مۇسۇلمانلار

قان چىقسا تەرەت سۇنامدۇ

  ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
سوئال:
1- بۇرنى قانايدىغان كىشلەر، دائىم سۆل چىقىپ تۇردىغان كىشلەر تەرەت ئېلىپ بولغاندىن كىيىن، ئۇلارنىڭ تەرىتى سۇنۇپ كىتەمدۇ-يوق؟ تەرەت ئېلىپ بولغاندىن كىيىن بەدەندىن ئاز مىقداردا قان چىقىپ كەتسە تەرەت سۇنۇپ كىتەمدۇ؟
2- ناماز ئوقۇش جەريانىدا كىچىك بالىلار ئالدىمىزدىن ئۆتۈپ ئوينىسا نامازغا تەسىر يىتەمدۇ-يوق؟ بالىنى باقىدىغان ئادەم يوق مۇشۇنداق ئەھۋالدا ناماز ئۇقۇش دۇرۇسمۇ؟
ھۆرمەت بىلەن: ئابدۇللا
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
ئىنساندا ئىككى تۈرلۈك تاھارەت بولىدۇ: بىرى كىچىك تاھارەت، يەنە بىرى چوڭ تاھارەت:
1-  كىچىك تاھارەت. بۇ ھاجەتخانىدىن كېلىش بىلەن يەنى خالادا بولىدىغان ئىشلارنىڭ بىرى بىلەن (خالانىڭ سىرتىدا بولسىمۇ شۇنداق) مەسىلەن سىيىش، چىچىش ۋە ئوسۇرۇش قاتارلىق ئىشلارنىڭ بىرى بىلەن سۇنۇپ كېتىدۇ. بۇ شەكىلدە تاھارىتى سۇنغانلار ناماز ئوقۇماقچى بولسا كىچىك تاھارەت ئېلىپ ئاندىن ناماز ئوقۇيدۇ.
2- چوڭ تاھارەت. بۇ جۇنۇپ بولۇش، ھەيز كۆرۈش، نىفاس (تۇغۇتتىن كېيىنكى قان) كۆرۈش ۋە ئېھتىلام بولۇش قاتارلىق ئىشلارنىڭ بىرى بىلەن سۇنۇپ كېتىدۇ. بۇ شەكىلدە تاھارىتى سۇنغانلار ناماز ئوقۇماقچى بولسا، چوڭ تاھارەت ئېلىپ يەنى غۇسۇل قىلىپ (پۈتۈن بەدەننى ئالا قويماي پاكىز يۇيۇپ) ئاندىن ناماز ئوقۇيدۇ.
ئاللاھ تەئالانىڭ مۇنۇ سۆزلىرى بۇلارغا دالالەت قىلىدۇ:
«يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُواْ إِذَا قُمْتُمْ إِلَى الصَّلاةِ فاغْسِلُواْ وُجُوهَكُمْ َأَيْدِيَكُمْ إِلَى الْمَرَافِقِ وَامْسَحُواْ بِرُؤُوسِكُمْ وَأَرْجُلَكُمْ إِلَى الْكَعْبَينِ وَإِن كُنتُمْ جُنُباً فَاطَّهَّرُواْ…»
«ئى مۇئمىنلار! نامازغا تۇرغىنىڭلاردا، يۈزۈڭلارنى يۇيۇڭلار، قولۇڭلارنى جەينىكىڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار، بىشىڭلارغا مەسىھ قىلىڭلار، پۇتۇڭلارنى ئوشۇقۇڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار، ئەگەر جۇنۇب بولساڭلار يۇيۇنۇپ پاكلىنىڭلار، …»- مائىدە 5/6.
بۇ ئايەتتىكى «يۈزۈڭلارنى يۇيۇڭلار، قولۇڭلارنى جەينىكىڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار، بىشىڭلارغا مەسىھ قىلىڭلار، پۇتۇڭلارنى ئوشۇقۇڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار»، دېگەن ئىپادە نامازغا ئېلىنىدىغان كىچىك تاھارەتنى، «ئەگەر جۇنۇب بولساڭلار يۇيۇنۇپ پاكلىنىڭلار»، دېگەن ئىپادە غۇسۇل تاھارەتنى كۆرسىتىدۇ.
بۇنىڭغا ئاساسەن كىچىك تاھارەت خالادا بولىدىغان ئىشلارنىڭ بىرى بىلەن (خالانىڭ سىرتىدا بولسىمۇ شۇنداق) مەسىلەن: سىيىش، چىچىش ۋە ئوسۇرۇش قاتارلىق ئىشلارنىڭ بىرى بىلەن سۇنۇپ كېتىدۇ. بۇ شەكىلدە تاھارىتى سۇنغانلار ناماز ئوقۇماقچى بولسا كىچىك تاھارەت ئېلىپ ئاندىن ناماز ئوقۇيدۇ.
بۇ ئايەتنىڭ مەزمۇنى، تەرەت يوللىرىدىن باشقا يەردىن چىققان قاننىڭ تاھارەتنى سۇندۇرمايدىغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ.
يارىدار بولغان ساھابىلارنىڭ ئۇرۇش مەيدانلىرىدا تاھارەت ئالماستىن ياكى تەيەممۇم قىماستىن نامازلىرىنى ئوقۇۋېرىشى، ھەزرەتى ئۆمەرنىڭ نەيزە سانجىلغان يېرىدىن قان ئېقىپ تۇرسىمۇ نامىزىنى ئوقۇۋېرىشى، بۇنى تەكىتلەيدۇ. بۇ ھەقتىكى رىۋايەتلەر ھەدىس ۋە سىيەر كىتابلىرىدا تەپسىلىي زىكىر قىلىنىدۇ.
ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق ھەنەفىيە مەزھىپى ھەرقانداق يەردىن قان چىقسا تاھارەت سۇنۇپ كېتىدۇ، دەپ قارايدۇ. بۇلار دەلىل قىلغان بىر ھەدىس بار. بۇ ھەدىسنى بۇ مەزھەپنىڭ ئالىملىرىدىن زەيلەئى دېگەن كىشى نەسبۇررايە ناملىق كىتابىنىڭ «تاھارەت» بۆلۈمىدە «زەئىپ (دەلىل بولالىغۇدەك كۈچتە ئەمەس)» دەپ يازىدۇ.
ئىككىنچى سوئالىڭىزنىڭ جاۋابىغا كەلسەك.
بالىلارنىڭ ناماز ئوقۇۋاتقان ئاتا-ئانىسىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ، ئۇلارنى ناماز ئوقۇۋاتقان ھالەتتە كۆرۈشى بەك ياخشى ئىش. چۈنكى بۇ، ئۇلارنىڭ ئېسىدىن ھېچبىر زامان چىقمايدۇ، ئۇلار ھاياتى بويىچە بۇنىڭ تەسىرىدە ياشايدۇ.
لېكىن ناماز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالدىدا كىچىك بالىلارنىڭ ئوينىشى، ئۇلارنىڭ زېھنىنى ئېلىشتۇرىدۇ. بۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەك.
نامازنى باشلاشنىڭ ئالدىدا سىز بالىڭىزنى، «بالام ئالدىمدىن ئۆتمىگىن، مەن ناماز ئوقۇۋېلاي، نامىزىم تۈگىگىچە ئويناپ، كۈلۈپ خاپا قىلمىغىن» دەپ ئاگاھلاندۇرۇپ قويۇپ، ئاندىن نامازنى باشلىشىڭىز كېرەك، بالىڭىزنى يېنىڭىزدا تۇرغۇزۇپ «بالام مەن بىلەن بىللە ناماز ئوقۇغىن»، دەپ نامازنى باشلىسىڭىز بەك ياخشى بولىدۇ.
سىز مۇشۇنداق قىلىسىڭىزمۇ سىز نامازنى باشلاپ بولغاندىن كېيىن بالىڭىز يەنىلا ئالدىڭىزغا ئۆتسە، ئەتراپىڭىزدا ئوينىسا، بۇنىڭ نامىزىڭىزغا ھېچقاندا دەخلىسى يوق، بالىڭىزمۇ گۇناھكار بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ نارەسىدە. ئۇنىڭغا گۇناھ يېزىلمايدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر