باش بەت > ئۇنىۋېرسال > پەتىۋالار  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:
سوئال:
سەن مۇسۇلمانمۇ؟ دەپ سورىسا نېمە دەپ جاۋاپ بىرىمىز؟
جاۋاب:
مۇسۇلمان بولسىڭىز مەن مۇسۇلمان دەپ جاۋاب بەرسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر مۇسۇلمان بولمىسىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ دىنى نېمە بولسا شۇ دىننىڭ مەنسۇبى ئىكەنلىكىڭىزنى ئىپادىلەيدىغان سۆزلەر بىلەن جاۋاب بەرسىڭىز بولىدۇ. مەسىلەن: ئاتېئىست بولسىڭىز مەن ئاتېئىست، يەھۇدىي بولسىڭىز مەن يەھۇدىي، خرىستىئان بولسىڭىز مەن خرىستىئان… دېگەندەك. يەنى سىز مۇسۇلمان بولمىسىڭىز، ئۇ سوئالغا مەن مۇسۇلمان دەپ جاۋاب بېرىشىڭىز كېرەك ئەمەس.
سوئال:
ھازىرقى ۋاقىتتا قانچە پۇل ئىقتىسادى بار كىشىگە زاكات كېلىدۇ؟ زاكات بېرىشكە قۇربى يەتمەيدىغان كىشىنىڭ زاكات ئېلىشى دۇرۇس بۇلامدۇ؟
جاۋاب
بىر كىشىنىڭ قول-ئىلكىدىكى مال-مۈلكى ئۆزىنىڭ ئائىلىسىنىڭ بىر يىللىق ئېھتىياجىدىن ئېشىپ 85 (سەكسەن بەش) گرام ئالتۇن كەلگۈدەك مىقدارغا يەتسە، ئۇنىڭ شۇ ئىقتىسادىغا يۈزدە ئىككى يېرىم پىرسەنت زاكات ئايرىشى لازىم بولىدۇ.
زاكات ئېلىشى دۇرۇس بولغانلار تەۋبە سۈرىسىنىڭ 60- ئايىتىدە بايان قىلىنىدۇ. بۇ ھەقتە مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن شۇ ئايەت (تەرجىمىسى) نى ئوقۇغايىسز.
سوئال:
 1ـ كاپىرنىڭ نەرسىلىرىنى تېپىۋالغان بولساق ئۇنى قانداق بىر تەرەپ قىلساق دىنىمىزغا ئۇيغۇن بولىدۇ؟
 2ـ رامىزاننىڭ فىترىسى يەنى سەدىقە فىترىنىڭ ئسلام دىنىمىزدىكى ئورنى قانداق؟ جاۋاپ بېرىشىڭلارغا تەقەززامەن.
جاۋاب:
ئالدى بىلەن شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى:
قۇل ھەققىدە كاپىر، مۇسۇلمان دەپ ئايرىمچىلىق يوق. يەنى مۇسۇلماننىڭ ھەققىمۇ ھەق، كاپىرنىڭ ھەققىمۇ ھەق. بۇ يەردە ئاساس قىلىنىدىغىنى ئۆزىڭىزنىڭ بولمىغان بىر نەرسىنى ئۆزىڭىزنىڭ قىلىۋېلىشىڭىزدۇر. مانا بۇ، ناھەق يوللار بىلەن بولغان تەقدىردە ھارامدۇر. قۇل ھەققىدە ئېتىقاد ئەمەس ئىنسانلىق ئاساس قىلىنىدۇ.
سوئاللىرىڭىزنىڭ جاۋابىغا كەلسەك،
1- تېپىۋالغان نەرسە بەك مۇھىم نەرسە بولسا مەسىلەن، قوي، كالا… ياكى ئىگىسى مەيلى دەپ تاشلىۋەتمىگۈدەك مىقداردىكى نەق پۇلغا ئوخشاش بىر نەرسە بولسا بۇنى كۆپ ئادەم يىغىلغان سورۇنلاردا بىر يىل مۇددەت ئېلان قىلىش لازىم. ئېلان قىلغاندا شۇ نەرسىنىڭ ئۆز ئەينىسىنى سۆزلىمەي (بولمىسا ھەر كىم مېنىڭ دەپ داۋا قىلىشى مۇمكىن) بەزى بىر يىپ ئۇچلىرى بىلەن، مەسىلەن: مۇنداق رەڭدىكى خالتا، ئېغزى مۇنداق رەڭلىك يىپ بىلەن باغلانغان… دېگەندەك  سۆزلەر بىلەن ئېلان قىلىش لازىم. بىر يىلغىچە ئىگىسى تېپىلمىسا ئۇ نەرسىنى ئىگىسىنىڭ ھەققىدە ياخشى يوللارغا چىقىم قىلىۋېتىش كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندا ئۇنىڭ ساۋابى ئىگىسىگە بولىدۇ. تېپىۋالغۇچى مەسئۇلىيەتتىن قۇتۇلىدۇ.
ناۋادا ئۇ نەرسە ئىگىسى مەيلى دەپ ئىزدەپ يۈرمىگىدەك دەرىجىدىكى ئاددى بىر نەرسە بولسا مەسىلەن: بىر- ئىككى كوي پۇل ياكى كونىراپ كەتكەن بىر قول تېلىفۇنى ۋە ئاددىي بىر قول سائىتى… دېگەندەك. بۇنى ئىگىسى ئىزدەپ كەلمەس دەپ جەزم قىلىنغۇدەك بىر زامان ساقلاش كېرەك. بۇ زامان ئىچىدە ئىگىسى تېپىلسا قايتۇرۇپ بېرىش لازىم.  ئۇ زامان ئىچىدە ئىگىسى تېپىلمىسا ئۇنى مۇنداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك:
ئەگەر ئۇنداق نەرسىنى ئېھتىياجى بار پېقىر ياكى مىسكىن بىر كىشى تېپىۋالغان بولسا ئىگىسىنىڭ ھەققىدە سەدىقە دەپ قۇبۇل قىلىپ ئىشلەتسە بولىدۇ. ئەگەر ئىھتىياجى بولمىسا ئىگىسىگە ئاتاپ پېقىر-مىسكىنلەرگە سەدىقە قىلىۋەتسە بولىدۇ.
2- سەدىقە فىترىنىڭ ئىسلام دىنىدىكى ئورنى پەرزدۇر. بۇ مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەردە زىكرى قىلىنىدۇ.
سوئال:
مەن ئاللاھ تائالانىڭ «ئى مۇئمىنلار! نامازغا تۇرغىنىڭلاردا، يۈزۈڭلارنى يۇيۇڭلار، قولۇڭلارنى جەينەكلىرىڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار، بىشىڭلارغا مەسىھ قىلىڭلار، پۇتۇڭلارنى ئىككى ئوشۇق بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار، ئەگەر جۇنۇب بولساڭلار يۇيۇنۇپ پاكلىنىڭلار، …»- دېگەن ئايىتىنى بىلىمەن. لىكىن چۈشنەلمىگەن يىرىم، بىز ئادەتتە تاھارەتسىز تۇرغان ۋاقىتلىرىمىزدا قۇرئان ئاڭلىساق، تەبلىغ ئاڭلىساق، قۇرئان ئوقۇساق، قۇرئاننى تۇتساق گۇناھ بۇلامدۇ؟
جاۋاب:
ئاللاھ تەئالانىڭ سىز تەرجىمىسىنى يوللىغان ئايەتتىكى يەنى مائىدە سۈرىسىنىڭ 6-ئايىتىدىكى «نامازغا تۇرغىنىڭلاردا» دەپ تەرجىمە قىلىنغان سۆزى تاھارەتنىڭ ناماز ئۈچۈنلا شەرت قىلىنغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ.
قۇرئان كەرىمدە ۋە ھەدىس شەرىفلەردە نامازدىن باشقا ئىبادەت ئۈچۈن تاھارەت شەرت قىلىنمايدۇ. جۈملىدىن قۇرئان ئوقۇش، قۇرئان ئاڭلاش، تەبلىغ ئاڭلاش…قاتارلىق ئىشلارغىمۇ تاھارەت شەرت قىلىنمايدۇ.
قۇرئان كەرىمدە قۇرئان ئوقۇش ئۈچۈن بىرلا شەرت بار، ئۇ بولسا قۇرئاننى ئوقۇشقا باشلاشتىن بۇرۇن «ئەئۇزۇ بىللاھى مىنەششەيتانىررەجىم- مەن قوغلاندى شەيتاندىن ئاللاھقا سېغىنىمەن» نى ئوقۇشتۇر. مۇناسىۋەتلىك ئايەتنىڭ تەرجىمىسى مۇنداق:
«قۇرئان ئوقۇيدىغان چېغىڭدا قوغلاندى شەيتاندىن ئاللاھغا سېغىن»-نەھل 16/98.
سوئال:
1- بىر كىشى پۇل چىقىرىپ يەنە بىر كىشى كۈچ چىقىرىپ تىجارەت قىلىش مەسىلىسىدە پايدا قانداق تەقسىم قىلىنىدۇ؟
2- ئەرلەرنىڭ باش كىيىم كىيىش مەسىلىسىگە يول كۆرسەتكەن بولسىڭىز؟ (مىللەت ھەم دىن مەسىلىسى جەھەتتىن)
جاۋاب:
1- بىر كىشى پۇل چىقىرىپ يەنە بىر كىشى كۈچ چىقىرىپ قىلىدىغان تىجارەت دىنىمىزدا مۇزارەبەت دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنىڭدا تىجارەت قىلىنىپ ھېسابقا ئولتۇرۇلغان چاغدا ئالدى بىلەن پۈتۈن چىقىملار پايدىدىن ئېلىنغاندىن كېيىن ئېشىپ قالغان پايدا باشتا سۆزلەشكەن بويىچە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا تەقسىم قىلىنىدۇ.
ناۋادا پايدا چىقىمغان يەتمىسە چىقىملار دەسمىيدىن ئېلىنىدۇ. بۇ تەقدىردە پۇل چىقارغان كىشى پۇلىنىڭ بىر مىقدارىنى كۈچ چىقارغان كىشى كۈچىنى ۋە ۋاقتىنى زىيان تارتقان بولىدۇ.
بۇ ئىشنى قىلىش ئۈچۈن ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئاللاھتىن ھەقىقىي قورقىدىغان بەك تەقۋادار كىشىلەر بولىشى لازىم. بولمىسا جېدەل-ماجرا تۈگىمەيدۇ. بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇماتقا ئىگە بولماقچى بولسىڭىز فىقىھ كىتابلىرىنىڭ بەيئى (سۇدا-سېتىق) بۆلۈمىنىڭ مۇزارەبەت بابىغا ياكى تىجارەت ھەققىدە يېزىلغان مەخسۇس كىتابنىڭ مۇزارەبەت بابىغا قارىغايسىز.
2- ئەرلەرنىڭ باش كىيىم كىيىش- كىيمەسلىكى توغرۇلۇق دىنىمىزدا بىر بەلگىلىمە يوق. لېكىن باشتاق يۈرۈيدىغانلار چاچ پاسونلىرىنى غەيرىي مۇسۇلمانلارنىڭ چاچ پاسونلىرىغا ئوخشاتماسلىقى لازىم. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسەلام مۇنداق دېگەن:
«باشقا بىر قەۋمگە ئوخشىۋالغان كىشى شۇ قەۋمدىندۇر»- بۇ ھەدىس سۈنەنى ئەبۇداۋۇد ۋە مۇسنەدى ئەھمەددە ئۆتىدۇ.
سوئال:
خانىم- قىزلار گىرىم قىلسا بۇلامدۇ؟
جاۋاب:
ياخشى بولمايدۇ. چۈنكى بۇنىڭدا تۆۋەندىكى ئۈچ ئىش مەيدانغا كېلىدۇ:
1- ئىنساننىڭ تېرىسىنىڭ كۆزنەكلىرى ئوچۇق تۇرۇشى كېرەك. گىرىم قىلىش بىلەن ئۇ كۆزنەكلەر ئېتىۋېتىلىدۇ. بۇ تەقدىردە يۈزنىڭ تېرىسى ئاشقا سالغان تېرىدەك بولۇپ قالىدۇ. زامان ئۆتكەنسېرى ئۇ تېرە جىگدە قوۋزىقىدەك قارىداپ ئۆزىنىڭ تەبىئىي ھالىتىنى يوقىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ يۈزنىڭ ئىگىسى ئاللاھ تەئالاھنىڭ ياراتقىنىنى ئۆزگەرتكەن بولىدۇ.
2- گىرىم قىلغانلار يۈزىنىڭ ئەسلى ھالىتىنى يوشۇرغان، شۇنداقلا باشقىلارنى ئالدىغان بولىدۇ. مەسىلەن: بىر كىشى گىرىم قىلغان بىر ئايالنىڭ گىرىمىگە قاراپ چىرايلىقكەن ياكى ياشكەن دەپ ئالدىنىپ ئۇنىڭغا نىكاھلىنىش تەكلىپى قويۇشى، ئۇ ئايالنىڭ بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلىپ ئۇ كىشى بىلەن نىكاھلىنىشى مۇمكىن. نەتىجىدە ئۇ ئادەم ئالدانغان بولىدۇ. دىنىمىزدا باشقىلارنى ئالداش چوڭ گۇناھتۇر.
3- گىرىم بۇيۇملىرىنىڭ پۇرىقى بار. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسەلامنىڭ «ئۆزىگە پۇرىقى بولغان نەرسىنى سۈرتكەن بىر ئايال قانچىلىك ئەر كىشىنىڭ يېنىدىن ئۆتسە شۇ ئەرلەرنىڭ ھەممىسى بىلەن زىنا قىلغان بولىدۇ» دېگەن مەزمۇنداق بىر ھەدىس بار. بۇ مەزمۇندىكى ھەدىسنى ئەبۇداۋۇد، تىرمىزى ۋە ئەھمەدلەر رىۋايەت قىلغان.
سوئال:
بەزىلەر ئاياللارنىڭ بېشىنى تاراپ چۈشكەن چېچىنى ساتىدىكەن، يەنە بەزىلەر تامنىڭ تۆشۈكىگە تىقىپ قويىدىكەن، بەزىلەر بولسا مېۋىلىك دەرەخنىڭ ئاستىغا كۆمۈپ قويىدىكەن…..
مۇشۇ ھەقتە ھەمشىرىلىرىمىزنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ئىسلام دىنىمىزدىكى توغرا يولنى كۆرسۈتۈپ بەرسىڭىز.
جاۋاب:
ئاللاھ تەئالا قۇرئان كەرىمدە (ئىسرا سۈرىسنىڭ 70-ئايىتىدە) «بىز ئادەم ئەۋلادىنى ھۆرمەتلىك قىلدۇق» دەيدۇ. بۇ ئايەتكە ئاساسەن ئىنساننىڭ ھەر بىر پارچىسى ھۆرمەتلىكتۇر، ئۇنى ئاياغ ئاستى قىلىشقا بولمايدۇ. چاچنى سېتىش ياكى قالايمىقان يەرگە تاشلىۋېتىش ئۇنى ئاياغ ئاستى قىلغانلىق بولىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن ئەر بولسۇن ئايال بولسۇن ئۆزىنىڭ ۋۇجۇدىنىڭ بىر پارچىسى بولغان چاچ، تىرناق ۋە بەدىنىدىن ئېلىنغان تۈكلەرنى بىر يەرگە كۆمۈۋېتىشى لازىم. بۇ ئۆلۈپ قالغان ئىنساننى دەپنە قىلىۋەتكەن بىلەن ئوخشاشتۇر، شۇنداقلا ئاياغ ئاستى قىلغانلىق ئەمەس بەلكىدە ھۆرمەت قىلغانلىقتۇر.
سوئال:
ئاياللارنىڭ ئاۋازى ئەۋرەتمۇ؟ جاۋاب بەرگەن بولسىڭىز، ئاللاھ رەخمەت قىلسۇن.
جاۋاب:
ئەۋرەت ئەمەس. چۈنكى ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«ئى پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرى! سىلەر باشقا ئاياللارغا ئوخشىمايسىلەر. ئەگەر تەقۋالىق قىلساڭلار، نازلىنىپ گەپ قىلماڭلار. بولمىسا قەلبىدە كېسەل بار كىشى تەمەدە بولۇپ قالىدۇ. مۇۋاپىق گەپ قىلىڭلار»- ئەھزاب 33/32.
بۇ ئايەتتە پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئاياللىرى نازلىنىپ گەپ قىلىشتىن مەنئى قىلىنىدۇ، مۇۋاپىق گەپ قىلىشقا ئەمىر قىلىنىدۇ. دېمەك، دىنىمىزدا قارشى تەرەپ جىنسىي ئۇچۇر، دەپ ئويلاپ قالىدىغان شەكىلدە گەپ قىلىش چەكلىنىدۇ، قارشى تەرەپكە مەقسەتنى ئۇختۇرىدىغان شەكىلدە مۇۋاپىق گەپ قىلىش چەكلەنمەيدۇ.
سوئال:
نامازنىڭ كەينىدىن تەسبىھ ئىتش (يەنى سۇبھانئاللا ، ئەلھەمدۇلىللا ، ئاللاھۇئەكبەر دىيىش ) تەكىتلەنگەن سۇننەتمۇ؟ چوڭلار پەرز ۋە نەپلە نامازلانى ئوقۇپ بولۇپ ئاندىن تەسبىھ ئىتىدىكەن …. بەزى قېرىنداشلىرىمىزدىن ئاڭلىساق پەرز نامازنىڭ كەينىدىن ئوقۇش ياخشى دەيدۇ؟ لېكىن بۇنداق تەسبىھ ئىتىشنى چوڭلار قۇبۇل قىلالمايدىكەن. قانداق قىلىش كېرەك؟
جاۋاب:
پەرز نامازلاردىن كېيىن ئاللاھۈممە ئەننەتسسەلام…نى ۋە ئايەتەلكۇرسىينى بىر قېتىمدىن ئوقۇش، سۇبھانەللاھ، ئەلھەمدۇلىللاھ، ئاللاھۇ ئەكبەرنى ئوتتۇز ئۈچ قېتىمدىن ئوقۇش، لائىلاھە ئىللەللاھنى بىر قېتىم ئوقۇش پەيغەمبىرىمىز پەرز نامازلاردىن سالام بەرگەندىن كېيىن ئوقۇشنى تەرغىب قىلغان ئىبادەتلەردۇر. بۇلارنىڭ ناماز بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق. ناماز سالام بېرىش بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. بۇ زىكىر-تەسبىھلەرنى پەرز نامازلاردىن كېيىن ئوقۇش تەشۋىق قىلىنغان بىر ئىش بولۇپ ئەمر قىلىنمىغانلىقى ئۈچۈن بۇلارنى ئوقۇغانلار ساۋابقا ئېرىشىدۇ، ئوقۇمىغانلار گۇناھكار بولمايدۇ.
 شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنى پەرز نامازدىن كېيىنلا ئوقۇش ياخشىدۇر. سۈننەت نامازلاردىن كېيىن ئوقۇشقىمۇ بولىدۇ. چۈنكى ھەدىسلەردە پەرز نامازدىن كېيىنلا زىكىر-تەسبىھ ئوقۇڭ دەپ بىر ئەمر بولمىغاندەك، سۈننەت نامازلاردىن كېيىن زىكىر-تەسبىھ ئوقۇماڭ، دەپ بىر چەكلىمىمۇ يوق.
شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنداق كىچىك ئىشلاردا ئۇ قەدەر «چىگۇڭ يىغىپ» كېتىشكە ھاجەت يوق. مۇستەھەب دەرىجىلىك ئىشلارنى قىلىمەن، دەپ ياكى مۇستەھەب دەرىجىلىك ئىشلارنىڭ ۋاقتىنى ئىلگىرى-كېيىن قىلىمەن، دەپ پەرز بولغان ئىتتىپاقلىقنى بۇزۇش ئەقىللىق ئىنساننىڭ قىلىدىغان ئىشى ئەمەس.
 بىز مۇسۇلمانلارنىڭ قەتئىي چىڭ تۇرىشىمىز كېرەك بولغان مەسىلىمىز پەرزلەرنى ئادا قىلىش ۋە ھاراملاردىن يىراق تۇرۇش بولىشى كېرەك. مۇسۇلماننىڭ پىكرى، زىكرى ۋە قابىليىتى ئۇنداق كىچىك ئىشلارغا ئىشلىتىلمىگۈدەك دەرىجىدە قىممەتلىكتۇر.
مەسچىتنىڭ ئىچىدىكى مۇسۇلمانلار بىلەن ئاددىي مەسىلىلەرنى تارتىشىشنىڭ ئورنىغا ياكى بۇ توغرىدا كاللا قاتۇرۇپ كېتىشنىڭ ئورنىغا مەسچىتكە كىرمىگەن لېكىن ئۆزىنى مۇسۇلمان دەپ ئاتايدىغانلارنى مەسچىتكە دەۋەت قىلىش لازىم. مانا بۇ تەبلىغدۇر.
بىر شائىرنىڭ «كوچىدا ماڭماق قىيىن نامى مۇسۇلمان دەستىدىن، مەسچىتى قالماقتا بوش يەر ئالسىمۇ گەر رەستىدىن» دېگىنىدەك يولدا مۇسۇلمانغا پۇتلىشىپ ماڭغىلى بولمايدۇ، لېكىن نۇرغۇنلىغان مەسچىتلىرىمىز مۇسۇلمان كىرمىگەنلىكتىن ياكى ئاز كىرگەنلىكتىن زەي بېسىپ، كونا تۈگمەن پۇراپ بوش قالماقتا.

مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ