مۇسۇلمانلار

ئىپپەتسىز بىلەن نىكاھ دۇرۇسمۇ؟

سوئال:
ئىپپەتسىز ئايالنى نىكاھىمغا ئالسام دۇرۇس بولامدۇ؟ ــ ئامان
جاۋاب:
ئەر بولسۇن ئايال بولسۇن زىنادىن تەۋبە قىلمىغان بىر كىشىنىڭ ئىپپەتلىك بىر مۇئمىن بىلەن نىكاھلىنىشى ھارامدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن زىنا قىلغۇچى، يا ئۆزىگە ئوخشاش زىنا قىلغۇچى بىلەن ياكى مۇشرىك بىلەن نىكاھلىنىشى كېرەك. چۈنكى ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«الزَّانِي لَا يَنكِحُ إلَّا زَانِيَةً أَوْ مُشْرِكَةً وَالزَّانِيَةُ لَا يَنكِحُهَا إِلَّا زَانٍ أَوْ مُشْرِكٌ وَحُرِّمَ ذَلِكَ عَلَى الْمُؤْمِنِينَ {3}»
«زىنا قىلغۇچى ئەر، زىنا قىلغۇچى ياكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگۈچى ئايالدىن باشقىسىنى نىكاھىغا ئالالمايدۇ. زىنا قىلغۇچى ئايالغا كەلسەك، ئۇنى زىنا قىلغۇچى ياكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگۈچى ئەردىن باشقىسى نىكاھىغا ئالالمايدۇ. بۇ، مۇئمىنلارغا ھارام قىلىندى»- (نۇر 24/3).
دېمەك، زىنا قىلغۇچى ئەر ئۆزىگە ئوخشاش زىنا قىلغۇچى ئايالدىن باشقا ئايالنى نىكاھىغا ئالسا بولمايدۇ، زىنا قىلغۇچى ئايالمۇ ئۆزىگە ئوخشاش زىنا قىلغۇچى كىشىدىن باشقا بىر كىشىگە تەگسە بولمايدۇ. بۇ زىناخورلارنىڭ باشقا بىرى بىلەن نىكاھلىنىشى ھارمدۇر. زىناخورلار مۇشرىكلار بىلەنمۇ نىكاھلىنالايدۇ.
 ئەگەر بىر زىنا قىلغۇچى بۇرۇنقى قىلمىشىغا ھەقىقىي تەۋبە قىلىپ، ئۆزىنى تۈزەتكەن بولسا، تۆۋەندىكى ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنى بويىچە تەۋبىسى قوبۇل قىلىنىدۇ، شۇنداقلا ئىپپەتلىك مۇسۇلمانلار بىلەن نىكاھلىنالايدۇ.
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«… إِنَّ الْحَسَنَاتِ يُذْهِبْنَ السَّـيِّئَاتِ ذَلِكَ ذِكْرَى لِلذَّاكِرِينَ{114}»
 1- «شۇبھىسىزكى، ياخشى ئىشلار ئارقىلىق يامان ئىشلار يۇيۇلىدۇ. بۇ چۇشەنگۈچىلەر ئۈچۈن ۋەز- نەسىھەتتۇر»- (ھۇد 11/114).
«وَالَّذِينَ لَا يَدْعُونَ مَعَ اللَّهِ إِلَهاً آخَرَ وَلَا يَقْتُلُونَ النَّفْسَ الَّتِي حَرَّمَ اللَّهُ إِلَّا بِالْحَقِّ وَلَا يَزْنُونَ وَمَن يَفْعَلْ ذَلِكَ يَلْقَ أَثَاماً {68} يُضَاعَفْ لَهُ الْعَذَابُ يَوْمَ الْقِيَامَةِ وَيَخْلُدْ فِيهِ مُهَاناً {69} إِلَّا مَن تَابَ وَآمَنَ وَعَمِلَ عَمَلاً صَالِحاً فَأُوْلَئِكَ يُبَدِّلُ اللَّهُ سَيِّئَاتِهِمْ حَسَنَاتٍ وَكَانَ اللَّهُ غَفُوراً رَّحِيماً {70}»
2- «ئۇلار ئاللاھغا قوشۇپ باشقا بىر ئىلاھقىمۇ دۇئا قىلمايدىغان، ئاللاھ ئۆلتۈرۈشنى ھارام قىلغان جاننى ناھەق ئۆلتۈرمەيدىغان ۋە زىنا قىلمايدىغان كىشىلەردۇر. كىم بۇلارنى قىلسا جازاغا ئۇچرايدۇ،
قىيامەت كۈنى ئىككى ھەسسە ئازابقا دۇچار قىلىنىدۇ ۋە ئازاب ئىچىدە مەڭگۈ خارلىنىدۇ.
تەۋبە قىلىپ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئىش قىلغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئاللاھ بۇنداقلارنىڭ يامانلىقلىرىنى ياخشىلىقلارغا ئالماشتۇرىدۇ. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، رەھىم قىلغۇچىدۇر»- (فۇرقان 25/68-70).
«يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا تُوبُوا إِلَى اللَّهِ تَوْبَةً نَّصُوحاً عَسَى رَبُّكُمْ أَن يُكَفِّرَ عَنكُمْ سَيِّئَاتِكُمْ وَيُدْخِلَكُمْ جَنَّاتٍ تَجْرِي مِن تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ…»
3- «ئى مۇئمىنلار! ئاللاھقا سەمىمىي تەۋبە قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار رەببىڭلار سىلەرنىڭ يامانلىقلىرىڭلارنى يوققا چىقىرىشى ۋە سىلەرنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىشى مۇمكىن…»- (سۈرە تەھرىم 8- ئايەتنىڭ بىر قىسىمى).
مانا بۇ ئايەتلەر (تەرجىملىرى) نى دىققەت بىلەن قايتا-قايتا ئوقۇسىڭىز زىنادىن ئىبارەت قەبىھ گۇناھقىمۇ تەۋبە قىلسا، قوبۇل قىلىنىدىغانلىقىنى تونۇپ يېتەلەيسىز.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر