مۇسۇلمانلار

توزنى يېگىلى بولامدۇ؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
سوئال:
سىزدىن شۇنى سوراپ باقاي دىگەن: بىر نەۋرە ئاكام بىر نەچچە توز بېقىپتىكەن. مەندىن توز گۈشى ھالالمۇ ھاراممۇ؟ دەپ سورىغانتى، بۇنىڭدىن خەۋرىمىز بولمىغاچ سىلىدىن تەلىم ئالىلى دېگەنتۇق. تەلىم بەرگەن بولسىلا!    ــــــــــ      تەۋۋاب
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
جاۋابنى قۇرئان كەرىمدىكى ئورنى كۆرسىتىلگەن ئايەتلەر بىلەن بىرلىكتە ئوقۇسىڭىز، بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇماتقا ئىگە بولىسىز. ئاللاھ مۇۋەپپەق قىلسۇن.
جـــاۋاب:
1 – ھالال ۋە ھارام
دىنىمىز بەزى نەرسىلەرنىڭ ھاراملىقىنى ۋە بەزى نەرسىلەرنىڭ ھالاللىقىنى ئېنىق بايان قىلىش بىلەن بىرگە، ھارام نەرسىلەردىن يىراق تۇرۇشقا، ھالال نەرسىلەردىن پايدىلىنىشقا بۇيرۇيدۇ، مسىلەن:
بەقەرە سۈرىسىنىڭ 173 – ئايىتى، مائىدە سۈرىسىنىڭ 3 – ئايىتى، ئەنئام سۈرىسىنىڭ 145 – ئايىتى ۋە نەھل سۈرىسىنىڭ 115 – ئايىتى قاتارلىق ئايەتلەردە بىرقانچە تۈرلۈك نەرسىنىڭ ھاراملىقى بايان قىلىنىدۇ.
مائىدە سۈرىسىنىڭ 4 – ۋە 5 – ئايەتلىرىدە، پاك نەرسىلەرنىڭ ھالال قىلىنغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. يەنە مائىدە سۈرىسىنىڭ 87 – ئايىتىدە مۇئمىنلار ئاللاھ ھالال قىلغان پاك نەرسىلەرنى ھارام قىلىشتىن مەنئى قىلىنىدۇ ۋە يەنە بۇ سۈرىسىنىڭ (مائىدە سۈرىسىنىڭ) 88 – ئايىتىدە مۇئمىنلار ئاللاھ ھالال قىلغان پاك نەرسىلەرنى يېيىشكە ئەمر قىلىنىدۇ. بۇ ئەمر، نەھل سۈرىسىنىڭ 114 – ئايىتىدىمۇ ئۆتىدۇ.
ئاللاھ تەئالا بەقەرە سۈرىسىنىڭ 168 – ئايىتدە پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە خىتاب قىلىپ: «ئى ئىنسانلار! يەر يۈزىدىكى ھالال – پاكىز نەرسىلەردىن يەڭلار» دەيدۇ.
ئاللاھ تەئالا يەنە بەقەرە سۈرىسىنىڭ 172 – ئايىتىدە مۇئمىنلارغا خىتاب قىلىپ: «ئى مۇئمىنلار! بىز سىلەرگە رىزىق قىلىپ بەرگەن پاك نەرسىلەردىن يەڭلار» دەيدۇ.
ئاللاھ تەئالا مۇئمىنۇن سۈرىسىنىڭ 51 – ئايىتىدە بولسا، پۈتكۈل پەيغەمبەرلەرگە خىتاب قىلىپ: «ئى پەيغەمبەرلەر! پاك نەرسىلەر (تەييىبات) دىن يەڭلار» دەيدۇ.
بۇ ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنى، ھالال قىلىشتا پاكلىك، ھارام قىلىشتا ناپاكلىق ئاساس قىلىنىدىغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ.
ئەنئام سۈرىسىنىڭ 145 – ئايىتىدە بىر قىسىم ھارام نەرسىلەر بايان قىلىنغان بولۇپ، بۇلارنىڭ بىرى بولغان «چوشقا گۆشى» دىن كېيىن «چۈنكى ئۇ، پاسكىنىدۇر» دېگەن ئىپادە زىكىر قىلىنىدۇ. بۇ ئايەتنىڭ مەزمۇنى، ھارام قىلىشتا پاسكىنىلىق (ناپاكلىق) ئاساس قىلىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە ھالاللىقنىڭ ئۆلچىمىنىڭ پاكلىق ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىدۇ.
قۇرئان كەرىمدە «ھالال» زىكىر قىلىندىغان ئايەتلەردە «پاك» دېگەن سۆزنىڭ كېلىشى، «ھارام» زىكىر قىلىنىدىغان ئايەتلەردە «ناپاك، پاسكىنا» دېگەن سۆزىلەرنىڭ كېلىشى يۇقىرىدىكى مەزمۇننى توغرىلايدۇ.
2 – پەيغەمبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ھوقۇقى
ئاللا تەئالا ئەئراف سۈرىسىنىڭ 157 – ئايىتدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىنى بايان قىلىۋېتىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ، ئۇلارغا پاك نەرسىلەرنى ھالال قىلىدۇ. ناپاك نەرسىلەرنى ھارام قىلىدۇ». تەھرىم سۈرىسىنىڭ بىرىنچى ئايىتىدە بولسا: «ئى پەيغەمبەر! نېمە ئۈچۈن ئاللاھ ساڭا ھالال قىلغان نەرسىنى ھارام قىلىسەن؟» دەيدۇ.
بۇ ئىككى ئايەتنىڭ مەزمۇنى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھالال قىلىشىنىڭ پاك نەرسىلەر بىلەن، ھارام قىلىشىڭ پاسكىنا نەرسىلەر بىلەن چەكلىك ئىكەنلىكىگە، شۇنداقلا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھالال ياكى ھارام قىلىشتا ئاللاھ تەئالا بەلگىلىگەن پرىنسىتىن چىقالمايدىغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ.
شۇنىڭدەك، ئۇ ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر نەرسىنى ھارام دېگەن بولسا ۋە ئاللاھ تەئالا يۇقىرىقىدەك تۈزىتىش بەرمىگەن بولسا، ئۇ نەرسىنىڭ ھارام ئىكەنلىكىگىمۇ دالالەت قىلىدۇ. يەنى ھەدىسلەردە ھاراملىقى بايان قىلىنغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ھارامدۇر.
3 – ھالال ۋە ھارام قىلىشتا پرىنسىپ
ئا – ھالال – ھارام بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەت ۋە ھەدىسلەردىن ھالال قىلىشتا پاكلىق، ھارام ناپاكلىق ئاساس قىلىنىدىغانلىقى چىقىدۇ. بۇ ئايەتلەرنىڭ تولىسى يۇقىرىدا زىكىر قىلىندى.
بۇنىڭغا ئاساسەن قۇرئان كەرىمدە ياكى ھەدىس شەرىپلەردە ھاراملىقى ئېنىق بايان قىلىنمىغان نەرسىلەرنىڭ ھالال ياكى ھاراملىقى يۇقارقى پرىنسىپ بويىچە ئايرىلىدۇ. ئەگەر مۇتەخەسسىس كىشىلەر تەرىپىدىن بىر نەرسىنىڭ پاك ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان بولسا ھالالدۇر؛ ئەگەر ناپاك ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان بولسا ھارامدۇر.
ب – ھاراملىقتا يەنە مۇنداق ئىككى نەرسە ئاساس قىلىنىدۇ؛ بىرى زەھەرلىك بولۇش يەنى بىرى زىيانلىق بولۇش. بۇنىڭغا ئاساسەن قۇرئان كەرىمدە ياكى ھەدىس شەرىپلەردە ھاراملىقى ئېنىق بايان قىلىنمىغان نەرسىلەرنىڭ زىيانلىق ياكى زەھەرلىك ئىكەنلىكى مۇتەخەسسىس كىشىلەر تەرىپىدىن ئېنىقلانغان بولسا، ئۇ نەرسىلەر ھارام ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«ئۆزۈڭلارنى ئۆلتۈرمەڭلار» (نىسا 29)،
«ئۆزۈڭلارنى ھالاكەتكە ئاتماڭلار» (بەقەرە 195 – ئايەت) دەيدۇ،
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «كىم زەھەر ئىچىپ ئۆلۈۋالىدىكەن، قىيامەت كۈنى دوزاختا زەھەر ئىچىپ مەڭگۈ قالىدۇ» (بۇ ھەدىسنى بۇخارى ۋە ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلىدۇ)،
«زىيان تارتىشقىمۇ بولمايدۇ، زىيان تارتقۇزۇشقىمۇ بولمايدۇ» (بۇ ھەدىسنى ئەھمەد ۋە ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلىدۇ).
مانا بۇ ئايەت ۋە ھەدىسلەردىن زىيانلىق ۋە زەھەرلىك نەرسىلەرنىڭمۇ ھاراملىقى چىقىدۇ.
خۇلاسە
قۇرئاندا ئوچۇق ھارام دېيىلمىگەن ھايۋانلاردىن،
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆلتۈرۈۋېتىشقا بۇيرۇغان ھايۋاننىمۇ يېگىلى بولمايدۇ. مەسىلەن: يىلان، قاغا ۋە ئىت.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆلتۈرۈۋېتىشتىن توسقان ھايۋاننىمۇ يېگىلى بولمايدۇ. مەسىلەن: ھۆپۈپ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يېيىشتىن توسقان ھايۋاننىمۇ يېگىلى بولمايدۇ. مەسىلەن: يىرتقۇچ ھايۋان ۋە قۇشلار. يىرتقۇچ قۇشلار تىرنىقى ئۆتكۈر قۇشلار، دەپ ئاتىلىدۇ. يەنى قارچىغادەك ئوۋ قۇشلىرى.
توزغا كەلسەك، توز بۇ قۇشلارنىڭ ھېچبىرىنىڭ قاتارىدا يوق. شۇنىڭ ئۈچۈن توزنى يېگىلى بولىدۇ. لېكىن تۇزنىڭ زىيانلىق ياكى زەھەرلىك قۇش ئىكەنلىكى ئىسپاتلانسا يېمەسلىك كېرەك. چۈنكى بۇ تەقدىردە يۇقىرىدىكى دەلىللەر ئۇنىڭ ھاراملىقىغا دالالەت قىلىدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر