مۇسۇلمانلار

زىرار مەسجىدى توغرىسىدا

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
سوئال:
زىرار مەسجىد توغرىسىدا چۈشەنچە بەرگەن بولسىڭىز؟ قۇرئان كەرىمدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ناماز ئوقۇشتىن مەنئى قىلىنغان مەسجىد شۇمۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بەرگەن بولسىڭىز. ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!
ھۆرمەت بىلەن: ئىزدەنگۈچى
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
جاۋاب:
ئۇ مەسجىدنى چۈشىنىش ئۈچۈن مۇنۇ ئايەتلەر (تەرجىمىلىرى) نى دىققەت بىلەن ئوقۇشىڭىز كېرەك:
«مۇنافىقلارنىڭ ئارىسىدا مۇئمىنلارغا زىيان يەتكۈزۈش، كافىرلىق قىلىش، مۇئمىنلارنىڭ ئارىسىنى بۆلۈش، بۇرۇن ئاللاھغا ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە قارشى تۇرغان كىشىلەرنى كۈتۈش ئۈچۈن بىر مەسجىد سالغانلارمۇ بار. ئۇلار: «بىز بۇنىڭ بىلەن ياخشىلىقتىن باشقا بىر نەرسە ئىرادە قىلمىدۇق» دەپ قەسەم قىلىدۇ. ئاللاھ شاھىتلىق قىلىدۇكى، ئۇلار ھەقەقەتەن يالغانچى كىشىلەردۇر.
ئى مۇھەممەد! سەن ئۇ مەسچىتتە ئەسلا ناماز ئوقۇما! دەسلەپكى كۈندىن ئېتىبارەن تەقۋالىق ئۇلى ئۈستىگە سېلىنغان مەسجىد، ناماز ئوقۇشىڭغا ئەڭ لايىقتۇر. ئۇنىڭدا پاك بولۇشنى سۆيىدىغان كىشىلەر بار. ئاللاھ پاك-پاكىز بولغۇچىلارنى سۆيىدۇ.
بىناسىنى ئاللاھدىن قورقۇش ۋە ئۇنىڭ رازىلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۇلى ئۈستىگە سالغان كىشى ياخشىمۇ، ياكى بىناسىنى يىقىلاي دەپ قالغان بىر يارنىڭ لېۋىگە سېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە جەھەننەم ئوتىنىڭ ئىچىگە دومىلانغان كىشىمۇ؟ ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ.
ئۇلارنىڭ سالغان بىناسى، قەلبلىرى پارچە- پارچە بولۇپ كەتكەنگە قەدەر، قەلبلىرىدە داۋاملىق بىر گۇمان بولۇپ تۇرىدۇ. ئاللاھ بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر»– تەۋبە 9/107- 110.
دېمەك، «مۇئمىنلارغا زىيان يەتكۈزۈش، كافىرلىق قىلىش، مۇئمىنلارنىڭ ئارىسىنى بۆلۈش، بۇرۇن ئاللاھغا ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە قارشى تۇرغان كىشىلەرنى كۈتۈش ئۈچۈن» سېلىنغان مەسجىد «زىرار مەسجىد» دەپ ئاتىلىدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر