىي تەرىپىنىڭ مەنپەئەتىنىلا ئاساس قىلىۋاتقان ئىنسانلارغا روھىي تەرىپىگە ئەھمىيەت بەرمىگەنكى بىلەن، روھىي تەرەپگىلا بېرىلىپ بەدەنىي تەرىپىگە ئەھمىيەت بەرمىگەن ئىنسانلارغا بەدەنىي تەرىپىگە ئەھمىيەت بەرمىگەنلىكى بىلەن گۇۋاھلىق بېرىشىڭلار ئۈچۈن قىلدۇق».
دېمەك، «ئوتتۇرا ئۈممەت» بولغان مۇسۇلمانلار بىر تەرپكە «سىلەر ھايۋاندەك ياشاۋاتىسىلەر، روھىڭلارنى ئۇزۇقلاندۇرۇشتىن مەھرۇم قېلىۋاتىسىلەر» دەپ گۇۋاھلىق بەرسە، يەنە بىر تەرەپكە «سىلەر بەدىنىڭلارنى قىيناۋاتىسىلەر، ماددىي مەنپەئەتلەردىن مەھرۇم قېلىۋاتىسىلەر. ئاللاھنىڭ سىلەر ئۈچۈن ياراتقان نېئمەتلىرىدىن پايدىلانمايۋاتىسىلەر» دەپ گۇۋاھلىق بېرىدۇ.
نەتىجىدە مۇسۇلمانلار ھەر ئىككى تەرەپنىڭ مېڭىۋاتقان يولىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئۇلارغا كۆرسىتىپ يەككە-يېگانە توغرا يولنىڭ بەدەننىڭ ۋە روھنىڭ مەنپەئەتىنى بىرلىكتە ئېلىپ ماڭىدىغان ئوتتۇرا يول يەنى ئىسلام يولى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ «ئوتتۇرا ئۈممەت» ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرغا قويغان بولىدۇ.
ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر