مۇسۇلمانلار

ئىنسان سۈرىسى

 

سۈرە ئىنسان
(تەرجىمىسى)
 
ياخشىلىقى چەكسىز، ئىنئامى كۆپ ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.
 
1- ئىنسانغا، زىكىر قىلنغۇچى بىر نەرسە بولمىغان چېغىدا زاماندىن بىر مۇددەت كەلدى، شۇنداققۇ!
2- شۈبھىسىزكى، بىز ئىنساننى ئۇرۇقلانغان ئارىلاشما تۇخۇمدىن ياراتتۇق. ئۇنى سىنايمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى ئاڭلىغۇچى ۋە كۆرگۈچى قىلدۇق.  3- شۈبھىسىزكى، بىز ئۇنىڭغا يولنى كۆرسەتتۇق. ئۇ يا شۈكۈر ئېيتقۇچى يا تۇزكورلۇق قىلغۇچى بولىدۇ.
4- شۈبھىسىزكى، بىز كاپىرلارغا زەنجىرلەرنى، تاقاقلارنى ۋە دوزاخنى تەييارلىدۇق.
5- شۈبھىسىزكى، ياخشىلار كافۇر ئارىلاشتۇرۇلغان جاملاردىن ئىچىدۇ.
6- ئۇ، ئاللاھنىڭ بەندىلىرى خالىغان يەرلىرىگە ئېقىتىپ ئىچىدىغان بىر بۇلاقتۇر.
7- ئۇ بەندىلەر نەزىرلىرىگە[1] ۋاپا قىلىدۇ، يامانلىقى كەڭ تارقىلىدىغان كۈندىن قورقىدۇ،
8- تائامنى ئۆزلىرىنىڭ يېگۈسى كېلىپ تۇرسىمۇ مىسكىن، يېتىم ۋە ئەسىرلەرگە يېگۈزىدۇ،
9- ئۇلارغا تائام يېگۈزىۋېتىپ مۇنداق دەيدۇ: «شۈبھىسىزكى، بىز سىلەرگە ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن تائام يىگۈزىمىز، سىلەردىن مۇكاپاتمۇ، تەشەككۇرمۇ كۆزلىمەيمىز.
10- چۈنكى بىز رەببىمىزنىڭ، تۇتۇق ۋە دەھشەتلىك كۈنىدىن قورقىمىز».
11- بۇ سەۋەبتىن ئاللاھ ئۇلارنى ئاشۇ كۈننىڭ يامانلىقىدىن ساقلىدى، ئۇلارنىڭ يۈزلىرىگە نۇر، دىللىرىغا خۇشاللىق بەردى،
12- ئۇلارنى سەۋر قىلغانلىقىلىرى ئۈچۈن جەننەت ۋە يىپەك كىيىملەر بىلەن مۇكاپاتلىدى.
13- ئۇلار ئۇ جەننەتتە تەختلەرنىڭ يۆلەنچۈكلىرىگە يۆلۈنۈپ ئولتۇرىدۇ. ئۇلار ئۇ جەننەتتە كۆيدۈرىدىغان ئاپتاپمۇ، توڭدۇرىدىغان سوغۇقمۇ كۆرمەيدۇ.
14- ئۇلارغا ئۇ جەننەتنىڭ سايىلىرى يېقىن بولىدۇ، مېۋىلىرىنى ئۈزۈش ئاسان قىلىنىدۇ.
15- ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىن كۈمۈش قاچىلار ۋە قەدەھلەر ئايلاندۇرۇپ تۇرۇلىدۇ. ئۇ قەدەھلەر شىشلەردىن ياسالغان.
16- ئۇ شىشىلەر كۈمۈشتىن ياسالغان. ئۇلار ئۇنى ئۆلچەيدۇ.
17- ئۇلار يەنە ئۇ جەننەتتە زەنجەبىل ئارىلاشتۇرۇلغان جاملار بىلەن سۇغۇرۇلىدۇ.
18- ئۇ، سەلسەبىل دەپ ئاتىلىدىغان بىر بۇلاقتۇر.
19- ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا بالىلار ئايلىنىپ تۇرىدۇ. سەن ئۇلارنى كۆرگەن چېغىڭدا، ئۇلارنى چېچىلغۇچى مەرۋايىت، دەپ ئويلايسەن.
20- ئۇ يەردە كۆرسەڭ، نېمەت ۋە بۈيۈك بىر پادىشاھلىق كۆرىسەن.
21- ئۇلارنىڭ ئۈستىدە يۇپقا ۋە قېلىن يىپەكلەردىن يېشىل كىيىملەر بولىدۇ. ئۇلار كۈمۈش بىلەيزۈكلەر بىلەن زىننەتلىنىدۇ. رەببى ئۇلارنى پاك ئىچىملىك بىلەن سۇغۇرىدۇ.
22- ئۇلارغا مۇنداق دېيىلىدۇ: «مانا بۇ، سىلەرنىڭ مۇكاپاتىڭلار ئىدى. مېھنىتىڭلارغا تەشەككۈر ئېيتىلغان ئىدى[2]».
23- ئى مۇھەممەد! ساڭا قۇرئاننى بىز نازىل قىلدۇق.
24- شۇنىڭ ئۈچۈن رەببىڭنىڭ ھۆكمىگە سەۋر قىل، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ھېچبىر گۇناھكارغا ياكى تۇزكورغا ئىتائەت قىلما،
25- ئەتە-ئاخشام رەببىڭنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىل،
26- كېچىنىڭ بىر قىسمىدا ئۇنىڭغا سەجدە قىل، كېچىنىڭ ئۇزۇن بىر قىسمىدا ئۇنىڭغا تەسبىھ ئېيت.
27- شۈبھىسىزكى، مۇشرىكلار تېز ئۆتۈپ كەتكۈچىنى[3] ياخشى كۆرىدۇ، ئېغىر كۈننى ئارقىسىدا قويىدۇ.
28- بىز ئۇلارنى ياراتتۇق ۋە ئۇلارنىڭ بەدەنلىرىنى مەزمۇت قىلدۇق. خالىغان چېغىمىزدا ئۇلارنى ئوخشاشلىرى بىلەن ئالماشتۇرىمىز.
29- شۈبھىسىزكى، بۇ بىر ئەسلىتىشتۇر. خالىغان كىشى رەببىگە يەتكۈزىدىغان يولنى تۇتسۇن.
30- سىلەر پەقەت ئاللاھ خالىغاندىلا خالايسىلەر. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
31- ئاللاھ خالىغان كىشىنى رەھمىتىگە ئېرىشتۈرىدۇ. زالىملارغا بولسا ئېغىر ئازاب تەييارلىدى.
———————————————————–
[1]– نەزىر ـــ ئاللاھ بۇيرۇمىغان، لېكىن ئۇلار ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن قىلىشنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان ياخشى ئىشلاردۇر. مەسىلەن: ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن مانچە كۈن روزا تۇتىمەن، ياكى ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن مانچە مىسكىنگە تائام بېرىمەن، دېگەندەك سۆزلەر بىلەن ئۈستىگە ئالغان ئىش نەزىردۇر. «ئۇلار نەزىرلىرىگە ۋاپا قىلىدۇ» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى ئۇلار ئاللاھقا بەرگەن ۋەدىلىرىدە تۇرىدۇ، دېگەن بولىدۇ.

 [2]– يەنى سىلەرنىڭ دۇنيادىكى چېغىڭلاردا قىلغان ياخشى ئەمەللىرىڭلارغا ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ تەئالا تەرىپىدىن تەشەككۈر ئېتىلغان ۋە سىلەرگە بۇ مۇكاپاتلار تەييارلانغان. ھازىر سىلەرگە بېرىلگەن بۇ نازۇنېمەتلەر ئەنە شۇ مۇكاپاتلاردۇر.

  [3]– دۇنيانىڭ ۋاقىتلىق نېمەتلىرىنى.

 

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر