باش بەت > تەتقىقاتلار > قۇرئان تەتقىقاتلىرى  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:
فۇرقان سۈرىسىنىڭ 63- ئايىتىدىن 76- ئايىتىگىچە بولغان ئايەتلەرنىڭ مەنا تەرجىمىسى ۋە بىر مۇلاھىزە
«رەھماننىڭ بەندىلىرى زېمىندا تەمكىنلىك بىلەن ماڭىدىغان ۋە نادانلارنىڭ قوپال سۆزلىرىگە يۇمشاق سۆزلەر بىلەن جاۋاب قايتۇرىدىغان كىشىلەردۇر.
ئۇلار كېچىلىرىنى رەببىگە سەجدە قىلىپ ۋە قىيامدا تۇرۇپ ئۆتكۈزىدىغان كىشىلەردۇر.
ئۇلار مۇنداق دەيدىغان كىشىلەردۇر: «رەببىمىز! بىزدىن جەھەننەم ئازابىنى دەپئى قىل. جەھەننەم ئازابى ئەبەدىي زىياندۇر.
جەھەننەم نېمىدېگەن يامان قارارگاھ ۋە نېمىدېگەن يامان جايدۇر!».
ئۇلار خىراجەتلىرىدە ئىسراپچىلىقمۇ قىلمايدىغان، بېخىللىقمۇ قىلمايدىغان، بۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا بىر يول تۇتىدىغان كىشىلەردۇر.
ئۇلار ئاللاھغا قوشۇپ باشقا بىر ئىلاھقىمۇ دۇئا قىلمايدىغان، ئاللاھ ئۆلتۈرۈشنى ھارام قىلغان جاننى ناھەق ئۆلتۈرمەيدىغان ۋە زىنا قىلمايدىغان كىشىلەردۇر. كىم بۇلارنى قىلسا جازاغا ئۇچرايدۇ،
قىيامەت كۈنى ئىككى ھەسسە ئازابقا دۇچار قىلىنىدۇ ۋە ئازاب ئىچىدە مەڭگۈ خارلىنىدۇ.
تەۋبە قىلىپ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئىش قىلغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئاللاھ بۇنداقلارنىڭ يامانلىقلىرىنى ياخشىلىقلارغا ئالماشتۇرىدۇ. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، رەھىم قىلغۇچىدۇر.
كىم تەۋبە قىلىپ ياخشى ئىش قىلسا، ئاللاھقا لايىق رەۋىشتە تەۋبە قىلغان بولىدۇ.
ئۇلار يالغان گۇۋاھلىق بەرمەيدىغان، بىھۇدە سۆز – ھەرىكەتكە يولۇقسا ئۇ يەردىن ئالىيجانابلىق بىلەن ئۆتۈپ كېتىدىغان كىشىلەردۇر.
ئۇلار ئۆزلىرىگە رەببىنىڭ ئايەتلىرى ئەسلىتىلسە، ئۇ ئايەتلەرنىڭ ئۈستىگە گاسلار ۋە كورلار بولۇپ يىقىلمايدىغان كىشىلەردۇر.
ئۇلار: «رەببىمىز! بىزگە بىزنى خۇشال قىلىدىغان جۈپتلەر ۋە نەسىللەر ئاتا قىل، بىزنى تەقۋادارلارغا يېتەكچى قىل» دەيدىغان كىشىلەردۇر.
ئەنە شۇلار سەۋرلىك بولغانلىقلىرى ئۈچۈن جەننەتنىڭ ئالىي سارايلىرى بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ. ئۇلار ئۇ سارايلاردا تەبرىك ۋە سالام بىلەن قارشى ئېلىنىدۇ.
ئۇلار ئۇ سارايلاردا مەڭگۈ قالىدۇ. ئۇ سارايلار نېمىدېگەن ياخشى قارارگاھ ۋە نېمىدېگەن ياخشى جايدۇر!».
بۇ ئايەتلەردە ئۇ ياخشى بەندىلەرنىڭ ئون تۈرلۈك سۈپىتى بايان قىلىنىدۇ. بىز تۆۋەندە ئۇ سۈپەتلەرنىڭ ھەر بىرى ئۈستىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتىمىز:
1- ئۇلار زېمىندا تەمكىنلىك، ئېسىللىك ۋە كەمتەرلىك بىلەن ماڭىدۇ. ئۇلار غادىيىپ، گىدىيىپ ۋە تەكەببۇرلۇق قىلىپ ماڭمايدۇ. بۇنىڭ مەنىسى ھەرگىزمۇ ئۆزىنى ئاجىز كۆرسۈتۈپ مېڭىش دېگەن بولمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئېگىزدىن چۈشكەندەك مېڭىشى بۇنىڭغا مىسال بولىدۇ.
مۇسۇلمان كەمتەرلىك ۋە مېھرىبانلىقنىڭ ئۈلگىسى بولۇشى كېرەك. ئىلمى ۋە ئېتىبارى بىلەن مەغرۇرلانماسلىقى، ئىلكىدىكى ھەممە نەرسىسىنى ئاللاھنىڭ ئاتا قىلغانلىقىنى ئۇنتۇماسلىقى، شۇنداقلا بۇنى گەپ-سۆزلىرىدە ۋە يۈرۈش-تۇرۇشلىرىدا ئىپادىلىشى لازىم.
2- ئۇلار نادانلارنىڭ قوپال سۆزلىرىگە يۇمشاق سۆزلەر بىلەن جاۋاب قايتۇرىدۇ. ئۇلارغا ئېغىر- بېسىقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ. ھەتتا ئۇلارنىڭ بەزى سۆزلىرىنى ئاڭلىماسقا، بەزى قىلىقلىرىنى كۆرمەسكە سالىدۇ.
3- ئۇلار كېچىلىرىنى رەببىگە سەجدە قىلىپ ۋە قىيامدا تۇرۇپ ئۆتكۈزىدۇ. ئاللاھ تەئالا ئۇلارنىڭ بۇ سۈپىتىنى تۆۋەندىكى ئايەتلەردىمۇ بايان قىلىدۇ:
«بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە شۇنداق كىشىلەر ئىمان ئېيتىدۇكى، ئۇلارغا ئۇ ئايەتلەر ئەسلىتىلسە، دەرھال سەجدە قىلىدۇ، رەببىگە ھەمد بىلەن تەسبىھ ئېيتىدۇ ۋە چوڭچىلىق قىلمايدۇ.
ئۇلار تەھەججۇد نامىزى ئوقۇش ئۈچۈن كېچىدە ياتاقلىرىدىن تۇرىدۇ، قورقۇنچ ۋە ئۈمىد ئىچىدە رەببىگە دۇئا قىلىدۇ ۋە بىز ئاتا قىلغان رىزىقتىن ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلىدۇ»- سەجدە 32/ 15-16.
«شۈبھىسىزكى، تەقۋادارلار جەننەتلەردە ۋە بۇلاقلارنىڭ باشلىرىدا بولىدۇ،
رەببى بەرگەن مۇكاپاتلارنى ئالغان ھالدا. چۈنكى ئۇلار ياخشى كىشىلەر ئىدى،
كېچىسى ئاز ئۇخلايتتى،
كېچلەرنىڭ تاڭ ئېتىشقا ئاز قالغان قىسىملىرىدا مەغپىرەت تىلەيتتى،
ئۇلارنىڭ ماللىرىدا تەلەپ قىلغۇچى ۋە تەلەپ قىلمىغۇچى موھتاجلار ئۈچۈن بىر ھەق بار ئىدى»- زارىيات 51/15-19.
4- ئۇلار ئاللاھنىڭ ئازابىدىن بەك قورقىدۇ. يەنى ئۇلار قىلغان ياخشى ئىشلىرىنى ئاللاھنىڭ ئازابى، جازاسى ۋە غەزىپىدىن قورققانلىقى ئۈچۈن قىلىدۇ. ئۇلار ئىمان، ئەمەل ۋە ئەخلاقتا شۇنداق يۇقىرى مەرتىبىدە تۇرۇقلۇق يەنىلا ئاللاھدىن قورقىدۇ. ھېچقاچان دۇنيانىڭ ۋاقىتلىق نېمەتلىرىگە بېرىلمەيدۇ. نيەتلىرى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلۇش ۋە ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىش بولىدۇ.
5- ئۇلار خىراجەتلىرىدە ئىسراپچىلىقمۇ قىلمايدۇ، بېخىللىقمۇ قىلمايدۇ. بەلكىدە بۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا بىر يول تۇتىدۇ. يەنى ئۇلار ئاللاھ بەرگەن مالنى كەلسە- كەلمەس يەرلەرگە ئىشلىتىپ بۇزۇپ-چاچمايدۇ. ئېھتىياجى بولمىغان نەرسىگە پۇل بۇزمايدۇ. ئائىلىسىنىڭ خەج-خىراجىتىنى قىسمايدۇ. ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە پېقىر-مىسكىنلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدۇ.
6- ئۇلار ئاللاھغا قوشۇپ باشقا بىر ئىلاھقىمۇ دۇئا قىلمايدۇ، ئاللاھ ئۆلتۈرۈشنى ھارام قىلغان جاننى ناھەق ئۆلتۈرمەيدۇ ۋە زىنا قىلمايدۇ.
7- ئۇلار تەۋبە قىلىدۇ. يەنى ئۇلار داۋاملىق ئۆزلىرىنى تەكشۈرۈپ تۇرىدۇ. ئۆزىدە بىر كەمچىلىك كۆرسە دەرھال تەۋبە قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ سۈپىتى مۇنۇ ئايەتلەردىمۇ بايان قىلىنىدۇ:
«ئۇلار بىر يامان ئىش قىلغان ياكى ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغان چاغلىرىدا ئاللاھنى ياد ئېتىپ گۇناھلىرى ئۈچۈن مەغفىرەت تىلەيدۇ- گۇناھلارنى ئاللاھدىن باشقا كىم مەغفىرەت قىلىدۇ؟- ۋە قىلمىشلىرىنى بىلىپ تۇرۇپ داۋاملاشتۇرمايدۇ.
ئەنە شۇلارنىڭ مۇكاپاتى رەببىنىڭ مەغپىرىتى ۋە ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەردۇر. ئۇلار ئۇ جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ. ياخشى ئەمەل قىلغۇچىلارنىڭ مۇكاپاتى نېمىدېگەن ياخشى!»- ئال ئىمران 3/135-136.
8- ئۇلار يالغان گۇۋاھلىق بەرمەيدۇ، بىھۇدە سۆز – ھەرىكەتكە يولۇقسا ئۇ يەردىن ئالىيجانابلىق بىلەن ئۆتۈپ كېتىدۇ. يەنى ئۇلار يالغانچىلىق، يالغان گۇۋاھلىق ۋە بىھۈدە سۆز-ھەرىكەتلەردىن يىراق تۇرىدۇ. 
9- ئۇلار ئۆزلىرىگە رەببىنىڭ ئايەتلىرى ئەسلىتىلسە، ئۇ ئايەتلەرنىڭ ئۈستىگە گاسلار ۋە كورلار بولۇپ يىقىلمايدۇ. يەنى ئۇلار ئاللاھ تەئالانىڭ ئايەتلىرىنى ئاڭلىسا، ئۇ ئايەتلەردىن تەسىرلىنىدۇ ۋە ھاياتىدا ئۆزگىرىش پەيدا بولىدۇ. دېمەك، بۇلار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئاڭلىسىمۇ خۇددى ئاڭلىمىغاندەك بۇرۇنقى يولىدا مېڭىۋېرىدىغان غاپىل ئادەملەرگە ئوخشىمايدۇ.
10- ئۇلار: «رەببىمىز! بىزگە بىزنى خۇشال قىلىدىغان جۈپتلەر ۋە نەسىللەر ئاتا قىل، بىزنى تەقۋادارلارغا يېتەكچى قىل» دەپ ئاللاھقا دۇئا قىلىدۇ. يەنى ئۇلار ئاللاھ تەئالاغا «ئى ئاللاھ! بىزنىڭ نەسلىمىزدىن ساڭا ئىتائەت قىلىدىغان، ساڭا ئىبادەت قىلىدىغان، ساڭا شېرىك كەلتۈمەيدىغان ياخشى كىشىلەرنى چىقارغىن»، دەپ دۇئا قىلىدۇ.

مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ