مۇسۇلمانلار

ھەر ئىنسان ئاللاھقا ئەھدە بېرىدۇ

ئەسسىلامۇ ـ ئەلەيكۇم
سوئال:
 ئۇستاز! سۈرە ئەئرافنىڭ 172ـ ۋە 173 ـ ئايەتلىرىنى تەپسىرلەپ چۇشەندۇرۇپ قويغان بولسىڭىز؟ ئاللاھ ئىلمىڭىزنى زىيادە قىلسۇن! ­­­­
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
جاۋاب:
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«وَإِذْ أَخَذَ رَبُّكَ مِن بَنِي آدَمَ مِن ظُهُورِهِمْ ذُرِّيَّتَهُمْ وَأَشْهَدَهُمْ عَلَى أَنفُسِهِمْ أَلَسْتَ بِرَبِّكُمْ قَالُواْ بَلَى شَهِدْنَا أَن تَقُولُواْ يَوْمَ الْقِيَامَةِ إِنَّا كُنَّا عَنْ هَذَا غَافِلِينَ {172} أَوْ تَقُولُواْ إِنَّمَا أَشْرَكَ آبَاؤُنَا مِن قَبْلُ وَكُنَّا ذُرِّيَّةً مِّن بَعْدِهِمْ أَفَتُهْلِكُنَا بِمَا فَعَلَ الْمُبْطِلُونَ {173}»
بۇ ئايەتلەرنىڭ تەرجىمىسى مۇنداق:
«رەببىڭ ئادەم بالىلىرىدىن يەنى ئۇلارنىڭ ئۇچىلىرىدىن ئۇلارنىڭ نەسىللىرىنى ئالغان ۋە ئۇلارنى ئۆزلىرىگە گۇۋاھ قىلىپ: ‹مەن سىلەرنىڭ رەببىڭلار ئەمەسمۇ؟› دېگەن چاغدا ئۇلار: ‹ھەئە، سەن ئەلۋەتتە بىزنىڭ رەببىمىزسەن، بىز بۇنىڭغا گۇۋاھ بولدۇق› دېدى. بۇ قىيامەت كۈنى: ‹بىز بۇنىڭدىن غاپىل ئىدۇق› دېمەسلىكىڭلار
ياكى: ‹ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئىلگىرى شېرىك كەلتۈرگەن ئىكەن، بىز ئۇلاردىن كېيىنكى نەسىل ئىدۇق. بىزنى ئەھدىسنى بۇزغۇچىلارنىڭ قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ھالاك قىلامسەن؟› دېمەسلىكىڭلار ئۈچۈندۇر»- ئەئراف، 7/172-173.
بىرىنچى ئايەت قىز بولسۇن ئوغۇل بولسۇن ئادەم ئەۋلادىنىڭ بالاغەتكە يەتكەن چېغىدا ئەقلى كامالەتكە يېتىپ، ئۆزىدىكى ۋە ئەتراپىدىكى مۆجىزىلەرگە قاراپ، ئاللاھ تەئالانىڭ بار ۋە بىرلىكىگە تولۇق ئىشىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
دىققەت قىلىدىغان بولساق كىچىك بالىلار گەپ قىلىشقا باشلىغاندىن تارتىپ ئاتا-ئانىسى ۋە ئەتراپىدىكىلەردىن ئاللاھ توغرۇلۇق سوئال سورايدۇ. ئۇلارنىڭ بۇنداق سوئاللىرى ئۇلار ئۇچىلىرىدىن نەسىللىرى (بالا ئۇرۇقى) ئېلىنىدىغان ياشقا يەتكەندە يەنى ئۇلار بالاغەتكە يەتكەندە توختايدۇ. چۈنكى ئۇلار بۇ چاغدا ئاللاھنىڭ بار ۋە بىرلىكىنى بىلىپ بولغان بولىدۇ، شۇنداقلا بۇ توغرۇلۇق سوئال سوراشقا ئېھتىياج ھېس قىلمايدۇ.
تېخىمۇ ئوچۇق ئېيتقانداقدا ئىنسان، بالىلىق يېشىدا ئاللاھنى ئىزدەشكە باشلايدۇ ۋە بۇ ھەقتە ئەتراپىدىكىلەردىن سوئال سورايدۇ. بارغانسېرى ئۇنىڭ بۇ توغرىدىكى سوئاللىرى ئازلاشقا باشلايدۇ. ئۇنىڭ  ئاخىرىدا يەنى بالاغەتكەتكە يەتكەندە ئاللاھنىڭ بارلىقى ۋە بىرلىكى توغرىسىدا قىلچە شۈبھىسى قالمايدۇ. چۈنكى ئاللاھ تەئالا كائىناتتىكى مۆجىزىلىرى بىلەن گويا ئۇنىڭغا: «مەن سېنىڭ رەببىڭ ئەمەسمۇ؟» دەپ سورايدۇ. ئۇ بولسا چىن يۈرەكتىن ۋە قەتئىي ئىرادە بىلەن: «ھەئە، سەن ئەلۋەتتە مىنىڭ رەببىمسەن، مەن بۇنىڭغا گۇۋاھ بولدۇم يەنى سېنىڭ بار ۋە بىرلىكىڭنى كۆزۈم بىلەن كۆرگەندەك بولدۇم» دەيدۇ. بۇ ئەھۋال ئۇنىڭ ھاياتى بويىچە داۋم قىلىدۇ. يەنى ھەر ئىنسان، ھەر بىر مۆجىزە كۆرگەندە ئاللاھنىڭ بار ۋە بىر ئىكەنلىكىنى ۋە ھەر نەرسىنى ئۇنىڭ ياراتقانلىقىنى تولۇق بىر قانائەت بىلەن قوبۇل قىلىدۇ.
ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلەر ۋە ئاللاھقا كاپىر بولغانلار ئۆزلىرىنىڭ ھەر پۇرسەتتە «ھەئە، سەن ئەلۋەتتە مىنىڭ رەببىمسەن، مەن بۇنىڭغا گۇۋاھ بولدۇم يەنى سېنىڭ بار ۋە بىرلىكىڭنى كۆزۈم بىلەن كۆرگەندەك بولدۇم»، دەپ ئاللاھقا بېرىپ كەلگەن ئەھدىسىنى بۇزغان بولىدۇ ۋە ئاللاھقا بولغان ئىمانىنى يۆگىگەن بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قىيامەت كۈنى «بىز بۇنىڭدىن غاپىل ئىدۇق»، «ئىلگىرى ئاتا-بوۋىلىرىمىز شېرىك كەلتۈرگەن ئىكەن، بىز ئۇلاردىن كېيىنكى نەسىل ئىدۇق. بىزنى ئەھدىسنى بۇزغۇچىلارنىڭ قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ھالاك قىلامسەن؟ » دېگەن سۆزلەرنىڭ ھېچبىرىنى قىلالمايدۇ. چۈنكى ھەر كاپىر ۋە ھەر مۇشرىك كاپىرلىق ۋە مۇشرىكلىق قىلىش بىلەن ئۆز ئەھدىسىنى بۇزغان بولىدۇ.
ئەھۋال مۇشۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن قىيامەت كۈنى دوزاخ ئەھلىگە: «سىلەر ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن كاپىر بولدۇڭلارمۇ؟ كاپىر بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن شۇ ئازابنى تېتىڭلار»- (ئال ئىمران 106- ئايەت) دېيىلىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەر بىرى دۇنيادا كۆرگەن ھەر مۆجىزە ئالدىدا ئىچىدە ئاللاھقا «سەن ئەلۋەتتە مىنىڭ رەببىمسەن، مەن بۇنىڭغا گۇۋاھ بولدۇم يەنى سېنىڭ بار ۋە بىرلىكىڭنى كۆزۈم بىلەن كۆرگەندەك بولدۇم»، دەپ ئەھدە  بەرگەن. بۇ ئۇلارنىڭ ئىمان ئېيتقانلىقى ئىدى. ئۇلار بۇ ئىمانىنى ئىچىدە ساقلاپ تېشىدا كاپىرلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن قىيامەت كۈنى ئۇلارغا يۇقارقى سۆز سۆزلىنىدۇ. كاپىر دېگەن سۆزنىڭ لۇغەت مەناسى يۆگىگۈچى، دېگەن بولىدۇ.
دېمەك، ھەر مۆجىزە ئالدىدا ئىچىدە ئاللاھقا «سەن ئەلۋەتتە مىنىڭ رەببىمسەن، مەن بۇنىڭغا گۇۋاھ بولدۇم يەنى سېنىڭ بار ۋە بىرلىكىڭنى كۆزۈم بىلەن كۆرگەندەك بولدۇم»، دەپ بەرگەن ئەھدىسىنى تىلى بىلەن ئىقرار، دىلى بىلەن تەستىق قىلىپ، شۇ ئەھدىسىنىڭ تەقەززاسى بويىچە ياشىغانلار مۇئمىن مۇسۇلمان، بۇ ئەھدىسىنى تىلى بىلەن ئىقرار، دىلى بىلەن تەستىق قىلمىغان، شۇنداقلا ئۇنىڭ تەققەززاسى بويىچە ياشىمىغانلار مۇشرىك كاپىر ھېسابلىنىدۇ. 
ئايەتلەر (يەنى ئەئراف سۈرىسىنىڭ 172- ۋە 173- ئايەتلىرى) قۇرئان كەرىم پۈتۈنلۈكى ئىچىدە مانا بۇ مەنالارنى ئىپادىلەيدۇ. لېكىن بەزى تەفسىرلەر ھېچقانداق دەلىلگە ئاساسلانماستىن بۇ ئىشنىڭ روھلار ئالەمىدە بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇ قۇرئان كەرىمگە تامامەن زىت بىر چۈشەنچىدۇر.
شۇنىڭ ئۈچۈن خەلق ئارىسىدا بۇ ئىش «ئەلمىساق»، «روزى مىساق»، «قالۇ بەلا»، دېگەن سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ بۇ توغرىدا بىلىدىغىنى قۇرئان كەرىمنىڭ بىر پۈتۈن ھالدا ئوتتۇرىغا قويغىنى ئەمەس، ئۇ تەپسىرلەرنىڭ ئىپادىلىرىدۇر.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر