مۇسۇلمانلار

ئاغزىدا دېيىش شەرتمۇ؟

ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم
سوئال:
نامازنىڭ نىيىتىنى تىل بىلەن ئوقۇش شەرتمۇ؟ مەسىلەن: نامازغا شۇرۇئ قىلىشتىن بۇرۇن، نىيەت قىلدىم ئۈتەرمەن بۈگۈنكى ناماز بامداتنىڭ ئىككى رەكئەت پەرزىنى، يۈزۈم قىبلىگە، قىبلەم بىجىھىتى كەبە…دېگەندەك سۆزلەرنى تىل ئوقۇش شەرتمۇ؟ ياكى قانداق نامازنى ئوقۇماقچى بولسا، شۇنى دىلغا پۈكۈش شەرتمۇ؟
ھۆرمەت بىلەن: ئەخمەت
 ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
قىلىنغان ئىبادەتلەرنىڭ ئىخلاس بىلەن قىلىنىشىنىڭ لازىملىقىنى بايان قىلغان ئايەتلەر[1] ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ئەمەللەر نىيەتلەرگە باغلىقتۇر»[2] دېگەن ھەدىسى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويىدۇكى:
پۈتكۈل ئىبادەتلەردە نىيەت يەنى ئاللاھقا قۇللۇق قىلىش مەقسىتىنى كۆڭۈلگە پۈكۈپ تۇرۇپ ئىبادەتكە باشلاش ۋە ئىبادەت ئاخىرلاشقۇچە بۇنى ھېس قىلىش شەرتتۇر.
نىيەتنىڭ ئەرەبچە، پارىسچە ياكى قانداقلا بىر تىلدا تەلەپپۇز قىلىنىشى يەنى ئاغىزدا سۆزلىنىشى شەرت ئەمەستۇر، بەلكىدە بۇ بىدئەتتۇر. چۈنكى ئاغىزدا سۆزلەنگەن نەرسە سۆزدۇر، نىيەت ئەمەستۇر. نىيەتنىڭ ئورنى قەلبتۇر.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نامازغا تۇرغاندا «نىيەت قىلدىم ئۆتەرمەن پالانى نامازنىڭ پەرزىنى/سۈننىتىنى» دەپ نىيەت قىلغانلىقى توغرۇلۇق ئەسلا ھەدىس يوقتۇر.
شۇنىڭ ئۈچۈن بىر كىشى قانداقلا بىر نامازنى ئوقۇماقچى بولسا، ئۇ نامازغا شۇرۇئ قىلىشتىن (باشلاشتىن) بۇرۇن شۇ نامازنى ئوقۇماقچى بولغانلىقىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ تۇرۇپ «ئەللاھۇ ئەكبەر» دەپ باشلىسا بولىدۇ. نيەت دېگەن مانا مۇشۇنداقتۇر.
بۇ يەردە شۇنىمۇ ئەسكەرش كېرەككى:
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن بەزى كىشىلەر نىيەتنى ئاغزىدا سۆزلەشتىن ئىبارەت بىدئەتنى پەيدا قىلىشقان. بۇ بىدئەت مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا خېلى «بازار تاپقان».
زامان ئۆتكەنسېرى ئۇ بىدئەت خۇددى دىنىمىزنىڭ بىر ئەمرىدەك كۆرۈنگەن، تېخىمۇ توغرىسى كۆرسىتىلگەن. بىز ئۇلارنىڭ ئەمەس، رەببىمىز ئاللاھ تەئالانىڭ بەندىسى. ئۇلارنىڭ ئەمەس، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتى.
شۇنىڭ ئۈچۈن بىز مۇسۇلمانلار ئاللاھ تەئالا ئەمر قىلمىغان، پەيغەمبىرىمىز كۆرسەتمىگەن ئىشنى، كىم پەيدا قىلغان بولسا بولسۇن «دىنى ئىش» دەپ قىلمايمىز، قىلماسلىقىمىز كېرەك، قىلىۋاتقانلىرىمىز بولسا، دەرھال تەرك ئېتىشىمىز لازىم! بىدئەتتىن ساقلىنىش ئۈچۈن دىنىمىزنى قۇرئان-ھەدىستىن قايتا ئۆگىنىشىمىز بەك مۇھىم. كۈنىمىزدە قۇرئان كەرىمنىڭ ۋە نۇرغۇنلىغان دەسىلەرنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىلىرىنىڭ بارلىقى بۇ ئىشىمىزنى ئاسانلاشتۇرىدۇ.
————————————————————
[1]– بۇ ئايەتلەر بەييىنە 98/5-، بەقەرە 2/112-ۋە نىسا 4/125- ئايەتلەردۇر

 [2]– بۇ ھەدىس بۇخارى، بەدئۇلۋەھي 1، ئىمان 41؛ مۇسلىم، ئىمارەت 155 دە زىكىر قىلىنىدۇ.

 

 

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر