مۇسۇلمانلار

قارىسام گۇناھ بولامدۇ؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋە رەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ
سوئال:
ئەتراپىمىزدىكى ھىجابسىز قىزلارنى ھىجابغا دالالەت قىلغاندىن كېيىن يەنە سىرتقا ھىجابسىز ياكى تار ۋە نىپىز كىيىملەرنى كىيىپ چىقىپ نامەھرەم ئەرلەرگە ئۇچراپ، ناۋادا ئۇ ئەرلەرنى ۋەسۋەسكە سېلىپ قويسا (ئاللاھ ئىمانىمىزنى چىڭ قىلسۇن)، شۇ ۋەسۋەسىگە چۈشۈپ قالغان ئەرلەرگىمۇ گۇناھ يېزىلامدۇ؟
ھۆرمەت بىلەن: كامىل
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
جاۋاب:
ئەلۋەتتە گۇناھ يېزىلىدۇ. چۈنكى بۇ دۇنيا ئىمتىھان مەيدانى. ئىنسانلار بۇ مەيداندا ئارىلىشىپ ياشايدۇ. چۈنكى ئەر- ئاياللاردىن ھەر بىرى ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ يېرىمىدۇر. بۇنى ئەقىل تونۇيدۇ، ئەمەلىيەت ئىسپاتلايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەر–ئاياللارنىڭ تۇرمۇشنىڭ ھەر ساھەسىدە بىر-بىرى بىلەن ئارىلىشىپ ياشاشقا ئېھتىياجى بار. ئەھۋال مۇشۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ئىسلام دىنى ئەر–ئاياللارنى ئايرىلىپ ياشاشقا بۇيرۇماستىن ئۇلارنى مەلۇم بىر چەك–چېگرا ئىچىدە ئارىلىشىپ ياشاشقا بۇيرۇغان. بۇ ئارىلىشىپ ياشاش جەريانىدا ھەر ئىككى تەرەپ بۇ چەك-چېگرالارغا دىقەت قىلىشى كېرەك. دىققەت قىلمىغان تەرەپ گۇناھكار بولىدۇ.
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«قُل لِّلْمُؤْمِنِينَ يَغُضُّوا مِنْ أَبْصَارِهِمْ وَيَحْفَظُوا فُرُوجَهُمْ ذَلِكَ أَزْكَى لَهُمْ إِنَّ اللَّهَ خَبِيرٌ بِمَا يَصْنَعُونَ {30} وَقُل لِّلْمُؤْمِنَاتِ يَغْضُضْنَ مِنْ أَبْصَارِهِنَّ وَيَحْفَظْنَ فُرُوجَهُنَّ وَلَا يُبْدِينَ زِينَتَهُنَّ إِلَّا مَا ظَهَرَ مِنْهَا وَلْيَضْرِبْنَ بِخُمُرِهِنَّ عَلَى جُيُوبِهِنَّ وَلَا يُبْدِينَ زِينَتَهُنَّ إِلَّا لِبُعُولَتِهِنَّ أَوْ آبَائِهِنَّ أَوْ آبَاء بُعُولَتِهِنَّ أَوْ أَبْنَائِهِنَّ أَوْ أَبْنَاء بُعُولَتِهِنَّ أَوْ إِخْوَانِهِنَّ أَوْ بَنِي إِخْوَانِهِنَّ أَوْ بَنِي أَخَوَاتِهِنَّ أَوْ نِسَائِهِنَّ أَوْ مَا مَلَكَتْ أَيْمَانُهُنَّ أَوِ التَّابِعِينَ غَيْرِ أُوْلِي الْإِرْبَةِ مِنَ الرِّجَالِ أَوِ الطِّفْلِ الَّذِينَ لَمْ يَظْهَرُوا عَلَى عَوْرَاتِ النِّسَاء وَلَا يَضْرِبْنَ بِأَرْجُلِهِنَّ لِيُعْلَمَ مَا يُخْفِينَ مِن زِينَتِهِنَّ وَتُوبُوا إِلَى اللَّهِ جَمِيعاً أَيُّهَا الْمُؤْمِنُونَ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ {31}»- سورة النور
«مۇئمىن ئەرلەرگە ئېيتقىن: نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن، ئىپپەتلىرىنى ساقلىسۇن. بۇ، ئۇلار ئۈچۈن ئەڭ پاكتۇر. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن خەۋەرداردۇر.
مۇئمىن ئاياللارغىمۇ ئېيتقىن: نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن. ئىپپەتلىرىنى ساقلىسۇن. زىننەتلىرىنى ئاشكارىلىمىسۇن – ئۇ زىننەتلەرنىڭ ئوچۇق بولغان قىسمى مۇستەسنا-. ياغلىقلىرى بىلەن جەيب (بويۇن ۋە كۆكرەك) لىرىنى ياپسۇن. زىننەتلىرىنى ئەرلىرىدىن، ئاتىلىرىدىن، قېيناتىلىرىدىن، ئۆز ئوغۇللىرىدىن، ئۆگەي ئوغۇللىرىدىن، قېرىنداشلىرىدىن، قېرىنداشلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، ھەمشىرىلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، ئاياللىرىدىن، قول ئاستىدىكىلەردىن، جىنسىي ئارزۇسى بولمىغان ئەرلەردىن ۋە ئاياللارنىڭ ئۇياتلىق يەرلىرىنى تېخى پەرق ئەتمىگەن بالىلاردىن باشقا ھېچكىمنىڭ يېنىدا ئاچمىسۇن. يوشۇرغان زىننەتلىرىنى بىلىنسۇن دەپ پۇتلىرىنى ئۇرمىسۇن. ئى مۇئمىنلار! ھەممىڭلار ئاللاھقا تەۋبە قىلىڭلار، مۇرادىڭلارغا يېتەلەيسىلەر»- (نۇر سۈرىسى 30 – ۋە 31 – ئايەتلىرى).
بۇ ئىككى ئايەتتىن تۆۋەندىكى مەزمۇنلار چىقىدۇ:
1 – ھاياتنىڭ ھەر ساھەسىدە ئەرلەرنىڭ ئەتراپىدا ئاياللار، ئاياللارنىڭ ئەتراپىدا ئەرلەر بولىدۇ. چۈنكى بىرىنچى ئايەتنىڭ «مۇئمىن ئەرلەرگە ئېيتقىن: نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن، ئىپپەتلىرىنى ساقلىسۇن» دېگەن قىسمى، ئەرلەرنىڭ ئەتراپىدا نامەھرەم ئاياللارنىڭ بولىدىغانلىقىنى، ئەرلەرنىڭ ئۇلارغا تىكىلىپ قارىماسلىقىنىڭ ۋە ئۇلاردىن ئۆزلىرىنىڭ ئىپپىتىنى ساقلىشىنىڭ لازىملىقىنى ئىپادىلەيدۇ.
ئەرلەرنىڭ نامەھرەمگە قاراش ۋە ئۇلاردىن ئۆزلىرىنىڭ ئىپپىتىنى ساقلىماسلىق ئىمكانىيىتى بولمىغان يەردە ئۇلارغا بۇ توغرىدا بىر چەكلىمە قويغاننىڭ ئەھمىيىتى يوق.
2 – ئايەتتە «قارىمىسۇن» دېگەن چەكلىمە، «تىكىلىپ» ئىپادىسى بىلەن بىرلىكتە كەلگەن. بۇ ھەر قانداق قاراشنىڭ ئەمەس، شەھۋانىي كۆز بىلەن ۋە يامان نىيەت بىلەن قاراشنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەر
1- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا: «ئى ئەلى! ئارقا – ئارقىدىن قارىما، بىرىنچى قېتىملىقىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ، ئىككىنچى قېتىملىقى مەنئى قىلىنىدۇ» دېگەن.- (بۇ ھەدىسنى ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى ۋە ئەھمەدلەر رىۋايەت قىلغان).
بۇ ھەدىس ئەرلەرنىڭ ئەتراپىدا ئاياللارنىڭ بولىدىغانلىقىنى، ئۇلارغا نورمال قاراشنىڭ ئەمەس يامان كۆز بىلەن قاراشنىڭ مەنئى قىلىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
2- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان كىشى  يېنىدا مەھرىمى بولمىغان بىر نامەھرەم ئايال بىلەن بىر جايدا يالغۇز قالمىسۇن. ئەگەر شۇنداق بولۇپ قالسا شەيتان ئۇ ئىككىسىنىڭ ئۈچىنچىسى بولىدۇ»– (بۇ ھەدىس بۇخارى، مۇسلىم ۋە تىرمىزى قاتارلىق ھەدىس كىتاپلىرىدا زىكرى قىلىنىدۇ).
بۇ ھەدىس ئارىلىشىپ ياشاشنىڭ بىر-بىرىگە نامەھرەم بولىدىغان بىر ئەر بىلەن بىر ئايالنىڭ بىر جايدا يالغۇز تۇرۇپ قېلىش دەرىجىسىدە بولسا قەتئىي بولمايدىغانلىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
3- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قول بىلەن نامەھرەمنىڭ بىر يېرىنى تۇتۇش، پۇت بىلەن نامەھرەم تەرەپكە مېڭىش، كۆز بىلەن نامەھرەمگە قاراش… قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى زىنادۇر»- (بۇ ھەدىسنى بۇخارى، مۇسلىم ۋە ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان).
بۇ ھەدىسنى يۇقىرىدىكى ئايەت ۋە ھەدىسلەر بىلەن بىرلىكتە چۈشىنىش لازىم. شۇنداق چۈشەنگەن ۋاقتىمىزدا بۇ ھەدىستە زىنا ھېسابلانغان ھەرىكەتلەرنىڭ يامان نىيەت بىلەن بىرلىكتە قىلىنغان بولۇشىنىڭ لازىملىقىنى تونۇپ يېتەلەيمىز.
ئاللاھ تەئالانىڭ بەنى ئىسرائىل (ئىسرا) سۈرىسىنىڭ 32- ئايىتىدە: «زىناغا يېقىنلاشماڭلار! چۈنكى ئۇ، قەبىھ ئىشتۇر ۋە يامان يولدۇر» دېگەن مەزمۇندىكى سۆزى يۇقىرىدىكى مەنالارنى تەكىتلەيدۇ.
بىر ئەرنىڭ بىر ناماھرەم ئايال بىلەن، بىر ئايالنىڭ بىر نامەھرەم ئەر بىلەن بىھۈدە پاراڭلىشىشى، بىر جايدا يالغۇز تۇرۇشى، بىرى-بىرىگە تىكىلىپ قارىشى، بىر-بىرىنى تۇتۇشى، بىر-بىرىنىڭ يېنىغا يامان نىيەت بىلەن مېڭىشى… قاتارلىقلار زىناغا يېقىنلاشقانلىق، شۇنداقلا يۇقىرىدىكى ئايەت ۋە ھەدىسلەرنى ئاياغ – ئاستى قىلغانلىق بولىدۇ.
لېكىن بىر ئايال يولدا كېتىۋېتىپ يالغۇز بولغانلىقى ئۈچۈن ئامالسىز بىر ئەر كىشىدىن ئادرېس سورىشى، بازاردا سودىگەردىن مال باھاسىنى سوراپ مالنىڭ باھاسى توغرۇلۇق سودىگەر ئەر بىلەن سۆزلىشىشى، قاتناش ۋاسىتىلىرى، دوختۇرخانا، توي-تۆكۈنگە ئوخشاش ئاممىۋى سورۇنلاردا ئادەتتىكى گەپلەرنى قىلىشىشى، مەكتەپلەردە پەرقلىق جىنستىكى مۇئەللىملەرنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا دەرس ئۆتۈشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇلاردىن سوئال سورىشى ۋە پەرقلىق جىنستىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۇقىرىدىكى چەكلىمىلەرگە رىئايە قىلغان ھالدا دەرس مۇزاكىرە قىلىشىشلىرى قاتارلىقلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا.
يۇقارقى ئايەتتىكى «زىناغا يېقىنلاشماڭلار!» دېگەن ئىپادە، ماي ئىسكىلاتلىرىغا چاپلانغان «ئوت بىلەن يېقىنلاشماڭلار!» دېگەن ئاگاھلاندۇرۇشقا ئوخشايدۇ. ماي ئىسكىلاتىغا ئوت بىلەن يېقىنلاشقان كىشىنىڭ ئىسكىلاتقا ئوت قويماسلىق قولىدىن كەلمىگەندەك، ئىككى پەرقلىق جىنس بىھۈدە پاراڭلاشسا، بىر جايدا يالغۇز تۇرۇشسا، بىرى-بىرىگە تىكىلىپ قارىسا، بىر-بىرىنى تۇتسا، بىر-بىرىنىڭ يېنىغا يامان نىيەت بىلەن بارسا…، گۇناھ سادىر قىلماسلىق ئۇلارنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزى ياراتقان ئىنساننى ئۆزى ئوبدان بىلىدىغان ياراتقۇچى ئاللاھ، ئىش يامان يەرگە بېرىپ قېلىشتىن بۇرۇن ئىشنىڭ ئالدىنى ئالغان ۋە باشتىلا ھەر ئىككى تەرەپكە دىققەت قىلىشنى پەرز قىلغان.
يەنە بىر گەپ: سىز بىر يامان ئىشنى كۆرگەندە قولىڭىزدىن كەلسە ئۇ يامان ئىشنى قىلغانلارغا چىرايلىقچە نەسىھەت قىلىپ قويسىڭىز مۇسۇلمانلىق ۋەزىپىڭىزنى ئادا قىلغان بولىسىز. ئەگەر قولىڭىزدىن كەلمىسە ئۆزىڭىزنى گۇناھدىن ساقلىشىڭىز كۇپايە قىلىدۇ.
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُواْ عَلَيْكُمْ أَنفُسَكُمْ لاَ يَضُرُّكُم مَّن ضَلَّ إِذَا اهْتَدَيْتُمْ إِلَى اللّهِ مَرْجِعُكُمْ جَمِيعاً فَيُنَبِّئُكُم بِمَا كُنتُمْ تَعْمَلُونَ {105}»- سورة المائدة
«ئى مۇئمىنلار! ئۆزۈڭلارنى گۇناھتىن ساقلاڭلار، سىلەر قاچانىكى توغرا يولدا بولساڭلار، باشقىلارنىڭ ئاداشقىنى سىلەرگە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر، ئاللاھ قىلغان ئەمەلىڭلارنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرىدۇ»مائىدە سۈرىسى، 105 – ئايەت.
«يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا قُوا أَنفُسَكُمْ وَأَهْلِيكُمْ نَاراً وَقُودُهَا النَّاسُ وَالْحِجَارَةُ عَلَيْهَا مَلَائِكَةٌ غِلَاظٌ شِدَادٌ لَا يَعْصُونَ اللَّهَ مَا أَمَرَهُمْ وَيَفْعَلُونَ مَا يُؤْمَرُونَ {6}»- سورة التحريم
«ئى مۇئمىنلار! سىلەر ئۆزۈڭلارنى ۋە ئائىلەڭلەرنى ئوتتىن ساقلاڭلار. ئۇنىڭ يېقىلغۇسى ئىنسانلاردۇر ۋە تاشلاردۇر. ئۇنىڭ بېشىدا قوپال ۋە قاتتىق قول پەرىشتىلەر بار. ئۇلار ئاللاھنىڭ ئەمرىگە ئاسىيلىق قىلمايدۇ، ئۆزلىرىگە بېرىلگەن ئەمرلەرنى ئىجرا قىلىدۇ»- تەھرىم سۈرىسى 6- ئايەت.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر