مۇسۇلمانلار

قۇرئاندىكى پەيغەمبەرلەر

سوئال:
قۇرئان كەرىمدە قانچە پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى بار؟
جاۋاب:
ئاللاھ تەئالا فاتىر سۈرىسىنىڭ 24 – ئايىتىدە ھەر ئۈممەتكە بىر ئاگاھلاندۇرغۇچى ئەۋەتكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. نىسا سۈرىسىنىڭ 164 – ئايىتىدە نۇرغۇنلىغان پەيغەمبەر ئەۋەتكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ بەزىسىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بايان قىلغانلىقىنى، بەزىسىنى بايان قىلمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
دېمەك، ئاللاھ تەئالا ئىنسانىيەت تارىخى بويىچە نۇرغۇن پەيغەمبەر ئەۋەتكەن، بۇلارنىڭ بەزىسى بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىزگە بايان قىلىنغان، بەزىسى بايان قىلىنمىغان. تارىختا ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرلەرنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بايان قىلىنغانلىرىنى بىلىش ئۈچۈن قۇرئان كەرىمگە قارىشىمىز كېرەك.
قۇرئان كەرىمدە 25 پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى ئۆتىدۇ. بۇلاردىن 18 پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى ئەنئام سۈرىسىنىڭ 83 – ئايىتىدىن 86 – ئايىتىگە بولغان ئايەتلەردە بايان قىلىنىدۇ. بۇلار تۆۋەندىكىچە:
1 – ئىبراھىم، 2 – ئىسھاق، 3 – يەئقۇب، 4 – نۇھ، 5 – داۋۇد، 6 – سۇلەيمان، 7 – ئەييۇب، 8 – يۇسۇف، 9 – مۇسا، 10 – ھارۇن، 11 – زەكەرىييا، 12 – يەھيا، 13 – ئىيسا، 14 – ئىلياس، 15 – ئىسمائىل، 16 – ئىليەسەئ، 17 – يۇنۇس، 18 – لۇت (ئەلەيھىمۇسسەلام).
ئۇ 25 پەيغەمبەردىن ئىدرىس، ھۇد، شۇئەيب، سالىھ، زۇلكىفل، ئادەم ۋە مۇھەممەد (ئەلەيھىمۇسەلام) قاتارلىق 7 پەيغەمبەر باشقا ئايەتلەردە زىكىر قىلىنىدۇ.
ئادەم ئەلەيھىسسالامغا كەلسەك، ئۇمۇ پەيغەمبەردۇر، لېكىن قۇرئان كەرىمدە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكى ئەمەس، ئىنسانىيەتنىڭ ئاتىسى ئىكەنلىكى ئاساسىي مەزمۇن قىلىنىدۇ. ئادەم ئەلەيھىسسالامغنىڭ پەيغەمبەرلىكىنىڭ دەلىلى شۇكى:
1 – ئاللاھ تەئالا ئال ئىمران سۈرىسىنىڭ 33 – ئايىتىدە ئۆزىنىڭ «ئادەمنى، نۇھنى، ئىبراھىم ئەۋلادىنى، ئىمران ئەۋلادىنى پەيغەمبەرلىككە تاللىغان» لىقىنى بايان قىلىدۇ.
2 – مائىدە سۈرىسىنىڭ 27 –، 28 – ۋە 29 – ئايەتلىرىدە ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىككى ئوغلىنىڭ ھېكايىسى بايان قىلىنىدۇ. بۇ ھېكايىدە ئۇ ئىككى ئوغۇلنىڭ بىرەردىن قۇربانلىق قىلغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ بىرىنىڭ يەنى ھابىلنىڭ سۆزلىگەن سۆزلىرى ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلىدۇ. چۈنكى ئۇ ئىككى ئوغۇلنىڭ قۇربانلىق قىلىشى ۋە ھابىلنىڭ ئۇ ياخشى سۆزلەرنى قىلىشى بىر پەيغەمبەرنىڭ تەلىماتى بىلەن بولىدىغان ئىشلاردۇر. دېمەك، ئادەم ئەلەيھىسسالام بۇ ئىشلارنى ئاللاھ تەئالانىڭ ۋەھىي قىلىشى بىلەن ئۆگىنىپ ئوغۇللىرىغا ئۆگەتكەن.  

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر