مۇسۇلمانلار

بىدئەت دېگەن نېمە؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
سۇئال:
بىدئەت ـ ئاڭلاشقا زادى قىلسا بولمايدۇ، دېگەنلىكتەك تۇيغۇ بېرىدېكەن. بىدئەت تۈرلەرگە بۆلۈنەمدۇ؟ بىدئەت دېيىلگەن ئىشلارنى زادى قىلماسلىك كېرەكمۇ؟ ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن، مىنى ئۈمۈدسىز قويمىغايسىز!
                                                                                                                  ـــــ بەندە
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
دىنىمىزنىڭ ھەر ساھەسىدە نەبى ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش قىلىشىمىز كېرەك. نەبى ئەلەيھىسسالام سۆز ۋە ھەرىكەتلىرى بىلەن كۆرسەتمىگەن دىنى ئىشلارنىڭ ھەممىسى بىدئەت ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق ئىشلاردىن يىراق تۇرۇشىمىز كېرەك.
لېكىن دۇنيالىق ئىشلاردا بىدئەت، دەپ بىر گەپ يوق. مەسىلەن: يېمەك-ئىچمەكنىڭ تۈرلىرى، كىيىم-كېچەكنىڭ پاسونلىرى ۋە تۇرمۇش ساھەسىدىكى يېڭى كەشپىياتلار ۋە يېڭى نۇسخىلار بىدئەت قاتارىغا كىرمەيدۇ.
قىسقىسى بىدئەت دىنى ئىشتا بولىدۇ، دۇنيالىق ئىشتىكى ئۆرپ – ئادەتلەر، پەن – تېخنىكىلار بىدئەت قاتارىغا كىرمەيدۇ. نەبى ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«كىمكى ئىسلام دىنىدا بولمىغان بىر ئىشنى پەيدا قىلسا، ئۇ نەرسە قوبۇل قىلىنمايدۇ»- بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
«دۇنيالىق ئىشلىرىڭلارنى ئۆزۈڭلار ئوبدان بىلىسىلەر»- ئىبنى ماجە ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلغان.
ئەگەر نەبى ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا بولمىغان، لېكىن كېيىن پەيدا بولغان بارلىق نەرسىلەر بىدئەت بولىدىغان بولسا، سىز بىلەن بىزمۇ بىدئەت ھېسابلىنىمىز. چۈنكى بىزمۇ پەيغەمىرىمىزنىڭ زامانىدا يوق ئىدۇق.
يەنە بىر گەپ: مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆرپ-ئادىتى مۇسۇلمان ئەمەسلەرنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىگە ئوخشاپ قالسا بولمايدۇ.
ئىككى ئىشقا دىققەت قىلىشىمىز كېرەك: بىرى دىنى ئىشلىرىمىزنى بىدئەتتىن ساقلىشىمىز كېرەك. يەنە بىرى، غەيرىي مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىنى قوبۇل قىلماسلىقىمىز كېرەك. نەبى
ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى بىر قەۋمىگە ئوخشىۋالىدىكەن، ئۇ شۇ قەۋمدىن بولۇپ كېتىدۇ»- ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر