مۇسۇلمانلار

قەرداۋى خاتالاشتىمۇ؟

سوئال:
بىزنىڭ بۇ يەردە (خوتەن) زامانىمىزدىكى دىينى ئالىم يۈسۈپ قەرداۋى توغرىسىدا بەزى پاراڭلار بولدى، يەنى بۇ كىشىنىڭ بەزى سۇئاللارغا بەرگەن پەتىۋاسى خاتا، شەرىئەتتە قەتئىي دەلىلى يوق دېگەندەك مەسىلەن:
1ـ ئامرىكا ئارمىيىسىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئەسكەرلەرنىڭ ئافغانىستانغا بېرىپ ئۇ يەردە جەڭ قىلىشىنى توغرا دېگەن.
 2ـ ياۋرۇپادا ياكى باشقا غەيرى مۇسۇلمانلارنىڭ دۆلىتىدە ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلار ئۇ يەرلەردە تاللا بازىرى دىگەندەك تىجارەت سورۇنلىرىنى ئاچسا ۋە ئۇ دۇكانلاردا ھاراق، چوشقا گۆشى دېگەندەك نەرسىلەرنى ساتسا بۇلىدۇ دېگەن.
بۇ گەپلەر زادى قانداق گەپ؟ بۇ پەتىۋالار راست شۇنداق دېيىلگەنمۇ؟ شۇنداق دېيىلگەن بولسا بۇنىڭ شەرىئەتتە نېمە دەلىلى بار؟- ئابدۇللا
جاۋاب:
بىزنىڭ خەۋىرىمىز يوقكەن، ئۇنداق ئەمەستۇ. بەلكى بۇ ئۇ كىشى ھەققىدە تارقىتىلغان پىتنە- پاسات بولۇشى مۇمكىن، توغرا بولۇشىمۇ مۇمكىن. ئاللاھ ئالىملىرىمىزنى توغرا يولدا مۇستەھكەم تۇرغىلى نېسىپ قىلسۇن.
بۇ يەردە شۇنىمۇ ئەسكەرتىش كېرەككى:
بىز ئۇيغۇرلارنىڭ بولۇپمۇ خوتەن خەلقىنىڭ ئەڭ چوڭ خاتاسى يۈسۈپ قەرداۋىدەك كىشىلەرنى قەتئىي خاتالىق ئۆتكۈزمەيدىغان «ئۇلۇغ زات» دەپ ئېتىقاد قىلىشىمىزدۇر. ئېتىقادىمىز مۇشۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇ «زات» نىڭ خاتالىق ئۆتكۈزۈش ئېھتىمالىنى ئەسلا قۇبۇل قىلغۇمىز كەلمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە خاتالىق ئۆتكۈزگەن بولسا بۇ بىزگە «ھەزىم» بولغىلى ئۇنىمايدۇ. خاتالىق ئۆتكۈزۈپتۇ، دېگەن خەۋەرمۇ بىزنى چۆچۈتىۋېتىدۇ.
ئەسلىدە ئىسلام تارىخى بويىچە ئۆتكەن پۈتۈن ئالىملارنىڭ ئىلمىسىدىن پايدىلانساق ئۇلارنىڭ ھەر بەرگەن پەتىۋاسىنى ياكى ھەر قىلغان سۆزىنى ئىسلامىيەتنىڭ يەككە-يېگانە مەنبەسى بولغان قۇرئان-ھەدىسكە توغرىلاپ بۇ ئۆلچەمگە ئۇدۇل كەلسە قۇبۇل قىلىپ، ئۇدۇل كەلمىسە رەت قىلىپ ئادەتلەنگەن بولساق مۇسۇلمانغا لايىق ئىش قىلغان بولاتتۇق. يۇسۇپ قەرداۋىنىڭ يۇقىرىقىدەك پەتىۋالىرى ئەمەلىيەتتە بولغان تەقدىردىمۇ بۇ قەدەر ھەيران قالمىغان بولاتتۇق، شۇنداقلا ئۆزىمىزنىڭ يولىغا مېڭىۋەرگەن بولاتتۇق.
ئەپسۇسكى، بىز ئۇيغۇرلار، بولۇپمۇ خوتەن خەلقى شۇنداق بىر چۈشەنچىدىمىزكى، بىر كىشىنى بىر «ئۇلۇغ» دەپ ئېتىقاد قىلىپ كەتسەك ئۇنىڭ پۈتكۈل يامانلىقلىرىنى كۆرمەسكە سالىدىغان، بىر كىشىنى بىر «يامان» دەپ تونۇساق، ئۇنىڭ بارلىق ياخشىلىقلىرىنى يوققا چىقىرىۋېتىدىغان ئادىتىمىز بار.
يۈسۈپ قەرداۋى مەسىلىسىگە كەلسەك، بۇ كىشىنىڭ ئىسمى يۈسۈپ بولغان بىلەن ئاخىرى «ئەلەيھىسسەلام» ئەمەس، قەرداۋىدۇر. بىزنىڭ خاتا كەتكەن يېرىمىز مانا بۇ «قەرداۋى» نى «ئەلەيھىسسەلام» ئورنىدا قويغانلىقىمىزدۇر.
بىز ئۆزىمىزدە ھەر ئىشقا ۋە ھەر كىشىگە قۇرئان-ھەدىستىن ئىبارەت كۆز بىلەن قاراش ئەخلاقىنى ئۆزلەشتۈرگەن بولساق، يۈسۈپ قەرداۋىنىڭ خاتا پەتىۋا بەرگەنلىكى ئوتتۇرغا چىققاندا ياكى شۇنداق خەۋەر تارقالغاندا، ئۇ قەدەر ئەندىكىپ كەتمەي، ئۇ كىشى ھەققىدە «ئۇ بىر ئىنسان. خاتا قىلسا قىلىدۇ. ئەگەر راستىنلا خاتا قىلغان بولسا ئاللاھ ئىسلاھ قىلسۇن، ئاللاھ ئەپۇ قىلسۇن…» دېگەندەك خەيرلىك دۇئالاردا بولغان بولاتتۇق.
ئىش شۇ دەرىجىگە يەتتىكى، تېخى يېقىنكى كۈنلەردە خوتەنلىكلەرنىڭ ئارىسىدىن كاللىسىغا يۇسۇپ قەرداۋى كىرىۋېلىپ ئاخشىمى ياتسىمۇ يۇسۇپ قەرداۋىنى «زىكىر قىلىپ» ياتقانلىقى ئۈچۈنمىكى كېچىسى چۈشىدىمۇ يۇسۇپ قەرداۋىنى كۆرۈپ ئۇنىڭ بىلەن چۈشىدە قىلىشقان (راست قىلىشتىمۇ ياكى ئۇخلىماي كىرامەت كۆردىمۇ، بۇنىڭ ئۆزى بىر ئاللاھقا مەلۇم) بىر «سۆھبەت» ىنى يېزىپ «دىنى تەبلىغ» سۈپىتىدە بەزى «ئىسلامىي تورلار» دا ئېلان قىلغان قەرداۋى ئاشىقلىرىمۇ ئوتتۇرىغا چىقمىدى ئەمەس. بۇ، ئىنساننىڭ ئىنسانغا چوقۇنۇشىنىڭ بىر ئۆرنىكى بولسا كېرەك.
پۈتكۈل مۇسۇلمانلارنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ جۈملىدىن خوتەنلىك مۇسۇلمانلارنىڭ شۇنى بىلىشى لازىمكى:
 دىن، ئىسلام، شەرىئەت ئاللاھنىڭدۇر. پەيغەمبەرنىڭ ۋەزىپىسى ئۇنى ئاۋۇتماي، كېمەيتمەي ئۆز پېتى ئىنسانلارغا يەتكۈزۈشتۇر. ئالىملار پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋارىسلىرىدۇر. ۋەزىپىلىرى پەيغەمبەر قىلغان تەبلىغ (ئاللاھنىڭ دىنىنى يەتكۈزۈش) ۋەزىپىسىنى ئورۇنداشتۇر.
ئالىملارنىڭ ھۆكۈم چىقىرىش ھەققى ۋە ھوقۇقى يوقتۇر. ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە بويسۇنۇش ۋە ئۇنى ئەينەن يەتكۈزۈش ۋەزىپىسى باردۇر. قايسى ئالىم بولسا بولسۇن قۇرئان ھەدىسنىڭ ھۆكمىگە خىلاپ پەتىۋا بەرگەن بولسا ئۇنىڭ پەتىۋاسى ئەسلا قۇبۇل قىلىنمايدۇ. دىن ئالىمغا ئەمەس، ئالىم دىنغا بويسۇنىدۇ ۋە بويسۇنىشى لازىم.
شۇنىڭ ئۈچۈن كەڭ مۇسۇلمانلار دىنغا ئالىملارنىڭ كۆزى بىلەن ئەمەس، ئالىملارغا دىننىڭ كۆزى بىلەن قارىشى لازىم. چۈنكى ياغاچقا ئۇدۇللاپ مېتىر ئەمەس، مېتىرغا ئۇدۇللاپ ياغاچ كېسىلىدۇ. ھەر ئىشتا بىر قېتىم ئىشلەتكەن ئەقىلنى دىن ئىشىدا مىڭ قېتىم ئىشلىتىش كېرەك.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر