مۇسۇلمانلار

قولىمىزنى نەدە قويىمىز

ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم
سوئال:
بىز ناماز غا تۇرغاندا قول كىندىكنىڭ ئۈستىدە تۇرامدۇ يا ئاستىدىمۇ؟؟؟ ھۆرمەت بىلەن:
 مىرسالى
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
قېرىندىشىم! ھەنەپىيە مەزھىپىنىڭ مەشھۇر ئالىملىرىدىن كامالىددىن ئىبنى ھۇمام مۇنداق دەيدۇ: نامازدا ئوڭ قول سول قولنىڭ ئۈستىدە قويۇلغاندىن كېيىن ئىككى قولنى كىندىكنىڭ ئاستىدا قويامدۇ، كىندىكنىڭ ئۈستىدە قويامدۇ، ياكى كۆكرەك ئاستىدا قويامدۇ، بۇ توغرىدا سەھىھ بىر ھەدىس يوقتۇر. ھەنەفىيە مەزھىپى كىندىك ئاستىدا، شافىئىيە مەزھىپى كۆكرەك ئاستىدا قويۇشنى ئەۋزەل كۆرىدىغانلىقى بىلىنىدۇ. توغرىسى قەيەردە قويسا ئوخشاشتۇر.
تىرمىزى، ساھەبە ۋە تابىئىن ئالىملىرىنىڭ بەزىسىنىڭ كىندىك ئاستىدا قويۇشنى ئەۋزەل كۆرىدىغانلىقىنى، بەزىسىنىڭ كىندىك ئۈستىدە قويۇشنى ئەۋزەل كۆرىدىغانلىقىنى، قىسقىسى ساھابە ۋە تابىئىن ئالىملىرىنىڭ ھەر خىل شەكىللەردە قويىدىغانلىقىنى زىكىر قىلىدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوڭ قولىنى سول قولىنىڭ ئۈستىدە قويغاندىن كېيىن ئىككى قولىنى كۆكرىكىنىڭ ئۈستىدە قويغانلىقىنى كۆرستىدىغان رىۋايەتلەرمۇ بار. بۇنى ئەبۇ داۋۇد، ئەھمەد ۋە نەسەئىي رىۋايەت قىلىدۇ.
قېرىندىشىم! يىغىپ ئېيتقاندا بۇ، نامازنىڭ مۇستەھەبلىرىدىن بىرىدۇر. يەنى بۇ، ئۇنچىۋالا «كاللا كاتۇرۇپ» كەتكۈدەك، ياكى ئۇ قەدەر جىددىيلىشىپ كەتكۈدەك ۋە ياكى ئىمام ئاخۇنۇم بىلەن ئىختىلاپلاشقۇدەك ئىش ئەمەس.
شۇنىڭ ئۈچۈن سىز ناماز ئوقۇيدىغان مەسچىتنىڭ ئىمامى قانداق قويسا، ياكى سىز ياشاۋاتقان جايدىكى مۇسۇلمانلار قانداق قويۇپ ئادەتلەنگەن بولسا، سىزمۇ شۇ شەكىلدە قويسىڭىز بولىدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆكرىكى ئۈستىدە قويىدىغانلىقى توغرىسىدا رىۋايەتلەر بولسىمۇ ساھابە ۋە تابىئىن ئۆلىمالىرىنىڭ پەرقلىق شەكىللەردە قويۇشى، بۇ ئىشنىڭ بەك مۇھىم ئىش ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
بىر كىشى ئىمام ئاخۇنۇم بىلەن ئەۋزەل بىلەن رۇخسەتنى، مۇستەھەب بىلەن مۇباھنى تالاشقىلى تۇرسا قاملاشمىغان ئىش قىلغان بولىدۇ. مانا بۇ، ئۇنىڭ جاھىللىقىغا دالالەت قىلىدۇ. بۇ، سۈننەتكە ئەمەل قىلغانلىق ئەمەس، ساراڭلىقتۇر.
ئەگەر سىز ئەمەل ـ ئىبادەتلىرىڭىزنى قىلغاندىن باشقا يەنە ساۋاب بولىدىغان ئىش قىلسام بولاتتى دېسىڭىز، ئۇنداق كىچىك ئىشلارغا «كاللا قاتۇرۇپ» ئولتۇماي، قولىڭىزدىن كەلسە ناماز ئوقۇمايدىغانلارنى ناماز ئوقۇشقا دەۋەت قىلىڭ. جەمئىيەتتە گۇناھ پاتقاقلىرىغا پېتىپ كەتكەن مۇسۇلمان ئەۋلادلىرىنى تەۋبە قىلىپ ئۆزلىرىنى ئىسلاھ قىلىشقا چاقىرىڭ. مەسچىتنىڭ ئىچىدىكى جامائەتنىڭ زەنىنى ئېلىشتۇرماي مەسچىتكە كىرمىگەنلەرنى مەسچىتكە كىرىشكە دەۋەت قىلىڭ. مانا بۇ، تەبلىغدۇر. مۇسۇلماننىڭ ۋەزىپىسىدۇر.
ئاللاھقا ئامانەت بولۇڭ!

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر