مۇسۇلمانلار

سەجدىدە دۇئا قىلىشقا بولامدۇ؟

ئەسسالام ئەلەيكۇم
سوئال:
1- سەجىدىدە «سۇبھانە رەبىيەل ئەئلا» دېيىشتىن سىرت ئۈزىمىز خالىغان باشقا دۇئالارنى قىلساقمۇ بۇلامدۇ؟
2- مەن ئادەتتە جۈمە نامىزى (ئككى رەكئەت پەرز) دىن كېيىن «سۇبھانەللاھ»،«ئەلھەمدولىللاھ»،«ئاللاھۇ ئەكبەر» نى دەپ بولغاندىن كېيىن دۇئا قىلىمەن، بۇنداق قىلسام تۇغرىمۇ؟
ھۆرمەت بىلەن: تەمكىن
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
جاۋاب:
1- سەجدىدە تەسبىھ ئېيتىپ بولۇپ يەنى «سۇبھانە رەببىيەلئەئلا» نى ئۈچ قېتىم ئوقۇپ بولۇپ، ئاندىن ئاللاھقا يالۋۇرۇپ دۇئا قىلىشقا بولىدۇ. ئەرەبچە بىلمەيدىغانلار بۇ دۇئانى ئۆز تىلىدا قىلسىمۇ بولىدۇ. چۈنكى دۇئا دېگەن ئاللاھقا يېلىنىپ تۇرۇپ ئۇنىڭدىن بىر نەرسە تىلەشتىن ئىبارەتتۇر. ئۆزىنىڭ ئاللاھدىن نېمە تىلىگەنلىكىنى بىلمىگەن كىشىنى ئاللاھقا يېلىندى، ئاللاھدىن بىر نەرسە تىلىدى، دېگىلى بولمايدۇ. دەلىل مۇنۇ ھەدىسلەردۇر:
ئىبن ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «… سەجدىدە تىرىشىپ دۇئا قىلىڭلار، سەجدىدە قىلغان دۇئايىڭلار ئىجابەت بولۇشقا لايىقتۇر»- مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بەندىنىڭ پەرۋەردىگارىغا ئەڭ يېقىن بولغان ۋاقتى سەجدىدە تۇرغان ۋاقتىدۇر. شۇڭا، سەجدىدە دۇئانى كۆپ قىلىڭلار»- مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
 ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەجدىدە: «ئى ئاللاھ! گۇناھلىرىمنىڭ ھەممىسىنى مەغفىرەت قىلغىن، كىچىكلىرىنى ۋە چوڭلىرىنى، ئالدىنقىلىرىنى ۋە كېيىنكىلىرىنى، ئاشكارىلىرىنى ۋە يوشۇرۇنلىرىنى مەغفىرەت قىلغىن»، دەيتتى.- مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
2- نامازنىڭ دۇئاسى، دۇرۇتتىن كېيىن سالام بېرىشتىن ئىلگىرى قىلىنىدۇ. سالام بەرگەندىن كېيىن ناماز ئاخىرلىشىدۇ. ناماز ئاخىرلىشىدۇ، دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى ناماز تۈگەيدۇ، دېگەن بولىدۇ. ناماز تۈگەيدۇ، دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى نامازدا ئوقۇلىدىغان قىرائەت، زىكىر-تەسبىھ، تەشەھھۇد، دۇرۇت ۋە دۇئا قاتارلىقلار ئوقۇلۇپ بولىدۇ، دېگەن بولىدۇ. يەنى سالام نامازنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پائالىيىتى دېگەن بولىدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر