مۇسۇلمانلار

دادام ھاراقكەش قانداق قىلاي؟

سوئال:
مېنىڭ دادام بۇ يىل 60 ياشتىن ئاشقان بولسىمۇ ھاراق ئىچىشنى تاشلىمىدى، نۇرغۇن نەسىھەت قىلساممۇ ئاڭلىمىدى، دايىم مەس بوپ قالسا «ھۇ ،،، ۋاھابىلار، كۈندە ناماز ئوقۇيسىلەر، بۇرۇنقىدەك توي تۆكۇن، نەزىر چىراقلارغا بارمايسىلەر، ياپياش تۇرۇپ قېرى مېجەز بولۇۋالىسىلەر،،،،، ئاۋۇ روپاش ئايالىڭغا دېگىن،،،، بېشىنى ياغلىق بىلەن چۈڭكەپ يۈرمىسۇن نومۇسۇمنى كەلتۈرۈپ،،، خەقنىڭ بالىلىرى بالىسىنىڭ سۈننەت تويىنى رېستۇرانلاردا قىلسا بارمايسىلەر،،،، كېيىن بالاڭنىڭ سۈننەت تويىغا كىم كېلىدۇ؟» دەپ مېنى تىللايدۇ،،،، «سۈننەت توي قىلمايمەن،،،،» دېسەم مېنى تېخىمۇ ئاھانەتلىك تىللار بىلەن تىللايدۇ،،،،،،، مەن شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋىتىمنى ياخشىلاشقا تىرىشىپ كېلىۋاتىمەن،،،،،،، مەن زادى قانداق قىلىشىم كېرەك؟­­­­­­­­­ــ تەۋپىق
جاۋاب:
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«وَقَضَى رَبُّكَ أَلاَّ تَعْبُدُواْ إِلاَّ إِيَّاهُ وَبِالْوَالِدَيْنِ إِحْسَاناً إِمَّا يَبْلُغَنَّ عِندَكَ الْكِبَرَ أَحَدُهُمَا أَوْ كِلاَهُمَا فَلاَ تَقُل لَّهُمَا أُفٍّ وَلاَ تَنْهَرْهُمَا وَقُل لَّهُمَا قَوْلاً كَرِيماً {23} وَاخْفِضْ لَهُمَا جَنَاحَ الذُّلِّ مِنَ الرَّحْمَةِ وَقُل رَّبِّ ارْحَمْهُمَا كَمَا رَبَّيَانِي صَغِيراً {24}»- سورة الإسراء.
«رەببىڭ مۇنداق ھۆكۈم قىلدى: ئاللاھدىن باشقىسىغا ئىبادەت قىلماڭلار ۋە ئاتا-ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار. ئەگەر ئۇلارنىڭ بىرى ياكى ئىككىلىسى سېنىڭ يېنىڭدا قېرىپ قالسا، ئۇلارغا: ‹ئۇفف!› دېگەن سۆزنىمۇ قىلما. ئۇلارغا ئازار بەرمە، ئۇلارغا چىرايلىق گەپ قىل. (ئۇفف! دېگەن سۆز بەزگەنلىكنى ۋە زېرىككەنلىكنى ئىپادىلەيدۇ)
ئۇلارغا مېھرىبانلىق ۋە كەمتەرلىك بىلەن قول-قانات بولغىن ۋە ئۇلار ئۈچۈن مۇنداق دۇئا قىلغىن: «رەببىم! ئاتا-ئانام مېنى كىچىكلىكىمدە قانداق تەربىيىلىگەن بولسا، سەن ئۇلارغا شۇنداق رەھىم قىلغىن!»ئىسرا 17/23- 24.
«وَوَصَّيْنَا الْإِنسَانَ بِوَالِدَيْهِ حَمَلَتْهُ أُمُّهُ وَهْناً عَلَى وَهْنٍ وَفِصَالُهُ فِي عَامَيْنِ أَنِ اشْكُرْ لِي وَلِوَالِدَيْكَ إِلَيَّ الْمَصِيرُ{14} وَإِن جَاهَدَاكَ عَلى أَن تُشْرِكَ بِي مَا لَيْسَ لَكَ بِهِ عِلْمٌ فَلَا تُطِعْهُمَا وَصَاحِبْهُمَا فِي الدُّنْيَا مَعْرُوفاً وَاتَّبِعْ سَبِيلَ مَنْ أَنَابَ إِلَيَّ ثُمَّ إِلَيَّ مَرْجِعُكُمْ فَأُنَبِّئُكُم بِمَا كُنتُمْ تَعْمَلُونَ {15}»- سورة لقمان.
«بىز ئىنسانغا مۇنداق دەپ بۇيرۇق چۈشۈردۇق- ئانىسى ئۇنى ئۈستى-ئۈستىلەپ ئاجىزلىق بىلەن قورسىقىدا كۆتۈردى. ئۇ ئىككى يىلدا ئەمچەكتىن ئايرىلىدۇ-: «ماڭا ۋە ئاتا-ئاناڭغا شۈكۈر قىل. ئاخىرى كېلىپ ماڭا ھېساب بېرىسەن.
ئەگەر ئۇلار سېنى سەن بىلمەيدىغان بىر نەرسىنى ماڭا شېرىك قىلىشقا زورلىسا ئۇلارغا ئىتائەت قىلما، لېكىن دۇنيا ئىشلىرىدا ئۇلار بىلەن ياخشى ئۆت. ماڭا داۋاملىق يۆنەلگەن كىشىنىڭ يولىغا ئەگەش. ھەممىڭلار مېنىڭ دەرگاھىمغا قايتىسىلەر، ئاندىن مەن سىلەرگە قىلمىشىڭلارنى ئېيتىپ بېرىمەن»- لۇقمان 31/14.
ئاللاھ تەئالا بۇ ئايەتلەردە ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇش بىلەن بىرگە گۇناھ بولىدىغان ئىشلاردا ئۇلارغا ئىتائەت قىلىشتىن توسىدۇ.
ئۇلار گۇناھ بولىدىغان ئىشقا بۇيرۇسا ئۇلارغا ئىتائەت قىلىشتىن توسىدۇ، لېكىن مۇشۇنداق ئەھۋالدىمۇ دۇنيالىق ئىشلاردا ئۇلار بىلەن ياخشى ئۆتۈشىمىزگە بۇيرۇيدۇ.
بۇنىڭغا ئاساسەن ئاتا-ئانىمىز بىزنى گۇناھ قىلىشقا زورلىسا، ئۇلارغا ئىتائەت قىلمايمىز. لېكىن يەنىلا دۇنيالىق ئىشلاردا ئۇلارغا قولىمىزدىن كەلگىنىچە ياخشىلىق قىلىشقا تىرىشىمىز. ئۇلارنىڭ گۇناھ قىلىشىغا ئەسلا رازى بولمايمىز. لېكىن قولىمىزدىن «چىرايلىقچە نەسىھەت» تىن ۋە ئۇلار ئۈچۈن ئاللاھقا دۇئا قىلىشتىن باشقا بىر ئىش كەلمەيدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن سىز دادىڭىزغا چىرايلىقچە نەسىھەت قىلىشنى تەرك ئەتمەڭ، ئۇنىڭغا ھاراقنىڭ قەتئىي ھارام ئىكەنلىكىنى، ھاراقنىڭ زىيانلىرىنى ئىلمىي يوسۇندا، تاتلىق بىر تىل بىلەن چۈشەندۈرۈڭ، ھەر پۇرسەتتە ئۆزىڭىزنىڭ تەقۋادار بىر مۇسۇلمان ئىكەنلىكىڭىزنى، ئۇنىڭ قىلىمشلىرىغا ئەسلا رازى ئەمەسلىكىڭىزنى ئىپادىلەپ تۇرۇڭ. لېكىن شۇنداقتىمۇ ئۇ يەنىلا ھاراقنى تاشلىمىسا سىز ئۇنىڭغا ياخشى مۇئامىلە قىلىۋېرىڭ، دۇنيالىق ئىشلاردا ئۇنىڭ ياردەمچىسى بولۇڭ. سىز توغرا يولدا بولسىڭىز دادىڭىزنىڭ توغرا يولدا بولمىغانلىقى سىزگە ھېچقانداق زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُواْ عَلَيْكُمْ أَنفُسَكُمْ لاَ يَضُرُّكُم مَّن ضَلَّ إِذَا اهْتَدَيْتُمْ إِلَى اللّهِ مَرْجِعُكُمْ جَمِيعاً فَيُنَبِّئُكُم بِمَا كُنتُمْ تَعْمَلُونَ {105}»-سورة المائدة
«ئى مۇئمىنلار! ئۆزۈڭلارنى گۇناھتىن ساقلاڭلار، سىلەر قاچانىكى توغرا يولدا بولساڭلار، باشقىلارنىڭ ئاداشقىنى سىلەرگە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر، ئاللاھ قىلغان ئەمەلىڭلارنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرىدۇ»مائىدە 5/105.
شۇنى ئۇنتۇماسلىق لازىمكى: ھەر كىشىنىڭ دوزاخقا كىرىش ئەركىنلىكى بار. بۇ ئەركىنلىكنى ئۇلارغا ئاللاھ بەرگەنلىك ئۈچۈن ھېچكىم ھېچكىمنى ھىدايەتكە زورلىيالمايدۇ، ھىدايەت يولىنى كۆرسىتىدۇ، خالاس.
نۇھ ئەلەھيسىسالام ۋە لۇت ئەلەيھىسسالامدەك پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاياللىرى بۇ ئەركىنلىكى بىلەن دوۋزاخ يولىنى تاللىغان. فىرئەۋندەك بىر زالىمنىڭ ئايالى جەننەت يولىنى تاللىغان. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«ضَرَبَ اللَّهُ مَثَلاً لِّلَّذِينَ كَفَرُوا اِمْرَأَةَ نُوحٍ وَاِمْرَأَةَ لُوطٍ كَانَتَا تَحْتَ عَبْدَيْنِ مِنْ عِبَادِنَا صَالِحَيْنِ فَخَانَتَاهُمَا فَلَمْ يُغْنِيَا عَنْهُمَا مِنَ اللَّهِ شَيْئاً وَقِيلَ ادْخُلَا النَّارَ مَعَ الدَّاخِلِينَ {10} وَضَرَبَ اللَّهُ مَثَلاً لِّلَّذِينَ آمَنُوا اِمْرَأَةَ فِرْعَوْنَ إِذْ قَالَتْ رَبِّ ابْنِ لِي عِندَكَ بَيْتاً فِي الْجَنَّةِ وَنَجِّنِي مِن فِرْعَوْنَ وَعَمَلِهِ وَنَجِّنِي مِنَ الْقَوْمِ الظَّالِمِينَ {11}»- سورة التحريم
«ئاللاھ كاپىرلارغا نۇھ ۋە لۇتنىڭ ئاياللىرىنى مىسال قىلدى. ئۇ ئىككى ئايال بەندىلىرىمىزدىن ئىككى ياخشى بەندىنىڭ نىكاھىدا ئىدى، ئۇ ئىككى ئايال ئۇ ئىككى ياخشى بەندىگە خىيانەت قىلدى، ئۇ ئىككى ياخشى بەندە ئاللاھدىن كەلگەن ھېچ نەرسىنى ئۇ ئىككى ئايالدىن دەپئى قىلالمىدى. ئۇ ئىككى ئايالغا: ‹كىرگۈچىلەر بىلەن دوزاخقا كىرىڭلار!› دېيىلدى.
ئاللاھ مۇئمىنلارغا فىرئەۋننىڭ ئايالىنى مىسال قىلدى. ئۇ ئايال ئۆز ۋاقتىدا: ‹رەببىم! دەرگاھىڭدا، جەننەتتە مەن ئۈچۈن بىر ئۆي بىنا قىلغىن، مېنى فىرئەۋندىن ۋە ئۇنىڭ ئەمىلىدىن قۇتۇلدۇرغىن، مېنى زالىم قەۋمدىن قۇتۇلدۇرغىن› دېگەن ئىدى»- تەھرىم 66/10-11.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر