باش بەت > پەتىۋالار > نەزىر  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:
ئەسسىلامۇ ـ ئەلەيكۇم
1- يۇرتۇمىزدا ئۆلۇپ كەتكەن كىشلەر ئۇچۇن قىلىندىغان تۇرلۇك شەكىللدىكى نەزىر ۋە خەتمە قۇرئانلار بىدئەت ئىكەنلىكى بىلىنگەندىن كىيىن كۆرۇنەرلىك ئازايدى ، بىراق كىشلەرنىڭ ئۆزى ئۇچۇن « ھايات نەزىرى » بىرىدىغان ، ھايات ئاتا ـ ئانىلىرى ياكى ئۆزلىرى ئۇچۇن قۇرئان ئوقۇتىدىغان ئىشلار كۆپىيىپ قىلىۋاتىدۇ . بۇرۇن « نەزىر » دىسە بارمايدىغان ، يۇرت باشلىرىمىز بۇ خىل « ھايات نەزىر » گە يىشىل چىراق بولىۋاتىدۇ . مۇشۇ خىل نەزىر ئۆتكۇزۇش بىلەن قۇرئان ئوقۇشنىڭ دىنىمىزدىكى ئورنىنى چۇشەندۇرۇپ قويسىڭىز.
2- بىزنىڭ قىرىنداشلىرمىز ئىچىدە راخمانجان ، رەخىمجان ئىسملىكلەر بار ئىدى . ( بىزنىڭ يۇرۇتتا كۆپ ئىسىملارغا « جان » قوشۇمچىسىنى قوشۇۋالىدۇ )، مۇشۇ ئىسىمنى قوللىنىش توغرىسىدا ئىككىلىنىپ قالدۇق . ئۇندىن باشقا اللاھ تەئاللاھنىڭ قايسى سۇپەتلىرنى بىۋاستە ئىسىم قىلىپ قويۇشقا بولىدۇ . بەزى ئىسىملىرمىزنىڭ ئالدىغا « ئابدۇ » قىتىلماي بىۋاستە شۇ سۇپەت ئاتىلىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت . تەپسىلى چۇشەندۇرۇپ قويغان بولسىڭىز
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
جاۋاب:
بىرىنچى سوئالىڭىزغا بىرقانچە نۇقتىدىن جاۋاب بېرىمەن:
1- قۇرئان كەرىم قانداق كىتاب؟
قۇرئان كەرىم، ئىنسانلارنىڭ ئوقۇپ ئەمر-پەرمانلىرىغا بويسۇنۇشى، چەكلىمىلىرىدىن نېرى تۇرۇشى، ۋەز-نەسىھەتلىرىگە قۇلاق سېلىشى ۋە قىسسىلىرىدىن ئىبرەت ئېلىشى ئۈچۈن ئاللاھ تەئالا تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان كىتابتۇر. قۇرئان كەرىمنى بۇنىڭدىن باشقا بىر نىيەت بىلەن ئوقۇش ئۇنىڭ نازىل قىلىنىش ھېكمىتىگە خىلاپتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن قۇرئان كەرىمنىڭ لەۋزىنىلا ئوقۇش، دوختۇر يېزىپ بەرگەن رېتسېپتىكى دورىلارنى ئېلىپ ئىستېمال قىلىشنىڭ ئورنىغا، ساقىيىش نىيىتى بىلەن ئۇ رېتسېپنى ئوقۇغان كېسەل ئادەمگە ئوخشايدۇ. ھالبۇكى بىر كېسەل ئادەم دوختۇر يېزىپ بەرگەن رېتسېپنى ھەر كۈن قايتا – قايتا ئوقۇسىمۇ ھەتتا ئۇنى يادلىۋاتسىمۇ كېسىلى ساقايمايدۇ.
بىر مۇسۇلمان بىر كېچە-كۈندۈزدە بەش ۋاخ نامازنى سۈننەتلىرى بىلەن ئوقۇسا 32 قېتىم، پەرزلىرىنىلا ئوقۇسا 17 قېتىم فاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇيدۇ، شۇنداقلا بۇ سۈرىدىكى «ئى ئاللاھ! بىز ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز ۋە سەندىنلا ياردەم تىلەيمىز. بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن: سەن ئىنئام قىلغان، غەزىپىڭگە يولۇقمىغان ۋە ئېزىپ كەتمىگەنلەرنىڭ يولىغا!» دېگەن دۇئانى ئوقۇيدۇ- فاتىھە سۈرىسى 5-7 ئايەتلەر.
ئاللاھ تەئالا ئىككىنچى سۈرىدە بۇ دۇئادىكى «توغرا يول» نىڭ مۇشۇ قۇرئان كەرىم ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دەيدۇ:
«ئەلىف، لام، مىيم. ئۇ، بۇ كىتابتۇر. ئۇنىڭدا ھېچ شۈبھە يوقتۇر. ئۇ، تەقۋادارلارغا توغرا يولنى كۆرسەتكۈچىدۇر. ئۇ تەقۋادارلار شۇنداق كىشىلەركى، غەيىبكە ئىشىنىدۇ، نامازنى تولۇق ئۆتەيدۇ ۋە بىز ئاتا قىلغان رىزىقتىن ياخشىلىققا سەرپ قىلىدۇ. ئۇلار يەنە ساڭا نازىل قىلىنغان كىتابقا ۋە سەندىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان كىتابلارغا ئىشىنىدۇ. ئاخىرەتكە بولسا، ھەقىقىي ئىشىنىدۇ. ئەنە شۇلار، رەببىدىن كەلگەن توغرا يول ئۈستىدىدۇر ۋە مۇرادىغا يەتكۈچى كىشىلەردۇر.»- بەقەرە سۈرىسى 1-5 ئايەتلەر (تەرجىمىسى).
مانا بۇلار كۆرسىتىدۇكى: قۇرئان كەرىم، ئاللاھ تەئالا تەقۋادارلار ئۈچۈن «توغرا يول» رەھبىرى بولسۇن، دەپ نازىل قىلغان بىر كىتابتۇر. ئاللاھنىڭ قۇرئان كەرىمگە قارىتا بىزدىن تەلىپى: قۇرئان كەرىمنى ئوقۇپ چۈشىنىپ ھاياتىمىزغا تەتبىقلىشىمىزدۇر. ساۋابمۇ مۇشۇ نىيەت بىلەن ئوقۇغاندا ھاسىل بولىدۇ، خالاس!
ئەمەلىيەت شۇكى بىز مۇسۇلمانلار ئەسىرلەردىن بۇيان ئەنە شۇ دوختۇر يېزىپ بەرگەن رېتسېپتىكى دورىلارنى ئېلىپ ئىستېمال قىلىشنىڭ ئورنىغا، ئۇ رېتسېپنى ساقىيىش نىيىتى بىلەن ئوقۇغان كېسەل ئادەمدەك، قۇرئان كەرىمنى ساۋاب تېپىش ئۈچۈن لەۋزىنىلا ئوقۇپ كەلگەن. نەتىجىدە مۇسۇلمانلار ئاللاھ تەئالانىڭ، قۇرئان كەرىمدە مۇسۇلمانلارغا ۋەدە قىلغان رەھمىتىدىن مەھرۇم قالغان.
2- نەزىر قانداق ئىش؟
جاۋاب – نەزىر، ئاللاھ ئەمر قىلمىغان بىر ياخشى ئىشنى قىلىمەن، دەپ ئۆز ئۈستىگە ئېلىش دېگەن بولىدۇ. مەسىلەن: ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ئۆمرە قىلىشنى ياكى بىر قانچە كۈن نەپلە روزا تۇتۇشنى ياكى بىر قانچە رەكئەت نەپلە ناماز ئوقۇشنى ۋە ياكى بىر مىقدار پۇلنى ئاللاھ يولىدا چىقىم قىلىشنى ئۆزىگە ۋەزىپە قىلىش… قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرى بىرەر نەزىردۇر. بۇنداق نەزىرلەرنى ئورۇنلاشنىڭ، جەننەتكە كىرىدىغان كىشىلەرنىڭ سۈپەتلىرىدىن  بىرى ئىكەنلىكى ئىنسان سۈرىسىنىڭ 7 – ئايىتىدە بايان قىلىنىدۇ. ئاللاھنىڭ دىنىدىكى «نەزىر» مانا مۇشۇنداق نەزىرلەردۇر.
ئەمما مېيىت چىققان ئۆيلەردە ئۆتكۈزۈلىدىغان نەزىرلەرنىڭ دىنىمىزدا ھېچقانداق ئاساسى يوق. كۈن توختىتىپ «بۇ كۈندە ياغ پۇرىتىلمىسا مېيتنىڭ روھى خاپا بولۇپ قالىدۇ» دېگەن ئېتىقادلار ئىنايىن خەتەرلىكتۇر، ھەتتا شېرىككە يېقىندۇر.
ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا مېيىتنىڭ ئارقىسىدىن «بامدىتى»، «ئۈچى»، «يەتتىسى»، «يىگىرمىسى»، «قىرىقى» ۋە «يىلى» دەپ ئۆتكۈزۈلىدىغان نەزىرلەر بار. بۇلار نەزىر دەپ ئاتالغان بولسىمۇ ئەمەلىيەتتە دىنىمىزدا كۆرسىتىلگەن نەزىرلەردىن ھېساپلانمايدۇ. بۇنىڭدىن قاتتىق ساقلىنىش لازىم. مەن ئوقۇغۇچى ۋاقتىمدا ئەھلى تەۋھىد بىر ئالىمنىڭ: «يەتتە، قىرىقى، يىگىرمە دېمىدۈك، ماتەم ئۆيىدە نەزرە يېمىدۈك» دېگەن سۆزىنى ئاڭلىغان ئىدىم. مانا بۇ سۆز، ئۇ ئالىمغا «ئەھلى تەۋھىد» دېيىلىشنىڭ نەقەدەر توغرا ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلىدۇ.
سوئالىڭىزدا سىز زىكىر قىلغان نەزىرلەر ۋە ئادەم چاقىرىپ قۇرئان ئوقۇتىدىغان ئىشلارغا كەلسەك، بۇ ئىشلارنى قىلىش ئاللاھقا توغرا ئىمان كەلتۈرمىگەنلىك، پەيغەمبەرنى توغرا تونىمىغانلىق ۋە ئىسلام دىنىنىڭ روھىدىن غاپىل قالغانلىقنىڭ ئالامىتىدۇر! چۈنكى ئاللاھ ۋە پەيغەمبەر ھەر كىشىنى ئۆزىنى ئەمەل قىلىشقا بۇيرۇغان. «ئىسلام» نىڭ مەنىسى ئۆزى ئاللاھقا تەسلىم بولۇشتۇر. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«وَأَن لَّيْسَ لِلْإِنسَانِ إِلَّا مَا سَعَى»
«ئىنسان پەقەت ئۆزى قىلغان ئىشنىڭلا نەتىجىسىنى كۆرىدۇ»- نەجم 53/39.
باشقىسى قىلغان ئىبادەت شۇ باشقىسى قىلغان ئىشتۇر. بۇ ئىشنىڭ نەتىجىسىنى يەنە بىر باشقىسى كۆرمەيدۇ.
ئال ئىمران 57، نىسا 152 ۋە 173، فاتىر 30 قاتارلىق ئايەتلەردىكى «ئۇجۇرەھۇم»، بەقەرە 62، 274، 277، ئال ئىمران 199، نەھل 97، ھەدىد 19 قاتارلىق ئايەتلەردىكى «ئەجرەھۇم» ئەمەلنى كىم قىلسا، ئەجىر (ساۋاب) نى شۇنىڭ ئالىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
 قۇرئان ئوقۇپ بەرگۈچى قۇرئان ئوقۇتقۇچى بىلەن ئالدىن باھاسىنى دېيىشىپ، ئاندىن ئىش پۈتكەندە ئۇلارنىڭ دېيىشكەن پۇلنى بېرىشلىرى ۋە ئېلىشلىرى قەتئىي ھارام. چۈنكى بۇنىڭدا ئېلىش ـ سېتىش شەكىللىنىدۇ. قۇرئان ئوقۇشنى ئېلىش ۋە سېتىش قەتئىي ھارامدۇر. بۇنىڭغا ھەر مۇسۇلمان ئىشىنىدۇ ۋە ئىشىنىشى كېرەك!
ئەگەر ئالدىن دېيىشمەي بىرقانچە كىشىنى چاقىرىپ قۇرئان ئوقۇتۇپ، ئاندىن ئوقۇتقۇچى تەرەپ ئوقۇغۇچى تەرەپنىڭ ياكى تەرەپلەرنىڭ ئالدىدا مىقدارىنى ئۆزى بەلگىلەپ بىر مىقداردىن پۇل قويسا، بۇ پۇلنى ئوقۇغۇچى تەرەپلەر قوبۇل قىلسا، بۇ ئىشتا تۆۋەندىكى خاتالىقلار مەيدانغا كېلىدۇ:
1 ـ دىنىمىز ئۆزىنىڭ ھەر مەنسۇبىنى، ئۆزىنى ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن «ئىبادەتكە نىمكار سېلىش»، «نىمكار» سالغۇچىنىڭ ئۆزىنىڭ ئەمەل ـ ئىبادەت قىلىش ۋەزىپىسىنى بىدئەت يوللار بىلەن «ھەل قىلىش» قا ئۇرۇنغانلىقى بولسا، «نىمكار» لارنىڭ پەقەت ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈنلا قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى جان ساقلاش ئۈچۈن قىلغانلىقى بولىدۇ.
2 ـ بۇ ئىش جەمئىيەتتە ئۆزىنىڭ نەزىر ـ چىراغ بولمىسا گۆش يېيەلمەيدىغانلىقىنى، ئىسقات ئالمىسا پۇل تاپالمايدىغانلىقىنى ئويلايدىغان «تەييارتاپ» لار گۇرۇھىنى پەيدا قىلىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بۇ تەييارتاپلار جەمئىيەتتە «ئىسسىتقۇ ـ سوۋۇتقۇ قىلىش»، «رەدنامە ئوقۇش»، «قەسىدە ئوقۇش»، «خەتمە ئوقۇش»، «مەۋلۇت ئوقۇش»… قاتارلىق دىنىمىزغا تامامەن زىت بولغان ئىشلار بىلەن «كەسىپ» قىلىشقا باشلايدۇ. بۇنىڭغا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ باشقا ساھەلەردە بولغاندەك دىنى ساھەلەردىمۇ ئىلىمدىن يىراق ئىكەنلىكىنى قوشساق، ئۇ تەييارتاپلار گۇرۇھىنىڭ بازىرىنىڭ نەقەدەر قىزىيدىغانلىقىنى چۈشىنىش ئۇنچە قىيىن بولمىسا كېرەك.
دەر ۋەقە كۈنىمىزدە بۇ ئىشلار مەۋجۇت. ئەمەلىيەتتە بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى دىن دۈشمەنلىرى تەرىپىدىن، مۇسۇلمانلارنى تەييارتاپلىققا كۆندۈرۈش ئۈچۈن ۋە ئۇلارنىڭ كاللىسىغا دۇنيا ـ ئاخىرەتنىڭ بەخت ـ سائادىتىنى ئىشلىمەيلا قولغا كەلتۈرۈشنىڭ مۇمكىنلىكى چۈشەنچىسىنى يەرلەشتۈرۈش ئۈچۈن، شۇنداقلا ئۇلارنى ئىسلام دىنىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىدىن ئۇزاقلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان ھىيلە ـ مىكىرلەردۇر. باشقا بىر سۆز بىلەن ئېيتقاندا ئۇنداق «ئوقۇشلار» ئويدۇرمىدۇر، قۇرئان كەرىمنىڭ روھىغا خىلاپتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەتكۈزگەن دىن بىلەن يىراقتىن ـ يېقىندىن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوقتۇر!
قۇرئان كەرىمنىڭ تەرجىمىسى ۋە نۇرغۇنلىغان سەھىھ ھەدىسلەرنىڭ تەرجىمىسى قولىدا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇنداق «ئوقۇشلار» دىن يىراق تۇرۇشلىرى، ئىمانىنى، ئەمەل-ئىبادىتىنى، ئەدەپ-ئەخلاقىنى ۋە مۇئامىلىسىنى قۇرئان-ھەدىسنىڭ كونترولىدىن بىر ئۆتكۈزۈپ بېقىشلىرى كېرەك!
ئىككىنچى سوئالىڭىزنىڭ جاۋابى شۇكى:
بىر ئىسىم، بۇتنىڭ بەندىسى، شەيتاننىڭ بەندىسى دېگەندەك ئوچۇقتىنئوچۇق شېرىك ئىپادىلىسە، ياكى گۇناھسىز ۋە ياكى گۇناھكار دېگەندەك مەنالارنى ئىپادىلىسە، بۇنداق ئىسىمنى قويماسلىق، قويۇلۇپ بولغان بولسا ئالماشتۇرۇۋېتىش كېرەك. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مانا مۇشۇنداق ئىسىملەرنى ئۆزگەرتىۋەتكەن.
ساھابىلەرنىڭ ئىچىدە، «يىلان، تەرى تۈرتۈك…» دېگەن مەنالارنى ئىپادىلەيدىغان ئىسىمدا ساھابىلەر بار ئىدى. رىۋايەتلەردىن بۇنى كۆرىمىز. بۇ ساھابىلەردىن ھېچبىرى ئۆز ئىسمىدىن بىئاراملىق ھېس قىلمىغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ بۇنداق ئىسىملارنى ئۆزگەرتىۋەتمىگەن.
ئەرلەرنىڭ ئىسىملىرىنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئاللاھنىڭ 99 ئىسىم ۋە سۈپەتلىرىدىن بىرىنىڭ بېشىغا ئابدۇ «عبد» قوشۇلغان ئىسىمدۇر. بۇ توغرىدا ھەدىس بار.
ئاللاھنىڭ راخمان ۋە رەخىم دەپ ئىسمى ياكى سۈپىتى يوق. «جان» مەسىلىسىگە كەلسەك، بۇ ئۇيغۇرچىدا كىشى ئىسمىنىڭ ئاخىرىغا قوشۇلۇپ، ئەركىلىتىشنى ۋە يېقىنلىقنى بىلدۈرىدۇ. يەنى ئىسىمنىڭ ئاخىرىغا «جان» نىڭ قوشۇلۇشىنىڭ يامان تەرىپى يوق. ئاللاھنىڭ ھېچبىر ئىسمىنى بېشىغا ئابدۇ قوشماي ئىسىم قىلىپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.

مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ