مۇسۇلمانلار

پاسىق بىلەن شېرىكلەشسەم بولامدۇ؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
سوئال:
ئىككى كىشى تىجارەتتە شېرىك، بىرى نامازخان، گۇناھ ئىشلاردىن ئوزىنى تارتىدۇ، لېكىن يەنە بىرى بىناماز، تاماكا چېكىدۇ، ھاراق ئىچىدۇ، سورايدىغىنىم، بۇلار تىجارەتتە شېرىك بولغانلىقى ئۈچۈن ،بىرىنىڭ گۇناھىغا يەنە بىرىمۇ شېرىك بولامدۇ؟ ئاللاھ ئىلمىڭىزنى زىيادە قىلسۇن! ھۆرمەت بىلەن:
ئەزىمەت
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
جاۋاب:
سىز ئۇنىڭ بىلەن ئىبادەتنى بىللە قىلىشقا ياكى گۇناھلاردىن بىللە ساقلىنىشقا شېرىكلەشمىگەن، شۇنداققۇ! شۇنىڭ ئۈچۈن سىز ئۇنىڭ بىلەنكى شېرىكىچلىك ئىشىڭىزنى قىلىۋەرسىڭىز بولىدۇ. شۇنداقتىمۇ ئۇ سىزنىڭ شېرىكىڭىز بولغاچقا ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىشنى تەرك ئەتمەڭ، ئۆزىڭىزنىڭ تەقۋادارلىقىڭىز، ياخشى ئەخلاقىڭىز ۋە گۈزەل ئەخلاقىڭىز بىلەن ئۇنى تەسىرلەندۈرۈشكە تىرىشىڭ.
ئۇنىڭغا نامازنىڭ قەتئىي پەرز ئىكەنلىكىنى قۇرئاننىڭ ئايەتلىرىنى دەلىل قىلىپ تۇرۇپ چۈشەندۈرۈڭ. ھەر پۇرسەتتە ئۆزىڭىزنىڭ تەقۋادار بىر مۇسۇلمان ئىكەنلىكىڭىزنى، ئۇنىڭ يامان قىلىمشلىرىغا ئەسلا رازى ئەمەسلىكىڭىزنى ئىپادىلەپ تۇرۇڭ. لېكىن شۇنداقتىمۇ ئۇلار يەنىلا يامانلىقنى تاشلىمىسا، سىزگە ئۇنىڭ بىلەن شېرىكلىشىپ تىجارەت قىلغانلىقىڭىز ئۈچۈن بىر گۇناھ بولمايدۇ. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُواْ عَلَيْكُمْ أَنفُسَكُمْ لاَ يَضُرُّكُم مَّن ضَلَّ إِذَا اهْتَدَيْتُمْ إِلَى اللّهِ مَرْجِعُكُمْ جَمِيعاً فَيُنَبِّئُكُم بِمَا كُنتُمْ تَعْمَلُونَ {105}»- سورة المائدة
«ئى مۇئمىنلار! ئۆزۈڭلارنى گۇناھتىن ساقلاڭلار، سىلەر قاچانىكى توغرا يولدا بولساڭلار، باشقىلارنىڭ ئاداشقىنى سىلەرگە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر، ئاللاھ قىلغان ئەمەلىڭلارنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرىدۇ»مائىدە سۈرىسى، 105 – ئايەت.
تۆۋەندىكى ئايەتلەر بىر كىشىنىڭ گۇناھىنىڭ يەنە بىر كىشىگە يۈكلەنمەيدىغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ:
ئاللاھ تەئالا بىر ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ:
«مَّنِ اهْتَدَى فَإِنَّمَا يَهْتَدي لِنَفْسِهِ وَمَن ضَلَّ فَإِنَّمَا يَضِلُّ عَلَيْهَا وَلاَ تَزِرُ وَازِرَةٌ وِزْرَ أُخْرَى وَمَا كُنَّا مُعَذِّبِينَ حَتَّى نَبْعَثَ رَسُولاً {15}»- سورة الإسراء
«كىم توغرا يولغا كەلسە پايدىسى پەقەت ئۆزىگىلا بولىدۇ، كىم ئېزىپ كەتسە زىيىنى پەقەت ئۆزىگىلا بولىدۇ. ھىچبىر گۇناھكار باشقىسىنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. بىز ئەلچى ئەۋەتمەي تۇرۇپ جازالىمايمىز»- ئىسرا 17/15.
«وَلَا تَزِرُ وَازِرَةٌ وِزْرَ أُخْرَى وَإِن تَدْعُ مُثْقَلَةٌ إِلَى حِمْلِهَا لَا يُحْمَلْ مِنْهُ شَيْءٌ وَلَوْ كَانَ ذَا قُرْبَى إِنَّمَا تُنذِرُ الَّذِينَ يَخْشَوْنَ رَبَّهُم بِالغَيْبِ وَأَقَامُوا الصَّلَاةَ وَمَن تَزَكَّى فَإِنَّمَا يَتَزَكَّى لِنَفْسِهِ وَإِلَى اللَّهِ الْمَصِيرُ {18}»- سورة فاطر
«ھىچبىر گۇناھكار باشقىسىنىڭ گۇناھىنى توشۇمايدۇ. ئەگەر گۇناھ يۈكۈ ئېغىر بولغان بىرى يۈكىنى توشۇش ئۈچۈن باشقىسىنى ياردەمگە چاقىرسا، ئۇنىڭ يۈكىدىن ھېچبىر نەرسە ئۇ باشقىسى تەرىپىدىن توشۇلمايدۇ. ئۇ باشقىسى ئۇنىڭ تۇغقىنى بولغان تەدىردىمۇ شۇنداق. سەن رەببىنى كۆرمەي تۇرۇپ، ئۇنىڭ ھەيۋىسىدىن قورقىدىغان، نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئادا قىلىدىغانلارنىلا ئاگاھلاندۇرىسەن. كىم ئۆزىنى پاك تۇتسا، ئۆزى ئۈچۈن پاك تۇتىدۇ. ئاخىرى قايتىپ بارىدىغان جاي ئاللاھنىڭ دەرگاھىىدۇر»- فاتىر 35/18.
«إِن تَكْفُرُوا فَإِنَّ اللَّهَ غَنِيٌّ عَنكُمْ وَلَا يَرْضَى لِعِبَادِهِ الْكُفْرَ وَإِن تَشْكُرُوا يَرْضَهُ لَكُمْ وَلَا تَزِرُ وَازِرَةٌ وِزْرَ أُخْرَى ثُمَّ إِلَى رَبِّكُم مَّرْجِعُكُمْ فَيُنَبِّئُكُم بِمَا كُنتُمْ تَعْمَلُونَ إِنَّهُ عَلِيمٌ بِذَاتِ الصُّدُورِ {7}»- سورة الزمر
«ئەگەر كاپىر بولساڭلار، بىلىڭلاركى: ئاللاھ سىلەرنىڭ ئىمانىڭلارغا موھتاج ئەمەستۇر. ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ كاپىر بولۇشىغا رازى بولمايدۇ. ئەگەر شۈكۈر قىلساڭلار، ئاللاھ سىلەردىن رازى بولىدۇ. ھېچبىر گۇناھكار باشقىسىنىڭ گۇناھىنى توشۇمايدۇ. ئاخىرىدا ھەممىڭلار رەببىڭلارنىڭ ھۇزۇرىغا قايتىسىلەر، ئاندىن ئۇ سىلەرگە قىلمىشىڭلارنى ئېيتىپ بېرىدۇ. ئۇ كۆكرەكلەردىكىنى بىلگۈچىدۇر»- زۇمەر 39/7.
«أَلَّا تَزِرُ وَازِرَةٌ وِزْرَ أُخْرَى {38} وَأَن لَّيْسَ لِلْإِنسَانِ إِلَّا مَا سَعَى {39} وَأَنَّ سَعْيَهُ سَوْفَ يُرَى {40} ثُمَّ يُجْزَاهُ الْجَزَاء الْأَوْفَى {41} وَأَنَّ إِلَى رَبِّكَ الْمُنتَهَى {42}»- سورة النجم
«ھىچبىر گۇناھكار باشقىسىنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.
ئىنسانغا ئۆز قىلمىشىدىن باشقا بىر نەرسە يوقتۇر.
ئۇنىڭ قىلمىشى يېقىندا كۆرۈلىدۇ.
ئاندىن ئۇنىڭغا تولۇق مۇكاپات ياكى تولۇق جازا بېرىلىدۇ.
ئاخىرقى يىغىلىش ئورنى رەببىڭنىڭ دەرگاھىدۇر»- نەجم 53/38-42.
باشقىسى قىلغان ئىبادەت شۇ باشقىسى قىلغان ئىشتۇر. بۇ ئىشنىڭ نەتىجىسىنى يەنە بىر باشقىسى كۆرمەيدۇ. خۇددى مۇشىۇنىڭغا ئوخشاش بىر كىشى قىلغان گۇناھ ئۈچۈن باشقا بىر كىشى جاۋابكارلىققا تارتىلمايدۇ.
مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھدىندۇر.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر