باش بەت > ئۇنىۋېرسال > پەتىۋالار  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:
سوئال:
كشى خالىغان چاغدا دۇئا قىلماقچى بولسا بىرەر ئالىمنىڭ مەسىلەن، «سۇدەيس» دېگەندەك قارىلارنىڭ خەتمە دۇئاسىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭغا «ئامىن» دەپ بەرسەك، ئۇ دۇئانى بىزمۇ قىلغان بولىمىزمۇ؟ دېمەكچى بولغىنىم ئۇلارنىڭ دۇئاسى بەكلا رەتلىك ھەم تەسىرلىك ئىكەن.
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
جاۋاب:
دۇئانىڭ مەناسى، ئەرەبچە جۈملىلەرنى يادلىۋېلىپ پات-پات شۇلارنى ئوقۇش دېگەن بولماستىن، بەلكى «ئاللاھقا يېلىنىپ، ئۆزى ۋە باشقىلار ئۈچۈن ياخشىلىق تىلىمەك»، دېگەن بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن سىز ئۆزىڭىز دۇئا قىلىشىڭىز يەنى ئۆزىڭىز ئاللاھقا يېلىنىپ، ياخشىلىقنى ئۆزىڭىزگە ئۆزىڭىز تىلىشىڭىز كېرەك.
باشقىسى تاماق يەۋەتىپ: «بۇ تاماق ماڭا لەززەتلىك ۋە سىڭىشلىك بولسۇن» دېسە، سىز «شۇنداق بولسۇن» دېسىڭىز قورسىڭىز تويامدۇ؟ تويمايدۇ، شۇنداققۇ؟ خۇددى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش باشقىسى: «ئى ئاللاھ ماڭا ياكى بۇ يەرگە توپلانغان بىزگە ئۇنى بەرگىن، بۇنى ئاتا قىلغىن…» دېسە، سىز «ئامىن- ئى ئاللاھ! شۇ ئادەمنىڭ تىلىگىنىنى بەرگىن» دېسىڭىز، بۇنىڭ سىزگە بىر پايدىسى بولمايدۇ، شۇنداقلا دۇئا قىلغانمۇ بولمايسىز.
 ئۇنىڭ ئۈستىگە سۇدەيس ئەرەبچە دۇئا قىلىدۇ. سىز ئۇنىڭ نېمە دېگەنلىكىنى ئۇقمايسىز. دۇئا باشقىسىنىڭ ئەرەبچە دۇئا ئوقۇغىنىنى ئاڭلىماق ئەمەس، ئۆزى ئاللاھدىن تىلىمەك دېگەن بولىدۇ.
سوئال:
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك ئۇستاز ! بىز مالىكى، ھەنبەلى، ھەنەفى ۋە شافىئىي مەزھەبلەرنىڭ ھەممىسىگە ئەگىشەمدۇق؟ تولا باشقىلاردىن پەتىۋا سورىساممۇ ئۇ مەزھەبتە ئۇنداق، بۇ مەزھەبتە بۇنداق دىيىش بىلەنلا كۇپايىلىنىدۇ. ياكى ئۆزىمىز بۇ مەزھەبلەردىن قايسىسىنىڭ كۆز قارىشىنى ياقتۇرساق شۇنى قوبۇل قىلساق بولامدۇ؟
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
جاۋاب:
قېرىندىشىم! ئىنسانلار قانداقلا بىر مەزھەپكە ئەمەس، ئىسلامغا يەنى ئاللاھقا بويسۇنۇشقا، پەيغەمبەرگە ئەگىشىشكە بۇيرۇلغان. شۇنىڭ ئۈچۈن سىز مەزھەپچى ئەمەس، مۇسۇلمان بولۇشىڭىز كېرەك! «مۇسۇلمان» دېگەن سۆزنىڭ مەناسى ئاللاھنىڭ بەندىسى، پەيغەمبەرنىڭ ئۈممىتى دېگەن بولىدۇ، يەنى مۇسۇلمان ئاللاھقا بويسۇنىدىغان، پەيغەمبەرگە ئەگىشىدىدىغان كىشى دېمەكتۇر.
قىيامەت كۈنى بىزدىن مەزھەپكە كىرگەنمۇ؟ دەپ سورالمايدۇ. ئەكسىچە ئاللاھقا بەندە، رەسۇلۇللاھقا ئۈممەت بولغانمۇ؟ دەپ سورىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلمانلارنىڭ مەزھەپكە ئەمەس، قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىفلەرگە ئەگىشىشى كېرەك. ئاخىرەتكە بولغان تەييارلىقىمىز مۇشۇ بويىچە بولۇشى لازىم!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مەن بىر تەقۋادۋر مۇسۇلمان ئايال، ئادەتتە قورسىقىم ئېچىپ كەتسىلا بېشىم قاتتىق ئاغرىپ كېتەتتى. روزا تۇتسام بېشىم بەك ئاغرىپ كېتىدىكەن. شۇڭا روزا تۇتمىساممۇ بۇلامدۇ؟
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
ئاللاھ تەئالا روزىنى روزا تۇتسا كېسەل بولۇپ قالىدىغانلارغا ئەمەس، پەقەت كېسەل بىلەن مۇساپىرغىلا ۋاقتىدا تۇتماي كېيىن بىر كۈنگە بىر كۈن قازاسىنى تۇتۇش رۇخسىتى بەرگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن سىز روزىنى تۇتۇپ بېشىڭىز سىز كېسەل ھېسابلانغۇدەك دەرىجىدە ئاغرىپ كەتسە سۇندۇرۇۋېتىپ كېيىن بىر كۈنگە بىر كۈن قازاسىنى تۇتسىڭىز بولىدۇ. چۈنكى بۇ تەقدىردە كېسەل ھېسابلىنىسىز.
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم!  ئۆلۈپ كەتكەن ئادەمنىڭ ئالتۇن چىشى بولسا، ئۇ چىشىنى ئېلىۋېتىش كېرەكمۇ؟
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
ئالتۇن چىشى بار بىر كىشى ئۆلۈپ كەتسە، ئۇنىڭ چىشىنى تۆۋەندىكى ئىككى يولنىڭ بىرى بويىچە بىر تەرەپ قىلىش لازىم:
ئەگەر ئۇ چىشنى ئالغان تەقدىردە ئۇ كىشىنىڭ (يەنى ئۆلۈپ كەتكەن كىشىنىڭ) باشقا چىشلىرىغا دەخلى يېتىدىغان ياكى ئاغزى، تىلى، تامغىقى…. دېگەندەك بىرەر يېرى زىدە بولۇپ قالىدىغان ئىش بولسا، ئۇ چىشنى ئالماسلىق كېرەك. يەنى بۇ تەقدىردە مېيىتنى ئالتۇن چىشى بىلەن بىللە دەپنە قىلىش كېرەك. چۈنكى مېيىتقا ئەزىيەت يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ.
 ئەگەر ئۇ چىشنى ئېلىش مېيىتقا ھېچقانداق بىر زىيان- زەخمەت يەتكۈزمەيدىغان ئىش بولسا ئۇ چىشنى ئېلىۋېلىش كېرەك. چۈنكى ئۇ چىش ئالتۇن بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى كۆمۈۋېتىش ئىسراپ بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئالتۇن چىش ئۆلۈپ كەتكەن كىشىنىڭ ۋارىسلىرىغا مىراس قالىدىغان نەرسىدۇر، يەنى ۋارىسلارنىڭ ھەققىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ۋارىسلار مېيىتقا ئەزىيەت يەتكۈزمەسلىك شەرتى بىلەن بۇ ھەققىنى ئېلىشى توغرىدۇر.
سوئال:
دۇئادا ھەددىدىن ئېشىش دىگەن نىمە؟ بىر ئادەم ئى ئاللاھ ماڭا ئۆي بەرگىن دەپ دۇئا قىلسا ھەددىدىن ئاشقانلىق بولامدۇ؟
جاۋاب:
بۇ بىرقانچە تۈرلۈك بولىدۇ. مەسىلەن: دۇئادا ھارام نەرسىلەرنى تىلەش، ئاللاھتىن بىۋاسىتە تىلىمەي ئەۋلىيالارنى ئاللاھ بىلەن ئۆزىنىڭ ئارىسىدا ۋەسىلە قىلىش (پالانى ئەۋلىيانىڭ ھەققى – ھۆرمىتىدىن دېگەندەك)، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى كۆرسەتمىگەن شەكىلدە دۇئا قىلىش… قاتارلىقلار دۇئادا ھەددىدىن ئاشقانلىق بولىدۇ.
شۇنىڭدەك، ئۆزى قىلالايدىغان ياكى يېنىدىكى بىرىدىن ياردەم سوراپ قىلالايدىغان بىر ئىشنى ئاللاھتىن تىلەش: ئى ئاللاھ! ماڭا بىر پىيالە سۇ ئەكىلىپ بەرسىلە، ئېشىكىم قېچىپ كەتتى تۇتۇپ كەلتۈرۈپ بەرسىلە، ماۋۇ تاغارنى ھارۋىغا بېسىپ بەرسىلە… دېگەندەك دۇئالار دۇئادا ھەددىدىن ئاشقانلىق بولىدۇ.
يەنە شۇنىڭدەك، ئاللاھنىڭ كائىناتتا قويغان قانۇنىيتىگە خىلاپ دۇئا قىلىش. مەسىلەن: ئى ئاللاھ! قېرىپ قالدىم مېنى ياش قىلىپ قويسىلا، ئايال قېرىپ قالدى ياش قىلىپ بەرسىلە،… دېگەندەك دۇئالار.
ھەر ئىشتا قولىدىن كېلىشىچە سەۋەب قىلىپ ئاندىن شۇ ئىشنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى ئاللاھدىن تىلەش كېرەك. مەسىلەن: «ئى ئاللاھ ماڭا ئۆي بەرگىن» دەپ دۇئا قىلغان ئادەم بۇ دۇئا بىلەن بىرلىكتە ھەتتا بۇ دۇئادىن بۇرۇن ئۆي ئېلىش ئۈچۈن پۈتكۈل تىرىشچانلىقلارنى قىلغان بولۇشى شەرت. بولمىسا ئۇ دۇئادا ھەددىدىن ئاشقان بولىدۇ.
ھەم سەۋەب قىل، ھەم تەلەپ قىل يېلىنىپ ئۇلۇغ ئاللاھقا،
ئىككىسى بىرلەشسىلا مەقسەتكە يەتمەك بارىدۇر.
ھەر ئىشىڭدا ئالدىدىن قولۇڭدىن كەلگەننى قىل،
ئىشلىمەي قىلماق دۇئا كىم ئۆگەتكەن چارىدۇر؟
سوئال:
بىر ياخشى ئەمەلدىن كىيىن دۇئا قىلساق نېمىشقا بولمايدىغاندۇ؟ دەپ ئويلىنىپ قالدىم. «سۇبھاناللاھ، ئەلھەمدۇلىللاھ، ئاللاھۇ ئەكبەر… نى ئوقۇپ بۇلغاندىن كىيىن جامائەت بولۇپ دۇئا قىلىش بىدئەتتۇر، خۇراپاتتۇر» دېگەن سۆزىڭىزنىڭ ئاساسى بارمۇ؟ بىز ھەممىمىز شۇنداق قىلىپ كەپتۇق، پەرز نامازدىن كېيىن جامائەت بولۇپ دۇئا قىلسا، تىلەك سورىسا نېمىسى خۇراپات بولىدۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ گەپ بەكلا غۇلغۇلا قوزغىۋېتەمدۇ، قانداق؟
جاۋاب:
ئەسلىدە سىز ئۇ ئىشلارنىڭ بىدئەت ئەمەسلىكىگە دەلىل كەلتۈرىشىڭىز كېرەك. چۈنكى بىر ئىشنىڭ يوقلىقىغا ئەمەس، بارلىقىغا دەلىل تەلەپ قىلىنىدۇ. دىن ئۆزىنىڭ ھاۋايى-ھەۋىسىگە ئەگىشىپ ئەمەس، پەيغەمبەرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسەلام نامازدىن سالام بەرگەندىن كېيىن ئۆزى يالغۇز ياكى جامائەت بىلەن بىرلىكتە دۇئا قىلمىغان. نامازنىڭ دۇئاسى سالامدىن ئىلگىرىكى دۇئادۇر. سىزنىڭ ئەتتەھىيياتۇدا ئولتۇرۇپ دۇرۇتتىن كېيىن «رەببەنا…» ئوقۇشىڭىز نامازدىن كېيىن دۇئا قىلغانلىقىڭىز ھېسابلىنىدۇ. نامازنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پائالىيتى سالام بېرىشتۇر. نامازدىن سالام بەرگەندىن كېيىن زىكىر-تەسبىھلەرنى ئوقۇپ بولۇپ ئۆز ئالدىڭىزغا خالىغىنىڭىزچە دۇئا قىلسىڭىز بۇنىڭ بىر يامان تەرىپى يوق. چۈنكى ئىنسان رەببىگە ھەر قاچان دۇئا قىلسا بولىدۇ. بۇ يەردە بىدئەت ھېسابلىنىدىغىنى دۇئانىمۇ خۇددى پەرز نامازنى جامائەت بولۇپ ئوقۇغاندەك ئىمامنىڭ ياكى مۇئەززىننىڭ قوماندانلىقىدا جامائەت بولۇپ قىلىشتۇر.
دىنى مەسىلىلەردە قۇرئان – ھەدىستىن دەلىلى بولمىغان ئىش بىدئەتتۇر (دىنغا كىرگۈزۈلگەن ئىشتۇر)، خۇراپاتتۇر (ئاساسسىز ئىشتۇر). توغرىنى ئوتتۇرغا قويۇش تارىخ بويىچە ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا غۇلغۇلا پەيدا قىلىپ كەلگەن، پۈتۈن پەيغەمبەرلەرگە قارشى چىققانلارنىڭ قىلغىنى مانا مۇشۇنداق غۇلغۇلىدىن ئىبارەت.
ھەقىقەتنى سۆزلەپ غۇلغۇلىغا سەۋەپچى بولۇش، ھەقىقەتنى سۆزلىمەي «گاچا شەيتان» بولۇشتىن ئەۋزەلدۇر. ھەقىقەت ئىشەنمىگۈچىلەرگە ئاچچىقتۇر. خۇددى كېسەل ئادەمگە تەبىئى سۇ ئاچچىق تېتىغاندەك، شەپەرەڭلەرگە كۈننىڭ نۇرى ياقمىغاندەك.
ھەقىقەتنى سۆزلەشتە ئىنسانلارنىڭ ئىنكاسىنى ئەمەس، ئاللاھنىڭ رىزاسىنى ئاساس قىلىش مۇئمىنلىكنىڭ ئالامىتىدۇر.
سوئال:
بىر كۈندىلا قۇرئاننى ئوقۇپ تۈگەتسسە گۇناھ بولامدۇ؟
جاۋاب:
بىر كىشىنىڭ قۇرئان كەرىمنى ئۈچ كۈندىن قىسقا بىر زامان ئىچىدە ئوقۇپ تۈگىتىشى پايدىسىز بىر ئىشتۇر. چۈنكى قۇرئان ئوقۇشتىن مەخسەت ئۇنى سەيپۇڭ ماشىنىسىدا كىيىم تىككەندەك لەۋزىنىلا تەلەپپۇز قىلىپ ئۆتكۈزۈش ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئىلىملەرنى كاللىغا يەرلەشتۈرۈپ لازىم بولغاندا ئىشلىتىشتىن ئىبارەتتۇر.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
سوئال:
سىلەردىن سۇرايدىغان سوئاللىرىم بار ئىدى ئەجرىڭلارنى ئۇلۇغ ئاللاھ ئۇزى بەرسۇن، ئامىن! نامازغا تۇرغاندا بىلىپ بىلمەي يەل كىلىپ قالسا ياكى ئازراق سۇيدۇك تېمىپ قالسا نامىزىمىز بۇزۇلامدۇ يا قانداق قىلمىز؟ جامائەت بىلەن ناماز ئوقىغاندا بىر ئادەمنىڭ ئاۋاز چىقىرپ كۈلىشى بىلەن شۇ ئادەمنىڭ تاھارىتى بۇزۇلامدۇ ياكى نامىزى بۇزۇلامدۇ؟
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
 جاۋاب:
ئۇ  ھالەتلەردە تاھارەت سۇنۇپ كەتكەن بولىدۇ. بۇنى بىلىپ تۇرۇپ نامازنى داۋاملاشتۇرۇش ئىماندىن ئاجراپ كېتىشكە سەۋەبچى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنداق ئەھۋالغا دۇچ كېلىپ قالغاندا نامازنى كەلگەن يەردە توختۇتۇپ تاھارەتنى يېڭىلاپ ئاندىن داۋاملاشتۇرۇش ياكى ۋاقىت ئۇزىراپ كەتكەن بولسا قايتىدىن باشلاپ ئوقۇش لازىم. ئەگەر مەسچىت-جامەلەردە مۇشۇنداق ئەھۋال يۈز بەرسە بۇرنىمىزنى تۇتۇپ چىقىپ كېتىشىمىز ۋە تاھارەت ئېلىپ نامازنى ئوقۇشىمىز كېرەك. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيسسالام مۇشۇنداق تەلىم بەرگەن.
نامازدا يېنىدىكى ئادەم ئاڭلىغۇدەك كۈلسە ناماز بۇزۇلۇپ كېتىدۇ. بەزى مەزھەپلەر تاھارەتمۇ سۇنۇپ كېتىدۇ دەيدۇ. لېكىن بۇ كۆزقاراشنىڭ دەلىلى يوق.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز
سوئال:
مېنىڭ يىغقان ئازراق ئىقتىسادىم بار ئىدى. رامىزاننىڭ ئۈچىنچى كۈنى ئۆي ئېلىشقا ئالدىن تاپشۇردۇم. ھازىر قولۇمدا يوق. بۇنىڭغا زاكات ئايرىمدىم؟
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
جاۋاب:
ياق، ئايرىمايسىز. چۈنكى سىز ئۇ پۇلنى خەجلىۋاتقاندىن كېيىن، ئۇ پۇلنىڭ زاكىتىنى ئايرىش مەسئۇلىيىتى سىزدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ. زاكات دېگەن سىز ئاز بولغاندا زاكات كەلگۈدەك نەخ پۇلغا (85 گرام ئالتۇنغا ياكى بۇنىڭ بەدىلى بولغان قەغەز پۇلغا) ئىگە بولۇپ ئارىدىن قەمەرىيە ھېسابىدا بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئايرىشىڭىز كېرەك بولغان بىر ئىقتىسادىي ئىبادەتتۇر. يىل توشۇپ بولغۇچە مۈلكىڭىزدىن چىقىپ كەتكەن پۇلنىڭ زاكىتىنى ئايرىش سىزنىڭ ۋەزىپىڭىز ئەمەس.
ئەگەر سىز ئۆي ئېلىپ- ساتىدىغان سودىگەر بولسىڭىز بۇ تەقدىردە ئالغان ئۆي-مۈلۈكلىرىڭىز قولىڭىزدىكى پۇللار بىلەن بىرلىكتە ھېسابلىنىدۇ، شۇنداقلا زاكىتىنى ئايرىشىڭىز كېرەك. ئەكسىچە سىز ئۆينى ئولتۇرۇش ئۈچۈن ياكى بالىلىرىڭىز يوغىنىسا ئولتۇرۇشى ئۈچۈن ۋە ياكى ئېلىپ تاشلاپ قوياي لازىم بولغاندا ساتارمەن، ئۇنىڭغىچە كىراغا بېرىپ تۇرامەن، دەپ ئالغان بولسىڭىز، بۇ تەقدىردە ئالغان ئۆيىڭىزگىمۇ زاكات كەلمەيدۇ.

مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ