مۇسۇلمانلار

ھەرە قىرىندىسى ھالالمۇ

ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم
سوئال:
1ـ ياغاچ تىلىدىغان ھەرىچى ئۇستام باشقىلارنىڭ ياغىچىنى تىلغانغا سائەت ھىساپلاپ ھەق ئالىدۇ. ياغاچ تىلغاندا چىققان قىرىندىلار شۇ ئۇستامنىڭ يېنىدا قالىدۇ، ياغاچ ئىگىسى ئېلىپ كەتمەيدۇ. ھەرىچى بۇ قىرىندىلار ئۇچۇن رازىلىق ئېلىش نىيىتى بولسىمۇ ھەممە كىشىدىن ئازغىنە قىرىندى ئۇچۇن رازىلىق ئېلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق، دەپ ئويلاپ مەلۇم ۋاقىت ئوتكەندىن كىيىن يىغىلغان بىر دۆۋە قىرىندىنى سېتىپ خەجلەيدۇ. بۇ، ھەرىچىگە ھالال بۇلامدۇ؟
2ـ سۇئال : يەم ـ خەشەك ئېزىدىغان ماشىنا (پوسوجى) دا ھەر قېتىم ماشىنا ئىچىدە ئاز مىقداردا يەم-خەشەك قېلىپ كېيىنكى يەم-خەشەك ئەزدۈرگەن كىشىنىڭ يەم-خەشىكىگە ئارىلىشىپ قالىدۇ ۋە ئىش مۇشۇ يوسۇندا داۋام قىلىدۇ. ئارقا ـ ئارقىدىن يەم ـ خەشەك ئەزدۈرگەن ئادەملەر بەزىدە ئۇچرۇشۇپ رازىلىق ئالىدۇ. ئۇچراشمىغانلىرى رازىلىق ئالالمايدۇ. بۇنىڭغا ماشىنا ئىگىسى ۋاكالىتەن رازىلىق ئالسا بولامدۇ؟ ئالالماي قالسىچۇ؟
ھۆرمەت بىلەن: مۇھەممەت ئىمىن
 
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
جاۋاب:
1- ئۇ ئىشلار ئادەتكە قاراپ بەلگىلىنىدۇ. ئادەتتە ھېچكىم ياغىچىنى قىرىندى چىقىرىش ئۈچۈن تىلدۇرمايدۇ. شال قىلىش ئۈچۈن تىلدۇرىدۇ. ئۇ قىرىندىلەر ئەخلەت ھېسابلانغانلىقى ئۈچۈن شۇ ھەرىچىنىڭ يېنىدا قالىدۇ. ھەرىچى ياكى ئۇ ئەخلەتتىن پايدىلىنىدىغان كىشى بۇنىڭغا ياغاچ ئىگىسىدىن ئايرىم رازىلىق ئالمىسىمۇ بولىدۇ. چۈنكى ياغاچ ئىگىسى ئۇ قىرىندىلەرنىڭ شۇ يەردە قېلىشىغا رازى بولۇپ تىلدۇرغىلى كېلىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭغا قىرىندى ئەمەس، شال لازىم، ياغىچىنىڭ پارچىلىنىشى لازىم. بۇ كۈندىلىك تۇرمۇشنىڭ ئېقىشى.
سىز ئويلاپ بېقىڭ: تىلدۇرغۇلى ياكى كەستۈرگىلى ياغاچ ئەكەلگەن ھەر ئادەم قىرىندىلىرىمنى يىغىپ ئېلىپ كېتىمەن، دەپ ئىشى پۈتكەندىن كېيىنلا شال ھەرىسىنىڭ ئاستى ۋە ئەتراپىنى سۈپۈرگىلى تۇرسا، ئۆزىنى ھالاكەتكە ئاتقان بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئۇنىڭ ئەسلى مەقسىتى بولغان ياغىچىنى كەستۈرۈش/شال تىلدۇرۇش ۋە ئۇ شال- ياغاچلاردا قىلىدىغان ئىشى قېلىپ قالىدۇ.
 ئۇنىڭ ھەرىنى توختۇتۇپ قىرىندى يىغىشىغا ھەرە ئىگىسى يول قويمايدۇ. چۈنكى ئۇنىڭمۇ ئىشى بار. ئۇ ھەر ئادەمنىڭ ياغىچىنى تىلىپ بۇلۇپ ھەرىسىنى توختۇتۇپ ئاستىنى ۋە ئەتراپىنى پاكىزلاپ ئاندىن يەنە ھەرىسىنى ماڭدۇرغىلى تۇرسا ئۇنىڭمۇ شال تىلىپ پۇل تاپىدىغان ئىشى ئالدىغا ماڭمايدۇ.
يىغىپ ئېيتقاندا شال ھەرىسىدىن چىقىدىغان قىرىندىلەر ئەخلەت بولۇپ ئۇ ئادەتتە تاشلىۋېتىلىدۇ. بەزى كىشىلەر ئۇنى ئاپىرىپ قالاپ ئىسىنىدۇ. بۇ خۇددى ئەخلەت ساندۇقىدىكى ئەخلەتكە ئوخشايدۇ: ئىنسانلار كېرەكسىز دەپ قارىغان نەرسىلىرىنى ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىۋېتىدۇ. ئاندىن بەزى كىشىلەر ئۇ ساندۇقنى مالتىلاپ بەزى نەرسىلەرنى يىغىپ سېتىپ خەجلەيدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ھېچكىمدىن رازىلىق ئالمايدۇ. چۈنكى ئۇ ئەخلەتچىنىڭ ئەخلەتلەر ئۈچۈن ھېچكىمدىن رازىلىق ئېلىشى كېرەك ئەمەس. بۇنىڭغا ئەقىل، فىترەت ۋە مەنتىق شۇنداق ھۆكۈم قىلىدۇ.
2- يەم-خەشەك زاۋۇتىدىكى ئىشلارمۇ خۇددى تۈگمەندىكى ئىشلارغا ئوخشايدۇ. ئادەتتە تۈگمەندە بۇرۇنقىسىنىڭ ناھايىتى ئاز بىر نەرسىسى قېلىپ قالىدۇ. بۇ كېيىنكىگە ئۆتىدۇ. ئۇ كېيىنكىسىگە…. ئىش مۇشۇنداق داۋام قىلىدۇ. بۇنىڭغا ئادەتتە ھەممەيلەن رازى بولىدۇ، ئايرىم رازىلىق ئېلىشقا ھاجەت يوق.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر