مۇسۇلمانلار

مۇنافىقۇن سۈرىسى

مۇنافىقۇن سۈرىسى
(تەرجىمىسى)
ياخشىلىقى چەكسىز، ئىنئامى كۆپ ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.
1- ئى مۇھەممەد! مۇناپىقلار يېنىڭغا كەلگەن چاغلىرىدا ساڭا: «گۇۋاھلىق بېرىمىزكى، سەن ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ ئەلچىسى» دەيدۇ. ئاللاھ بىلىدۇكى، سەن ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ ئەلچىسى. ئاللاھ گۇۋاھلىق بېرىدۇكى، مۇناپىقلار ھەقىقەتەن يالغانچىلاردۇر.
2- ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قەسەملىرىنى قالقان قىلىپ، ئاللاھنىڭ يولىدىن توستى. ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى نېمىدېگەن يامان!
3- بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئۇلار ئىمان ئېيتتى، ئاندىن كاپىر بولدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ قەلبلىرىگە مۆھۈر بېسىلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار چۈشەنمەيدۇ.
4- ئۇلارنى كۆرگەن چېغىڭدا، ئۇلارنىڭ جىسىملىرى سېنى ئەجەبلەندۈرىدۇ. ئەگەر ئۇلار سۆزلىسە سۆزىگە قۇلاق سالىسەن. گويا ئۇلار يۆلەپ قويۇلغان ياغاچلاردۇر. ئۇلار ھەر ئاۋازنىڭ ئۆزلىرىگە قارىتىلغانلىقىنى ئويلايدۇ. ئۇلار دۈشمەندۇر. ئۇلاردىن ئېھتىيات قىل. ئاللاھ ئۇلارنى ھالاك قىلسۇن! ئۇلار قانداقمۇ ئەقىلسىزلىق قىلىدۇ؟
5- ئۇلارغا: «كېلىڭلار، رەسۇلۇللاھ سىلەر ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىسۇن» دېيىلگەن چاغدا، ئۇلار باشلىرىنى تولغايدۇ. ئۇلارنىڭ تەكەببۇرلۇق قىلغان ھالدا يۈز ئۆرۈگەنلىكىنى كۆرىسەن.
6- ئۇلار ئۈچۈن بەرىبىر: ئۇلارغا مەغپىرەت تىلىسەڭمۇ تىلىمىسەڭمۇ. ئاللاھ ئۇلارغا ھەرگىزمۇ مەغپىرەت قىلمايدۇ. چۈنكى ئاللاھ فاسىق قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ.
7- ئۇلار شۇنداق كىشىلەركى، «رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىدىكى كىشىلەرگە بىر نەرسە بەرمەڭلار، تارقىلىپ كەتسۇن» دەيدۇ. ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ خەزىنىلىرى ئاللاھقا خاستۇر. لېكىن مۇناپىقلار چۈشەنمەيدۇ.
8- ئۇلار: «ئەگەر مەدىنىگە قايتساق، ئەڭ ئەزىز كىشى ئەڭ خار كىشىنى ئۇ يەردىن چىقىرىۋېتىدۇ» دەيدۇ. ئىززەت ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ۋە مۇئمىنلارغا خاستۇر. لېكىن مۇناپىقلار بىلمەيدۇ.
9- ئى مۇئمىنلار! سىلەرنى مال ۋە بالىلىرىڭلار ئاللاھنىڭ زىكرىدىن توسمىسۇن. ئۇنداق قىلغانلار ھەقىقەتەن زىيان تارتقۇچىلاردۇر.
10- بىز سىلەرگە بەرگەن رىزىقتىن بىزنىڭ يولىمىزدا سەرپ قىلىڭلار. بۇنى بېرىڭلارغا ئۆلۈم كېلىپ: «رەببىم! مېنى نېمىشقا ئازغىنا ۋاقىت كېچىكتۈرمىدىڭ، سەدىقە قىلار ئىدىم، ياخشىلاردىن بۇلار ئىدىم» دېيىشتىن ئىلگىرى قىلىڭلار.
11- ئاللاھ ئەجىلى توشقان ھېچ كىشىنى كېچىكتۈرمەيدۇ. ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر