مۇسۇلمانلار

جىن بىلەن گەپلەشكىلى بولامدۇ؟

ئەسسالامۇئەلەيكۇم
سوئال:
يېقىندا كىشىلەرنىڭ جىنلەر بىلەن سۆزلەشكەنلىكى توغرىسىدىكى ناھايىتى ئۇزۇن بىر دىئالوگنى mp3دىن ئاڭلاپ زادىلا ئىدىيەيىمدىن ئۆتكۈزەلمىدىم. دىنىمىزدا مۇشۇ خىل ھادىسىلەرنىڭ ئاساسى بارمۇ؟ تەلىم بەرگەن بولسىڭىز. ئاللاھ سسىزدىن رازى بولسۇن! ھۆرمەت بىلەن:
نۇر
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
جاۋاب:
قېرىندىشىم! «جىن» دېگەن سۆزنىڭ مەناسى ھاۋاسسى خەمسىنىڭ يەنى بەش سەزگۈر ئەزا (قۇۋۋەت) نىڭ بىلىشىدىن مەخپىي مەخلۇق، دېگەن بولىدۇ. بۇ بەش تۈرلۈك سەزگۈر ئەزا: قۇلاق (ئاڭلاش قۇۋۋىتى)، كۆز (كۆرۈش قۇۋۋىتى)، بۇرۇن (پۇراش قۇۋۋىتى)، تىل (تېتىش قۇۋۋىتى) ۋە قول بىلەن تۇتۇپ نېمىلىكىنى بىلىش قۇۋۋىتى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
جىنلەر مانا بۇ بەش تۈرلۈك بىلىش قۇۋۋىتى بىلەن بىلىنمەيدىغان مەخلۇق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار «جىن- يوشۇرۇن» لەر دەپ ئاتىلىدۇ. جىنلەرنىڭ سۆزلىرىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ ئاڭلىمىغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا قۇرئان تىڭشىغىلى كەلگەن جىنلەرنىڭ نېمە دېيىشكەنلىكىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھ تەئالا ئايەت نەزىل قىلىپ بىلدۈرگەن. مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر (تەرجىمىلىرى) مۇنداق:
«ئى مۇھەممەد! بىز ئۆز ۋاقتىدا بىر توپ جىننى قۇرئاننى ئاڭلىسۇن دەپ سېنىڭ يېنىڭغا ئەۋەتكەن ئىدۇق. ئۇلار قۇرئاننىڭ ئوقۇلۇشىغا ھازىر بولغان چاغلىرىدا بىر-بىرىگە: «جىم تۇرۇڭلار» دېيىشتى، قۇرئاننىڭ ئوقۇلۇشى ئاخىرلاشقاندا ئاگاھلاندۇرغۇچىلار بولۇپ ئۆز قەۋمىنىڭ يېنىغا قايتىشتى.
ئۇلار مۇنداق دېدى: «ئى قەۋمىمىز! بىز مۇسادىن كېيىن نازىل قىلىنغان، ئۆزىدىن ئىلگىرىكى كىتابلارنى تەستىقلايدىغان، ھەقكە ۋە توغرا يولغا باشلايدىغان بىر كىتاب تىڭشىدۇق.
ئى قەۋمىمىز! ئاللاھنىڭ دەۋەتچىسىنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلىڭلار ۋە ئۇنىڭغا ئىمان كەلتۈرۈڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ بەزى گۇناھلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ، سىلەرنى ئەلەملىك ئازابتىن قۇتقۇزىدۇ.
كىم ئاللاھنىڭ دەۋەتچىسىنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلمىسا، بىلسۇنكى ئۇ زېمىندا ئاللاھدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. ئۇنىڭ ئاللاھدىن باشقا قوغدىغۇچىلىرى بولمايدۇ. ئەنە شۇنداقلار ئاشكارا ئازغۇنلۇق ئىچىدىدۇر».»- ئەھقاف 46/29-32.
«1- ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: ماڭا مۇنداق ۋەھىي قىلىندى: بىر توپ جىن قۇرئاننى ئاڭلىدى، ئاندىن ئۇلار مۇنداق دېدى: «بىز ئاجايىپ بىر قۇرئان تىڭشىدۇق[1].
2- ئۇ شۇنداق قۇرئانكى، كامالەتكە يەتكۈزىدۇ. بىز ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتتۇق، رەببىمىزگە ھېچكىمنى شېرىك قىلمايمىز.
3- بىز مۇنۇلارغا ئىشەندۇق: رەببىمىزنىڭ ئۇلۇغلۇقى بەك ئۈستۈندۇر. ئۇ خوتۇن ئالمىدى ۋە ئاتا بولمىدى.
4- بىزنىڭ ئەخمەقىمىز ئاللاھ توغرىسىدا نالايىق سۆزلەرنى قىلىپتۇ.
5- بىز، ئىنسانلار ۋە جىنلەر ئاللاھقا يالغان چاپلىمايدۇ دەپ گۇمان قىلىپتىمىز.
6- بىر قىسىم ئىنسانلار بىر قىسىم جىنلەرگە سېغىنىپ، ئۇلارنى تېخىمۇ ھەددىدىن ئاشۇرۇۋېتىپتۇ.
7- ئۇلار سىلەر گۇمان قىلغاندەك، ئاللاھ ھېچكىمنى قايتا تىرىلدۈرمەيدۇ، دەپ گۇمان قىلىپتۇ.
8- بىز ئاسمانغا چىقماقچى بولدۇق، لېكىن ئۇنى كۈچلۈك مۇھاپىزەتلەر ۋە مېتېئورلار بىلەن توشقۇزۇلغان ھالەتتە كۆردۇق.
9- بىز ئىلگىرى ئاسماننىڭ تىڭشاشقا مۇۋاپىق يەرلىرىدە ئولتۇراتتۇق. لېكىن ھازىر كىم تىڭشاشقا ئۇرۇنسا، ماراپ تۇرغان بىر مېتېئور بىلەن ئۇچرىشىدۇ.
10- بىز بىلمەيمىز: زېمىندىكى كىشىلەرگە بىر يامانلىق ئىرادە قىلىندىمۇ ياكى رەببى ئۇلارغا بىر كامالەت ئىرادە قىلدىمۇ؟
11- بىزگە كەلسەك، ئىچىمىزدە ياخشىلارمۇ بار، ئىچىمىزدە ئۇلاردىن تۆۋەنلەرمۇ بار. بىز تۈرلۈك يوللارغا ئايرىلىپتىمىز.
12- بىز شۇنى تونۇپ يەتتۇقكى: بىز زېمىندا ئاللاھنىڭ ئىرادىسىگە توسالغۇ بولالمايمىز، ئاللاھدىن قېچىپمۇ قۇتۇلالمايمىز.
13- بىز ھىدايەتنى[2] ئاڭلىغان چېغىمىزدا ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتتۇق. كىم رەببىگە ئىمان ئېيتسا، ئۇ ئەجرىنىڭ كېمەيتىلىشىدىن ۋە زۇلۇمغا ئۇچراشتىن قورقمايدۇ.
14- بىزنىڭ ئىچىمىزدە مۇسۇلمانلارمۇ بار، ئىچىمىزدە ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغۇچىلامۇ بار. مۇسۇلمان بولغانلار، كامالەتكە يېتىشنى مەقسەت قىلغان بولىدۇ.
15- ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغۇچىلارغا كەلسەك، ئۇلار جەھەننەمگە ئوتۇن بولىدۇ»»- جىن 72/1-15.
يەنى ئۇ ھادىسىلەرنىڭ ئاساسى يوقتۇر. مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇنداق يالغان-ياۋىداق سۆزلەرگە ئالدانماسلىقى لازىم.
——————————————————–
[1]– ئەھقاف سۈرىسىنىڭ 29-32 ئايەتلىرى بۇ ھادىسنىڭ بىر قىسمىنى بايان قىلىدۇ.

 

[2]– توغرا يولغا باشلايدىغان قۇرئاننى.

 

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر