مۇسۇلمانلار

نامازدا ئوقۇلىدىغان دۇئا ۋە زىكىرلەر

نامازدا ئوقۇلىدىغان دۇئا ۋە زىكىرلەر
بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھمانىر رەھىم
1- ئاللاھۇ ئەكبەر «اللّهُ أَكْبَرُ»- ئاللاھ ئەڭ بۈيۈكتۇر.
نامازنىڭ تېشىدىكى شەرتلىرىنى تولۇقلاپ بولغاندىن كېيىن ئۆرە تۇرۇپ قىبلىگە يۈز كەلتۈرىمىز، ئاندىن قايسى نامازنى ئوقۇيدىغانلىقىمىزنى كۆڭلىمىزگە پۈكۈپ تۇرۇپ ئاللاھۇ ئەكبەر، دەپ نامازنى باشلايمىز. ئاللاھۇ ئەكبەر دېگەن چېغىمىزدا قوللىرىمىزنى قۇلاقلىرىمىزنىڭ ئۇدۇلىغىچە كۆتۈرىمىز.
2- سۇبھانەكەللاھۇممە ۋەبىھەمدىكە ۋەتەبارەكەسمۇكە ۋەتەئالا جەددۇكە ۋەلا ئىلاھە غەيرۇكە.
«سُبْحَانَكَ اللهُمَّ وَبِحَمْدِكَ، تَبَارَكَ اسْمُكَ، وَتَعَالَى جَدُّكَ، وَلَا إِلَهَ غَيْرُكَ»
«ئى ئاللاھ! سېنىڭ ھېچ ئەيبىڭ ۋە ھېچ كەمچىلىكىڭ يوقتۇر، مەن سېنى پاك دەپ بىلىمەن. سەن ھەر ئىشىڭنى ياخشى ۋە مۇكەممەل قىلىسەن. ئىسمىڭ مۇبارەكتۇر، شەنىڭ ئۇلۇغدۇر، سەن ناھايىتى كاتتا زاتسەن. سەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر».
نامازنىڭ بېشىدا يەنى ئاللاھۇ ئەكبەر، دەپ نامازنى باشلىغاندىن كېيىن بۇ «سۇبھانەكە…» ئوقۇلىدۇ.
3- ئەئۇزۇ بىللاھى مىنەششەيتانىر رەجىم «أَعُوذُ بِاللهِ مِنَ الشَّيْطَانِ الرَّجِيمِ» – تاش ئېتىلغۇچى شەيتاندىن ئاللاھقا سېغىنىمەن.
«سۇبھانەكە…» دىن كېيىن بۇ «ئەئۇزۇ…» ئوقۇلىدۇ.
4- بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم «بِسْمِ اللهِ الرَّحْمنِ الرَّحِيمِ» – ياخشىلىقى چەكسىز، ئىنئامى كۆپ ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن. «ئەئۇزۇ…» دىن كېيىن «بىسمىللاھ…» ئوقۇلىدۇ.
5- فاتىھە سۈرىسى
ئەلھەمدۇلىللەھى رەببىلئالەمىين. ئەررەھمانىر رەھىم. مالىكى يەۋمىد دىين. ئىيياكە نەئبۇدۇ ۋەئىيياكە نەستەئىين. ئىھدىنەس سىراتەل مۇستەقىيم. سىراتەل لەزىينە ئەنئەمتە ئەلەيھىم، غەيرىلمەغدۇبى ئەلەيھىم ۋەلەدداللىين.
«الْحَمْدُ للّهِ رَبِّ الْعَالَمِينَ . الرَّحْمـنِ الرَّحِيمِ . مَالِكِ يَوْمِ الدِّينِ . إِيَّاكَ نَعْبُدُ وإِيَّاكَ نَسْتَعِينُ . اهدِنَــــا الصِّرَاطَ المُستَقِيمَ . صِرَاطَ الَّذِينَ أَنعَمتَ عَلَيهِمْ غَيرِ المَغضُوبِ عَلَيهِمْ وَلاَ الضَّالِّينَ»
«ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن! ئۇ ئالەملەرنىڭ رەببىدۇر، چەكسىز ياخشىلىق قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر، جازا ۋە مۇكاپات كۈنىنىڭ ئىگىسىدۇر. ئى ئاللاھ! بىز ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز ۋە سەندىنلا ياردەم تىلەيمىز. بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن: سەن ئىنئام قىلغان، غەزىپىڭگە يولۇقمىغان ۋە ئېزىپ كەتمىگەنلەرنىڭ يولىغا!»
«بىسمىللاھ…» دىن كېيىن فاتىھە سۈرىسى ئوقۇلىدۇ.
6- ئامىين «آمين» – ئى ئاللاھ! ئىجابەت قىل. فاتىھە سۈرىسى ئوقۇلۇپ ئاندىن «ئامىين!» دېيىلىدۇ.
7- سۈرە زەم قىلىنىدۇ. يەنى فاتىھەدىن كېيىن بىر سۈرە ياكى بىرقانچە ئايەت ئوقۇلىدۇ.
8- ئاللاھۇ ئەكبەر «اللّهُ أَكْبَرُ»- ئاللاھ ئەڭ بۈيۈكتۇر.
بۇ «ئاللاھۇ ئەكبەر» نى دېيىش بىلەن بىرلىكتە رۇكۇغا بېرىلىدۇ. رۇكۇ مۇنداق: ئىگىلىپ ئىككى ئالقان بىلەن ئىككى تىز تۇتۇلىدۇ. بىلەكلەر تۈز تۇتۇلىدۇ. باش بىلەن بەل ئوخشاش سەۋىيەدە بولىدۇ.
9- سۇبھانە رەببىيەلئەزىيم «سُبْحَانَ رَبِّيَ الْعَظِيمِ»- مەن ئۇلۇغ رەببىمگە بويۇن ئېگىمەن.
بۇ تەسبىھ رۇكۇدا ئۈچ قېتىم ئوقۇلىدۇ.
10- سەمىئەللاھۇ لىمەن ھەمىدەھ «سَمِعَ اللهُ لِمَنْ حَمِدَهُ»- ئاللاھ ئۆزىگە ھەمد ئېيتقان كىشىنىڭ ھەمدىسىنى ئاڭلىدى.
بۇ زىكىر، رۇكۇدىن باش كۆتۈرگەندە ئوقۇلىدۇ.
11- رەببەنا لەكەلھەمد «رَبَّنَا لَكَ الْحَمْدُ»- رەببىمىز! ساڭا ھەمدۇسانالار بولسۇن!
بۇ زىكىر، رۇكۇدىن باش كۆتۈرۈپ تىك تۇرغاندىن كېيىن ئوقۇلىدۇ.
12- ئاللاھۇ ئەكبەر «اللّهُ أَكْبَرُ»- ئاللاھ ئەڭ بۈيۈكتۇر.
بۇ زىكىرنى ئوقۇش بىلەن بىرلىكتە سەجدىگە بېرىلىدۇ.
سەجدىدە تىزلەر يەرگە قويۇلىدۇ. ئىككى پۇتمۇ يەرگە قويۇلۇپ پۇتلار ئۇچلىرى ئالدى تەرەپكە ئېگىلىدۇ. ئىككى ئالقان يەرگە قويۇلىدۇ. پىشانە ۋە بۇرۇن ئىككى ئالقاننىڭ ئوتتۇرىسىغا قويۇلىدۇ. بىلەكلەر بېقىنغا تېگىپ قالسا بولمايدۇ. قورساق بىلەن ئىككى يوتا ئارىسىدا ئوچۇقلۇق بولۇشى لازىم.
13- سۇبھانە رەببىيەلئەئلا «سُبْحَانَ رَبِّيَ الْأَعْلَى»- مەن ئەڭ ئۈستۈن رەببىمگە بويۇن ئېگىمەن.
بۇ تەسبىھ سەجدىدە ئۈچ قېتىم سۆزلىنىدۇ.
14- ئاللاھۇ ئەكبەر «اللّهُ أَكْبَرُ»- ئاللاھ ئەڭ بۈيۈكتۇر.
بۇ زىكىرنى ئوقۇش بىلەن بىرلىكتە سەجدىدىن باش كۆتۈرۈلىدۇ ۋە باش تىك، ۋۇجۇد تۈز ھالەتتە ئولتۇرۇلىدۇ.
15- ئاللاھۇممەغفىرلى ۋەرھەمنى ۋە ئافىنى ۋەھدىنى ۋەرزۇقنى «اللَّهُمَّ اغْفِرْ لِي، وَارْحَمْنِي، وَعَافِنِي، وَاهْدِنِي، وَارْزُقْنِي»- ئى ئاللاھ! مېنى ئەپۇ قىل، ماڭا رەھىم قىل، مېنى ھەر تۈرلۈك يامانلىقتىن ساقلا، مېنى ھىدايەت قىل، ماڭا رىزىق ئاتا قىل!
بۇ دۇئا ئىككى سەجدە ئارىسىدا بىر قېتىم ئوقۇلىدۇ.
16- ئاللاھۇ ئەكبەر «اللّهُ أَكْبَرُ»- ئاللاھ ئەڭ بۈيۈكتۇر.
بۇ زىكىرنى ئوقۇش بىلەن بىرلىكتە ئىككىنچى سەجدىگە بېرىلىدۇ.
سۇبھانە رەببىيەلئەئلا «سُبْحَانَ رَبِّيَ الْأَعْلَى»- مەن ئەڭ ئۈستۈن رەببىمگە بويۇن ئېگىمەن.
بۇ تەسبىھ ئىككىنچى سەجدىدىمۇ ئۈچ قېتىم سۆزلىنىدۇ.
17- ئاللاھۇ ئەكبەر «اللّهُ أَكْبَرُ»- ئاللاھ ئەڭ بۈيۈكتۇر.
بۇ زىكىرنى ئوقۇش بىلەن بىرلىكتە ئىككىنچى سەجدىدىن باش كۆتۈرۈلۈپ ئۆرە تۇرۇلىدۇ.
18- بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم «بِسْمِ اللهِ الرَّحْمنِ الرَّحِيمِ»- ياخشىلىقى چەكسىز، ئىنئامى كۆپ ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.
ئىككىنچى سەجدىدىن تۇرۇپ تىك ھالەتكە كېلىپ بولغاندىن كېيىن «بىسمىللاھ…» ئوقۇلۇپ ئىككىنچى رەكئەت باشلىنىدۇ. نامازنىڭ ئىككىنچى رەكئىتى بىرىنچى رەكئتىدەكلا ئوقۇلىدۇ.
19- ئەتتەھىيياتۇ لىللاھى ۋەسسالەۋاتۇ ۋەتتاييىباتۇ، ئەسسەلامۇ ئەلەيكە ئەييۇھەننەبىييۇ ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ، ئەسسەلامۇ ئەلەينا ۋە ئەلا ئىبادىللاھىسسالىھىن، ئەشھەدۇ ئەنلائىلاھە ئىللەللاھ، ۋە ئەشھەدۇ ئەننە مۇھەممەدەن ئەبدۇھۇ ۋە رەسۇلۇھ.
«التَّحِيَّاتُ لِلَّهِ، وَالصَّلَوَاتُ وَالطَّيِّبَاتُ، السَّلاَمُ عَلَيْكَ أَيُّهَا النَّبِيُّ وَرَحْمَةُ اللَّهِ وَبَرَكَاتُهُ، السَّلاَمُ عَلَيْنَا وَعَلَى عِبَادِ اللَّهِ الصَّالِحِينَ، أَشْهَدُ أَنْ لاَ إِلَهَ إِلَّا اللَّهُ، وَأَشْهَدُ أَنَّ مُحَمَّدًا عَبْدُهُ وَرَسُولُهُ»
«سۆز، بەدەن ۋە مال بىلەن بولىدىغان ئىبادەتلەر پەقەت ئاللاھغىلا قىلىنىدۇ. سالام ساڭا بولسۇن ئى پەيغەمبەر. ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە بەرىكەتلىرىمۇ ساڭا بولسۇن. سالام بىزلەرگىمۇ ۋە ئاللاھنىڭ ياخشى بەندىلىرىگىمۇ بولسۇن. مەن، شاھىتلىق قىلىمەنكى، ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. يەنە شاھىتلىق قىلىمەنكى، مۇھەممەد ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسىدۇر».
ئىككىنچى رەكئەتنىڭ ئىككىنچى سەجدىسىدىن باش كۆتۈرۈپ ئولتۇرۇلىدۇ ۋە بۇ «ئەتتەھىيياتۇ…» ئوقۇلىدۇ.
 20- ئەللاھۇممە سەللىئەلا مۇھەممەدىن، ۋە ئەلا ئالى مۇھەممەدىن، كەما سەللەيتە ئەلا ئىبراھىمە ۋە ئەلا ئالى ئىبراھىمە، ئىننەكە ھەمىدۇم مەجىد.
«اللَّهُمَّ صَلِّ عَلَى مُحَمَّدٍ وَعَلَى آلِ مُحَمَّدٍ، كَمَا صَلَّيْتَ عَلَى إِبْرَاهِيمَ، وَعَلَى آلِ إِبْرَاهِيمَ، إِنَّكَ حَمِيدٌ مَجِيدٌ».
«ئى ئاللاھ! مۇھەممەدكە ۋە ئۇنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتىغا رەھمەت ياغدۇرغىن. خۇددى ئىبراھىمغا ۋە ئۇنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتىغا رەھمەت ياغدۇرغىنىڭغا ئوخشاش. سەن مەدھىيىگە لايىقسەن ۋە ئۇلۇغسەن!».
21- ئەللاھۇممە بارىكئەلا مۇھەممەدىن، ۋە ئەلا ئالى مۇھەممەدىن، كەما بارەكتە ئەلا ئىبراھىمە ۋە ئەلا ئالى ئىبراھىمە، ئىننەكە ھەمىدۇم مەجىد.
«اللَّهُمَّ بَارِكْ عَلَى مُحَمَّدٍ وَعَلَى آلِ مُحَمَّدٍ، كَمَا بَارَكْتَ عَلَى إِبْرَاهِيمَ، وَعَلَى آلِ إِبْرَاهِيمَ إِنَّكَ حَمِيدٌ مَجِيدٌ».
«ئى ئاللاھ! مۇھەممەدكە ۋە ئۇنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتىغا بەرىكەت ياغدۇرغىن. خۇددى ئىبراھىمغا ۋە ئۇنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتىغا بەرىكەت ياغدۇرغىنىڭغا ئوخشاش. سەن مەدھىيىگە لايىقسەن ۋە ئۇلۇغسەن!».
22- رەببەنا ئاتىنا فىددۇنيا ھەسەنەتەن، ۋە فىلئاخىرەتى ھەسەنەتەن، ۋە قىنا ئەزابەننار.
«رَبَّنَا آتِنَا فِي الدُّنْيَا حَسَنَةً وَفِي الآخِرَةِ حَسَنَةً وَقِنَا عَذَابَ النَّار».
«رەببىمىز! بىزگە دۇنيادا ياخشىلىق ئاتا قىل، ئاخىرەتتىمۇ ياخشىلىق ئاتا قىل، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلا».
ئەگەر ناماز ئىككى رەكئەتلىك ناماز بولسا، «ئەتتەھىيياتۇ…» دىن كېيىن بۇ 17-، 18- ۋە 19- نومۇرلۇق دۇئالارنى ئوقۇپ، ئاۋۋال ئوڭ تەرەپكە ئاندىن كېيىن سول تەرەپكە سالام بېرىپ نامازدىن چىقىلىدۇ.
ئەگەر ناماز ئىككى رەكئەتلىكتىن ئارتۇق ناماز بولسا «ئەتتەھىيياتۇ…دىن كېيىنلا «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ ئۆرە تۇرۇپ كېيىنكى رەكئەتلەر ئوقۇلىدۇ. ھەر رەكئەت يۇقىرىدىكى شەكىلدە ئوقۇلىدۇ.
23- دۇئايى قۇنۇت. بۇ ئىككى تۈرلۈكتۇر:
1- ئەللاھۇممە ئىننا نەستەئىنۇكە، ۋە نەستەغفىرۇكە، ۋە نۇئمىنۇ بىكە، ۋە نۇسنى ئەلەيكەلخەيرە، ۋە لا نەكفۇرۇكە، ۋە نەخلەئۇ ۋە نەترۇكۇ مەن يەفجۇرۇكە (يەفجۇرۇك).
ئەللاھۇممە ئىيياكە نەئبۇدۇ ۋە لەكە نۇسەللى ۋە نەسجۇدۇ، ۋە ئىلەيكە نەسئا ۋە نەھفىدۇ، نەرجۇ رەھمەتەكە، ۋە نەخشا ئەزابەكە، ئىننە ئەزابەكە بىلكۇففارى مۇلھىق.
«اللَّهُمَّ إِنَّا نَسْتَعِينُكَ وَنَسْتَغْفِرُكَ، وَنُؤْمِنُ بِكَ وَنُثْنِي عَلَيْكَ الْخَيْرَ، وَلَا نَكْفُرُكَ وَنَخْلَعُ وَنَتْرُكُ مَنْ يَفْجُرُكَ.
 اللَّهُمَّ إِيَّاكَ نَعْبُدُ، وَلَكَ نُصَلِّي، وَنَسْجُدُ، وَإِلَيْكَ نَسْعَى وَنَحْفِدُ، وَنَرْجُو رَحْمَتَكَ، وَنَخْشَى عَذَابَكَ، إِنَّ عَذَابَكَ بِالْكُفَّارِ مُلْحِقٌ»
مەنىسى:
«ئى ئاللاھ! بىز سەندىن ياردەم تىلەيمىز، سەندىن مەغپىرەت تىلەيمىز، ساڭا ئىمان كەلتۈرىمىز، سېنى پۈتكۈل ياخشىلىقلار بىلەن ماختايمىز، ساڭا نان كورلۇق قىلمايمىز، ساڭا ئاسىيلىق قىلغانلار بىلەن ئادا-جۇدا بولىمىز ۋە ئۇلارنى تاشلىۋىتىمىز.
ئى ئاللاھ! بىز ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز، سەن ئۈچۈنلا ناماز ئوقۇيمىز، ساڭىلا سەجدە قىلىمىز، سەن تەرەپكىلا يۈگۈرىمىز ۋە ئالدىرايمىز، رەھمىتىڭنى ئۈمىد قىلىمىز، ئازابىڭدىن قورقىمىز، چۈنكى سېنىڭ ئازابىڭ كاپىرلارغا يېپىشىۋالغۇچىدۇر».
2- ئەللاھۇممەھدىنى فىيمەن ھەدەيتە، ۋەئافىنى فيمەن ئافەيتە، ۋەتەۋەللەنى فىيمەن تەۋەللەيتە، ۋەبارىك لي فىيما ئەئتەيتە، ۋەقىنى شەررە ماقەدەيتە، ئىننەكە تەقدىي ۋەلا يۇقدا ئەلەيكە، ۋەئىننەھۇ لايەزىللۇ مەن ۋالەيتە، ۋەلا يەئىززۇ مەن ئادەيتە، تەبارەكتە رەببەنا ۋەتەئالەيتە.
«اللَّهُمَّ اهْدِنِي فِيمَنْ هَدَيْتَ، وَعَافِنِي فِيمَنْ عَافَيْتَ، وَتَوَلَّنِي فِيمَنْ تَوَلَّيْتَ، وَبَارِكْ لِي فِيمَا أَعْطَيْتَ، وَقِنِي شَرَّ مَا قَضَيْتَ، إِنَّكَ تَقْضِي وَلَا يُقْضَى عَلَيْكَ، وَإِنَّهُ لَا يَذِلُّ مَنْ وَالَيْتَ، وَلَا يَعِزُّ مَنْ عَادَيْتَ، تَبَارَكْتَ رَبَّنَا وَتَعَالَيْتَ».
«ئى ئاللاھ! سەن ھىدايەت بەرگەن كىشىلەرنىڭ قاتارىدا ماڭىمۇ ھىدايەت بەرگىن، سەن سالامەتلىك بەرگەن كىشىلەرنىڭ قاتارىدا ماڭىمۇ سالامەتلىك بەرگىن، سەن دوست تۇتقان كىشىلەرنىڭ قاتارىدا مېنىمۇ دوست تۇتقىن، سەن ماڭا بەرگەن نەرسىلەرنى مەن ئۈچۈن بەرىكەتلىك قىلىپ بەرگىن، مېنى ھۆكۈملىرىڭنىڭ يامىنىدىن ساقلىغىن، سەن ھۆكۈم قىلىسەن، ساڭا ھۆكۈم قىلىنمايدۇ، سەن دوست تۇتقان كىشى خار بولمايدۇ، سەن دۈشمەن تۇتقان كىشى ئەزىز بولمايدۇ، ئى رەببىمىز! سەن ئۇلۇغسەن ۋە ئۈستۈنسەن».
ۋىتىر نامىزىدا بۇ ئىككى دۇئانىڭ قايسى ئوقۇلسا بولىدۇ، ئىككىلىسى ئوقۇلسىمۇ بولىدۇ.
تىرىشچانلىق بىزدىن، مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھدىندۇر.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر