باش بەت > ئۇنىۋېرسال > پەتىۋالار  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:
سوئال:
مېنىڭ مۇنۇ ئىككى سوئالىمغا جاۋاب بەرگەن بولسىڭىز: 1- ئاياللار قاشلىرىنى تەرسە بولامدۇ؟ 2- ئۈزۈكنى كۆرسەتكۈچ بارماققا تاقىسا بۇلامدۇ؟
جاۋاب:
1- ئاياللار قاشلىرىنى تەرسە بولمايدۇ. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسەلامنىڭ: «بەدىنىگە مەڭ، گۈل ۋە گۈلگە ئوخشاش نەرسىلەرنى چەكتۈرگۈچى ۋە چېكىپ قويغۇچى خوتۇنلارغا، قاشلىرىنى تەرگۈزگۈچى ۋە تېرىپ قويغۇچى خوتۇنلارغا، گۈزەللىك ئۈچۈن چىشلىرىنى قىرغۇزۇپ تۈزەتكۈچى خوتۇنلارغا ئاللاھ لەنەت قىلدى. ئۇ خوتۇنلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ياراتقىنىنى ئۆزگەرتكۈچى خوتۇنلاردۇر» دېگەن مەزمۇندا بىر ھەدىسى بار. ئۇ ھەدىسنى مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
2- ئۈزۈكنى سىز ياشاۋاتقان رايوندىكى ئاياللار قايسى بارمىقىغا تاقاپ ئادەتلەنگەن بولسا سىزمۇ شۇ بارمىقىڭىزغا تاقىسىڭىز ئوبدان بولىدۇ. «كونا مەھەللىگە يېڭى ئادەت كەلتۈرۈش» نىڭ ھاجىتى يوق.
سوئال:
نامازدىن كېيىن (سالام بىرىپ بولغاندىن كېيىن) «سۇبھانەللاھ 33»، «ئەلھەمدۇلىللاھ 33»، «ئاللاھۇ ئەكبەر 33» نى ئوقۇش توغرسىدا ھەدىس بارمۇ؟ بۇلارنى ئوقۇمىسام نامازغا تەسىر يېتەمدۇ؟
جاۋاب:
نامازدىن كېيىن بۇلارنى ئوقۇسىڭىز ياخشى بولىدۇ، ئوقۇمىسىڭىز نامازغا تەسىر يەتمەيدۇ، گۇناھكارمۇ بولمايسىز.
بۇلار توغرۇلۇق ھەدىسلەر:
1- ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، نامرات مۇھاجىرلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كېلىپ: «ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! مالدارلار جەننەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىرى ۋە نازۇ نېئمەتلىرىگە ئېرىشتى»، دېيىشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بۇ قانداق گەپ؟»، دېۋىدى، ئۇلار: «پۇلدارلار بىز ئوقۇغان نامازنى ئوقۇيدۇ، بىز تۇتقان روزىنى تۇتىدۇ ۋە سەدىقە بېرىدۇ، بىز سەدىقە بېرەلمەيمىز، ئۇلار قۇللارنى ئازاد قىلىدۇ، بىز قىلالمايمىز»، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئەگەر قىلساڭلار سىلەردىن ئۆتۈپ كەتكەنلەرگە يېتىشىۋالىدىغان، سىلەردىن كېيىنكىلەر ئۆتۈپ كېتەلمەيدىغان، سىلەر قىلغاننى قىلمىغۇچە ھېچ ئادەم سىلەردىن ئارتۇق ھېسابلانمايدىغان نەرسىنى ئۆگىتىپ قويايمۇ؟»، دېۋىدى، ئۇلار: «شۇنداق قىلغىن، ئى رەسۇلۇللاھ!»، دېيىشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھەر نامازدىن كېيىن ‹سۇبھانەللاھ›، (يەنى ئاللاھ تەئالا پاكتۇر) ‹ئەلھەمدۇلىللاھ›، (يەنى جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھ تائالاغا خاستۇر) ‹ئاللاھۇ ئەكبەر›، (يەنى ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ئۇلۇغدۇر) نىڭ ھەربىرىنى 33 قېتىمدىن دەڭلار»، دېدى. كېيىن نامرات مۇھاجىرلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: «بىزنىڭ مالدار قېرىنداشلىرىمىز بىزنىڭ قىلغىنىمىزنى ئاڭلاپ، بىز قىلغاننى قىلغىلى تۇردى»، دەپ شىكايەت قىلىشىۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بۇ بولسا ئاللاھ تائالانىڭ پەزلى-ئىلتىپاتى بولۇپ، ئاللاھ تەئالا ئۇنى خالىغان كىشىلەرگە بېرىدۇ»، دېدى. — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
2- ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ھەر نامازدىن كېيىن 33 قېتىم تەسبىھ ئېيتىسا، 33 قېتىم ھەمد ئېيتسا، 33 قېتىم تەكبىر ئېيتسا، يۈزىنچى قېتىمدا ‹لائىلاھە ئىللەللاھۇ ۋەھدەھۇ لاشەرىيكە لەھۇ لەھۇلمۇلكۇ ۋەلەھۇل ھەمدۇ ۋەھۇۋە ئەلاكۇللى شەيئىن قەدىر› (يالغۇز بىر ئاللاھ تەئالادىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق، ئۇنىڭ شېرىكى يوق، پۈتۈن سەلتەنەت ۋە جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھ تەئالاغا خاستۇر. ئۇ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر)، دېسە، ئۇنىڭ گۇناھلىرى دېڭىزنىڭ كۆپىكىدەك كۆپ بولسىمۇ، مەغفىرەت قىلىنىدۇ» — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
سوئال:
مەن ياۋرۇپادا تۇرۋاتىمەن، ئۆزۈم ماگزىندا كاسسىرلىق قىلىمەن، دۇكاندا ھەرخىل ھارام نەرسىلەر سېتىلدۇ. مەن بىر ئىمان ئېتقان مۇسۇلمان ئايال بولىمەن. باشقا يەردە ئىش تاپمىقىم بەك تەس، بۇ خىزمەت ماڭا ھالالمۇ؟ كۆڭلۈم ناھايتى يېرىم بولغان ھالەتتە بۇ يەردە ئىشلەيمەن، بۇ يەردىن تاپقان پۇلدا ھەرەمگە ھەج قىلغىلى بارسام بولامدۇ؟ ماڭا ئوخشاش مۇشۇنداق تەڭلىكتە قېلىۋاتقانلار ناھايتى كۆپ ماڭا بىر ئېنىق جاۋاپ بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
جاۋاب:
قۇرئان كەرىمدە بىر قانچە يەردە ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋاننىڭ گۆشى، ھايۋاننى بوغۇزلىغاندا ئېقىپ چىققان قان، چوشقا گۆشى ۋە بۇتلارغا قۇربانلىق قىلىنغان ھايۋانلارنىڭ گۆشى قاتارلىقلارنىڭ ھاراملىقى بايان قىلىنغان ئايەتلەردە بىر كىشى ئامالسىزلىقتىن بۇ نەرسىلەردىن جېنىنى ساقلاپ قالغۇچىلىك يېسە ئەپۇ قىلىنىدىغانلىقى ئوتتۇرغا قويىلىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن سىز ياشاۋاتقان يېرىڭىزدە ئوبدان بىر ئىش تېپىپ بولغۇچە ئۇ يەردە ئىشلىشىشىڭىزگە رۇخسەت بېرىلىدۇ. بۇ خۇددى ھاياتتا قېلىش ئۈچۈن چوشقا گۆشىدىن بىر مىقدار يىگەن بىلەن ئوخشاش ئىشتۇر. لېكىن ئوبدان يەردىن ئىش ئىزدەشكە داۋام قىلىڭ. باشقا بىر يەردىن ئۆزىڭىزگە ئۇيغۇن بىر ئىش تېپىپ بولغۇچە ئۇ يەردە ئىشلىسىڭىز قولىڭىزغا كەلگەن پۇل سىز ئۈچۈن ھالال ھېسابلىنىدۇ شۇنداقلا سىز بۇ پۇل بىلەن ھەج قىلسىڭىز بولىدۇ.
سوئال:
ھازىر تۇرمۇشىمىزدىكى نۇرغۇن يېمەكلىكلەرنى ياساش جەريانىدا چوتكا ئىشلىتىدىكەن. ئىزدىنىپ باقسام ئۇ چوتكىنىڭ كۆپ قىسمى چوشقىنىڭ تۈكىدىن ياسىلىدىكەن. مۇشۇنداق نىجىس ھايۋاننىڭ تۈكىدە ياسالغان چوتكىنى ئىشلىتىپ ياسىغان يېمەكلىكنى يېيىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟ تەلىم بەرگەيسىز!!
 جاۋاب:
ئۇ چوتكىنى ئىشلىتىپ ئەتكەن تاماقلارنى يېگەندە ئۇ چوتكىنى تاماق بىلەن قوشۇپ يېمىگەندىكىن ئۇ تاماقلارنى يېيىش ھارام ئەمەس، لېكىن چوشقىنىڭ بىر پارچىسى يەيدىغان نەرسىگە تەگكەنلىكى ئۈچۈن ئۇ تاماقلارنى يېيىش مەكرۇھدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ چوتكا تەككەن تاماقلارنى يېمىگەن ياخشىدۇر.
بۇنىڭدىن مۇھىمراقى:
تەم كىرگۈزسۇن دەپ تاماققا قېتىلىدىغان تېتىتقۇلارغا ئوخشاش كىمنىڭ نېمىدىن ئىشلىگەنلىكى مەلۇم بولمىغان نەرسىلەرنى سېلىپ ئەتكەن تاماقلارنى يېيىش يۇقىرىدىكى چوتكا تېگىپ بەرگەن نانلارنى يېيىشتىن يامانراق بولسا كېرەك، چۈنكى ناۋادا بۇ تېتىتقۇلار ھارام ھايۋانلارنىڭ سۆڭەكلىرىدىن ياسالغان بولسا، بۇ تەقدىردە ئۇ تاماقلاردىن يېگەن كىشى بىۋاسىتە ھارام يېگەن بولىدۇ.
بەزى ئاشخانىلاردا (تامىقى بەك لەززەتلىك، دەپ داڭقى چىققان بەزى چوڭ ئاشخانىلاردا) قورۇما قورۇغاندا گۆش يىمشاق پىشىدۇ دەپ  قازانغا بىر قوشۇق ھاراق قۇيىدىغان ئىشلارمۇ بار. مانا بۇلارنىڭ ئالدىدا ئۇ چوتكىلارنىڭ ئىشلىتىلىشى تۆگىنىڭ ئالدىدا قۇلاقچىلىك قالىدۇ.
سوئال:
رامىزاننىڭ قايسى كېچىسىدە تۈنەش كېرەك؟
جاۋاب:
رامىزاننىڭ ھېچبىر كېچىسىدە تۈنەش كېرەك ئەمەس. لېكىن رامىزان كېچىلىرى بىر يىلنىڭ كېچىلىرى ئىچىدە ئەڭ پەزىلەتلىك كېچىلەر بولغانلىقى ئۈچۈن رامىزان ئېيىنىڭ ھەممە كېچىلىرىنى، بولۇپمۇ ئاخىرقى ئون كېچىسىنى ئىبادەت (نەپلە ناماز ئۆتەش، قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىش، زىكرى-تەسبىھ ئوقۇش، قۇرئان كەرىمنىڭ مەنالىرىنى ئۆگىنىش ۋە ئۆگىتىش… قاتارلىق ئىبادەتلەر) بىلەن ئۆتكۈزۈش بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن ناھايىتى خاسىيەتلىك ئىشتۇر. چۈنكى رامىزان ئېيى ئاللاھ تەئالانىڭ مۇسۇلمان بەندىلىرىگە ئاچقان رەھمەت ۋە مەغپىرەت دەرۋازىسى بولۇپ بۇ دەرۋازىدىن كىرگەنلەر ئاللاھنىڭ يولىغا كىرگەن بولىدۇ. يولنىڭ ئاخىرىدا يەنە بىر دەرۋازا بولۇپ بۇ دەرۋازا جەننەتنىڭ دەرۋازىسىدۇر، ئىسمى رەييان (تەشنالىقنى قاندۇرۇش دەرۋازىسى) دۇر.
دېمەك، رامىزان ئېيىدىكى پەزىلەتلەرنى قولغان كەلتۈرۈش، بۇ ئايدىكى رەھمەت ۋە مەغپىرەتلەرگە ئېرىشىش كۈندۈزلىرى روزا تۇتۇش بىلەنلا قولغا كېلىدىغان ئىش ئەمەس. كېچىلىرىنىمۇ ئەمەل-ئىبادەتلەر بىلەن ئۆتكۈزۈشى كېرەك.

مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ