مۇسۇلمانلار

سۇخەنچىگە ۋاي!

 

ھۇمەزە سۈرىسىنىڭ مەنىسى

بِسْمِ اللهِ الرَّحْمنِ الرَّحِيمِ

﴿وَيْلٌ لِّكُلِّ هُمَزَةٍ لُّمَزَةٍ {1} الَّذِي جَمَعَ مَالاً وَعَدَّدَهُ {2} يَحْسَبُ أَنَّ مَالَهُ أَخْلَدَهُ {3} كَلَّا لَيُنبَذَنَّ فِي الْحُطَمَةِ {4} وَمَا أَدْرَاكَ مَا الْحُطَمَةُ {5} نَارُ اللَّهِ الْمُوقَدَةُ {6} الَّتِي تَطَّلِعُ عَلَى الْأَفْئِدَةِ {7} إِنَّهَا عَلَيْهِم مُّؤْصَدَةٌ {8} فِي عَمَدٍ مُّمَدَّدَةٍ {9}﴾

بۇ سۈرىنىڭ قۇرئان كەرىمدىكى ئورنى 104-، نازىل بولغان يېرى مەككە، ئايەت سانى 9 دۇر. بىرىنچى ئايەتتىكى «ھۇمەزە» كەلىمىسى بۇ سۈرىنىڭ ئىسمى قىلىنغان.

بۇ سۈرىنىڭ ئىلگىرىكى سۈرە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى

ئىلگىرىكى سۈرىدە تۆت تۈرلۈك ئىشنى قىلمىغان پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ زىيان ئىچىدە ئىكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ. بۇ سۈرىدە بولسا زىيان ئىچىدە بولغانلارنىڭ بىر تۈرى بايان قىلىنىدۇ.

مەزمۇنى

بۇ سۈرىدە ئىنسانلارنى كەمسىتىش، ئۇلارنىڭ ئەيىبلىرىنى ئىزدەش ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا سۇخەنچىلىك قىلىش ئەيىبلىنىدۇ، خاتا چۈشەنچىدىكى بايلىقنىڭ ئىنساننى ناھايىتى چوڭ زىيانغا ئېلىپ بارىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.

 شۇنىڭدەك، بۇ سۈرىدە دوستلۇقلارنىڭ بۇزۇلۇشىغا، جامائەتنىڭ ۋەيران بولۇشىغا، قېرىنداشلىقنىڭ يوق بولۇشىغا، ياخشى كىشىلەرنىڭ تۆھمەت ئاستىدا قېلىشىغا ۋە جەمئىيەتتە پىتنە-پاسات تارقىلىشقا سەۋەبچى بولىدىغان، شۇنداقلا ئىنسانلارغا ئاللاھنىڭ غەزىپى ۋە لەنىتى يېغىشقا شارائىت تەييارلايدىغان غەيۋەتخور، سۇخەنچى ۋە كىشىلەرنى ئەيىبلىگۈچى ئادەملەر كەلگۈسىدە دۇچار بولىدىغان يامان ئاقىۋەت بايان قىلىنىدۇ.

تەرجىمىسى

ياخشىلىق چەكسىز، ئىنئامى كۆپ ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.

1- ھەر ئەيىبلىگۈچى غەيۋەتخورغا ۋاي!

2- ئۇ شۇنداق كىشىكى مال توپلىدى ۋە ئۇنى سانىدى.

3- ئۇ مېلىنىڭ ئۆزىنى مەڭگۈ ياشىتىدىغانلىقىنى ئويلايدۇ.

4- ئۇنداق ئەمەس. ئۇ چوقۇم ھۇتەمەگە تاشلىنىدۇ.

5- ھۇتەمە نېمىدۇر، سەن نەدىن بىلىسەن؟

6- ئۇ ئاللاھنىڭ يېقىلغۇچى ئوتىدۇر.

7- ئۇ شۇنداق ئوتكى دىللارغا يامىشىدۇ.

8- شۈبھىسىزكى، ئۇ ئوت ئۇلارنى قورشىغۇچىدۇر.

9- ئۇلار سوزۇلغۇچى تۈۋرۈكلەرگە باغلانغۇچىدۇر.

تەپسىرى

«ۋاي» دەپ تەرجىمە قىلىنغان ۋەيل «وَيْلٌ» دېگەن كەلىمە «قاتتىق ئازاب، ھالاكەت، يوق بولۇش، رەسۋا بولۇش، دوزاختا بىر ۋادى، بەت دۇئا»، دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ. «ۋاي» دېگەن سۆز بۇ مەنىلەرنىڭ ھەممىسىگە دالالەت قىلغانلىقى ئۈچۈن «وَيْلٌ» دېگەن كەلىمىگە «ۋاي» دەپ مەنە بېرىلدى.

«ئەيىبلىگۈچى» دەپ تەرجىمە قىلىنغان ھۇمەزە «هُمَزَةٍ» دېگەن كەلىمە «كىشىلەرنى ئارقىلىرىدىن قاش، كۆز، ئېغىز ۋە قول ئىشارەتلىرى بىلەن ھاقارەتلىمەك، مەسخىرە قىلماق، كەمسىتمەك» دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدىغان ھەمز «همز» سۆز تومۇرىدىن تۈرلەنگەن بىر سۈپەت بولۇپ، مەنىسى «ئىنسانلارنىڭ ئارقىسىدىن ئۇلارنىڭ شەرەپ ۋە ئىززىتىگە تەنە قىلىشنى، ئىنسانلارنىڭ ھۆرمەت ۋە ئېتىبارىغا تىل تەگكۈزۈشنى ئۆزىگە ئادەت قىلىۋالغان، شۇنداقلا بۇنىڭ بىلەن زوق ئالىدىغان ئادەم» دېگەن بولىدۇ.

«غەيۋەتخور» دەپ تەرجىمە قىلىنغان لۇمەزە «لُّمَزَةٍ» دېگەن كەلىمە «ئىنسانلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلماق، ئىنسانلارنىڭ ئەيىبلىرىنى چىشلەپ تارتماق، ئىنسانلارنىڭ ئىززەت ۋە ھۆرمىتىگە تەنە قىلماق» دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدىغان لەمز «لمز» سۆز تومۇرىدىن تۈرلەنگەن سۈپەت بولۇپ، مەنىسى «ئىنسانلارنىڭ يامان گەپلىرىنى قىلىشنى، ئۇلارنىڭ ئەيىبلىرىنى چىشلەپ تارتىشنى، ئۇلارنىڭ يۈز-ئابرۇيلىرىنى تۆكۈشنى، ئۇلارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنىغا تەنە-ھاقارەت قىلىشنى ئۆزىگە ئادەت قىلىۋالغان ئادەم» دېگەن بولىدۇ.

بۇنىڭغا ئاساسەن بۇ سۈرىنىڭ بىرىنچى ئايىتى بولغان «وَيْلٌ لِّكُلِّ هُمَزَةٍ لُّمَزَةٍ {1}- ھەر ئەيىبلىگۈچى غەيۋەتخورغا ۋاي!»نىڭ مەنىسى مۇنداق بولىدۇ:

«ئىنسانلارنى ئارقىلىرىدىن قاش، كۆز، ئېغىز ۋە قول ئىشارەتلىرى بىلەن ھاقارەتلەشنى، مەسخىرە قىلىشنى، كەمسىتىشنى، ئۇلارنىڭ شەرەپ ۋە ئىززىتىگە تەنە قىلىشنى، ئۇلارنىڭ ھۆرمەت ۋە ئېتىبارىغا تىل تەگكۈزۈشنى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ يامان گەپلىرىنى قىلىشنى، ئۇلارنىڭ ئەيىبلىرىنى چىشلەپ تارتىشنى، ئۇلارنىڭ يۈز-ئابرۇيلىرىنى تۆكۈشنى، جەمئىيەتتىكى ئورنىغا تەنە-ھاقارەت قىلىشنى ئۆزىگە ئادەت قىلىۋالغان ۋە بۇ ئادىتى بىلەن زوق ئالىدىغان ھەر ئادەمگە ۋاي!».

«الَّذِي جَمَعَ مَالاً وَعَدَّدَهُ {2}- ئۇ شۇنداق كىشىكى مال توپلىدى ۋە ئۇنى سانىدى»

بۇ ئايەت يۇقىرىدىكى ئىككى سۈپەتكە ئىگە بولغان ئۇ ئادەمنىڭ ئۈچىنچى بىر ئالاھىدىلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇ بولسىمۇ پۇل-مال توپلاش ۋە ئۇنى ساناش بىلەن ھوزۇرلىنىشتۇر.

جەمئىيەتتە شۇنداق كىشىلەر باركى، ئۆزىنىڭ ئامبىرىدا قانچىلىك مال، يانچۇقىدا قانچىلىك پۇل بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۇلارنى قايتىدىن ساناپ چىقىدۇ. ئالتۇن-كۈمۈشلەرنىڭ ۋە قەغەز پۇللارنىڭ سانالغاندىكى ئاۋازلىرى ئۇنىڭ قۇلىقىغا شۇنداق خوش كېلىدۇكى، يۈزىگە مەغرۇرلۇق كۈلكىسى كەلگەنلىكىنى ئۆزىمۇ تۇيماي قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ، پۇللارنى قايتا ساناشقا باشلايدۇ.

ئۇنداق كىشى پۈتۈن ئىززەتنىڭ، بارلىق شەرەپنىڭ ۋە ھەممە ئۇلۇغلۇقنىڭ پەقەت پۇل-مالدا ئىكەنلىكىنى ئويلايدۇ. ئۇ قاچان ئۆزىنىڭ پۇل-مېلىنىڭ كۆپلىكىگە ۋە دۇنيا ئوقىتىنىڭ تولۇق ئىكەنلىكىگە قارىسا ياكى بۇ ھەقتە بىر ئويلانسا ھاياجانلىنىپ كېتىدۇ، شېرىن خىياللار ئاسمىنىدا ئۇچۇشقا باشلايدۇ، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ يۈكسەك بىر مۇقامدا، يۇقىرى بىر مەرتىۋىدە ۋە ئالىي بىر دەرىجىدە ئىكەنلىكىگە راستتىنلا ئىشىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ جەمئىيەتتىكى پەزىلەتلىك كىشىلەرنى ئۆزىدىن تۆۋەن كۆرىدۇ، ئۇلارنىڭ ئەيىبىنى ئىزدەشكە، ئۇلارنى ھاقارەتلەشكە، ئاڭلىغىلى ئادەم تاپالىسا ئۇلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلىشقا باشلايدۇ. ئۇ ئىلكىدىكى مال-دۇنيادىن قىسقا مۇددەتتىن كېيىن ئايرىلىپ كېتىدىغانلىقىنى، ئەگەر يۇقىرىدىكى چۈشەنچىسى بىلەن ئۆلۈپ كەتسە مەڭگۈلۈك زىيانغا ئۇچرايدىغانلىقىنى ھېچ ئويلىمايدۇ.

ئۇ كىشى بۇ باسقۇچتىن كېيىن جاھىللىق ۋە تەكەببۇرلۇق باسقۇچىغا ئۆتۈپ كىشىلەرنى ئەيىبلىگەنلىكى، ئۇلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ يۈز-ئابرۇيىنى تۆگكەنلىكى ئۈچۈن بېشىغا ھېچقانداق بىر مۇسىبەتنىڭ كەلمەيدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ھېچ بىر جازاغا ئۇچرىمايدىغانلىقىنى چۈشىنىدۇ.

«يَحْسَبُ أَنَّ مَالَهُ أَخْلَدَهُ {3}- ئۇ مېلىنىڭ ئۆزىنى مەڭگۈ ياشىتىدىغانلىقىنى ئويلايدۇ».

شۇنىڭ بىلەن ئۇ، مېلىنىڭ ئۆزىنى راھەت-پاراغەت ۋە باياشاتچىلىق ئىچىدە مەڭگۈ ياشىتىدىغانلىقىنى ئويلايدۇ. يەنى ئۇ «مەندە پۇل كۆپ، ھەممە ئىشنى ۋە ھەر ئىشنى پۇل بىلەن ھەل قىلىمەن، كېسەل بولۇپ قالسام خالىغان چېغىمدا خالىغان جايغا بېرىپ، خالىغان دوختۇرخانىدا داۋالىنالايمەن، مەندە بۇ بايلىق بولىدىكەن مەن بۇ باياشاتچىلىق ئىچىدە مەڭگۈ ياشايمەن» دەپ ئويلايدۇ. لېكىن، ئۇنىڭ ئەقلىگە كەلمىگەن مۇنداق بىر ھەقىقەت بار. ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ «ھەر نەپىس ئۆلۈمنى تېتىغۇچىدۇر»[1]، «يەر يۈزىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى يوق بولغۇچىدۇر»[2] دېگەن سۆزلىرىدە ھەر جانلىقنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغان. تۇغۇلۇشنى ئۆلۈشنىڭ، يەر يۈزىدە مەۋجۇت بولۇشنى يەر يۈزىدىن يوق بولۇشنىڭ سەۋەبى قىلغان. ئۇ تۇغۇلۇپ، ئىسمى قويۇلغان چاغدا ئوقۇلغان ئەزان-تەكبىرنىڭ نامىزى تېخى ئوقۇلمىغان، بۇ ناماز بىر كۈنى يەنى ئۇ ئۆلگەن كۈنى چوقۇم ئوقۇلاتتى، ئاندىن ئۇ قارا تۇپراقنىڭ ئاستىغا قويۇلاتتى. ئۇ مانا بۇ ھەقىقەتنى ئۇنتۇغان.

ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ خاتا ئويلاۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ: «كَلَّا لَيُنبَذَنَّ فِي الْحُطَمَةِ{4}- ئۇنداق ئەمەس. ئۇ چوقۇم ھۇتەمەگە تاشلىنىدۇ»، دەيدۇ. يەنى، ئەھۋال ئۇنىڭ ئويلىغىنىدەك ئەمەس. ئىش ئۇنىڭ چۈشەنچىسى بويىچە بولمايدۇ، ئۇ ئەلۋەتتە جازاغا تارتىلىدۇ. بۇ جازا ئۇنىڭ ھۇتەمە دېگەن جايغا تاشلىنىشىدۇر».

«تاشلىنىدۇ»، دەپ تەرجىمە قىلىنغان يۇنبەزەننە «يُنبَذَنَّ» دېگەن پېئىل ھاقارەتلەش، كەمسىتىش، خارلاش، پەس كۆرۈش، دېگەن مەنىلەرنىمۇ ئىپادىلەيدىغان نەبز «نبذ» سۆز تومۇرىدىن تۈرلەنگەن بولۇپ، لەيۇنبەزەننە «لَيُنبَذَنَّ»نىڭ تولۇق مەنىسى «شۈبھىسىزكى، ئۇ ھاقارەتلەنگەن، كەمسىتىلگەن، پەس كۆرۈلگەن ۋە خورلانغان ھالدا ھۇتەمەگە تاشلىنىدۇ» دېگەن بولىدۇ.

ھۇتەمە دوزاخنىڭ ئىسىملىرىدىن بىر ئىسىم بولۇپ دوزاخنىڭ ئىنسانلارنىڭ گۆشلىرىنى كۆيدۈرۈپ، سۆڭەكلىرىنى سۇندۇرۇپ تاشلايدىغان، ئاخىرىدا ئۇلارنىڭ دىللىرىغا تۇتىشىدىغان ئالاھىدىلىكىنى بايان قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ئالاھىدىلىكنىڭ دەھشىتىنى بايان قىلىش ئۈچۈن مۇنداق دەيدۇ:

«وَمَا أَدْرَاكَ مَا الْحُطَمَةُ{5}- ھۇتەمە نېمىدۇر، سەن نەدىن بىلىسەن؟».

يەنى، ئى مۇھەممەد! سەن «ھۇتەمە»نىڭ قانداق نەرسە ئىكەنلىكىنى ئەسلا بىلەلمەيسەن. سەن ئۇنى پەقەت مېنىڭ بىلدۈرۈشۈم  بىلەنلا بىلەلەيسەن.

ئاللاھ تائالا بۇ سۆزىدىن كېيىن ھۇتەمەنىڭ مەنىسىنى ئۆزى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ:

«نَارُ اللَّهِ الْمُوقَدَةُ {6} الَّتِي تَطَّلِعُ عَلَى الْأَفْئِدَةِ{7}- ئۇ ئاللاھنىڭ يېقىلغۇچى ئوتىدۇر. ئۇ شۇنداق ئوتكى دىللارغا يامىشىدۇ».

يەنى ئۇ شۇنداق دەھشەتلىك ئوتكى، ئاللاھ تەرىپىدىن يېقىلغاندۇر، ئۆزىنىڭ ئىچىگە تاشلانغانلارنىڭ گۆشلىرىنى كۆيدۈرۈپ، سۆڭەكلىرىنى سۇندۇرۇپ ئاخىرى ئۇلارنىڭ دىللىرىغا يامىشىدۇ.

ئاللاھ تائالا بۇ سۈرىنىڭ ئاخىرقى ئىككى ئايىتىدە ئۇ «ھۇمەزە لۇمەزە (يەنى ئىنسانلارنى ئەيىبلىگۈچى ۋە غەيۋىتىنى قىلغۇچى)لەرنىڭ بۇ ھۇتەمەنىڭ ئىچىدىكى ئەھۋالىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:

«إِنَّهَا عَلَيْهِم مُّؤْصَدَةٌ {8} فِي عَمَدٍ مُّمَدَّدَةٍ {9}- شۈبھىسىزكى، ئۇ ئوت ئۇلارنى قورشىغۇچىدۇر. ئۇلار سوزۇلغۇچى تۈۋرۈكلەرگە باغلانغۇچىدۇر».

 يەنى، ئۇ ھۇمەزە، لۇمەزەلەر بۇ ھۇتەمەنىڭ ئىچىگە قاتتىق ھاقارەتلەنگەن ھالەتتە تاشلانغاندىن كېيىن ئۇ ھۇتەمەنىڭ ئىشىكلىرى ئېتىلىدۇ، تۇۋاقلىرى يېپىلىدۇ، ئۇلار ئۇنىڭ ئىچىدە ئۇزۇن تۈۋرۈكلەرگە باغلانغان ھالەتتە ئازابلىنىدۇ.

ئاللاھ بىزنى باشقىلارنىڭ ئەيىبلىرىنى ئىزدەشكە ئەمەس، ئۆزلىرىنىڭ ئەيىبلىرىنى تۈزىتىشكە تىرىشىدىغان، پۇل-مالنى غايە ئەمەس ۋاسىتە دەپ چۈشىنىدىغان، دۇنيا ھاياتىنىڭ قىسقا مۇددەتلىك بىر ھايات ئىكەنلىكىنى ئېسىدىن چىقىرىۋەتمەيدىغان ياخشى بەندىلىرىنىڭ قاتارىدىن قىلسۇن، شۇنداقلا ئۇ ھۇتەمەدىن ساقلىسۇن! ئالىم ئوغلى تەييارلىغان


[1] – ئەنبىيا 21/35؛ ئەنكەبۇت 29/57.
[2] – رەھمان 55/26.

 

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر