مۇسۇلمانلار

نەۋرىلەرگە نىكاھ چۈشەمدۇ

سوئال:
دىنىمىزدا نەۋرە ئۇرۇق- تۇغقانلار توي قىلسا بولامدۇ؟
جاۋاب:
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«حُرِّمَتْ عَلَيْكُمْ أُمَّهَاتُكُمْ وَبَنَاتُكُمْ وَأَخَوَاتُكُمْ وَعَمَّاتُكُمْ وَخَالاَتُكُمْ وَبَنَاتُ الأَخِ وَبَنَاتُ الأُخْتِ وَأُمَّهَاتُكُمُ اللاَّتِي أَرْضَعْنَكُمْ وَأَخَوَاتُكُم مِّنَ الرَّضَاعَةِ وَأُمَّهَاتُ نِسَآئِكُمْ وَرَبَائِبُكُمُ اللاَّتِي فِي حُجُورِكُم مِّن نِّسَآئِكُمُ اللاَّتِي دَخَلْتُم بِهِنَّ فَإِن لَّمْ تَكُونُواْ دَخَلْتُم بِهِنَّ فَلاَ جُنَاحَ عَلَيْكُمْ وَحَلاَئِلُ أَبْنَائِكُمُ الَّذِينَ مِنْ أَصْلاَبِكُمْ وَأَن تَجْمَعُواْ بَيْنَ الأُخْتَيْنِ إَلاَّ مَا قَدْ سَلَفَ إِنَّ اللّهَ كَانَ غَفُوراً رَّحِيماً. وَالْمُحْصَنَاتُ مِنَ النِّسَاء إِلاَّ مَا مَلَكَتْ أَيْمَانُكُمْ كِتَابَ اللّهِ عَلَيْكُمْ وَأُحِلَّ لَكُم مَّا وَرَاء ذَلِكُمْ أَن تَبْتَغُواْ بِأَمْوَالِكُم مُّحْصِنِينَ غَيْرَ مُسَافِحِينَ فَمَا اسْتَمْتَعْتُم بِهِ مِنْهُنَّ فَآتُوهُنَّ أُجُورَهُنَّ فَرِيضَةً وَلاَ جُنَاحَ عَلَيْكُمْ فِيمَا تَرَاضَيْتُم بِهِ مِن بَعْدِ الْفَرِيضَةِ إِنَّ اللّهَ كَانَ عَلِيماً حَكِيماً»
«سىلەرگە ئانىلىرىڭلارنى، قىزلىرىڭلارنى، ھەمشىرىلىرىڭلارنى، ئاتاڭلارنىڭ ھەمشىرىلىرىنى، ئاناڭلارنىڭ ھەمشىرىلىرىنى، قېرىندىشىڭلارنىڭ قىزلىرىنى، ھەمشىرەڭلارنىڭ قىزلىرىنى، سىلەرنى ئېمىتكەن ئانىلىرىڭلارنى، ئېمىلداش ھەمشىرىلىرىڭلارنى، قېيىن ئاناڭلارنى، سىلەر بىلەن بىر تۆشەكتە بولغان ئاياللىرىڭلاردىن تۇغۇلۇپ سىلەر قۇچاقلىرىڭلاردا تەربىيىلەنگەن ئۆگەي قىزلىرىڭلارنى ئېلىش ھارام قىلىندى. ئەگەر سىلەر ئۇلارنىڭ ئانىلىرى بىلەن بىر تۆشەكتە بولمىغان بولساڭلار، بۇ چاغدا ئۇلارنى ئالساڭلار سىلەرگە ھېچ گۇناھ يوقتۇر. سىلەرگە يەنە ئۆز پۇشتۇڭلاردىن بولغان بالىلىرىڭلارنىڭ ئاياللىرىنى ئېلىش ۋە ئىككى ھەمشىرىنى بىرلا ۋاقىتتا ئەمرىڭلاردا ساقلاش ھارام قىلىندى. لېكىن جاھىلىيەت دەۋرىدە قىلغىنىڭلار ئەپۇ قىلىنىدۇ. شۈبھىسىزكى ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر.
سىلەرگە يەنە ئەرلىك ئاياللارنى ئېلىشمۇ ھارام قىلىندى، لېكىن قول ئاستىڭلاردىكى چۆرىلەر مۇستەسنا. بۇ ئاللاھنىڭ سىلەرگە پەرز قىلغان ھۆكمىلىرىدۇر. يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان ئاياللاردىن باشقا ئاياللارنى، ئىپپەتلىك بولۇش ۋە زىنا قىلماسلىق شەرتى بىلەن تويلۇقلىرىنى بېرىپ نىكاھىڭلارغا ئېلىشىڭلار سىلەرگە ھالال قىلندى. نىكاھىڭلارغا ئالغان ئاياللار بىلەن بىر يەردە بولساڭلار ئۇلارغا بېكىتىلگەن تويلۇقلىرىنى بېرىڭلار . ئىلگىرى بېكىتىلىپ بولغان تويلۇقنى ئاياللىرىڭلار بىلەن ئۆزئارا رازى بولۇشۇپ يېڭىدىن بېكىتىشىڭلاردا سىلەرگە ھېچقانداق گۇناھ يوق. شۈبھىسىزكى ئاللاھ بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، توغرا ھۆكۈم قىلغۇچىدۇر»- نىسا 4/23- 24.
نىكاھلىنىش ھارام قىلىنغان ئاياللار تەپسىلىي بايان قىلغان بۇ ئايەتلەردە نەۋرىلەرنىڭ بىر-بىرى بىلەن نىكاھلىنىشىنىڭ ھاراملىقى بايان قىلىنمايدۇ. ئەكسىچە ئۇنىڭ ھالال ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. ئاستى سىزىلغان يەرنى دىققەت بىلەن ئوقۇڭ! نەۋرىلەرنىڭ ھارام قىلىنغان ئاياللار قاتارىدا زىكىر قىلىنماسلىقى، زىكىر قىلىنغانلاردىن باشقا ئاياللار بىلەن نىكاھلىنىشنىڭ ھالال قىلىنغانلىقى بۇنى كۆرسىتىدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر