مۇسۇلمانلار

ئايالىمنىڭ ئىسمى خاتامۇ؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئۇستازلار، كەمىنىدىن سىلەرگە كۆپتىن كۆپ سالام !!!
سوئال:
مېنىڭ سىلەردىن سورايدىغان كىچىككىنە بىر سۇئالىم بار ئىدى، سىزلەردىن تۆۋەنچىلىك بىلەن دىنى نۇقتىدىن توغرا ھەم قايىل قىلارلىق جاۋاب بېرىشىڭلارنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن.
ئايالىمنىڭ ئىسمى ( ئاسىيە ) ئىدى، بەزىلەر بۇ ئىسىمنىڭ مەنىسى ياخشى ئەمەس، ( ئاسىي، يۈز ئۆرۈگۈچى ) دېگەن مەنىلەرگە ئىگە دەيدۇ. بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئايالىم ھەم مەن بەكمۇ بىئارام بولدۇق. ئەگەر دىنى نۇقتىدىن ھەقىقەتەن مۇشۇنداق مەنىدە بولسا بىز ئەر ـ ئايال مەسلىھەتلىشىپ بۇ ئىسىمنى ئۆزگەرتىۋېتىشنى مەسلىھەتلىشىپ سىلەردىن بىر توغرا جاۋابنى كۈتۈپ تۇرىۋاتىمىز. بىر ئادەمنىڭ ئىسمىنىڭ مەنىلىك، چىرايلىق ھەممىدىن مۇھىمى دىنىمىزغا مۇخالىپ كەلمەسلىكى ھەممىدىن مۇھىم ئىش ئىكەن.
يەنە بىر گەپ، ئايالىم پات ئارىدا يەڭگىيدۇ، ئەگەر بالىمىز قىز بولۇپ قالسا ( شەكىلە ) دىگەن ئىسىمنى قويۇشنى ئويلاشقان ئىدۇق، ھۆرمەتلىك ئۇستازلارنىڭ بۇ ئىسىمنىڭمۇ مەنىسىنى توغرا شەرھىيلەپ مەسلىھەت كۆرسۈتۈشىنى سورايمەن.
جاۋابىڭلارغا ئىنتىزارمىز ….. ئاللاھ ھەممىڭلارنى سالامەت، شات ـ خورام قىلسۇن!– ئۆمەرجان
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
جاۋاب:
«بەزىلەر بۇ ئىسىمنىڭ مەنىسى ياخشى ئەمەس، ( ئاسىي، يۈز ئۆرۈگۈچى ) دېگەن مەنىلەرگە ئىگە دەيدۇ.»
بۇنداق دېگەنلەر يا قاتتىق دۆت كىشىلەر ئىكەن ياكى دىن نامىدىن ئىنسانلارنى قورقۇتۇشنى ئوبدان بىلىدىغان «دىنپۇرۇش» لار ئىكەن. چۈنكى «ئاسىيە» دېگەن سۆزنىڭ ئاسىيلىق قىلغۇچى، دېگەن مەنانى ئىپادىلىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئەرەب ئىلىپبەسىنىڭ 18- ھەرپى بولغان ئېيىن «ع» ۋە 14- ھەرپى بولغان ساد «ص» بىلەن «عَاصِيَةً» دېگەن شەكىلدە يېزىلىشى ۋە ئەرەپچە تەلەپپۇز قىلىنىشى كېرەك! ھالبۇكى، ئايالىڭىز ھېچكىم تەرىپىدىن بۇنداق چاقىرىلمايدۇ. ئەكسىچە ئاسىيە، دەپ چاقىرىلىدۇ. چۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدا ئاسىيە دېگەن سۆز ئاسىيەھ ياكى ئاسىيەتۇن «عَاصِيَةً» دەپ ئەرەبچە تەلەپپۇز  قىلىنمايدۇ.
ئاسىيەنىڭ ئەسلىسى «آسية» دۇر. بۇ ئاسىيە ئەرەبچىدە ئەرەب ئىلىپبەسىنىڭ بىرىنچى ھەرپى بولغان، ئەلىف «أ» نىڭ ئۈستىگە مەد «~» قويۇش بىلەن ۋە 12- ھەرپى بولغان سىن «س» بىلەن «آسية» دەپ يېزىلىدۇ. تەپسىرلەردە فىرئەۋننىڭ مۇئمىنە ئايالىنىڭ ئىسمىنىڭ ئاسىيە «آسية» ئىكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ. تەپسىرلەردە بۇ ئايال مۇئمىن بولغانلىقى ئۈچۈن فىرئەۋن تەرىپىدىن زۇلۇم قىلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ. قۇرئان كەرىمنىڭ 66- سۈرىسى بولغان تەھرىم سۈرىسىنىڭ 11- ئايىتىدە بۇ ئايال پۈتۈن مۇئمىنلارغا مىسال قىلىپ كۆرسىتىلىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئايەتنىڭ تەرجىمىسى مۇنداق:
«ئاللاھ مۇئمىنلارغا فىرئەۋننىڭ ئايالىنى مىسال قىلدى. ئۇ ئايال ئۆز ۋاقتىدا: ‹رەببىم! دەرگاھىڭدا، جەننەتتە مەن ئۈچۈن بىر ئۆي بىنا قىلغىن، مېنى فىرئەۋندىن ۋە ئۇنىڭ ئەمىلىدىن قۇتۇلدۇرغىن، مېنى زالىم قەۋمدىن قۇتۇلدۇرغىن› دېگەن ئىدى.»- تەھرىم 66/11.
بۇ ئاسىيە «آسية» نىڭ مەناسى تۈۋرۈك، مۇستەھكەم بىنا، دوختۇر ئايال، قايغۇرغۇچى ئايال، دېگەنلەردىن ئىبارەت بولۇپ، بىر مۇئمىن ئايالنىڭ ئىسمى ئاسىيە «آسية» بولسا ھېچقانداق گۇناھ بولمايدۇ، يامانمۇ بولمايدۇ، زىيىنىمۇ يوق!!!
شەكىلە ئىسمىمىۇ بولىدۇ. قويسىڭىز بولىدۇ. مەنىسى ناز قىلغۇچى ئايال، دېگەن بولىدۇ.
مەن (ئەبۇلفاتىھ) قىز ۋە ئوغۇل پەرزەنت ئىسىملىرى توغرىسىدا بىرقانچە يىل ئىلگىرى كۈنلەرچە ئىزدىنىپ بىر تېما ھازىرلاپ تور بېتىمىزدە نەشىر قىلغان ئىدىم.
كېيىن قارىسام ئۇ تېما باشقا بىرقانچە توردا ئەسلى مەنبەسى بولغان مۇسۇلمانلار تورى مەنبە كۆرسىتىلمەستىن نەشىر قىلىنىۋېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇ تېمىنى (تور بېتىمىزدىكى كۆچۈرمە تېما ھېسابلىنىپ قالمىسۇن، دەپ) دەر ھال ئۆچۈرۈپ تاشلىغان ئىدىم. ئۇ تېمىنى تور دۇنياسىدا سىزمۇ كۆرگەن بولۇشىڭىز مۇمكىن. مەن سىزگە شۇنىڭ «قىز ئىسىملىرى» بۆلۈمىنى يوللاپ بېرەي. قىزىڭىز ئۈچۈن سىز شۇلاردىن بىرىنى تاللىسىڭىزمۇ ياكى قارارىڭىز بويىچە «شەكىلە» قويسىڭىزمۇ ئىختىيارىڭىز. لېكىن بۇنى بىر كۆرۈشىڭىزنى پايدىلىق دەپ قارىدىم:
قىز ئىسىملىرى
ئەبرار   :       ساداقەتمەن، كۆيۈمچان، 
ئەمان  :       ئامانلىق، تىنچلىق، بىخەتەرلىك، خاتىرجەملىك، ئاراملىق، قوغدىماق، ئەھدە، كاپالەت، قەرز.
ئامىنە  :       خاتىرجەم، كۆڭلى توق، ساغلام.
ئەمىينە :       ئىشەنچلىك، سادىق، ۋاپادار، بىخەتەر.
ئەنۋار   :       نۇرلار، يورۇقلۇقلار.
ئەنىيسە :       كۆيۈمچان، خۇشخۇي، ئۈلپەت.
ئىمان   :       ئېتىقاد، تەسدىق، ئىشەنچ.
بۇشرا   :       خۇش خەۋەر، گۈزەللىك، چىرايلىقلىق، ھۆسن- جامال.
بىلقىيس: سەبەئ دېيىلىدىغان بىر قەدىمى مەملىكەتنىڭ ئايال پادىشاھى بولۇپ سۇلەيمان ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا ياشىغان، سۇلەيمان ئەلەيھىسسالامغا تەسلىم بولغان ۋە ئىمان ئېيتقان.
گۈلنار  :       ئانار گۈلى.
جەمىيلە   :       چىرايلىق، ئۇز، گۈزەل، كېلىشكەن.
ھەبىيبە :       سۆيۈملۈك.
ھەفىيزە :       مۇھاپىزەت قىلىنغۇچى، ساقلانغۇچى.
ھەلىيمە :       ئېغىر- بېسىق ۋە ئەقىللىك ئايال.
ھەمىيدە  :       شۈكۈر ئېيتقۇچى ئايال، ماختاشقا ئەرزىيدىغان ئايال.
ھەنىيفە :       ياخشىلىق تەرەپكە بۇرالغۇچى ئايال، مۇسۇلمان ئايال، توغرىنى چىڭ تۇتقۇچى ئايال.
ھەۋۋا   :       ھەۋۋا ئانا، ئىنسانلارنىڭ ئانىسى، يېشىلغا مايىل قارا ياكى قارىغا مايىل قىزىل.
ھۇرىيە  :       پەرى، ھۆر، رەڭگى ئاقپىشماق پەۋقۇلئاددە كېلىشكەن ئايال.
خالىدە :       مەڭگۈ، دائىم.
خالىسە :       ساپ، پاكىز، خالىس، بەك ئاق.
خەدىيجە  :       ۋاقتىدىن بۇرۇن تۇغۇلغان قىز بالا.
زاكىرە  :       ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى، خاتىرە، ئاڭ.
زاكىيە  :       پۇرىقى ئەتراپقا يېيىلىپ تۇرغۇچى.
زەكىيە  :       ھۇشيار ئايال، چېچەن ئايال، زېرەك ئايال.
رەشىيدە :       ھىدايەت تاپقۇچى ئايال، ئاڭلىق ئايال، ئەقىللىق ئايال.
رەنا    :       بەك گۈزەل بولغانلىقتىن كۆرگەن كىشى مېھرىنى ئۈزەلمەي ئۇزۇنغىچە قاراپ قالىدىغان نەرسە.
زاكىيە  :       ياخشى ئۆسكۈچى.
زاھىدە  :       ئاخرەتنى ياخشى كۆرگەنلىكتىن دۇنياغا بېرىلمىگەن ئايال.
زاھىرە  :       گۈزەل ئايال، چىرايلىق ئايال، يۈزى يورۇق ئايال.
زۆھرە   :       چولپان يۇلتۇزى، ۋېنېرا، ئاپئاق، سۈزۈك رەڭ.
زەكىيە  :       پاك، گۇناھسىز، پەزىلەتلىك، ساپ، ئۆسكۈچى.
زەھرا   :       رەڭگى سۈزۈك ۋە نۇرلۇق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىزى فاتىمەنىڭ لەقىمى.
زەينەب :       كۆرۈنۈشى چىرايلىق خۇش پۇراق بىر دەرەخ، رىۋايەتلەردە كاككۇكنىڭ مەشۇقى سۈپىتىدە تەسۋىرلىنىدىغان ئەپسانىۋى قۇشنىڭ نامى.
زىينەت :       گۈزەللىك ۋە ھۆسن بېرىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان بۇيۇم، بېزەك، ھۆسن.
ساجىدە :       سەجدە قىلغۇچى ئايال، باش ئەگگۈچى ئايال.
سارا    :       ئەڭ ياخشى ، تاللانغان، سەرخىل.
سالىمە  :       قۇتۇلغۇچى ئايال، بېجىرىم ئايال، ساغلام ئايال، ساق- سالامەت ئايال.
سەداد  :       توغرىلىق، راستچىللىق.
سەئدە  :       بەختلىق، بەرىكەتلىك.
سەئىدە :       بەختىيار ئايال، تەلەيلىك ئايال، سائادەتمەن ئايال.
سالامەت        :       بېجىرىم، ئەيىبسىز، ساق.
سالام   :       سالام بەرمەك، سالام، تىنچ- ئامانلىق سورىماق،
سەلما   :       ھېچ ئەيىبى يوق ئايال.
سەلىيمە :       قۇتۇلغۇچى ئايال، ئەيىبسىز ئايال.
سەمرا   :       بۇغداي ئۆڭلۈك ئايال.
سەمىيھە :       مەرد ئايال، سېخى ئايال، قولى كەڭ ئايال.
سەمىيرە :       كېچىدە مۇڭداشقۇچى ئايال، كېچىدە سۆھبەتلەسكۈچى ئايال.
سۇمەييە  :       ئىسلامنىڭ تۇنجى شەھىدى بولغان ساھابە ئايال(اللە تەئالا ئۇ ئايالدىن رازى بولسۇن).
سەييىدە :       خانىم، خېنىم، خانزادە.
سىيما   :       ئالامەت، بەلگە، نىشان، ئەن، تامغا، تەقى- تۇرقى، سىرتقى كۆرۈنۈشى.
شادىيە  :       ناخشىچى ئايال.
شەرىيفە :       شەرەپلىك ئايال، ئېسىل ئايال، ئالىيجاناب ئايال. 
شەفىيقە :       شەپقەتلىك ئايال.
شەمس  :       قۇياش، كۈن، بەك گۈزەل دېگەن مەنىدە مەجازەن ئىشلىتىلىدۇ.
شەھىدە :       اللە يولىدا شەھىد بولغان ئايال.
شېرىن  :       تاتلىق، لەززەتلىك، بەك چىرايلىك بەك گۈزەل دېگەن مەنىلەردە مەجازەن ئىشلىتىلىدۇ.
سادىقە  :       راستچىل ئايال، ئىخلاسمەن ئايال.
سالىھە  :       ياخشى ئايال، توغرا يول ئۈستىدىكى ئايال.
سەبىيھە :       گۈزەل ئايال، كېلىشكەن ئايال.
سەدىيقە :       راستچىل ئايال سەمىمىي ئايال.
سەفىيە  :       ساپ،، پاك، سۈزۈك، روشەن، تاللانغان، سىرداش دوست، ھەقىقىي دوست.
تالىبە   :       ئېزدەنگۈچى ئايال، ئوقۇچى ئايال، تەلەپ قىلغۇچى ئايال.
تاھىرە  :       پاك ئايال، پاكىز ئايال.
تەييىبە :       ھالال، پاكىز، ئۇبدان، بەلەن.
زەرىيفە  :       ھۇشيار ئايال، زېرەك ئايال، چېچەن ئايال.
ئائىشە  :       پەيغەمبەر ئەلەيھىسسلامنىڭ ئايالى ۋە مۆمىنلەرنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى، كەيپىياتى ياخشى ئايال.
ئاتىكە  :       قىپقىزىل ۋە ئېسىل.
ئارىفە   :       ئىلىم- مەرىپەتلىك ئايال.
ئالىيە   :       ئىگىز، يۈكسەك، يۇقىرى، ئالىيجاناب.
ئىبادەت :       تائەت، ناماز، قۇلچىلىق قىلماق، ئىبادەت قىلماق، دىنى ئەھكاملارنى ئورۇنلىماق.
ئەزىيزە :       سۆيۈملۈك، ھۆرمەتلىك، قەدىرلىك، ئېسىل. كۈچلۈك.
ئەتىيە  :       سوۋغا- سالام، ھەدىيە.
ئەفىيفە :       ئىپپەتلىك، پاك.
ئەلىيە  :       شەرەپلىك، ئىگىز، يۇقىرى، يۈكسەك.
ئىنايەت :       كۆڭۈل بۆلمەك، غەمخورلۇق قىلماق، ساقلىماق، باشقۇرماق.
فائىزە   :       غەلىبە قىلغۇچى ئايال، مۇرادىغا يەتكۈچى ئايال.
فائىقە   :       ھۆسن- جامالى بەك كېلىشكەن.
فاتىمە  :       بالىسىنى (سۈتىدىن) ئايرىغان ئايال.
فىردەۋس        :       باغ، بوستان، گۈلباغ، جەننەت.
فەرىيدە :       يالغۇز، مىسلىسىز، قىممەتلىك گۆھەر.
قەمەر   :       ئاي.
كۇلسۇم :       ئىككى مەڭزى ۋە يۈزى گۆشلۈك ئايال.
كەۋسەر :       تاتلىق سۇ، جەننەتتە بىر ئۆستەڭ.
لامىئە  :       نۇ چاچقۇچى، داڭلىق.
لەتىيفە  :       مۇلايىم، مەرھەمەتلىك، مەدەنىيەتلىك.
لەيلا    :       بەك قاراڭغۇ ۋە ئۇزۇن كېچە، مەستلىك، مەستلىكنىڭ باشلىنىشى، ھاراقنىڭ كەيپى.
مارىيە  :       ئاقپىشماق ئايال.
مەريەم  :       ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى.
مەلىيكە :       مۈلۈكدار ئايال.
مۇنىيرە :       نۇرلۇق، يۈزى يۇرۇق، گۈزەل، نۇر چېچىپ تۇرغۇچى.
نائىلە   :       ئېرىشكۈچى، سوۋغا- سالام.
ناجىيە  :       قۇتۇلغۇچى ئايال، تېز ماڭىدىغان تۆگە.
نادىرە  :       ھىكلەتلىك سۆز، لەتىپە، ئۆز زامانىدا تەڭدىشى يوق ئايال.
نادىيە  :       جەمئىيەت، يىغىن، كۇلۇب.
نارىمان :       پارىسچە ئانارغا ئوخشاش دېگەن بولىدۇ.
نەجات :       قۇتۇلماق، خالاس تاپماق.
نەجىيبە :       تېگى- تەكتى ئېسىل، پەزىلەتلىك، زېرەك، نەپىس، ئەقىللىق.
نەجىيە :       سىر، سىرداش دوست.
نەرگىس :       تەڭگىچە ئاق ياكى سېرىق گۈلى بولغان بىر خىل ئۆسۈملىك بولۇپ گۈلىگە كۆزلەر ئوخشىتىلىدۇ.
نەزىيھە :       ئىپپەتلىك، رەزىللىكلەردىن يىراق.
نەسرىن :       ئەتىردەك پۇرايدىغان بىر خىل ئاق گۈل.
نەسىيمە :       مەيىن شامال، ئىللىق ھاۋا.
نۇسرەت :       غەلىبە، زەپەر، قۇتۇلۇش.
نەزىيرە  :       ئوخشىغۇچى.
نەئىيمە :       تۇرمۇشى ياخشى ۋە كۆڭلى خاتىرجەم.
ھاجەر  :       ئىبراھىم ئەلەھىسسالامنىڭ ئايالىنىڭ ئىسمى.
ھادىيە  :       يېتەكچى ئايال، توغرا يولغا باشلايدىغان ئايال.
ياسەمىن:       خۇش پۇراقلىق بىر خىل ئۆسۈملۈك.
ئەسكەرتىش:
بۇ توردا ئادەتتە ئىسىم توغرۇلۇق سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بېرىلمەيتتى، لېكىن سىز سورىغان ئىسىم مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتىدىن بولغان شېھىت بىر مۇئمىنەنىڭ ئىسمى بولغانلىقى ئۈچۈن ۋە سىز بەزى جاھىللارغا ئەگىشىپ بۇ ئىسىمنى دىن نامىدىن ئۆزگەرتىۋېتىش ھارپىسىدا تۇرۋاتقانلىقىڭىز ئۈچۈن بۇ توغرىدا بۇ قەدەر تەپسىلىي توختالدىم. بۇنىڭدىن كېيىن ئىسىم توغرۇلۇق سوئال سورىمىغايسىز! چۈنكى مۇسۇلمانلار تورى تورداشلىرىغا ئىسىم توغرۇلۇق مەسلەھەت ئەمەس، دىن توغرۇلۇق مەلۇمات بېرىدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر